ئىدىيە توقۇنۇشى ۋە سېتىلما قەلەمكەشلەر
مۇستەملىكىچى كۈچلەر ئادەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بىر قىسىم «قەلەمكەش»لەرنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن دەسمىي سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ.
ئەگەر تاقابىل تۇرۇشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىنتايىن مۇھىم بولسا، ئۇلار پەقەت بىرلا قەلەمكەشنى خىزمەتكە سېلىش بىلەن كۇپايىلەنمەي، بەلكى بىر تۈركۈم ياللانما قەلەم ساھىبلىرىنى ئارقىمۇ-ئارقا سەپكە چىقىرىدۇ.
بۇلار جەمئىيەتتىكى ساغلام پىكىرلەرگە ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە قولىدىكى بارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇنى بوغۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل سېتىلما قەلەمكەشلەر سىياسىي ئەربابلار بىلەن ھەقىقىي پىكىر ئىگىلىرى ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ۋە چۈشىنىش ھاسىل بولۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ.
(جەمئىيەتشۇناس مۇتەپەككۇر مالىك بىن نەبىنىڭ پىكىرلىرىدىن ئۈزۈندىلەر)
تەييارلىغۇچى: ئابدۇراھمان كاشىغەرىي