رىزىقنىڭ تۈرلىرى ئاز ئەمەس
مال-دۇنيا رىزىقنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، رىزىق دېگەن مال- دۇنيا بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. رىزىقنىڭ تۈرلىرى بەك كۆپ:
1. ساغلاملىق — بىر رىزىقتۇر.
2. يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك — بىر رىزىقتۇر.
3. ئىمان — بىر رىزىقتۇر.
4. ئىبادەت — بىر رىزىقتۇر.
5. گۈزەل ئەخلاق – بىر رىزىقتۇر.
6. ئائىلە — بىر رىزىقتۇر.
7. خاتىرجەملىك — بىر رىزىقتۇر.
8. ئىككى تۈرلۈك ئاشقۇنلۇقتىن خالىي ساغلام ئىدىيەلىك بولۇش – بىر رىزىقتۇر.
9. ئەقىللىق ۋە ئىلىم مەرىپەتلىك بولۇش- بىر رىزىقتۇر.
10. ئاڭلىق ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇش- بىر رىزىقتۇر.
11. ئىپپەتلىك بولۇش— بىر رىزىقتۇر.
12. ئەيىبلەرنىڭ ئېچىلىپ كەتمەسلىكى— بىر رىزىقتۇر.
13. ئىززەت- شەرىپى بىلەن ياشاش- بىر رىزىقتۇر.
14. ياخشى ۋە توغرا يولدا مېڭىش — بىر رىزىقتۇر.
15. ياخشى دوستلار — بىر رىزىقتۇر.
16. ئىمانى قېرىنداشلىق — بىر رىزىقتۇر.
17. ھەق بىلەن باتىلنى ئاڭقىرىپ ياشاش – بىر رىزىقتۇر.
18. دوست- دۈشمەننى بىلىپ ياشاش- بىر رىزىقتۇر.
19. پاك مۇھىت — بىر رىزىقتۇر.
20. ياخشى ئەر – بىر رىزىقتۇر.
21. ياخشى ئايال- بىر رىزىقتۇر.
22. ئەر-ئاياللىق ھاياتىنىڭ ئىناق ۋە خاتىرجەم بولۇشى- بىر رىزىقتۇر.
23. ئىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىغا قاراپ مېڭىشى — بىر رىزىقتۇر.
24. ھالال تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش — بىر رىزىقتۇر.
25. مال- دۇنيادىكى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش— بىر رىزىقتۇر.
26. قەلبى پاك، نەپسى پاك ۋە پىكرى پاك بولۇش- بۈيۈك رىزىقتۇر.
27. بالىلارنىڭ ئىمانلىق، ئەخلاقلىق ۋە بىلىملىك چوڭ بولۇشى -بۈيۈك رىزىقتۇر.
28. ھەق، ئادالەت، ھۆرلۈك يولىدا كۈرەش قىلىش- ئالاھىدە بىر رىزىقتۇر.
29. ئەقىدە ۋە ۋەتەن- مىللەتنىڭ غېمىنى يېيىش ۋە خىزمىتىنى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش بۈيۈك رىزىقتۇر.
30. ئىسلامنى ساغلام چۈشىنىش ۋە ئەمەل قىلىش بۈيۈك رىزىقتۇر.
31. ئۇلۇغ غايە ئۈچۈن پىتنە -پاساتقا ئۇچرىماي پاك ياشاش- ئۇلۇغ رىزىقتۇر.
32. ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە مۇھەببىتىگە ئېرىشىش رىزىقلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىدۇر.
ئاللاھنىڭ رىزقلىرى ۋە نېمەتلىرى چەكسىزدۇر: « ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ (ئاتا قىلغان) نېمىتىنى سانىساڭلار، ئۇنى ساناپ بولالمايسىلەر» (نەھل سۈرىسى، 18 – ئايەت).
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.