ئۆلىمالارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن:
1. ئىمان روھىنى ۋە تەقەززاسىنى جانلاندۇرۇش،
2. ئىسلامنىڭ دۇنيا قارىشىنى ساغلام ئوتتۇرىغا قويۇش،
3. ئەخلاق پەزىلەتكە رىئايە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش،
4. ھەرقانداق پىكىر ۋە ئىش-ھەرىكەتنى ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇن ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش،
5. ئەقىدە، ھاياتلىق، ئەقىل، ئىززەت-شەرەپ، مال دۇنيا، ھۆرلۈك، ئادالەت، ۋەتەن ۋە مىللەت…نى قوغداشنىڭ ۋە بۇ يولدا كۈرەش قىلىشنىڭ ئىسلامنىڭ يۈكسەك مەقسەتلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئىبادەت سانىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش،
6. ئوڭچى ۋە سولچى ئاشقۇنلۇقتىنىڭ خەتىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش،
7.ئۈمىدۋارلىق روھىنى يارىتىش،
8. ئاللاھنىڭ سەۋەب – نەتىجە قانۇنىيىتى بويىچە ھەرىكەت قىلغانلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ پەيدا قىلىش،
9. مىللەتنى پىرىنسىپال مەسىلىلەر، ئورتاق نىشانلار ئەتراپىدا ئۇيۇشۇشقا ۋە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشقا چاقىرىش،
10. ئىسلامنى توغرا چۈشىنىپ سەمىمىي ئەمەل قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ چوقۇم ياخشىلىققا قاراپ ئۆزگىرىدىغانلىقىغا قانائەتلەندۈرۈش،
11. مىللەت ساغلام چۈشىنىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەرنى شەرئى، ئىلمىي، ئىجتىمائى ۋە سىياسىي نۇقتىدىن ۋاقتىدا بايان قىلىپ بېرىش…… ئۆلىمالارنىڭ كۈنىمىزدە باش تارتىپ بولالمايدىغان ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي