بەرىكەت نېمە ئۈچۈن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ؟
ئۆيدىن بەرىكەتنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى پۇلنىڭ ئازلىقىدىن ئەمەس، ياكى شەرت-شارائىتنىڭ ناچارلىقىدىنمۇ ئەمەس…
بەلكى:
لەنەت خاراكتېرىدىكى سۆزلەرنىڭ كۆپلۈكى، كۆز ۋە قۇلاققا ئالاقىدار گۇناھلارنىڭ كۆپلۈكى، كېرەكسىز سودا سېتىقلار، گۇناھ ئارىلاش سودىلار ۋە بىر-بىرىگە قىلىنغان يامان دۇئالار سەۋەبىدىندۇر.
قۇرئان كەرىم كۆپ ئوقۇلىدىغان، ئاللاھ كۆپ ئەسلىنىدىغان، ياخشى سۆزلەر قىلىنىدىغان، قوللىرى سېخى بولغان، ئىش ھەرىكەت قىلىشنى ئىبادەت دەپ قارايدىغان ۋە ھالال -ھارامغا دىققەت قىلىدىغان ئۆينىڭ…ھەر بىر بۇلۇڭى رەھمەت ۋە خاتىرجەملىككە تولىدۇ.
ئەمما تىل-ھاقارەت ۋە يامان تىلەكلەرگە تولغان، گۇناھتىن ساقلانمايدىغان، ھارامغا دىققەت قىلمايدىغان ۋە ئورۇنسىز پۇل خەجلەيدىغان ئۆينىڭ…كۈنلىرى قىيىنچىلىق ۋە غەم-ئەندىشە ئىچىدە ئۆتىدۇ.
شۇڭا، لەنەت خاراكتېرلىك ناچار سۆزلەرنى ياخشى سۆزلەرگە ئۆزگەرتىش، ئىسراپتىن، بېخىللىقتىن، ھارام تاپاۋەتتىن ۋە ھارام نەرسىلەرگە قاراشتىن ئۇزاق تۇرۇش…ھاياتنى ئۆزگىرىدۇ ۋە بەرىكەت ئېلىپ كېلىدۇ.
«ئى ئاللاھ! بىزنى ئىسلاھ قىلغىن، بىزنى ھىدايەتكە باشلىغىن، بىزگە كەڭ رىزىق ئاتا قىلغىن ۋە بەرىكەت ئاتا قىلغىن.
ئى ئاللاھ! بىزنى ھارام تاپاۋەتتىن ۋە ئىسراپتىن.. يىراق قىلغىن» دېگەن… دۇئانى كۆپ قىلىش لازىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي