سۈننەت قۇرئاندىن ئايرىۋېتىلگەندە، يېڭى دىن پەيدا قىلىشقا يول ئېچىلىدۇ
«ئىسلام دىنىنىڭ ئاللاھنىڭ ساقلىشى بىلەن قوغدىلىدىغانلىقىدا شەك يوق. بىراق بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ خەتەرلىك نەرسە ئوچۇق-ئاشكارا ئاتېئىزم نەزەرىيەسى ئەمەس، بەلكى ئىسلامدىن شەكلەندۈرۈشكە ئۇرۇنۋاتقان يوشۇرۇن يېڭى زامان ئاتېئىزملىقىدۇر.
ئاتېئىزم نەزەرىيەسى ئېنىق بولغاچقا، ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىش ئاسان. ئەمما مۇسۇلمانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادىدىن شەكلەندۈرۈش خاراكتېردىكى ئەقىدىۋى ۋە ئىدىيەۋى ھۇجۇملار «ئاقارتىش»، «زامانىۋى تەپسىر» ۋە «مىراسلارنى تازىلاش» دېگەندەك چىرايلىق ناملار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، مۇتەخەسسىس بولمىغان ئاۋام خەلقنى ئاسانلا ئالداپ كېتىدۇ.
بۇ نۇقتىدىكى تۈپ مەسىلە ئىجتىھاد قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئەمەس، چۈنكى ئىجتىھادنىڭ يولى لاياقەتلىك بولغان ئالىملار ئۈچۈن ئوچۇق، بۇ يەردىكى ھالقىلىق ئۇسۇل (مېتود) مەسىلىسىدۇر. يەنى بىر قىسىم ئازغۇن زىندىقلار قۇرئاننىڭ باياناتچىسى ۋە ۋەھىينىڭ بىر قىسمىي بولغان سۈننەتنى چەتكە قاقماقتا، ئاندىن پۈتۈن ئۈممەتنىڭ ئىلمىي مىراسىدىن ئايرىلغان ھالدا «پەقەتلا مەن چۈشەندىم» دەپ دەۋا قىلماقتا. خۇددى ئون تۆت ئەسىردىن بېرى ئۆتكەن پەيلاسوپلار، مۇتەپەككۇرلار ۋە ئالىملارنىڭ ھېچقايسىسى قۇرئان ئايەتلىرىنى چۈشەنمىگەن-ۇ، پەقەت بۈگۈنكى زاماندىكى بىر قىسىم قاراقورساق زىندىق ئازغۇنلار چۈشەنگەندەك!
شۇنى بىلىش كېرەككى، سۈننەت قۇرئاندىن ئايرىۋېتىلگەندە، دىننى چۈشىنىش ئەمەس، بەلكى ئۇنى (ئىسلام دىنىنى) نۆلدىن باشلاپ قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشكە ياكى يېڭى دىن ياساپ چىقىشقا يول ئېچىلىدۇ.
ئۇ چاغدا، قۇرئان ئايەتلىرىدىن پەقەت نەپسى-خاھىشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەپلىرىنىلا ئالىدىغان، كۆڭلىگە ياقمىغان تەرەپلىرىنى ئالمايدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.
ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئاخىرقى يېتەكچىسى، قۇرئاننىڭ باش مۇپەسسىرى ۋە ئۇنى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزگۈچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرى، يوليورۇقلىرى ۋە ئىزاھاتلىرىنى بىر پۈتۈن رەت قىلىدىغان ئازغۇن زىندىقلارنىڭ نىيىتى ئەسلىدە يېڭىلىق ياراتماقچى ئەمەس، چۈنكى بۇلاردا ئۇنچىلىك ئىلمىي سالاھىيەت يوق. بەلكى بۇلارنىڭ نىيىتى ئىسلامنىڭ بىرىنچى ئانا مەنبەسى بولغان قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى، ئايەتلەرنى چۈشىنىش، تەپسىر قىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە يەكۈن چىقىرىش ئاساسلىرىنى ۋەيران قىلىش ۋە ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئىچكى بۇزغۇنچىلىق چىقىرىش ۋە ئىسلامنى ئىچىدىن پارچىلاپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر.
بۇ سەۋەبتىن، ھەقىقىي خەتەر ئىسلامغا سىرتتىن ھۇجۇم قىلغۇچى ئاشكارا دۈشمەنلەردە ئەمەس، بەلكى «ئاقارتىش» نامى ئاستىدا ئىسلامنى يېڭىدىن تونۇتماقچى بولغان ئازغۇن زىندىقلاردىن كېلىدۇ.
ئىسلامنى ئىچىدىن پارچىلاپ يوقىتىش پىلانىنى قايسى ئىستىخبارات تۈزۈپ چىقىدۇ؟ كىملەر ھۇجۇم قىلىش خەرىتىسىنى سىزىپ بېرىدۇ؟، كىملەرنى ئىجرا قىلغۇزىدۇ؟ ۋە كىملەر ئىجرا قىلىدۇ؟؟؟
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.