توغرا مېڭىش ۋە مۇئامىلە ئىبادىتى
دىن (ئىسلام دىنى)— توغرا يولدا مېڭىشتۇر.
دىن— ئەقىدىنى، كىملىكنى ۋە قىممەت قاراشنى چىڭ تۇتۇپ ياشاشتۇر.
دىن — پەرزلەردە ۋە پىرىنسىپال مەسىلىلەردە سۇسلۇق قىلماسلىقتۇر.
دىن – ئەقىدە، ئەقىل، ئىززەت- شەرەپ، مال، ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە ۋەتەن…نى قوغداشنى پەرز دەپ بىلىشتۇر.
دىن – ئاللاھنى ۋە پەيغەمبەرىنى سۆيۈشتۇر ھەمدە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغان ياخشى كىشىلەرنى ياخشى كۆرۈشتۇر.
دىن – ئاللاھنىڭ دوستلىرىنى دوست، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى دۈشمەن دەپ ئېتىقاد قىلىشتۇر.
دىن – قېرىنداشلىق، ئىناقلىق ۋە ھەمكارلىقنى ئىبادەت قاراشتۇر.
دىن — پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ياكى قىزىل سىزىقلاردا چىڭ تۇرۇش، ھەرقايسى ساھەدىكى ئىجتىھادىي مەسىلىلەردە كەڭ قورساق بولۇشتۇر.
دىن — راستچىل ۋە سەمىمىي بولۇشتۇر.
دىن — ئادىل بولۇش ۋە ئىنساب قىلىشتۇر.
دىن — باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشتۇر.
دىن— رەھىمدىل ۋە مېھرىبان بولۇشتۇر.
دىن — باشقىلارنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى تۆكمەسلىكتۇر.
دىن — باشقىلارغا تىلى، قولى ۋە يازمىسى ئارقىلىق ئازار بەرمەسلىكتۇر.
دىن — خاتالىقنى ئىلمىي ۋە ئىجابىي تەنقىد ئارقىلىق تۈزىتىشتۇر، ئەمما شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلماسلىقتۇر.
دىن — قېرىنداشلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىسلاھ قىلىشتۇر.
دىن— قېرىنداشلارغا مېھرىبان، دۈشمەنگە قاتتىق قول بولۇشتۇر.
دىن— بىر كىشىنىڭ خاتالىقىنى بىر توپ ئادەمگە ئارتىپ قويماسلىقتۇر .
دىن— كىبىردىن ۋە مەنمەنچىلىكتىن يىراق بولۇشتۇر.
دىن— ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشتۇر.
دىن—قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتۇر.
دىن – ئىقتىسادىي ئىبادەتنى ئادا قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈشتۇر.
دىن — گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتتە ھالال-ھارامغا دىققەت قىلىپ ياشاشتۇر.
دىن — ھەسەت، ئاداۋەت ۋە شەخسىيەتچىلىك قاتارلىق ئىللەتلەرنى تاشلاشتۇر.
دىن — ئىنستىگىرام، تىكتوك ۋە يۇتۇپ قاتارلىق سۇپىلاردىكى ھارام سۈرەتلەرگە كۆز يۇمۇشتۇر.
دىن — ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قۇرۇق گەپ ۋە يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ يۈرمەسلىكتۇر.
دىن — تىلىنى ۋە نەپسىنى كونترول قىلىشتۇر.
دىن— گۈزەل ئەخلاقتۇر.
دىن — ھەر كىم ئۆزىنىڭ ھەددىنى بىلىشتۇر.
مانا بۇلار بەش ۋاقىت ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق ئىسلامنىڭ ئاساسى بولغان ئىبادەتلەرنىڭ نەتىجىسىدۇر، ساغلام دىندارلىقنىڭ مېۋىسىدۇر، ئەقىدىنىڭ تەقەززاسىدۇر ۋە ئىماننىڭ ئالامىتىدۇر.
شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى، يۇقىرىقى مۇئامىلە ئىبادەتلىرى توغرا بولمىسا، پەرز خاراكتېرلىك ئىبادەتلەرنىڭمۇ ھەقىقىي مەقسىتى ھاسىل بولمايدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي