ئۇلۇغ كۈنلەر بۈگۈن باشلاندى، پۇرسەت غەنىيمەت!
زۇلھەججەنىڭ بېشدىكى بۇ كۈنلەر زامان كالېندارىدىكى ئادەتتىكىچە ئۆتۈپ كېتىدىغان كۈنلەر ئەمەس… بەلكى ئاللاھ تائالا فەجر سۈرىسىدە قەسەم قىلغان ۋە قەدىر-قىممىتىنى باشقا بارلىق كۈنلەردىن ئۈستۈن قىلغان ئۇلۇغ كېچىلەردۇر.
بۇنداق مۇبارەك زامانلارغا ئېرىشىپ تۇرۇپ، يەنە قانداق كىرگەن بولسا شۇنداق (قۇرۇق قول) چىققان كىشى ئېغىر زىيان تارتىپ كېتىدۇ.
ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئىنسانىيەتكە قۇرئاننى يەتكۈزگۈچى ۋە ئىزاھلىغۇچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا، مۇشۇ كۈنلەردە (يەنى زۇلھەججەنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدە) قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردىنمۇ سۆيۈملۈكرەك بولغان باشقا ھېچقانداق كۈن يوقتۇر». ساھابىلەر: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشمۇ (بۇ كۈنلەردىكى ئەمەلگە) يېتەلمەمدۇ؟» دەپ سوراشتى. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشمۇ يېتەلمەيدۇ. پەقەت جېنى ۋە مېلىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ قايتۇرۇپ كېلەلمىگەن (يەنى شېھىت بولغان) كىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا»، دەپ جاۋاب بەرگەن (ئىمام بۇخارى بايان قىلغان).
بۇ ئون كۈنلۈك پۇرسەتنى ياخشى غەنىيمەت بىلىشنىڭ يوللىرى كۆپ:
مەسىلەن، روزا تۇتۇش، قۇرئان كەرىم ئوقۇش، تەكبىر ئېيتىش، قەلبىنى پاكلاش، تەۋبە قىلىش، ئۆزىنى تەكشۈرۈپ چىقىش، ئەقىدە ۋە ئەخلاققا ئالاقىدار كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق ئىمانىنى كۈچلەندۈرۈش، ھاياتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدە ە ئەقىدە روھىنى تىرىلدۈرۈش، خەيرى ئېھسان قىلىش، ھېيت يېقىنلىشىۋاتقان بۇ مەزگىلدە قىيىنچىلىقى بار تۇغقانلارنى، دوست بۇرادەرلەر ۋە قېرىنداشلاردىن ھال سوراپ تۇرۇش، تېلېفون ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا پايدىسى يوق ياكى گۇناھ بولىدىغان نەرسىلەرنى كۆرۈشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلار.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي