ئاللاھنىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى
قۇرئان كەرىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى گۈزەل، پۇختا ۋە ئاجايىپ يارىتىلغان كائىنات كۆرۈنۈشلىرىگە قارىتىدۇ. مۇكەممەل ۋە گۈزەل شەكىلدە ۋۇجۇدقا كەلگەن بۇ ئالەم ئۆزىنى ئۆزى يارىتىۋالمىغان ياكى ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ قالمىغان. بەلكى، بۇ كائىناتنى ھەممىگە قادىر، ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ۋە ئەبەدىي ھاياتلىققا ئىگە بولغان ئاللاھ ياراتقان. ئاللاھنىڭ ھاياتى ھېچقانداق نەرسىگە موھتاج بولمايدىغان، ئۆزگىرىش يۈز بەرمەيدىغان ۋە يوقۇلۇپ كەتمەيدىغان ئەبەدىي ھەم مۇستەقىل ھاياتتۇر.
بۇ ياراتقۇچى زاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن قىلچىمۇ شەك-شۈبھە يوق. ئۇ چەكسىز، مۇتلەق كۈچ-قۇدرەتكە شۇنداقلا تولۇق ۋە مۇكەممەل ئىرادىگە ئىگە بولۇپ، خالىغىنىنى قىلالايدۇ. كائىنات ۋە بارلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان بۇ زات ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. كائىناتتىكى ھېچقانداق بىر ئىش ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ ۋە ئۇ زات ھېچقانداق بىر نەرسىنى ئۇنتۇپمۇ قالمايدۇ.
ئۇ زات يەككە-يېگانە بولۇپ، ھېچقانداق شېرىكى ياكى ياردەمچىسى يوقتۇر. كائىناتنى يارىتىش، باشقۇرۇش ۋە مەخلۇقلارغا رىزىق بېرىشتە ئۇنىڭغا ھېچكىم شېرىك بولالمايدۇ. ئەگەر ئالەمدە ئاللاھتىن باشقا يەنە بىر ئىلاھ بولغان بولسا، ئۇنىڭ تۈزۈمى چوقۇم بۇزۇلغان بولاتتى. كائىنات نىزامىنىڭ بۇزۇلماي بىر خىل ئىزچىللىقتا داۋاملىشىۋاتقانلىقى — ياراتقۇچى ۋە تەدبىر قىلغۇچى زاتنىڭ بىر ئىكەنلىكىگە كۈچلۈك دەلىلدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ شېرىكتىن پاكتۇر ۋە ئىلاھلىق پەقەت ئۇنىڭغىلا خاستۇر.
ياراتقۇچى بىلەن يارىتىلغۇچى ئارىسىدا تۈپتىن پەرق بولۇشى ئېنىق بىر ھەقىقەتتۇر. يارىتىلغان مەخلۇق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، باشقا نەرسىگە موھتاج بولۇش ئارقىلىقلا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ يارىتىلىش نۇقتىسىدىن باشلىنىدىغان ۋە ئاخىرلىشىدىغان مەلۇم بىر ۋاقتى بولىدۇ. بىراق، ياراتقۇچى ئاللاھ ھېچقانداق جەھەتتىن مەخلۇقلارغا ئوخشىمايدۇ. ئاللاھنىڭ باشلىنىشى ياكى ئاخىرلىشىشى يوق؛ ئۇ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغان ۋە مەڭگۈ باقى قالىدىغان زاتتۇر.
ئۇ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشتا ئىنسان ياكى كائىناتقا ئوخشاش بىرەر نەرسىگە ھەرگىز موھتاج بولمايدۇ، ئەكسىچە، كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقلارنى رىزىق بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. ياراتقۇچى ئاللاھ ئىنسان، ھايۋان، جانلىق ياكى جانسىز نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىدە كۆرۈنمەيدۇ ۋە ھېچقانداق شەكىلدە مۇجەسسەملەشمەيدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي