سىرتقى دۇنيانىڭ غېمىنى ئۆيىڭىزگە سۆرەپ كەلمەڭ
ئايالىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۇ چوقۇم سىزگە ئۆز ئارا ياخشى مۇئامىلە قايتۇرىدۇ. شۇڭا، ئايالىڭىزغا ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىنىڭ قەلبىڭىزدە ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشقا تىرىشىڭ.
ئايالىڭىزنىڭ مىجەزى ياكى كەيپىياتى مۇۋاپىق بولمىغان چاغلاردا ئېغىر-بېسىق بولۇڭ. بۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىڭ، ئۇنىڭ بىلەن تالاش-تارتىش قىلماڭ. ئەگەر ئاچچىقىڭىز بېسىلمىسا، سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كېلىڭ.
سىرتقى دۇنيادىكى بېسىم، خىزمەتتىكى ئاۋارىچىلىق ياكى كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى خاپىلىقلارنىڭ ئاچچىقىنى ھەرگىز ئايالىڭىزدىن ئالماڭ. سىرتنىڭ غېمىنى ئۆيگە سۆرەپ كىرىپ، ئايالىڭىزنى بىگۇناھ يىغلاتماڭ.
ئائىلە تۇرمۇشى بىلەن ئىش ھاياتىنى ماسلاشتۇرالماي، بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋېتىش — بەختسىزلىكنىڭ باشلىنىشىدۇر.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئايالىڭىز سىزگە ئاللاھنىڭ ئامانىتى. ئۇنى ھۆرمەتلەڭ، چىن قەلبىڭىزدىن بەختلىك قىلىشقا تىرىشىڭ. ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، تۈزەتكىلى بولىدىغانلىرىنى چىرايلىق ئۇسۇلدا كۆرسىتىپ بېرىڭ.
ئەگەر مۇشۇنداق قىلسىڭىز، ئايالىڭىز سىزنى خۇرسەن قىلىشقا جان تىكىدۇ، سىرتتىكى چارچاشلىرىڭىزنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ ۋە ئائىلىڭىز جېدەل-ماجىرادىن يىراق، خاتىرجەم بىر ماكانغا ئايلىنىدۇ.
سىز ئەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، قانداق شارائىتتا بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى ئۆگىنىڭ. ئايال كىشىنى خۇرسەن قىلىش ئۇنچە تەس ئەمەس:
* شېرىن سۆز قىلىڭ: چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى يورۇتۇڭ.
* خاتالىقنى تونۇڭ: ئۆزىڭىز خاتالاشقاندا، كەمتەرلىك بىلەن كەچۈرۈم سوراشتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرماڭ.
* كىچىك سوۋغاتلار: بەزىدە بىر تال گۈل، ياكى سىرتتىن كىرگەندە بالىلىرىڭىز بىلەن بىللە ئۇنىڭغىمۇ ياقتۇرىدىغان بىرەر نەرسىنى ئېلىپ كىرىڭ.
* ئارام ئالدۇرۇڭ: ھەپتىدە ياكى ئايدا بىر قېتىم ئۇنى سىرتقا سەيلىگە ئېلىپ چىقىڭ.
* ئىجتىمائىي ئالاقە: تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇڭ، ئۇلارنى زىيارەت قىلىشقا قولايلاشتۇرۇپ بېرىڭ.
بۇ كىچىككىنە ھەرىكەتلەر ئائىلىڭىزدىكى مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي