بۇتپەرەسلىكنىڭ زامانىۋى شەكلى، يەنى «سىياسىي مىكروب دەرۋىشلىك مىكروبىغا ۋارىسلىق قىلدى» دېگەن ئىبارە، ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىدىكى بەزىبىر خاھىشلارغا ئاجايىپ دەل كېلىدۇ. ئىلگىرى خۇراپاتلىق ۋە تۇمارغا ئىشەنگەن خەلق، كېيىنچە سايلام بېلەتلىرى، خەلقئارالىق قۇرۇق ۋەدىلەر ۋە رېئاللىقتىن يىراق خىيالىي ئارزۇلارغا خۇددى يېڭى بىر دىندەك ئىشىنىپ كەتتى.
بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىمۇ، ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇلۇشىغا، خەلقنى مەرىپەت ۋە ئاڭ بىلەن تەربىيەلەشكە ۋە مۇھىم ساھەلەردە ياش ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ چىقارماي؛ پەقەتلا سىياسىي مۇنبەرلەردىكى جاراڭلىق چۇقانلارغا ۋە «بىرلا ئادەم» ياكى «بىرلا نەرسە» بىزنى قۇتقۇزىدۇ دەپ كۈتۈپ ئولتۇرۇشقا تايىنىپ قېلىش — دەل ئاشۇ يېڭىچە سىياسىي بۇتپەرەسلىكنىڭ ئۆزىدۇر!