ھىجاب مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كىملىك بەلگىسى
مۇسۇلمان ئايالغا پەرز قىلىنغان شەرئى ھىجابنىڭ ئۆلچىمى يۈزى ۋە ئىككى ئالقىنىدىن باشقا؛ باش، چاچ، بويۇن ۋە كۆكرەك ئەزالىرىنى تولۇق يۆگەپ تۇرىدىغان كىيىمدۇر. ئۇ ئاياللارنىڭ كىملىكى بىلەن قەدىر-قىممىتىنى قوغداش، پاكلىقىنى ئاسراش ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھايا ۋە ئەخلاق قىممەت قاراشلىرىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان شەرئى پەرزدۇر.
ھىجاب ئايال كىشىنىڭ تاجى، شۇنداقلا پاكلىق، ھايا ۋە تەقۋادارلىقنىڭ سىمۋولىدۇر. ئۇ پەقەت باشقا ئارتىۋالىدىغان ئادەتتىكى بىر پارچە رەختلا ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئۆز دىنىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بولغان سادىقلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئايال كىشىنى نامەھرەم كۆزلەردىن قوغدايدىغان بىر قالقان، ئۆز قەدىر-قىممىتى بىلەن ئىپپىتىنى ئاسراشنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاسىتىدۇر .
ھىجاب مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئۆز كىملىكى ۋە دىنىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ؛ شۇنداقلا ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە ئەخلاق قىممەت قاراشلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغان ساغلام بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ھىجاب پەقەت تاشقى كۆرۈنۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە توغرا ھەرىكەت، گۈزەل ئەخلاق ۋە نومۇس-ھايادىن ئىبارەت ئىچكى ئاساسلارغا ئەمەل قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سەمىمىي مۇسۇلمانلار ھىجابنى بىر دىنىي پەرز، شۇنداقلا مۇسۇلمان ئايال كىيىم-كېچىكىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ بىلىدۇ. ئۇلار ھىجابقا ئەمەل قىلىشنىڭ ئايال كىشىنىڭ ئۆز رەببىگە بولغان تائەت-ئىبادىتىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى گۈزەللىكىنى ساقلىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ھىجاب گۈزەللىكنى چەكلىمەيدۇ، بەلكى ئۇنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ غايە-ئارزۇلارنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ، بەلكى ئۇنى سالاپەت بىلەن بېزەيدۇ. شۇڭا، ئايال كىشى ھىجابلانغاندا، ئۆز قىممىتىنىڭ تاشقى قىياپەتتە ئەمەس، بەلكى ئىدىيەسىدە، روھىدا ۋە ئەخلاقىدا ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلايدۇ.
بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر ھىجابنى پەقەت بىر پارچە رەخت دەپ قارىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ ئەسلىدە پەقەت بىر پارچە رەختلا ئەمەس… بەلكى، ئۇ كىملىكتۇر، قىممەت قاراشتۇر، كۈچتۇر ۋە ئۆزىگە بولغان يۈكسەك ئىشەنچتۇر!
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي