ھىجاب نېمە ئۈچۈن نىشانغا ئېلىنىدۇ؟
1. ھىجابنىڭ ئىسلامدىكى قىممىتى
ھىجاب كىملىكنى، ئىبادەتنى، پاكلىقنى، ئىپپەت ھايانى، قەدىر قىممەتنى، گۈزەللىكنى ۋە ئىتائەتنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا مۇسۇلمان جەمئىيەتنىڭ شەخس بىلەن كوللېكتىپ، قەدىر-قىممەت بىلەن ئەركىنلىك ھەمدە ئەخلاق بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق چۈشىنىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
ئىسلامدىكى ھىجاب پەقەت بىر كىيىملا ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر ئىبادەتتۇر ۋە ئىسلامىي شوئاردۇر. شۇنىڭدەك ئىسلامىي كىملىكنىڭ ئاشكارا بىر سىمۋولىدۇر ۋە ئىماننىڭ جىمجىت بايانىدۇر.
بۈگۈنكىدەك كىملىك ۋە قىممەت قاراش توقۇنۇشلىرى كەسكىنلەشكەن، ئەركىنلىكنىڭ ماھىيىتى ۋە ئاياللارنىڭ ئورنى ھەققىدىكى سوئاللار يامراپ كەتكەن بىر دەۋردە، ھىجاب بىر توقۇنۇش تېمىسىغا ئايلاندى. ئۇ ئىككى خىل دۇنيا قاراش ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت توقۇنۇشىنىڭ نامىغا ئايلاندى: بىرىنچىسى، تەننى ئىستېمال قىممەتلىرىگە بېقىندۇرۇپ بېرىدىغان قاراش؛ ئىككىنچىسى بولسا، تەننى ئىنسانىي قەدىر-قىممەت دائىرىسىگە كۆتۈرىدىغان قاراشتۇر.
2. نېمىشقا ھىجاب نىشانغا ئېلىنىدۇ؟
بۈگۈنكى كۈندە غەربنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئاياللار ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقى» دېگەن شوئارلار ئاستىدا، ھىجاب ئەتراپىدا سېكۇلارىزم توقۇنۇشلىرى مەۋجۇت بولماقتا. چۈنكى ھىجاب ئىسلامىي كىملىكنىڭ سىمۋولى، قىممەت قاراشنىڭ ئىپادىسى، ھايا-ئىپپەت چۈشەنچىسىنىڭ ئاساسى ۋە ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدىكى چەك- چېگرانىڭ بەلگىسىدۇر.
ئىسلامفوبىيا (ئىسلام دۈشمەنلىكى) ئەۋج ئېلىۋاتقان بۇ زاماندا ھىجاب ئۈستىدە بولۇۋاتقان جەڭ، ئىسلامنىڭ قىممەت قاراشلىرى بىلەن غەربنىڭ سىكۇلارىزىم دۇنياقارىشى ئارىسىدىكى مەنبە توقۇنۇشىدىن كېلىپ چىقماقتا. بۇ توقۇنۇش قانچە شىددەتلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھىجاب سەمىمىي مۇسۇلمانلار نەزىرىدە مەدەنىيەت ۋە تارىخىي قىممەت قاراش، كىملىكنىڭ كۈچلۈك بىر سىمۋولى ھەمدە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ روشەن بىر بەلگىسى سۈپىتىدە ئاياللارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ساقلاپ تۇرۇشتا ئۆز ئەھمىيىتىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىدۇ.
3. ئىدىيەۋى توقۇنۇشلار ۋە بىر قىسىم زىيالىيلار
بۈگۈنكىدەك تاجاۋۇزچى دۈشمەنگە قارشى ئەقىدە، كىملىك ۋە ۋەتەن-مىللەت كۈرىشى شىددەت بىلەن داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسلامىي ئېقىم بىلەن سېكۇلارىستىك ئېقىم ئوتتۇرىسىدا پات-پات ئىدىيەۋى توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇرماقتا. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى — بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ مۇسۇلمان بولسىمۇ ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلسىمۇ، لېكىن زىيالىيلىقىڭ ھەقىقىي مەنىسى بىلەن جەۋھىرىنى تولۇق ئاڭقىرالماسلىقىدىن كېلىپ چىقماقتا. چۈنكى ئۇلار مىللەتنىڭ كىملىكى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى تولۇق چۈشەنمەيدۇ، بۇ مۇقەددەس قىممەتلەرگە تېگىشلىك ھۆرمەت كۆرسەتمەيدۇ، سىياسىي كۈرەشنىڭ پايدا-مەنپەئەت ۋە زىيان ئۆلچەملىرىنى تولۇق ئاڭقىرالمايدۇ؛ شۇنداقلا، ئۆزلىرى ياخشى بىلمەيدىغان ساھەلەرگە بىلەرمەنلىك بىلەن بېشىنى تىقىۋالىدۇ.
ئەگەر ئىدىيە توقۇنۇشى پەيدا قىلىۋاتقان بىر قىسىم زىيالىيلار مىللەتكە ھەقىقىي خىزمەت قىلماقچى ۋە ۋەتەن-مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىماقچى بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكىگە ۋە قىممەت قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلغان ۋە رىئايە قىلغان بولاتتى:
1. سىياسەت پىرىنسىپلىرى نۇقتىسىدىن: ئەگەر بۇ بىر قىسىم زىيالىيلار سىياسەت پىرىنسىپلىرىنى چۈشەنگەن بولسا ئىدى، مىللەتنى بۆلىدىغان، مىللەتنىڭ مۇقەددەساتلىرىنى كەمسىتىدىغان، پۇرسەت تاپسىلا ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرىنى چەتكە قاقىدىغان ۋە ئۆزلىرىنى كاتتا بىلەرمەن ساناپ، مىللەتكە چوڭچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلمىغان بولاتتى.
2. سىياسىي كۈرەش ئاساسلىرى نۇقتىسىدىن: ئەگەر بۇ بىر قىسىم زىيالىيلار سىياسىي كۈرەش ئاساسلىرىنى ئاڭقىرىغان بولسا ئىدى، ئەقىدە، كىملىك ۋە ۋەتەن-مىللەت كۈرىشىنىڭ ئىلمىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن بىرلىكتە، قوراللىق ھەرىكەتسىز غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى بىلگەن بولاتتى.
3. ئەقىل-پاراسەت نۇقتىسىدىن: ئەگەر بۇ بىر قىسىم زىيالىيلاردا يېتەرلىك ئەقىل-پاراسەت ۋە سىياسىي مەنپەئەت ئۇقۇمى بولسا ئىدى، ئۆزىنىڭ كەسپى بولمىغان ياكى ياخشى بىلمەيدىغان ئىشلارغا ئارىلىشىۋالماي، بىرەر ئېقىمنىڭ خاتا قاراشلىرى ياكى ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ رەڭلىرى ۋە شەرتلىرى توغرىسىدا ئىشەنچلىك بىرەر ئالىمنىڭ سۆزىنى ياكى ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مەسلىھەتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ پىكىر ئوتتۇرىغا قويغان بولاتتى.
4. ئەگەر بۇ بىر قىسىم زىيالىيلاردا كۈچلۈك ئىدىيەۋى ئاساس، ساغلام ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى ۋە جانلىق كۈرەش روھى بولىدىغان بولسا، ئاچقان كۇرسلىرىدا ياشلارنىڭ دىندارلىق روھىنى سۇسلاشتۇرماي ياكى ئىدىيەسىنى زەھەرلىمەي، مىللەتنى تېخىمۇ ئېتىقادنى مۇستەھكەم، ئىدىيەنى ساغلام تۇتۇشقا، ئۆز كىملىكى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە جان تىكىپ قوغداشقا ھەمدە ئۆزئارا قېرىنداشلىق ۋە ئىناقلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان بولاتتى.
ئەپسۇسكى، چالا موللا دىندىن چىقارسا، چالا دوختۇر جاننى ئالسا، چالا زىيالىي ئىدىيە ۋە قىممەت قاراش كىرىزىسى سەۋەبلىك مىللەتنى ۋەيران قىلىۋەتكۈدەك!
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي