راھەت تاپاي دېسىڭىز، ئۈمىدىڭىزنى ئاللاھقا باغلاڭ
كىشىلەردىن ئارتۇقچە ئېتىبار ۋە ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەڭ، چۈنكى ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە يارىشا دەردى ۋە ئەھۋالى بار.
ئەڭ چوڭ ئۈمىدلىرىڭىزنى پەقەت ئاللاھقا باغلاڭ. ئىنسانلارغا بولغان باغلىنىشىڭىز قانچىلىك ئازايسا، روھىي خاتىرجەملىكىڭىز شۇنچىلىك ئاشىدۇ. ئەگەر سىز ئاللاھقا تايانسىڭىز، ئاللاھ سىزنى بەندىلىرىگە موھتاج قىلمايدۇ ۋە قەلبىڭىزنى ھەقىقىي خاتىرجەملىككە تولدۇرىدۇ.
ئەگەر قەلبىڭىزنىڭ خاتىرجەملىكىنى خالىسىڭىز، كىشىلەردىن بەك كۆپ ئۈمىد كۈتمەڭ، شۇنىڭدەك مۇكەممەللىك كۈتمەڭ ھەم ئۇلارنى رازى قىلىشنى غايە قىلىۋالماڭ. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ھالى ئۆزگىرىشچان، ئەھۋاللىرى ئالمىشىپ تۇرىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي