كىملىك ۋە ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى
ئۆرپ-ئادەتلەر ئاتا-بوۋىلاردىن قالغان مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ، مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداپ تۇرىدىغان ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرى بولىدۇ. ھەتتا بىر تىلدا سۆزلەيدىغان خەلقلەرنىڭمۇ توي-تۆكۈن، سالاملىشىش، ھېيىت-بايرام ۋە مېھماندارچىلىق قاتارلىق ئىشلاردا بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۆرپ-ئادەتلىرى بولىدۇ.
دۇنيادىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ كىيىم-كېچەك ئۇسلۇبلىرى، يېمەك-ئىچمەك شەكىللىرى، مېھماندارچىلىق تۈرلىرى، توي-تۆكۈن ئادەتلىرى، قۇرۇلۇش نۇسخىلىرى، ئەدەبىيات، گۈزەل سەنئەت، تۈرلۈك بايرام ۋە باشقا ساھەلەردە ئۆزلىرىگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرى مەۋجۇت.
ئىسلامنىڭ مەقسىتى باشقا مىللەتلەرنى ئەرەبلەشتۈرۈش ئەمەس. ئىسلام مۇسۇلمان بولغان مىللەتلەرنىڭ كىملىكى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى بىكار قىلىۋەتمىگەن، ئۆزگەرتمىگەن ۋە ياكى يوق قىلىۋەتمىگەن؛ بەلكى مىللىي كىملىكنى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئامىل سۈپىتىدە ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىشقا تەشەببۇس قىلغان. مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنىڭ ئوخشىمىغانلىقى ئۇلارنىڭ مىللى كىملىكىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ مەسىلە تىل ۋە ئىنسانىي كىملىكنىڭ كۆپ خىل بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى نامايان قىلىدۇ.
ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، كىملىك ئەينەن ئۆز ھالىتىدە قالىدۇ. مەسىلەن، ساھابىلەردىن سەلمان پارىس كىملىكىنى، سۇھەيب رۇم كىملىكىنى، بىلال ھەبەش كىملىكىنى ساقلاپ قالغان. ئىسلامنىڭ كىملىكى ئەرەب بولۇشنى كۆرسەتمەيدۇ، ئەرەبچە كىيىنىشنى تەقەززا قىلمايدۇ، ئەرەبچە سۆزلەشنى تەلەپ قىلمايدۇ ۋە ئەرەبلەرنىڭ تامىقىنى يېيىشنى مەقسەت قىلمايدۇ. ئىسلامنىڭ كىملىكى ئۇنىڭ ئەقىدىسى، شەرىئىتى، ئەخلاقى، پرىنسىپلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرىدىن ئىبارەت. ئىسلام دىنى ئوخشىمايدىغان تىل ۋە پەرقلىق مەدەنىيەتتىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئورتاق دىنىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي