ھەمكارلىق روھىنى قوغداش ۋە بۆلۈش سىياسىتىگە پۇرسەت بەرمەسلىك
ھەرقانداق بىر سىياسىي ھەرىكەت شەرتنامىنى ئاساس قىلىپ ئىش كۆرگەندە، دۈشمەننىڭ سىياسىي كۈچلەرنى بۆلۈپ يوقىتىش، بىر-بىرىگە قارشى قويۇش ۋە سۈنئىي ئىختىلاپ پەيدا قىلىش سىياسىتىگە تاقابىل تۇرالايدۇ. ئەكسىچە، سىياسىي پىرىنسىپتا بىرلىك بولمىسا ياكى ھەمكارلىق شەرتنامىسى تۈزۈلمىگەندە، ئىدىيە، يول، چۈشەنچە ۋە مەنپەئەت جەھەتتىكى پەرقلەر سەۋەبىدىن ھەمكارلىشىش قىيىنغا توختايدۇ، نەتىجىدە بۆلۈنۈش خەۋپى ھەمىشە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
شۇڭا، دۈشمەننىڭ پارچىلاپ يوقىتىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشنىڭ توغرا يولى سىياسىي ھەرىكەت شەرتنامىسىنى ئاساس قىلىشتۇر. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ھەر بىر تەرەپ ئۆز ئۈستىدىكى ئامانەت ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى، كىملىك ۋە قىممەت قاراشتا چىڭ تۇرۇشى، شۇنىڭدەك ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىشتا سەمىمىي بولۇشى زۆرۈر.
ئېقىملار ياكى تەرەپلەر ئەقىدە ۋە ۋەتەن – مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن مەنپەئەتىنى شەخسىي ۋە تەشكىلاتىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغاندىلا، ئاندىن ئورتاق نىشان ۋە ئورتاق مەنپەئەت ئاساسىدا ھەمكارلىق شەرتنامىسىنى تۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ.
ئەگەر سىياسىي ئېقىملار ياكى تەشكىلاتلار مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكى (دىنىي ۋە مىللىي) ۋە قىممەت قارىشىنى ئاساس قىلغان ياكى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا پىرىنسىپال نۇقتىلاردا بىرلىك ۋە ھەمكارلىق شەرتنامىسى شەكىللەندۈرەلمىسە، ھەر خىل ناملار ئاستىدىكى بىرلىك، ھەمكارلىق ۋە مۇنبەرلەر ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشالمايدىغان قۇرۇق شوئار ۋە يۈزەكى تەدبىرلەردىنلا ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ.
چۈنكى بىرلىك ياكى ھەمكارلىقتا پىرىنسىپال نۇقتىلار ئاساس قىلىنمىغاندا، ئىدىيەۋى توقۇنۇش، مەنپەئەت توقۇنۇشى ياكى نوپۇز تالىشىشلار ئالدىدا بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت پارچىلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي