مۇۋەپپەقىيەتلىك ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ رېتسېپلىرى
- ئەر-ئايالنىڭ ھەر بىرى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى؛
- ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق بىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى؛
- بىر-بىرىگە بولغان سۆيگۈ ۋە ھۆرمەتنى ئۆزئارا يېتىلدۈرۈشى؛
- ئايال كىشىنىڭ ئېرىنى ھۆرمەتلەش مەسىلىسىگە سەل قارىماسلىقى؛
- ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى قەدىرلەش مەسىلىسىگە سەل قارىماسلىقى؛
- ئايال كىشىنىڭ ئۆينى ئائىلىدىكىلەر ئۈچۈن راھەت ۋە ئارامگاھ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىشى؛
- ئەر-ئايال ئارىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ قالغاندا، تەرسالىق قىلماستىن ۋە ئاچچىقلانماستىن، ئۇنى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن توغرا ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشى؛
- ئەر كىشىنىڭ ئايالىغا قول كۆتۈرۈشتىن ياكى ھاقارەتلەپ تىللاشتىن كەسكىن ساقلىنىشى؛
- تالاش-تارتىش كۈچىيىپ كەتكەن ئەھۋالدا، قۇرئاندىكى «ياتاقنى ئايرىش» قائىدىسىدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئاچچىقى بېسىققانغا قەدەر ئەر كىشىنىڭ ۋاقىتلىق (بىر قانچە كۈنلۈك) ئۆيدىن سىرتقا چىقىپ تۇرۇشى. چۈنكى، مۇھاجىرەت ۋە چەتئەل ھاياتىدا ئارازلىشىپ بىر يەرگە كېتىشكە توغرا كەلگەندە، شارائىت ئايال كىشىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئەر كىشىنىڭ بىر قانچە كۈن سىرتقا كېتىپ تۇرۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ؛
- ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرى ئۈچۈن قىسمەن ھوقۇقلىرىدىن ياكى تەلەپلىرىدىن ۋاز كېچىشنى بىلىشى؛
- ئائىلە ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشتا قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشى؛
- ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە دائىم بىر-بىرىگە دۇئا قىلىشى؛
- بىر-بىرىنىڭ كىچىك ئەيىب-نۇقسانلىرىنى بىلمەسكە ياكى كۆرمەسكە سېلىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشى…قاتارلىقلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ئاچقۇچلىرىدىن ئىبارەت.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي