پەيغەمبىرىمىزگە ئىتائەت قىلماي تۇرۇپ ھىدايەت يولىغا كىرگىلى بولمايدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. كىمكى ماڭا ئاسىيلىق قىلسا، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ» دېگەن (ئىمام مۇسلىم بايان قىلغان).
پەيغەمبىرىمىزگە ئىتائەت قىلىش — ئۇنى ھەرقانداق كىشىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرۈش، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى ۋە سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلىش، ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىش ۋە ئۇنىڭ يولىدا مېڭىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئەگەر بىز پەيغەمبەرىمىزنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭ سەھىھ سۈننەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان، كۆرسەتمىسىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتىدىغان، دىننىڭ مەنبەلىرىنى ۋە چۈشىنىش ئاساسلىرىنى بىر-بىرلەپ يوقىتىشقا ئۇرۇنىدىغان، شۇنداقلا شەرقشۇناسلارنىڭ ئىدىيەلىرىدىن زەھەرلىنىپ، قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن ھەدىسلەرنى ئۆزئارا سوقۇشتۇرۇپ «پەقەت قۇرئانغىلا ئەمەل قىلىمىز» دەپ مۇسۇلمانلارنى ئەقىدىۋى ۋە پىكرىي جەھەتتىن ئازدۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم قارا قورساق ئازغۇنلاردىن ھەمدە خىتاي ۋە باشقا بىرقانچىلىغان چوڭ ئىستىخباراتنىڭ غالچىلىرىدىن ھەزەر ئەيلەش لازىم.
ئۇ ئازغۇنلارنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى بولمىغان بۇ ئويۇنلىرىدىن كىم پايدا ئالىدۇ؟ بۇنى ئويلانساقلا مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي