كىمنىڭ بالىسى ئەتىۋارلىق ئەمەس!
بالىلارنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن چېكىدىن ئاشۇرۇپ ئەتىۋارلاپ ھېچقانداق ئىشقا سالماي چوڭ قىلىش بالىلارنى يارىماس ۋە مەسئۇلىيەتسىز ئادەم قىلىپ قويىدۇ. بالىلارنى قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن بەك ئەتىۋارلاپ، كۆزىگە قاراپ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئىشلارغا كىچىكىدىن تارتىپ كۆندۈرمەسلىك قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ئويلانمايدىغان ۋە ھەممە ئىشتا ئاتا-ئانىسىغا يۆلىنىۋالىدىغان تەييار تاپ قىلىپ قويىدۇ.
شۇڭا، بالىلارغا كىچىكىدىن تارتىپ ياتاقلىرىنى رەتلىتىش، كىتاب- دەپتەرلىرىنى رەتلىك قويدۇرۇش، كىيىملىرىنى بەزىدە ئۆزلىرىگە يۇيدۇرۇش، ئۆزىگە دەزماللىتىش، ئۆي تازىلىتىش، بوش ۋاقىتلىرىدا تاماق ئېتىش ئىشلىرىغا ياردەملەشتۈرۈش، تاماق ئېتىشنى ۋە قاچا-قۇچىلارنى پاكىز يۇيۇشنى ئۆگىتىش… ئۈنۈملۈك تەربىيە ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.
ئانىلار بالىلىرىنى ئەتىۋارلاپ، بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ بۇ تۈردىكى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا كۆندۈرمەستىن، ئۆزۈملا قىلىۋېتەي دەپ ئۆزى قىلىۋەتسە، ئۇ چاغدا بالىلار ئىشقا خوش ياقمايدىغان ھۇرۇن چوڭ بولۇپ قالىدۇ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلماي يېتىپ تۇرۇپ ئۇكىسىنى ياكى سىڭلىسىنى بۇيرۇيدىغان بولۇپ قالىدۇ، قىيىنچىلىقلاردىن قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئانىسى بىر ئىش قىلىۋاتسا، ياكى بىر نەرسە كۆتۈرۈۋاتسا ئانىسىغا ياردەملەشمەيدىغان، ئانىسىنى تەربىيەچى دەپ قارىماستىن خىزمەتچى ئورنىدا كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
شۇڭا، بالىلارنى دەرسلىرىدىن بىكار بولغان زامانلىرىنى تېلېۋىزور كۆرۈش ياكى تېلېفون ئويناش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان مەسئۇلىيەتسىز ئادەم بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارغا كۆندۈرۈش، سەي – پەي ياكى مېۋە -چىۋە ئالغاندا، ئانا ياكى داد ئۆزىلا كۆتۈرمەي بالىغا كۆتۈرتۈپ كۆندۈرۈش، ھەر تۈرلۈك ئېھتىياج بولغان ئىشلارغا سېلىپ ئادەتلەندۈرۈش، بالىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى دادىسى ياكى ئانىسى ھەل قىلىپ بېرىپ كۆندۈرۈپ قويماي، ئۆزىگە ھەل قىلىشنى ئۆگىتىش ئىنتايىن مۇھىم.
شۇنداق بولغاندا، بالىلار كەلگۈسىدە تۇرمۇشقا چىققاندا بولسۇن، ياكى خىزمەتكە چىققاندا بولسۇن، ياكى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان بولسۇن، ياكى ئىشلەپ ئۆينى باقىدىغان باسقۇچتا بولسۇن، قىيىنچىلىقلار ئالدىدا بەل قويۇۋەتمەي ياكى بوشىشىپ كەتمەي بەرداشلىق بېرىپ ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقىدىغان بولىدۇ.
ئەكسىچە، بالىنى ئوغۇل- قىز بولسۇن ئەتىۋارلاپ ھېچ ئىشقا سالماي ئەركە چوڭ قىلىپ قويسا، بالا بالاغەت يېشىدا يەتكەندە ئىشقا يارىمايدىغان، ئىشتىن قاچىدىغان، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلمايدىغان شەخسىيەتچى بولۇپ قالىدۇ. قىز بولسا تۇرمۇشقا چىققاندا ئۆينى ئەپلەپ رەتلىك تۇتالمايدىغان، ئېرىنى تەملىك تاماق ئېتىپ خۇش قىلالمايدىغان، ئېرى سىرتتىن كىرىپ بولغۇچە ئورنىدىن دەس تۇرۇپ خۇرسەن قىلالمايدىغان ۋە مېھمان كەلسە كۈتەلمەيدىغان مىجىق بولۇپ قالىدۇ.
زامانىمىزدا چوڭ بولۇپ توي قىلغان قىزلارنىڭ بىر قىسىم ئوقۇشنى باھانە قىلىپ تاماق ئېتىش، ئۆينى پاكىز تۇتۇش، مېھمان كۈتۈش… ئىشلىرىدا چاققان چېۋەر بولماي، ئىنتايىن بوشاڭ، ھۇرۇن ۋە مەسئۇلىيەتسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئائىلىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە، ئائىلە ھاياتىدا جېدەل-ماجىرانىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولماقتا ۋە ۋە تۇرمۇشىنىڭ بۇزۇلۇشىغا يول ئاچماقتا.
ئاخىردا شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ھەممە ئادەمنىڭ قىزى ئەتىۋارلىق، ھەممە ئادەمنىڭ ئوغلىمۇ ئەتىۋارلىق، ھەممە ئادەم بالىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە بېشىدا كۆتۈرۈپ چوڭ قىلىدۇ.
يەنە شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئەتىۋارلىق دەپ ئائىلە ئىشلىرىغا كۆندۈرمەي چوڭ قىلغان قىزلارنى تۇرمۇشقا چىققاندا يولدىشى تاكچىكىغا تىزىپ قويۇپ قاراپ ئولتۇرمايدۇ. ئايال كىشى دېگەن ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلمىسا، گەپ ئاڭلايدۇ ۋە ئەزىيەت ئىشىتىدۇ. نەتىجىدە ئاتا-ئانا خاتا تەربىيە سەۋەبىدىن قىزىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ كۆڭلىنىڭ رەنجىشىگە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
16.07.2024 كۈنى