ئاياللار بىلەن مۇئامىلە قىلىش ماھارىتى
ئاياللار نازۇك، ھېسسىياتچان، مېھرىبان، سەزگۈر كېلىدۇ. بىر قىسىم تەتقىقاتلارغا كۆرە ئاياللارنىڭ ئەقلىنىڭ تۆتتە ئۈچ قىسىمى ھېسسىيات، تۇيغۇ ۋە ھېس- تۇيغۇغا مەركەزلىشىدىكەن. مانا بۇ پەيغەمبەرىمىزنىڭ ئاياللار توغرىسىدىكى سۆزىگە ئاساسەن ئاياللارنىڭ مۇئامىلە ۋە تەپەككۇرىدا ئەقىلدىن بەكرەك ھېسسىيات ۋە تۇيغۇغا تايىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئاياللار ئەقىل ۋە زېرەكلىك جەھەتتە ئەرلەردىن تۆۋەن ئەمەس، لېكىن ئۇلارنىڭ نازۇكلۇقى، ھېسسىياتچانلىقى ۋە تۇيغۇسى مۇئامىلە ئىشلىرىدا ئەقلى تەپەككۇرىدىن غالىب كېلىدۇ.
پەيغەمبەرىمىز ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى سۈزۈكلۈك ۋە نازۇكلىقتا ئەينەكلىك شىشىگە ئوخشاتقان، ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ سۇندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇغان.
ئاياللار بىلەن مۇئامىلە قىلىش بىلىشكە ۋە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك چوڭ بىر ماھارەت. ئاياللار ئىنچىكە تۇيغۇ، نازۇك ھېسسىيات ۋە چەكسىز مېھرىبانلىققا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن نازۇكلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا، گەپ – سۆز قىلغاندا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئاياللارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئەردىن سويۇپ كەتسە، سۇنۇپ كەتكەن شېشىدەك ئەسلىگە كەلمىكى تەسكە توختايدۇ.
ئاياللارنىڭ خاراكتېرى ئالغاندىن بەكرەك مېھىر تەقدىم قىلىدۇ، زېرىكمەي ياكى ھېرىپ قالماي مېھىر مۇھەببەت بېرىپ تۇرىدۇ. ئازغىنە نەرسە بىلەن رازى بولىدۇ، ئاددىي نەرسە بىلەن خۇرسەن بولىدۇ. ئۇلارنى مەنىۋى جەھەتتىن خۇرسەن قىلىش ماددىي جەھەتتىن خۇرسەن قىلىشتىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئاياللار مۇرەككەپ مۇئامىلىگە موھتاج بولمايدۇ، بەلكى تۈز، سىلىق ۋە مۇلايىم مۇئامىلىگە موھتاج بولىدۇ. ئۇلار قەدىرلەشكە، ھۆرمەتلەشكە ۋە چىرايلىق گەپ سۆزگە موھتاج بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەردىن ئاساسلىق قەدىر قىممەت ۋە ھۆرمەت تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ تەقدىم قىلىۋاتقان مېھرىبانلىقى ۋە سۆيگۈ- مۇھەببىتى ئالدىدا ئاددىي بىر تەلەپ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي