ئاللاھ تەرەپكە ئالدىراڭ
ئاللاھنى ئەسلەپ ئاللاھ تەرەپكە ئالدىراڭ، ئۇ سىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئاللاھنى ئەسلەشنىڭ يۈكسەك ئەھمىيىتى بار، ئاللاھنى ئەسلەش ئىماننىڭ لەززىتىدۇر. ئاللاھقا سېغىنىش، ئاللاھنى ياد ئېتىش قەلب خاتىرجەملىكى، نېرۋا ئامانلىقى، پىسخولوگىيە ساغلاملىق يولىدۇر: «بىلىڭلاركى، قەلبلەر ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ» (رەئد سۈرىسى، 28 –ئايەت).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «پەرۋەردىگارىنى ئەسلەيدىغان كىشى بىلەن ئەسلىمەيدىغان كىشىنىڭ مىسالى ئۆلۈك بىلەن تېرىك كىشىگە ئوخشايدۇ» دېگەن (بۇخارى بايانى).
ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەتنىڭ كۈرىشى يولىدىكى ئادەملەر روھىي غىزاسىنى، مەنىۋى كۈچىنى ۋە ھەق يولدا مۇستەھكەم تۇرۇش ئىرادىسىنى ئىمانىدىن ئالىدۇ، ئاللاھ بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋەتتىن غىزالىنىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىك سۈپىتىنى مۇلاھىزە قىلىپ تۇرۇپ ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەيدۇ.
ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەتنىڭ كۈرىشىنى قىلىۋاتقان ئادەملەر ئىمان تەقەززاسىدىن، كىملىك، ئەخلاق ۋە قىممەت قاراش روھىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئىرادىسى بوشاپ كېتىدۇ، ئۈمىدسىزلىك بېسىپ كېتىدۇ ۋە مەنىۋى كۈچى ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ.
شۇڭا ھەرزامان زىكىر ئېيتىش، ئاللاھنى ياد ئېتىش تۇرۇش ۋە قۇرئان روھىدىن ئىلھام ئېلىش… كۈرەش ئادەملىرىنى مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي