مۇسۇلماننىڭ ھەرىكەت قىلىش ئۆلچىمى
قۇرئان كەرىم مۆمىنلەرنى ئىمانى، پىكرىي، ۋىجدانىي، ئەخلاقىي، ئىش-ھەرىكەتلىرى، گەپ – سۆزلىرى، تۇيغۇلىرى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى، سىياسىي كۈرەشلىرى ۋە بارلىق پوزىتسىيەلىرىدە راستچىل بولۇشقا ياكى تەقۋا بولۇشقا چاقىرماقتا. بۇلاردا راستچىل ياكى سەمىمىي بولماي تۇرۇپ مۆمىنلىك سۈپىتىگە ئېرىشكە بولمايدۇ.
قۇرئان كەرىم مۆمىنلەرگە يەنە ئىنسانلار، ياكى تەشكىلاتلار، ياكى ئېقىملارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئىمان، ئىدىيە، ئەخلاق، ئىش-ھەرىكەت ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىدا راستچىل بولۇشقا بۇيرۇغان ھەمدە شەخسلەر، ئېقىملار ياكى تەشكىلاتلارنى قانداق تاللاش توغرىسىدا يول خەرىتىسى سىزىپ بەرگەن.
قۇرئان كەرىم بۇ توغرىدا: «يا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ اتَّقُواْ اللَّهَ وَكُونُواْ مَعَ الصَّادِقِينَ» دېگەن (تەۋبە سۈرىسى، 119 – ئايەت).
بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى: «ئىمانىدا ۋە ئىدىيەسىدە راستچىل بولغان ھەي مۆمىنلەر: گەپ – سۆزلىرىڭلار، ئىش-ھەرىكىتىڭلار، ئەخلاقىڭلار، پوزىتسىيەڭلار ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىڭلاردا ئاللاھدىن قورقۇڭلار. سىلەر ئىمان، ئىدىيە، تۇيغۇ، كۈرەش ۋە ئىش-ھەرىكەتتە راستچىل بولغان كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇڭلار، ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ ئىش قىلىڭلار، مەيدانىڭلارنى ئېنىق قىلىپ ياشاڭلار، ساغلام ئىدىيەدىن بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار، ساغلام ئىدىيەڭلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شوئارلارغا ئالدانماڭلار ۋە ئازغۇن پىكىردىكى كىشىلەردىن يىراق تۇرۇڭلار» دېگەن بولىدۇ.
بۇ ئايەتنىڭ روھىغا ئاساسەن مۇسۇلمان كىشى ئۆزى بىرلىشىپ ئىش- ھەرىكەت قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ياكى تەشكىلاتنىڭ نىشانى، ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلى ھەققىدە تەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىپ، ئىسلام ئىدىيەسىگە ۋە مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئەزا بولسا، ھەمكارلاشسا ياكى بىرلىشىپ ئىش قىلسا بولىدۇ.
مۇشۇنداق يول تۇتقاندا ئىدىيە جەھەتتىن ئېزىپ كېتىشتىن، ياكى ئىسلام ئىدىيەسىدىن چەتنەپ كېتىشتىن، ياكى ئاشقۇن ئېقىمغا كىرىپ قېلىشتىن ياكى سولچى رادىكاللىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالايدۇ. ئەزا بولىدىغان ئېقىم ياكى تەشكىلاتنى تەكشۈرۈپ، ئۇيغۇن بولسا ئاندىن ئەزا بولۇش ئىمان، ئىدىيە، ئەخلاق ۋە ھايات لىنىيەسىنىڭ سالامەتلىكىنى ھىمايە قىلىدۇ.
ئەگەر مۇسۇلمان ئىدىيەسى، ئەخلاقىي، گەپ – سۆزلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىممەت قاراشلىرى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىگە دىققەت قىلماي خاتا ئېقىمغا ياكى خاتا ئىدىيەگە كىرىپ قالسا، قىيامەت كۈنى ھەربىر ئېغىز سۆزىدىن، ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىدىن ۋە ھەربىر پوزىتسىيەسىدىن ھېسابقا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.
بۇنىڭغا ئاساسەن بىر مۇسۇلمان ئەزا بولۇپ ھەرىكەت قىلماقچى بولغان تەشكىلاتنىڭ تۆۋەندىكى سۈپەتلىرىگە دىققەت قىلىشىغا توغرا
كېلىدۇ.
1. سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ئىدىيە مەنبەسى قۇرئان- سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بولۇشى،
2. سىياسىي ھەرىكەت نىشان- مەقسەتلىرىدە ئىسلام ۋە ۋەتەن- مىللەت كۈرىشىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئاساس قىلىشى ھەمدە مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا رىئايە قىلىشى.
3. سىياسىي ھەرىكەتنىڭ نىشانى، قىممەت قاراشلىرى ۋە ھەرىكەت تەسەۋۋۇرلىرى شەرىئەتنىڭ يۈكسەك مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىشى، ھەمدە ئوڭچە ئاشقۇنلۇق ياكى سولچى ئاشقۇنلۇقتىن خالىي بولۇپ، ئوتتۇرھال يول تۇتقان بولۇشى.
4. سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ئىدېئولوگىيەسى روشەن بولۇشى، خىزمەت تەسەۋۋۇرى ئېنىق بولۇشى، رېئاللىققا ئۇيغۇن بولۇشى، پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بولۇشى.
5. سىياسىي ھەرىكەت ساھىبلىرى بىلىم-مەرىپەتكە، سىياسىي ئاڭغا ۋە سىياسىي تەجرىبىگە ئىگە بولۇشى.
6 . سىياسىي ھەرىكەت ساھىبلىرى:
راستچىل بولۇشى، يالغان گەپ قىلماسلىقى،
ئىشەنچلىك بولۇشى، خىيانەت قىلماسلىقى،
ئادىل بولۇشى، زۇلۇم قىلماسلىقى،
كەمتەر بولۇشى، بىلەرمەنلىك قىلماسلىقى،
سەۋرچان بولۇشى، ئالدىراڭغۇلۇق قىلماسلىقى،
ئەخلاقلىق بولۇشى، ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىشى،
جۈرئەتلىك بولۇشى، قورقۇنچاق بولماسلىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي .