بەزى ئاياللارنىڭ ئېرىگە مۇئامىلە قىلىشتىكى خاتالىقلىرى
1. ئېرىنى مەسخىرە قىلىش:
ئەرنى مەسخىرە قىلىش ئەرنىڭ ئايالىنى يامان كۆرۈشىگە سەۋەب بولىدۇ، ئىككىيلەن ئارىسىدىكى ھۆرمەتنى يوقىتىپ تاشلايدۇ، جېدەل-ماجىراغا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، ئايال كىشى ئېرىنى ھۆرمەتلىشى، ئەرنىڭ ئائىلىسىنى ھۆرمەتلىشى، ئېرى بار بولغان ياكى يوق بولغان يەردە ئېرىنىڭ ھۆرمىتىنى قوغدىشى ۋە ئېرىنىڭ ھۆرمىتىنى چۈشۈرىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى لازىم.
2. ئېرىگە ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش:
ئايالنىڭ ئېرىگە ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ گەپ قىلىشى، ياكى ھۆرمەتسىزلىكنى ئىپادىلەيدىغان گەپ- سۆزلەرنى قىلىشى ئىككىيلەننىڭ ئائىلە ھاياتىغا ئېغىر خەۋپ كەلتۈرىدۇ. ئايالنىڭ ئېرىگە ئاۋازىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ گەپ قىلىشى زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، تالاش – تارتىش يۈز بەرگەندىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى ۋە ئاۋازىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرمەسلىكى مۇھىم.
3. ئەرنىڭ سىرلىرىنى ساقلىماسلىق:
ئەرنىڭ ياكى ئۆينىڭ سىرلىرىنى دوستلارغا دېمەسلىك لازىم. چۈنكى ئەرنىڭ سىرى، ياكى ئائىلىنىڭ سىرى سىر ھالىتىدە قېلىشى لازىم. ئېرىڭىز سىر دەپ تاپىلىغان گەپ ياكى ئىش بولسا، ئۇنى ھېچكىمگە دەپ يۈرمەڭ. سىز ساقلىمىغان سىرنى سىز ئىشەنگەن دوستلىرىڭىز ساقلىمايدۇ.
4. چېكىدىن ئاشۇرۇپ كۈنلەش:
كۈنلەش نورمال بولغاندا ياخشى ئىش بولغان بىلەن، چېكىدىن ئېشىپ كەتكەندە، ئەردىن كۆپ گۇمانلىنىشقا، بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىككە ۋە ئەر-ئاياللىق ھاياتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.
5. ئېرىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇش:
ئايالنىڭ ئېرىنى باشقا ئەرلەرگە سېلىشتۇرۇشى ئەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ، بولۇپمۇ ماددىي جەھەتتىن سېلىشتۇرۇش ئېغىر خاپىلىققا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئەرنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئەرنىڭ ئورنىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ. ئەرنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇش ئەر-ئايال ئارىسىدا تۈگىمەس جېدەل – ماجىرانىڭ كۆپىيىشىگە ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، توي قىلىشتىن بۇرۇن ياخشى تەكشۈرۈپ قىلىش لازىم، توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە رازى بولۇپ قانائەت قىلىشى لازىم.
6. ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ كۆرۈنۈشىگە سەل قارىشى:
ئايال كىشى ئۆزىنى تاشلىۋەتكەندە، ياكى ئۆزىنىڭ كۆرۈنۈشىگە سەل قارىغاندا، ئەرگە سەل قارايدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ، ئەرنىڭ كۆڭلى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئىككىيلەن ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت سوغۇقلىشىشقا ۋە ئەرنىڭ تەنقىد قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى، ئەر كىشى ئايالىنىڭ دائىم چىرايىنى ئېچىپ، پاكىز كىيىنىپ خوش كۆڭۈللۈك بىلەن چىرايلىق تۇرۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە بەدىنى جەھەتتىن پاكىز بولۇشى، كىيىم-كېچەك جەھەتتىن يارىشىملىق ھەم ئېرى ياخشى كۆرىدىغان كىيىملەرنى كىيسە بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مودا قوغلىشىش لازىم ئەمەس.
7. ئايالنىڭ ھەممە ئىشلارغا ئارىلىشىۋېلىشى :
بەزى ئاياللارنىڭ ئېرىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشى، ياكى ئېرىنى ئانىسىغا ئوخشاش باشقۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشى ئەر كىشىگە ئېغىر كېلىدۇ ھەمدە ئەرنىڭ ئايالىغا قارىتا بولغان تۇيغۇسىنى ۋە سۆيگۈسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ ياكى يوقىتىپ قويىدۇ. بەزىدە ئەرنىڭ قوپال مۇئامىلە قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
شۇڭا، ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسا، مەسلىھەت بىلەن قىلىپ، مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالمىغان ياخشى.
ئاياللار ئائىلىنى ئىدارە قىلىشتىكى باش مەسئۇلىيەتنىڭ ئەردە ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىقى لازىم. دىنىمىز بۇيرۇغان توغرا ئىشلاردا ئىتائەت قىلىشقا، سەل قارىسا گۇناھكار بولىدۇ.
8. ئايال كىشىنىڭ ئەرنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشى:
ئايال كىشى نورمال ھالەتلىرىدە ئەرنىڭ كۆڭۈل تەلىپىنى رەت قىلسا، ئەرنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويىدۇ، چۈنكى ئەر كىشى بۇ تۈرلۈك تەلەپنى كۆپ تەكرارلاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بەلكى بەزىدە ئايالىنىڭ بۇ ساھەدە تەلەپچان بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
شۇڭا، ئايال كىشىنىڭ نورمال ھالەتلىرىدە ئېرىنىڭ كۆڭۈل تەلىپىنى رەت قىلماسلىقى ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئۆتۈشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
9. ئايالنىڭ مەسئۇلىيەتكە سەل قارىشى:
ئايال كىشى ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەتكە سەل قارىسا ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.
مەسىلەن، تاماق ئېتىش ، كىيىم كېچەكلەرنى يۇيۇپ رەتلەش، بالىلارنى ئەقىدە، ئەخلاق ۋە مىللىي قىممەت قاراش جەھەتتىن تەربىيەلەش، بالىلارنىڭ ياراملىق تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن ئوقۇش ئىشلىرىغا -دادىسىدىن بەكرەك- كۈچ چىقىرىش، سەھەردە قوپۇپ بالىلارنى نامىزىنى ئوقۇتۇپ مەكتەپكە يولغا سېلىش ۋە باشقا دەرسلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق… مەسئۇلىيەتلىرىدە سەل قارىسا توغرا بولمايدۇ.
بالىلارنى تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتى ئاتا-ئانىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بولسىمۇ، لېكىن ئانىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
10. بالىنىڭ خاتالىقىنى يوشۇرۇش:
ئانا ئوغلىنىڭ خاتا ئىشلىرىنى ئېرىدىن يوشۇرسا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى خاتالىقنى ۋاقتىدا تۈزىتىش مۇھىم. بالا دەسلەپتە خاتالاشقاندا تۈزىتىش ئاسانغا توختايدۇ.
ئەگەر ئانا ئوغلىنىڭ خاتا قىلمىشلىرىنى ئېرىدىن يوشۇرسا ، بالا خاتا يولدا كېتىۋېرىدۇ، بالا خاتا يولغا ياكى خاتا ئىشقا ئادەتلىنىپ قالغاندىن كېيىن بالىنى تۈزىتىش قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. ئوغۇل بالا ئانىسىدىن بەكرەك دادىسىدىن ئەيمىنىدۇ.
11. ئۆينى تاشلاپ چىقىپ كېتىش:
ئېرىڭىز بىلەن خاپىلىشىپ قالغان بولسىڭىز ھەرقانچە ئاچچىقىڭىز كېلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئۆيىڭىزنى تاشلاپ چىقىپ كەتمەڭ، كاجلىق قىلماڭ. ئەرنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيدىن چىقىپ كېتىش شەرئى جەھەتتىن توغرا ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىش چوڭىيىپ كېتىدۇ. تالاش- تارتىش يۈز بەرگەن ئەھۋالدا مەسىلىنى ئۆيدە تۇرۇپ ھەل قىلىشقا تېرىشىڭ. ئەرنىڭ يېنىدا تۇرسىڭىز بىرقانچە سائەتتە ئىشلار ئوڭشىلىپ قېلىشى مۇمكىن، ئېرىڭىز سىزدىن ئۆزۈر سورىشى مۇمكىن، ياكى سىز ئېرىڭىزدىن ئۆزۈر سورىشىڭىز مۇمكىن.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.