قۇرئان ئايەتلىرى بىۋاسىتە سىزگە چۈشكەن بولسا، قانداق تۇيغۇدا بولاتتىڭىز؟!
قۇرئان كەرىم بىۋاسىتە سىزگە نازىل بولمىغان بىلەن، خۇددى سىزگە چۈشكەندەكلا قەلبىڭىزگە، ئەقىلىڭىزگە ۋە ھېس تۇيغۇڭىزغا خىتاب قىلماقتا.
سىز بىرەر قېتىم قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىم سىزگە چۈشۈۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولۇپ باقتىڭىزمۇ؟
قۇرئان ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلغاندا بىۋاسىتە سىزگە نازىل بولۇۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئوقۇڭ.
قۇرئان تىلاۋىتى مۇشۇ مېتود ۋە مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن داۋاملاشسا، قۇرئان ھىدايىتى ۋە مەقسىتى ۋۇجۇدىڭىزدا نامايان بولۇشقا باشلايدۇ.
قۇرئان تىلاۋىتىدىن مەقسەت ھىدايىتى ۋە مەقسىتىگە يېتىشتۇر. قۇرئاننىڭ ھىدايىتى ۋە مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تەپەككۇر بىلەن تىلاۋەت قىلىڭ. مەنىسىنى ئالىملارنىڭ ئىزاھاتى بۇيىچە چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇڭ.
قۇرئاننى ھەقىقىي تىلاۋەت قىلسىڭىز ئاڭ ۋە ئىدىيە شەكىللەندۈرىدۇ، ساغلام دۇنيا قاراش يارىتىدۇ، ئاددىي بىر ئىنساندىن زېمىندىن مەسئۇل ئىزباسارلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بۈيۈك بىر ئىنسانغا ئايلاندۇرىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.