قۇرئان كەرىم ئوقۇش پەرز بولغاندەك، قۇرئاننىڭ مەقسەت ۋە مەزمۇنلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەقىلنى ھەرىكەتلەندۈرۈشىمۇ پەرزدۇر.
بىز قۇرئاننىڭ ھەرپ ۋە سۆزلىرىنى ئوقۇش ۋە يادلاش ئۈچۈن قانچە كۈچ چىقارغان بولساق، ئۇنىڭ مەقسەت ۋە كۆرسەتمىلىرىنى پەيغەمبەرنىڭ بايانى ۋە ئالىملارنىڭ ئىزاھاتى ئاساسىدا بىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.
قۇرئاننىڭ نازىل بولۇشىدىكى ئەسلى مەقسەت ھىدايىتى ۋە كۆرسەتمىسىدۇر.
ھىدايەت دەستۇرى ۋە ھايات خەرىتىسى بولغان قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەقلىمىزنى ھەر زامان ئىشقا سېلىشقا، تەپەككۇر قىلىشقا ۋە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي