قۇرئان كەرىم ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئەڭ ئىلغار چارىسى
ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئەڭ ئىلغار چارىسى قۇرئان كەرىم، چۈنكى بۇ كىتاب ھىدايەت، ھەقىقەت، ۋەز-نەسىھەت، بايان، نۇر ۋە ئەڭ توغرا يولغا باشلىغۇچى كىتاب.
قۇرئان كەرىم ئىنسان نەپسىنى بەدەن، ئەقىل ۋە روھى جەھەتتىن ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدا كۆپ توختالغان. نەپسىنىڭ سىرلىرى، كېسەللىرىنى كۆرسەتكەن ۋە تۈرگە ئايرىپ بەرگەن.
قۇرئان كەرىم ئىنسان نەپسىنى ئەڭ ياخشى تەپسىلىي بىلىدىغان زات تەرىپىدىن ئىسلاھ قىلىش، تۈزۈتۈش ۋە پاكلاش ئۈچۈن چۈشكەن كىتاب. شۇڭا نەپسىنى ئىسلاھ قىلىشتا قۇرئان كۆرسەتكەن ۋاسىتە ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە.
قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش، تەپەككۇر قىلىش، ئىزدىنىش، تەسىرلىنىش ۋە كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىش ئۆزىنى پاكلاشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسىدۇر. كىم ئۆزىنى پاكلىماقچى بولسا قۇرئان سايىسى ئاستىغا كىرسۇن، قۇرئان تەسىرى ۋە سايىسى ئاستىدا ياشىغان ئىنسانغا ئاللاھ رەھىم قىلسۇن. بۇرۇنقىلارنى پاكلىغان دورا، ھازىرمۇ قولىمىزدا ئۆز پىتى بار. بۇرۇنقىلارنى تەرەققىي قىلدۇرغان ۋاسىتە ئالدىمىزدا بار، ئۇ بولسىمۇ چۈشكەندىن تارتىپ ئۆز پىتى ساقلىنىپ كەلگەن ئىلاھى ھەل قىلىش دورىسىدۇر.
قۇرئان كەرىم ھايات يولىنىڭ خەرىتىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا يۈزلەنگەن ۋە ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگەن ئىنسان ئۈچۈن شىپا. قۇرئان كەرىم ئىنسان ئەقلى تەسىر دائىرىسىنى ھېس قىلىپ بولالمىغۇدەك زور كۈچكە ئىگە كىتاب. بۇ تاغنى ئورنىدىن ماڭدۇرۇۋېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىتاب.. قۇرئان ھېسسىيات، ئەقىل ۋە قەلبكە تەسىر بېرىشتە يەككە-يېگانە قۇدرىتى ئارقىلىق ئېنېرگىيە ۋە مەنىۋى كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدىغان مەنبە.
قۇرئان كەرىم ئىنساننى ياراتقان ۋە ئىنساننى ئىنساندىن بەكرەك تولۇق چۈشىنىدىغان زات تەرىپىدىن كۆرسىتىپ بېرىلگەن يېگانە دورىدۇر. قۇرئان ئاللاھنىڭ ئىنسانغا تاللاپ بەرگەن دورىسى. ئىنسان ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىنى ياراتقان زات تەرىپىدىن كەلگەن دورىنى ئىستېمال قىلمىسا شىپا تاپالمايدۇ.
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە پاكلىشى ئۈچۈن توغرا باشلىنىش يولىدۇر، چۈنكى بۇ يول ئىلگىرى تەجرىبىدىن ئۆتكەن ئۈنۈملۈك يول. بۇرۇنقى مۇسۇلمانلار قۇرئانغا توغرا مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق بىر قانچە يىل جەريانىدا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان. ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئەۋلاد، ئەڭ ياخشى مىللەت ۋە ئەڭ ياخشى مەدەنىيەت يېتىشتۈرۈپ چىققان نەرسە قۇرئان كەرىمدۇر.
نەپسىنى پاكلاش، خورلۇق ۋە بالا-قازادىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى قۇرئان كەرىمنىڭ يولىدۇر. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئاننى ئۆگىنىپ، تەپەككۇر قىلىش ئاساسىدا ئەمەل قىلساڭ، نەتىجە قازىنىسەن» دېگەن (تىرمىزى بايان قىلغان).
كىتاب ئوقۇغانلار بىر نەرسە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ، ئەپسۇسكى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار قۇرئانغا كەلگەندە بىر نەرسە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوقۇماستىن، ئىخچام بولسىمۇ چۈشىنىش ئۈچۈن ئەقلىنى ئىشلەتمەستىن، پەقەتلا ئوقۇش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ! بولمىسا ئاللاھ بۇ كىتابنى كىشىلەر ئوقۇپ، مەزمۇنلىرىنى مۇلاھىزە قىلسۇن، مەقسەتلىرىنى چۈشەنسۇن ۋە شۇ ئاساستا ھايات كەچۈرسۇن دەپ چۈشۈرگەن كىتاب ئىدى: «بۇ ئۇلارنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر» (ساد سۈرىسى، 29-ئايەت).
كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلمىدى، قۇرئاننى ئوقۇش بىلەنلا توختاپ قالدى، ئايەتلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئەمەل قىلىش بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلمىدى. ھالبۇكى، ئاللاھ بۇ قۇرئاننى چۈشىنىپ، شۇ ئاساستا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشۈرگەن كىتاب ئىدى، بىراق كىشىلەر تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئىشنى تۈگەتتى. تىلاۋەت قىلىشتىن مەقسەت تەسىرلىنىش ئىدى. ھىدايەت ۋە ئىززەت-شەرەپ مەنبەسى بولغان قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ، مەزمۇن- مەقسەتلىرىگە چۆكمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۈممەت يولنىڭ خەرىتىسىنى توغرا ئوقۇيالماي، مەشئەلنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ، قاراڭغۇدا يول يۈرۈپ ئازگاللارغا يىقىلدى، باشقىلارنىڭ ئارقىدا قالدى ۋە قىممىتىنى يوقىتىپ قويدى.
«قۇرئاننى تەۋەررۈك كىتاب، ئوقۇساق ئەجىر بار كىتاب» دېگەن نۇقتىغا يەكۈنلەپ، قۇرئانغا تىلىمىزنى بېرىپ، ئەقلىمىز ۋە قەلبىمىزنى بەرمىدۇق. سۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈپ مەنىسىگە ئەھمىيەت بەرمىدۇق. رەسۇلۇللاھ بۇ خىل ھالەتتىن ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئىدى: «پەيغەمبەر: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى» دېگەن (فۇرقان سۈرىسى، 30-ئايەت).
ھىدايەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ مەنبەسى بولغان ئاللاھنىڭ كىتابىنى تاشلاندۇق ھالغا چۈشۈرۈپ قويدۇق، بەخت-سائادىتىمىزنىڭ ئاچقۇچى بولغان قۇرئانغا غەلىتە مۇئامىلە قىلدۇق… قۇرئانغا بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا مۇئامىلە قىلدۇق. تىلاۋىتى بار، بىراق روھى، مۆجىزىسى، تەسىرى ۋە ھاياتنى يېتەكلەپ مېڭىشى يوق. قۇرئانغا پۈتۈن روھىمىز ۋە ۋۇجۇدىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلمىغانلىقىمىز ئۈچۈن قۇرئاندىن ھەقىقىي پايدىلىنالمىدۇق. مانا بۇ قۇرئاندىن پايدىلىنالماسلىقتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان روھىغا قايتايلى، قۇرئانغا قارىتا ئىشەنچىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەيلى، چۈنكى قۇرئان كەرىم ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارالايدىغان ۋە مەنىۋى كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلايدىغان ئەڭ چوڭ مەنبە. قۇرئان بىلەن تەسىرلىنىش ۋە لەززىتىنى ھېس قىلىش پايدىلىنىشنىڭ توغرا يولى.
ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ، قۇرئاننىڭ مۆجىزە تەسىرلىرىنىڭ ئىچكى دۇنيايىمىزغا تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى، قەلبىمىزگە نۇرىنىڭ چاقنىشى ۋە ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈنۈشىنى كۆرەيلى…
شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، قۇرئاننىڭ تەمىناتى ۋە تەسىرى بىزنىڭ تەييارلىقىمىزغا قارىتا بولىدۇ. رىغبىتمىز كۈچلۈك بولسا مەقسىتىمىزگە تېز سۈرئەتتە يېتەلەيمىز. قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىسى بىزنىڭ قوبۇل قىلىشىمىزنى كۈتمەكتە.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي