ئىختىيارى قۇللۇق
فىرانسىيەلىك مۇتەپەككۇر ئىتىننە (Étienne de La Boétie) «ئىختىيارى قۇللۇق» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:
بىر ۋەتەن (مىللەت) ئۇزۇن مەزگىل مۇستەملىكىگە دۇچ كەلسە، ئۇ ۋەتەندە ھۆرلۈككە موھتاج بولمايدىغان، مۇستەبىتلىك بىلەن چىقىشىپ ياشىيالايدىغان ۋە مۇقىملىقنى سۆيىدىغان ئەۋلادلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ.
مۇقىملىقنى سۆيىدىغان ۋەتەنداش ئۆزىنىڭ خاس دۇنياسىدا ياشايدىغان بولۇپ، ئۈچ تۈرلۈك نەرسىدىن باشقىسىنى ئويلىمايدۇ:
2. پۇتبول (ئەرەبلەردە)، (ئۇيغۇرلاردا ناخشا-مۇزىكا)،
3. شەكلى دىندارلىق.
مۇستەملىكىگە دۇچ كەلگەن ۋەتەندە مۇقىملىقنى سۆيىدىغان ۋەتەنداشنىڭ ھەقىقەت ۋە ئادالەت بىلەن كارى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ يۈرۈش- تۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان شەكلى ئىبادەت بىلەن كۇپايىلىنىدۇ. شۇڭا، يالغانچىلىق، مۇناپىقلىق ۋە پارىخورلۇق قىلغاندا گۇناھ ھېس قىلمايدىغانلار پەقەت بىرەر ناماز قولدىن كېتىپ قالسا گۇناھ ھېس قىلىدۇ.
بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئېغىر خاپىلىققا ياكى بىرەر تەھدىتكە ياكى ئەزىيەتكە ئۇچرىمىسا، دىنىنى ۋە ۋەتەننى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، سىياسىي ھوقۇقلىرىغا پەقەت پەرۋا قىلمايدۇ.
مۇقىملىقنى سۆيىدىغان ۋەتەنداش مەھرۇم قېلىۋاتقان ھوقۇقلىرىدىن پۇتبول (ناخشا- مۇزىكا) ئارقىلىق تەسەللىي تاپىدۇ، پۇتبول ئارقىلىق غەم-قايغۇلىرىنى ئۇنتۇشقا ئۇرۇنىدۇ.
دېمەك، مۇقىملىقنى سۆيىدىغان ۋەتەنداش ئويغىنىش ۋە ئىسلاھات يولىدىكى ھەقىقىي توسالغۇ ھېسابلىنىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي