«ئىسلامغا ئومۇميۈزلۈك كىرىڭلار» دېگەن ئايەت توغرىسىدا
«ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار(يەنى ئسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)» (بەقەر سۈرىسى، 208-ئايەت).
يۇقىرىقى ئايەت ئىسلامنىڭ كۆرسەتمە ۋە تەلىماتلىرىنى كۆڭلىگە ياقسۇن ياكى ياقمىسۇن بىر پۈتۈن ھالدا قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇماقتا. بۇ ئايەت ئىسلامنى بىر پۈتۈن قوبۇل قىلماسلىقنى شەيتانغا ئەگەشكەنلىك دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماقتا. چۈنكى ئاللاھنىڭ يولى ئومۇمىي مەقسەت ۋە كۆز قاراشلىرىدا باشقا يوللارغا ئوخشىمايدۇ، ئومۇمىي پرىنسىپلاردا سۇسلۇق قىلىش شەيتاننىڭ يولىغا ئاپتۇماتىك ھالدا ئەگەشكەنلىكتۇر.
بۇ ئايەتنىڭ روھىدا تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى كۆرەلەيمىز:
1.ئاللاھنىڭ يولى مۇكەممەللىك ۋە يېگانىلىق بىلەن ئالاھىدە. ئۇ يول مۇكەممەل بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا پەلسەپە قاراشلارنىڭ ئىسلامنىڭ جەۋھىرىگە زىت كېلىدىغان ئىشلاردا باشقا ئامىللارغا مەيدان كېڭەيتىپ بەرمەيدۇ. ئىسلام يولىنىڭ باشقا يوللاردىن يېگانىلىقى ئالاھىدە سەزگۈرلۈكنى تەقەززا قىلىدۇ، چۈنكى بۇ يولدىن ياكى بۇ يولنىڭ مەقسەت ۋە غايىلىرىدىن بۇرۇلۇپ كېتىش ئومۇمىي ئىنسانلارنى ئىسلاھ قىلىشتا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
ھەممە تەرەپتىن ساپ-سۈزۈك بولۇش پەقەتلا ئىماننىڭ نەزەرىيە قىسمى بولماستىن، بەلكى ئاللاھنىڭ يولىنى تەتبىقلاش ۋە بۇ يولنىڭ ئاكتىپ دائىرلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشتە مۇھىم. ئىماننىڭ ئېتىقاد سەۋىيەسىدە ساغلام بولىشى تەتبىقلاش باسقۇچىدا ئىسلامنى پارچىلاپ قوبۇل قىلىش بىلەن تەسىرلىنىدۇ. قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كاپىرلارغا بويسۇنۇپ ئاللاھنىڭ يولىنى پارچىلاپ ئېلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان:«ئۇلار(يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار)نىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ (ئەھكامى بويىچە ھۆكۈم قىلغىن، ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ بىر قىسمىدىن سېنى ۋاز كەچۈرىشىدىن ساقلانغىن»(مائىدە سۈرىسى، 49-ئايەت).
2.ئىسلام دىنىدا ياخشىلىق ئامىللىرى ساناقسىز بولۇپ، مۇسۇلمان كىشى بۇ ياخشىلىق ئامىللىرىدىن قانچىلىك قوبۇل قىلالىسا ئىمانى ۋە مۇسۇلمانلىقىنىڭ مۇكەممەللىكى شۇنچىلىك بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆمرى ۋە كۈچى چەكلىك بولغاچقا، مۇسۇلمان كىشى ئىسلامنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئومۇمىي پرىنسىپلىرى بىلەن ھىدايەت تېپىپ ۋە كامالىتىدىن بەھرىمەن بولغان بولسا؛ ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن تەييارلىقى، شارائىتى ۋە كۈچ قۇدرىتىگە يارىشا مۇناسىپ جانلىق مەيدانلارنى ئىبادەت مېھرابى سۈپتىدە ئىزدىنىشى لازىم. مەسىلەن، ئوقۇغۇچىنىڭ پەرز ئىبادەتلەرىن باشقا ئىبادىتى ئىلمىي ساھەدە يۇقىرى سەۋىيىدە نەتىجە قازىنىشقا ئۇرۇنۇشتۇر، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە ئۆز ئۆزىگە تايىنىشى ئۈچۈن كەسپى خادىملارنىڭ ئۆز كەسپىدە پۇختا يېتىلىشى ئىبادەتتۇر. ئالىملارنىڭ ئىجتىھاد قىلىشى، دەۋەت قىلىشى، شەرىئەتنى زامانغا مۇناسىپ يورۇتۇپ بېرىشى، ياخشى ئىشلارغا يول كۆرسىتىپ، پاسسىپ ئىشلارنى چەكلىشى، دىيانەتلىك بولۇش ئۇقۇمىنى يېڭىلىشى ۋە ئۈممەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ھەقىقى ھېس قىلىپ يېتىشى ئىبادەتتۇر.
ھاكىملارنىڭ ئىبادىتى ئادالەتنى تۇرغۇزۇش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇلارنى ھىمايە قىلىشى، ئاممىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى قوغدىشى ۋە دەۋەتنى قانات يايدۇرۇشى ئىبادەتتۇر. ئەسكەرلەرنىڭ ئىبادىتى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى قوغداش ئۈچۈن ھەر زامان تەييار تۇرۇشى ئىبادەتتۇر. بايلار ۋە يۈزلۈك كىشىلەرنىڭ ئىبادىتى كەمبەغەللەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش، ئاجىزلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى، مائارىپ ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىشى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق ئومۇمىي ئورگانلارنى قۇرۇپ چىقىشى ئىبادەتتۇر. بۇلاردىن قايسى بىرى ئۆزى ياخشى بىلىدىغان كەسپى مەيدانىدىن چىقىپ كەتسە، ئۆزىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى كاتتا ياخشىلىقتىن مەھرۇم قىلىپ قويىدۇ، بەلكى يامان ئاقىۋەتلىك ئېغىر زىيانلارغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر ئەھلى ئىلىمنىڭ غېمى مەسچىت ياسايمىز دەپ ئومۇمنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىلەش بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ كۆرەش قىلىدىغان ھەقىقى مەيداندىكى كۈچى ئازلاپ كېتىدۇ. ھاكىم ئۆزىنىڭ ئاساسلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلماي كېچىك تۈردىكى ياخشىلىق قىلىدىغان ئىشلار بىلەن ياكى نەپلە ئىشلار بىلەن بولۇپ كەتسە، بۇ ھاكىمنىڭ قىلمىشى توغرا بولمايدۇ ۋە مۇسۇلمانلارغا دېگۈدەك پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ… ھەر بىر ئىشنى ئۆز ئورنىدا قويۇش لازىم.
- ئىسلامنىڭ تۈزۈملىرى بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر بىرىنى جانلاندۇرىدۇ. شۇڭا ئىسلامنىڭ قايسى بىر تۈزۈمىدە ئاجىزلىق ياكى نۇقسان كۆرۈلسە، باشقا تۈزۈملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا سەلبىي پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئىسلامنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە تۈرلۈك قىممەت-قاراش قۇرۇلمىلىرى بىر ئۇقۇمنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتىدۇ. دېمەك، ئىسلامنىڭ قايسى بىر پرىنسىپىدىن ۋاز كېچىش ياكى چەتنەپ كېتىش ئىسلامنىڭ كائىنات كۆز قارىشىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆرۈپ تاشلىغانلىق بولىدۇ، بۇنى بىلمەسلىك ئۇنى كۆزگە ئىلماي بىلمەسكە سېلىشقا ياكى تانغانغا ئوخشاشلا بىر ئىش. بىرەر قىسمىدىن ۋاز كېچىش نەزەرىيە سەۋىيىسىدىكى كۆز قاراشنىڭ ئېنىقسىزلىقتۇر، تۇيغۇ سەۋىيىسىدىكى چوڭقۇر تەڭپۇڭلۇقتىكى تۇراقسىزلىقتۇر ۋە ئىش ھەرىكەت ۋە رېئال ھايات سەۋىيىسىدىكى ئىسلام ھايات تۈزۈلمىسىنىڭ داۋالغۇشىدىن ئىبارەت. مەسىلەن:
(1). زاكات ئىسلامنىڭ ئىقتىسادى تۈزۈلمىسىنىڭ بىر قىسمى، بۇ پەرزنى ئادا قىلماسلىق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقى تۈزۈمگە زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زاكات ئۆسۈمسىز قەرز بېرىپ تۇرۇش ۋە ياردەم قىلىشقا ئوخشاش تۈزۈملەرنىڭ پائالىيەت سايىسىدا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالايدۇ، بولمىسا ئىشسىزلىق ۋە بىكار تەلەپلىكنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە ئېلىپ بارىدۇ. زاكات ئىسلام ئىقتىساد تۈزۈمىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىساد تۈزۈلمىسى جانلىق بولمىسا مەقسىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالمايدۇ. دۆلەت ياكى خەلقنىڭ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشى ئىقتىساد ھەرىكىتىنىڭ قىسمەن يوقىلىشىغا، گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئاجىزلىقى، خىزمەت پۇرسىتىنىڭ ئازلىقى ۋە يوقسۇللارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە ئېلىپ بارىدۇ.
دېمەك، زاكات تۈزۈمىنىڭ پائالىيەتچانلىقى دۆلەتنىڭ ھەر بىر كەمبەغەلگە ئىنسانىي ھۆرمىتىنى ساقلىيالىغۇدەك ۋە ئىشلەپچىقىرالايدىغان بىر ۋەزىيەتكە سەۋەب بولالىغۇدەك مىقداردا تۆۋەن دەرىجىدە بولسىمۇ يەتكۈدەك تۇرمۇش يولىنى ھازىرلاپ بېرىشتىن ئىبارەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا قىسمەن باغلىنىدۇ. ئەگەر دۆلەت بۇ مەسىلىدە سۇسلۇق قىلسا ئۇ چاغدا زاكات، سەدىقە، نەزىرە ۋە كاپپارەتكە تەۋە ئىقتىساد ھەل قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە كەمبەغەللەرنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلايدۇ.
(2). ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىن ئىبارەت مۇھىم ئىككى ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بۇ ئىككى ئاساسنىڭ قايسى بىرىدە نۇقسان كۆرۈلسە، يەنە بىرسىنى ئادا قىلىشتا نۇقساننىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە ئېلىپ بارىدۇ. ئائىلىنىڭ ۋەزىپىسى پەرزەنتلەرنى ساغلام ئېتىقاد، توغرا قىممەت-قاراش ۋە ئەدەب-ئەخلاق بىلەن تەربىيىلەشتۇر.جەمئىيەتنىڭ ۋەزىپىسى ئىجابىي قىممەت-قاراشلارنى جانلاندۇرۇش ۋە ئەزالىرىنى ئەخلاقسىزلىق ياكى خاتا ئىستىلدىن ھېمايە قىلىشتا ئەكىس ئېتىدۇ. نەمۇنىلىك تەربىيە قىممەت-قاراش ۋە تۈزۈمگە ئومۇميۈزلۈك ئىشىنىشتە؛ ئائىلە تەربىيسىنىڭ ئىمان ئاساسىدىكى ئىجتىمائىي ئۆلچەم بىلەن بىرلىشىشدە نامايان بولىدۇ. ناۋادا ئائىلە تەربىيىسىدىكى قىممەت-قاراشلار بىلەن تەشۋىقات ۋاستىلىرى ياكى مەكتەپ ياكى جەمئىيەت تارقىتىۋاتقان قىممەت-قاراشلار ئارىسىدا پەرق بار دەپ پەرەز قىلساق، پەرزەنتلەرنىڭ شەخسىيىتى ئىككى تەرەپلىمە قىممەت-قاراشلار ئارىسىدا پارچىلىنىپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا ئائىلە تەربىيىسى كەڭرى جەمئىيەت تەرىپىدىن خەتەرگە ئۇچرايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بالىلار مەكتەپ ياكى جەمئىيەتتە ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى ئۆيدە يوشۇرىدۇ، ئۆيدە ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى مەكتەپ ياكى جەمئىيەتتە يوشۇرىدۇ. نەتىجىدە بالىلارنىڭ شەخسىيىتىدە قوش مىجەزلىك، ھەيرانلىق ۋە روھسىزلىق ئەۋج ئالىدۇ، نەتىجىدە شارائىتنىڭ ئېقىمى تارتىپ كېتىدۇ.
(3). ئىسلامنىڭ تۈزۈملىرى كائىنات نەزىرىيىسى، نىشان ۋە مەقسەتلىرىدە يەككە-يىگانە بولسا، ئىسلامنىڭ خاراكتېرىدىن بەك يات ئامىللارنىڭ كىرىشى ئىچكى مۇقىملىققا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. يات ئامىللار ئىسلامنىڭ روھى ۋە ئاساسلىق تۈزۈملىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ قالسا، تەڭپۇڭلۇقنى ئۆرۈپ تاشلايدۇ. ئىسلام مەدەنىيىتى ئۆزىنىڭ پرىنسىپلىرىغا خىزمەت قىلىدىغان ياكى ئەۋرىشىملىكى پەيدا قىلىدىغان بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان يېڭى نەرسىلەر بولسا قوبۇل قىلىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش ئىنساننىڭ خاراكتېرى، ئەگەر يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتىگە لاياقەتلىك كىشىلەر ئىگە بولمىسا، نادانلار ئىگە بولىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى
- 11.28 كۈنى
مىسىر، قاھىرە شەھىرى.