2024-يىل 12-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىنسانىي ئورتاقلىق چۈشەنچىسى

 ئىنسانىي ئورتاقلىق چۈشەنچىسى

بۇ ماقالىنىڭ باش قىسمى(تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن تۈرلۈك مىللەت قىلىپ ياراتتۇق) دېگەن ئايەت توغرىسىدىكى مۇلاھىزىدۇر.

ئىنسان بۇ كائىناتتا يارىتىلغاندىن تارتىپ قېيىن تۇرمۇش ئىچىدە ياشىماقتا. ئىنساننىڭ ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن جاپا چېكىدىغانلىقى مۇقەررەر مەسىلە. ئىنسان ئەتراپىدىكى ئىنسانلارغا قارىسا بىر بۆلەك نەرسىلەردە ئورتاقلىقىنى يەنە بىر بۆلەك نەرسىلەردە پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئىنسانلار ياشىغان مۇھىت تۈرلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد، ئىستىل ۋە ئادەتلىرىدە پەرقلىق بولىشى نورمال قانۇنىيەت.

ئىنسان ئىقتىدار ۋە ئىمكانىيىتىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىگە قارىتا بەزى ئىشلارنى ماھارىتى ئارقىلىق قىلالىسا يەنە بەزى ئىشلاردا قىينىلىدۇ. دېمەك، ئىنسان ھەر قانچە كۈچىيىپ كەتسىمۇ ۋە زېرەكلىكى يۇقىرى پەللىگە يەتسىمۇ يەنىلا قېرىندىشى ئىنسانغا مۇھتاج بولىدىغان يېتەرسىزلىكى بار ئىنساندۇر.

دۇنياغا نەزەر تاشلىغان ئىنسان ئاللاھنىڭ بايلىقلارنى دۇنيانىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، پۈتۈن بايلىقنىڭ بىر رايوندىن تېپىلمايدىغان- لىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. نەتىجىدە ئىنساننىڭ بىر بىرىگە قارىتا ئالاقىسى ئىككى مېتودقا ئايرىلغان:

بىرىنچى: ھەر تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تونۇشۇش ۋە ھەمكارلىشىش مېتودى.

ئىككىنچىسى: شەخسى مەنپەئەتنى باشقىلارنىڭ زىيىنى ئۈستىگە رېئاللىققا ئاشۇرۇش ئۈچۈن توقۇنۇش مېتودى.

ھەمكارلىشىش مېتودى نۇرغۇن ياخشىلىقلارغا باشلاپ بارغان ۋە كۆپ مىللەتلەرگە پايدا ئېلىپ كەلگەن. توقۇنۇش مېتودى چوڭ ئۇرۇشلار ۋە ئاخىرى يوق كىرزىسلارغا باشلاپ ماڭغان.

 (1)

ئىنسان ئىجتىمائىي مەخلۇق

 

ئىنسان كۈچ ۋە ئەقىلگە مۇھتاج بولىدىغان مۇھىتتا ھايات كەچۈرمەكتە. ئىنسان ئىجتىمائىي مەخلۇق بولۇپ، ئائىلىگە تايانماي تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدۇ. ئائىلە ھاياتى ئىنسان زېمىندا پەيدا بولغاندىن تارتىپ بار ئىش ئىدى. ھايۋانات ۋە ھاشارەت دۇنياسىغا قارىساقمۇ جەمئىيەت شەكلىدە ياشاپ كەلگەن.

ئىنسانىي بىلىم مەرىپەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى،ئىنساننىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەتكە يېتەلىشى تونۇشۇش ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا قولغا كەلگەن ئورتاق ئىنسانىي مەنپەئەتنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىدە بىردەك كۆز قاراشتا. جەمئىيەتشۇناس ئىبنى خەلدۇن:«ئىنسان ھەمكارلىق ئارقىلىق يەيدىغان غىزاغا، مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن قورالغا ئېرىشەلىدى، مۇشۇ ئارقىلىق ئىنسان تۈرى ساقلىنىپ كەلدى. دېمەك، ئىنسانىي ئورتاقلىق ئىنسان تۈرىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر. ئۇنداق بولمىغاندا ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى مۇكەممەل بولمايدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ ئىرادە قىلغان دۇنيانى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت مەقسەتمۇ ھەل بولمايدۇ» دېگەن. شۇڭا ئىنسان  باشقىلار بىلەن تونۇشۇش ۋە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئورتاق مەنپەئەتنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش ھەققىدە ئىزدەنگەن.

 

(2)

ئورتاق مەنپەئەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تونۇشۇش

دەسلەپكى ئىنسانلار دەۋرىدىن تارتىپ ئەقىللىق ئىنسانلار نەزىرىدە تونۇشۇش ۋە چىقىشىپ ياشاش جىددى ئىنسانىي زۆرۈرىيەتكە ئايلانغان. ئورتاق مەنپەئەت تۈرلۈك خەلقلەرنىڭ تونۇشۇش ۋە ھەمكارلىشىشىغا سەۋەب بولغان.

قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان «تونۇشۇش، چىقىشىپ ياشاش» سۆزى ئىجتىمائىي ئاتالغۇدىكى «ئىجتىمائىي ئالاقە» دېگەن سۆزگە مەنىداش كېلىدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقە بىر قانچە كىشى ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ نەمۇنىسى. ئىجتىمائىي تەسىر كۆرسىتىش ئورتاق مەنپەئەتتە ئۇچرىشىشنىڭ دەلىلى، مەنپەئەت پرىنسىپى بولسا ئىنسان تەبىئىتى بىلەن تونۇيدىغان ۋە ئەقلى بىلەن مۇقەررەرلەشتۈرىدىغان پرىنسىپتۇر. ئىنسانلارنىڭ مۇشۇ مەنپەئەتىنى دەپ ئاللاھ پەيغەمبەرلەنى ئەۋەتكەن، كىتابلارنى چۈشۈرگەن ۋە شەرىئەتلەرنى يولغا قويغان.

ساماۋى شەرىئەتلەرنىڭ ھەممىسى«دىن، جان، ئەقىل، ئابروي ۋە مال-مۈلۈك» نى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ۋە بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈرىيەت دەپ قارىغان. «ئىمام شاتىبىى»دېگەندەك شەرىئەتلەردىن سىرت تۈرلۈك مىللەتلەرمۇ بۇ بەش تۈرلۈك مەسىلىنىڭ زۆرۈرلىكىدە بىردەك قاراشتا. شۇنىڭ ئۈچۈن قايسى بىر نەرسە مۇشۇ بەش تۈرلۈك ئاساسنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، ئۇ مەنپەئەتلىك نەرسە دەپ قارىلىدۇ. قايسى بىر نەرسە مۇشۇ بەش تۈرلۈك ئاساسلارغا زىيان يەتكۈزسە زىيانلىق نەرسىلەر دەپ قارىلىدۇ.

شەرىئەتنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرى «ئومۇمى ئىنسانىي ئورتاقچىلىق»تىن ئىبارەت. ئىنسان ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدۇ. ئەخلاق، ھۆرمەت، ئەركىنلىك، بىلىم-مەرىپەت ۋە خىزمەت قىلىشمۇ شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.

شۇنداقلا شەرىئەت «ئىنساننىڭ خۇسۇسىي ئورتاقچىلىقى»دا كۆرۈنىدىغان كىملىكى، زېمىنى، مىللىتى، تىلى ۋە شەرىئەتكە زىت كەلمەيدىغان ئۆرپ- ئادەتلىرىنىمۇ قوغداش ئۈچۈن كەلگەن.

بۇ مەزمۇن ئاللاھنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى:«بىز سېنى پۈتۈن ئىنسانىيەت ۋە جاھانغا پەقەتلا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق»(ئەنبىيا سۈرىسى، 107-ئايەت)دېگەن سۆزىدە تېخىمۇ روشەن كۆرۈنىدۇ.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى«ئى ئىنسانلار، مەن ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەتكە ھەدىيە قىلغان رەھمىتى» دەپ تونۇشتۇرغان(ھاكىم رىۋايەت قىلغان).

قۇرئان كەرىم مەنپەئەت ۋە پايدىلىق ئىشلاردا ھەمكارلىشىشقا بۇيرۇپ: «ياخشىلىق ۋە تەقۋالىق بار ئىشلاردا ھەمكارلىشىڭلار» (مائىدە سۈرىسى، 2-ئايەت) دېگەن. تەپسىرشۇناس قۇرتىبى بۇ ئايەت توغرىسىدا: بۇ بارلىق خەلقلەرنى ياخشىلىق ۋە تەقۋالىق بولىدىغان ئىشلاردا ھەمكارلىشىشقا چىقىرىلغان بۇيرۇقتۇر، دېگەن. دېمەك، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەمكارلىشىش ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى. شۇڭا ئۆز-ئارا تونۇشۇش ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئورتاق مەنپەئەت ئاساسلىرىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىدىغان ئىلاھىي پرىنسىپتۇر.

ئىنسانىيەتنىڭ رەھىمدىل ۋە مېھرىبان پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھسسالام: «كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى كىشىلەرگە مەنپەئەت ۋە پايدا يەتكۈزدىغان كىشى» دېگەنىدى (ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

ئىسلام فىقھىسى(قانۇنشۇناسلىقى)غا قارايدىغان بولساق ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە رېئايە قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان. مەنپەئەت سەۋەبىدىن پەتىۋانى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.

«ئىمام ئىبنى قەييۇم»ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مەنپەئەت پەلسەپىسىنى چۈشەندۈرۈپ:»شەرىئەتنىڭ ئاساسى ۋە قۇرۇلمىسى ھېكمەت ئۈستىگە ۋە بەندىلەرنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى مەنپەئەتى ئۈستىگە قۇرۇلغان. شەرىئەتنىڭ ھەممىسى ئادالەت، ھەممىسى رەھمەت، ھەممىسى مەنپەئەت، ھەممىسى ھېكمەتتۇر. قايسى بىر مەسىلە ئادالەتتىن زۇلۇمغا، رەھىمدىللىكتىن رەھىمسىزلىككە، مەنپەئەتتىن زىيان سېلىشقا، ھېكمەتتىن ئەھمىيەتسىزلىككە چىقىپ كەتسە، ئۇ ئىش شەرىئەتنىڭ قاتارىدىن ئەمەس»دېگەن.

ئىجتىمائىي پەلسەپىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانلار ئارىسىدا مەنپەئەتنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش قائىدىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئەلۋەتتە شەخسىيەتچىلىككە مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتكە سەل قارايدىغان»پراگماتىزم، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ۋە ئىلمانىزىم» نەزەرىيەلىرىنىڭ سۆزىمىز بىلەن ئالاقىسى يوق.

بىز توختىلىۋاتقان مەنپەئەت كەڭرى ئىنسانىي مەنىسىدىكى مەنپەئەت بولۇپ، چوڭقۇرىدا ھەممەيلەنگە قارىتا مەنپەئەتنى رېئاللىققا ئاشۇرۇپ بېرىدىغان تونۇشۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.ھېچ بولمىغاندا باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش ئاساسىدا قۇلغا كېلىدىغان مەنپەئەتنى مەقسەت قىلمايدۇ. ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان شەخسىيەتچىلىك تۈسىنى ئالغان مەنپەئەتتىن ئىجتىمائىي مەنپەئەت تامامەن پەرقلىق.

مۇشۇ نۇقتىغا كەلگەندە «دىن ۋە ئەخلاق پەلسەپىلىرى»توقۇنۇشقا ئېلىپ بارىدىغان شەخسى مەنپەئەتنى نەزەرىيەلەشتۈرىدىغان «پراگماتىزىم پەلسەپىلىرى» دىن ئېنىق پەرقلىق تۇرىدۇ. دىن ۋە ئەخلاق پەلسەپىلىرى ئىنساننىڭ نەپسىنى پاكلاشقا ۋە شەخسىيەتچىلىك تۇيغۇلىرىنى تىزگىنلەشكە مەركەزلىشىدۇ.

ئىسلام پەلسەپىسىدە بۇ مەسىلە ناھايىتى روشەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىسلام دىنى:«باشقىلارغا زىيان سېلىشقا بولمايدۇ، زىياننى قوبۇل قىلىشقىمۇ بولمايدۇ» دېگەن.(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).

يەنى ئىنسان ئۆزىنى زىيانلىق ۋە ھالاكەتكە سەۋەب بولىدىغان ئورۇنلاردىن يىراق تۇتۇشىدىن ئۆزى مەسئۇل. شۇنداقلا باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ سالىدىغان ئىشلاردىن مەسئۇلدۇر. چۈنكى شەرىئەت مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈستىگە قۇرۇلغان.

بىر ئادەم ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ باشقىلارغا زىيان سالسا بولمايدۇ، شۇنداقلا ئۆزىگە مەنپەئەت بولمىغان تەقدىردىمۇ باشقىلارغا زىيان سېلىشى يەنىلا چەكلىنىدۇ.

 

 (3)

ئىنسانىي ئورتاقلىق نەزەرىيىسى

 

ئىنسان بىلىمىگەن نەرسىنىڭ دۈشمىنى دېگەن سۆز بار، ئىنسان بىر نەرسىنى بىلمىسە ھېس قىلماي دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىدە بولىشى مۇمكىن. دېمەك، خەلقلەر ئارىسىدا تونۇشۇش ئازلاپ كەتسە، ئۇرۇش ئوتى كۈچىيىپ كېتىدۇ. تونۇشۇش ئەھۋالى ئاشقانسېرى توقۇنۇش ھالەتلىرى ئازلايدۇ.

ئىنسانلار ئارىسىدا تونۇشۇش ۋە چىقىشىپ ياشاش ئىمكانىيىتى كۈچلۈك مەسىلە. چۈنكى ساماۋى شەرىئەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز-ئارا تونۇشۇش، ھەمكارلىشىش ۋە چىقىشىپ ياشاشقا بۇيرۇغان. شۇڭا ئالىملار تونۇشۇش ۋە ھەمكارلىشىشقا ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتىلەر ھەققىدە ئىزدىنىشى لازىم. يەنى توقۇنۇشنى ھەل قىلىدىغان دورا بار، بۇ دورا ئىزدىنىشكە مۇھتاج.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام:«ئاللاھ بىر كېسەلنى چۈشۈرگەن بولسا، ئۇنىڭ دورىسىنىمۇ چۈشۈرگەن، بىلگەنلەر بىلدى، بىلمىگەنلەر بىلمىدى»دېگەنىدى (ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). دېمەك، كېسەلنىڭ دورىسى بار، مەسىلە ئۇنى بىلمەسلىكتە. دورىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئىزدىنىش، تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش لازىم.

ئىنسانلار دورىنى بىلسىمۇ شەخسىيەتچىلىك، ماددى مەنپەئەت ۋە ئۆزىنى ياخشى كۆرۈش تۇيغۇسى سەۋەبىدىن دورىنى ئىستىمال قىلىشتىن باش تارتىدۇ. بۇ مەسىلە ئىنسانىيەتنى نۇرغۇن قاننىڭ تۆكۈلۈشى ۋە ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.

ھاكىملار خەلقلەرنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى، زالىم ھاكىم قورقۇنچاق خەلقتىن باشقىسىغا ھاكىملىق قىلالمايدۇ. رەسۇلۇللاھ:«سىلەر قانداق بولساڭلار، سىلەرگە لايىق ئادەم ھاكىم بولىدۇ»دېگەن ئىدى. (بەيھەقى رىۋايەت قىلغان).

قۇرئان كەرىممۇ بۇ مەزمۇننى قوللىماقتا:«پىرئەۋن قەۋمىنى كۆز ئىلمىدى، كۆزگە ئىلمىسىمۇ قەۋمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىۋەردى، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى» (زۇخرۇف سۈرىسى، 54- ئايەت). دېمەك، پاسىقلىق ئىنساننى دۆتلەشتۈرىدۇ.

 

(4)

ئەڭ يۇقىرى ئورتاقلىق بىرلەشمىسى

 

ئىنساننى باشقا مەخلۇقلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ۋە مۇئەييەن سالاھىيەت بېرىدىغان نەرسە ئەقىدە. «ئەقىدە» زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىدىن ھالقىيالايدۇ. بىر ئەقىدە ئەۋلادلىرى مىڭ يىل ئىلگىرى ياشىغان ئەقىدە ئەۋلادلىرى بىلەن قېرىنداشلىق تۇيغۇسىدا بولىدۇ. تۈرلۈك مىللەت، يىراق مەملىكەت ۋە ئوخشىمايدىغان ئىقتىسادى مۇھىتتا ياشايدىغان ئەقىدە ئەۋلادلىرىغا ئەزا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ ئەڭ مۇقەددەس ئالاقە بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان باشقا ئالاقە تېپىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئەقىدىسى ئۈچۈن ھەر قانداق نەرسىسىنى ئايىمايدۇ.

ھەر قانداق ئىنساندا ھەر قانداق ئەھۋالدا ئەقىدە بولىدۇ. ياراتقۇچى ئاللاھنى ئىنكار قىلىدىغان ئاتېئىزىمچىلارنىڭ ئۆزلىرى مۇقەددەس بىلىدىغان تەسەۋۋۇرلىرى ۋە پەلسەپىلىرى بار. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەقتە، باشقىلارنى خاتا يولدا دەپ قاراپ بەك مۇتەئەسسىپ كېلىدۇ. دېمەك، ھەر قانداق ئىنسان (گەرچە ئەقىدىسى دىنسىز ۋە ئاتېئىست بولسىمۇ) ئەقىدە ۋە دىندىن خالى ئەمەس.

ستاتىستىكا مەلۇماتىغا قارىغاندا ئىسلام دىنى، خرىستىيان دىنى ۋە يەھۇدى دىنىدىن ئىبارەت ساماۋى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئىنسانلار يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ 54% دىن ئاشىدۇ. ئۇلار بەزى ئىشلاردا ئورتاق. ساماۋى ئۈچ دىن ئومۇمىسىنى قىلىپ ئېيتقاندا: ئىلاھنىڭ بارلىقى، مەخلۇقنىڭ يارتىلىشى، پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىينىڭ كېلىشى، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش،ئىبادەتلەر ۋە گۈزەل ئەخلاقلارغا چاقىرىشتا ئورتاق.

شۇنداقلا ئىنسانلار پەيدا قىلىۋالغان دىنلار مەۋجۇد بولۇپ، ئۇلار يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ 30 % نى تەمسىل قىلىدۇ. ھىندى دىنىدىكىلەر، بۇددىستلار… دېگەنگە ئوخشاش.

ئۈچىنچى تۈركۈمدە ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان ئاتېئىزىمچىلار بار بولۇپ، بۇلار يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ 16% نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلار يېقىنقى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىنورمال ئېقىمنى تەمسىل قىلىدۇ.

ساماۋى ياكى ئىنسانلار ئۆزلىرى پەيدا قىلىۋالغان دىن ئىگىلىرى ئەقىدىسىنى ئۆزگەرتىشنى رەت قىلىدۇ. چۈنكى ھەممىسى دىنلىرىنى ئاللاھ تەرەپتىن دەپ قارىشىدۇ. شۇڭا دىنلارنى بىرلەشتۈرگىلى بولمايدۇ، ياكى ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە دىننى پۈتۈن رەت قىلىدىغان ئاتېئىزىمچىلار بىلەن يېرىم يولدا ئۇچراشقىلىمۇ بولمايدۇ.

ساماۋى دىن ئىگىلىرى ئاتېئىزىمچىلارنىڭ پرىنسىپلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ئاتېئىزىمچىلار دىن ئىگىلىرىنى خىيال ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، دەپ قارايدۇ. دېمەك، يېرىم يولدا ئۇچرىشىش مۇمكىن ئەمەس.

بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسى شۇكى، بېسىم قىلىش ۋە زورلاش بىر ئىنساننىڭ ئەقىدىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، بەلكى ۋەيرانچىلىققا باشلاپ بارىدۇ. شۇڭا ئاللاھ قۇرئاندا:«دىندا زورلاشقا بولمايدۇ»دەپ(بەقەر سۈرىسى،256-ئايەت) بۇ مەسىلىنى كېسىپ بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن.

يەنە:«خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن، ئىختىيارى» دېگەن(كەھف سۈرىسى،29-ئايەت).

بېسىم ئاستىدا بىرەر ئەقىدىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىنسان، ئۆزىنىڭ ئەقىدىسىدىن يانمايدۇ.

بۇ مەسىلىنى ئەڭ توغرا يولدا ھەل قىلىشنىڭ يولى قۇرئان كەرىمنىڭ چوڭقۇر كۆرسەتمىسىگە ئېسىلىش ئارقىلىق ھەل بولىدۇ. قۇرئان كەرىم «كاپىرۇن» سۈرىسسىدە ئېنىق قىلىپ، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئېتىقادىدا تۇرىمەن، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلار ئىبادەت قىلغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلساڭلار ئىختىيارىڭلار. مېنىڭ دىنىم ئۆزۈم ئۈچۈن، سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن دېگەن.

بۇ سۈرە بىزگە ھەر زامان ئەقىدە توغرىسىدا ھايات مېتودىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مۇسۇلمان بۇ سۈرە ئارقىلىق مەن باشقىلاردىن ئەقىدە جەھەتتە پەرقلىق، ئەقىدەم بىلەن پەخىرلىنىمەن. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە باشقىلارنىڭ ئەقىدىسىنى ھۆرمەتلەيمەن، دەپ ئېلان قىلىدۇ.

دىنغا زورلاش ياكى دىنسىز قىلىشقا ئۇرۇنۇش ياكى ئەقىدىسىنى ئۆزگەرتىشكە قىستاش ئىسلامنىڭ مېتودى ئەمەس، دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئىسلامنىڭ ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلغان ئەڭ چوڭ شان-شەرىپىدىن ئىبارەت.

بۇ دېگەنلىك باشقىلارغا ساغلام ئەقىدىنى تونۇشتۇرۇشتىن سۇكۇت قىلىپ جىم تۇرىمەن، دېگەنلىك ئەمەس. دىننى باشقىلارغا چىرايلىق سۆھبەت، ئىلمىي يول ۋە قانائەتلىنەرلىك ئۇسۇل بىلەن يەتكۈزۈش ۋە دەۋەت قىلىش پەرز ئىشنىڭ قاتارىدىن.

ئەقىدىدە زورلاش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ قالسا دەھشەتلىك قانلىق ئۇرۇشقا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى ئىنسان ئەقىدە يولىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ ۋە ئۇنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ. دېمەك، ئەقىدىگە چەكلىمە قويۇش ياكى دىنسىزلاشتۇرۇش ياكى ئەقىدىدە زورلاش ئەھۋالى ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىللىق ئادەملەر ئەقىدە ئۇرۇشىدىن ساقلىنىشى لازىم، بىر ئادەمنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى ئالماشتۇرۇشقا قىستىماسلىق كېرەك. ئەقىدە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ۋاقتىدا ئۇرۇش باشلىنىپ كېتىدۇ، دىن ۋە ئەقىدە ئامىلى خەلقنى قوزغايدۇ.

قۇرئان كەرىم بۇ توغرىدا«مۇشرىكلارنىڭ خۇدانى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىنى تىللىماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار)ئۇلار بىلمىگەنلىكلىرىدىن ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھنى تىللايدۇ. شۇنىڭدەك بىز ھەر ئۈممەتكە ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان جايى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ(يەنى ياخشىغا مۇكاپات بېرىدۇ، ياماننى جازالايدۇ)»دەيدۇ.(ئەنئام سۈرىسى، 108- ئايەت).

 

(5)

ئومۇمىي ئىنسانىي ئورتاقچىلىق

 

ئومۇمىي ئىنسانىي ئورتاق ئىشلار بارلىق كىشىلەر ئاساسلىق ۋە تارماق ئىشلىرىدا ئورتاقلىشىدىغان ئىشلاردۇر. بۇ ئىشلار تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈر، بۇ ئىشلارغا چېقىلىش توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشقا سۆرەپ بارىدۇ.

ئومۇمىي ئىنسانىي ئورتاق ئىشلار:ئاساسلىق ئېھتىياجلار، ئەقىل، ئەخلاقنىڭ ئاساسلىرى،ئىگىدارچىلىق،ھۆرمەت-شەرەپ، بىلىم-مەرىپەت ۋە خىزمەتتىن ئىبارەت.

1.ئاساسلىق ئېھتىياجلىق ئىشلار:

يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ جاي، ئائىلە، خاتىرجەملىك، كىيىم-كېچەككە ئوخشاش ئىنساننىڭ ماددى ئېھتىياجلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئەگەر بۇ نەرسىلەر تولۇق تېپىلمىسا ئىنساننىڭ ھاياتى خەتەرگە ئۇچرايدۇ. بۇ ئېھتىياجلارنى ھەر قانداق ئەھۋالدا كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، بىرەرسى توسۇپ قالسا ياكى تاجاۋۇز قىلىپ قالسا توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ.

  1. ئەقىل:

ئىنسان ئەقىل ئارقىلىق باشقا مەخلۇقلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، ئەقىل ئارقىلىق قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن مەسئۇل بولىدۇ. ئەقىل بولمىسا مەسئۇلىيەتكە تارتىلمايدۇ. شۇڭا ئەقىلگە تاجاۋۇز قىلىش ماھىيىتىدە ئىنسانغا تاجاۋۇز قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

ئىنسانلار ئومۇمىي ئىنسانىي ئورتاقچىلىقتىكى ئەقىل مەسىلىسىدە ئەقلى ئىشلاردا ھەمكارلاشسا بولىدۇ. ئەقىل مەسىلىسىدە باشقىلارغا چەكلىمە قويۇشقا بولمايدۇ، فىرئەۋىنگە ئوخشاش مېنىڭ دېگىنىم ھېساب دەپ ئۆزىنى دۇنياغا تاڭسا بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ ئەقلىنى چەتكە قېقىش توقۇنۇشقا سەۋەب بولىدۇ. شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئەقلىنى مەسخىرە قىلماسلىق لازىم. باشقىلارنىڭ ئەقلىنى ھۆرمەتلەپ، بەزى بىر مەسىلىلەرنى قويۇپ تۇرۇپ، بارلىق ئىنسانلار ئورتاقلىشالايدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىزدىنىش لازىم.

ئاللاھ ئىنساننى ئەقىل ئارقىلىق باشقا مەخلۇقلاردىن ئالاھىدە قىلدى، ئەقىل ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلغان نېمەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ كاتتا نىمەتتۇر. ئەقىل ئىنسان ئۈچۈن ھاياتنىڭ زىننىتى، ئەقىلسىز ھايات تۈگىمەس ئازابتۇر. ئەقىل ئىنسانغا ھەقىقەت، ياخشىلىق ۋە ھىدايەت يوللىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ، ئىنساننى ئازغۇنلۇق يوللىرىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

ئىسلام دىنىدا ئەقىلنىڭ ئورنى ناھايىتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەقىلنى بۇزۇۋېتىدىغان ۋە ئەقىلگە تاجاۋۇز قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسە ئىسلامدا چەكلەندى.

ئەقىل بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدا ئورتاق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسانلار باشقىلارنىڭ ئەقلىنى ھۆرمەتلىسە، خەلقلەر ئارىسىدا ئالاقىلىشىشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى شەكىللىنىدۇ. مۇسۇلمانلار باشقىلارنىڭ ئەقلىنى ھۆرمەتلەپ كەلدى، ئىسلام ھەزارىتى بېكىنمىچىلىككە چاقىرمىدى، بەلكى باشقا مەدەنىيەتلەرگە دەرۋازىسىنى كەڭرى ئاچتى. ئىسلام پەلسەپىسىدە ھېكمەت ئىنسانىيەتنىڭ مىراسىي. دېمەك، كۆز قاراشلارنى ھۆرمەتلەش ئەقىلنىڭ نەتىجىسى بولسا، كۆز قاراش ئەركىنلىكى ئەقىلنى ھۆرمەتلىگەنلىكتۇر.

ئەقىلنى ھۆرمەتلەش خەلق ۋە ھەزارەتلەر ئارىسىدا تونۇشۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئاشۇرسا، باشقا خەلقلەرنىڭ ئەقلىنى مەسخىرە قىلىش ۋە ئاڭسىز دەپ قاراش توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشنىڭ يولىدۇر. ئەقىلگە چەكلىمە قويۇۋاتقان ۋە ئىپادىلەش ئەركىنلىكىنى توسۇۋاتقان مۇستەبىت تۈزۈملەر مەۋجۇد ئەللەردە توقۇنۇش توختىغان ئەمەس…

 

  1. ئاساسلىق ئەخلاقلار:

راستچىللىق، ئىشەنچىلىك بولۇش ۋە ئادىل بولۇش ئەخلاقنىڭ ئاساسىي سانىلىدۇ. بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئەخلاقتا ھېچقانداق بىر خەلق قارىشى مەيداندا تۇرمايدۇ.

شۇنداقلا يالغانچىلىق، خىيانەت قىلىش ۋە زۇلۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشلار ئەڭ ناچار ئەخلاق ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئىشنىڭ ناچار ئەخلاق ئىكەنلىكىدە ھەممە خەلق بىردەك كۆز قاراشتا.

 

4.ئىگىدارچىلىق:

يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئىگىدارچىلىق قىلىشنى ھۆرمەتلەيدۇ. ھېچ قانداق ئىنسان بۇ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ، بۇ ھوقۇققا بارلىق دىنلار كېپىل بولغان ۋە بارلىق شەرىئەتلەر قوللىغان. پارىسلارنىڭ»مۇزدەك»(487-528م) پەلسەپىسى ۋە «كوممۇنىزم»غا ئوخشاش مەغلۇب بولغانلىقى ئىسپاتلانغان غەلىتە ئېقىملاردىن باشقىلار بۇ تەبىئي ھوقۇقنى ئىنكار قىلمىغان.

دېمەك، باشقىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا تاجاۋۇز قىلىش كەسكىن ھالدا توقۇنۇشقا سۆرەپ بارىدۇ. ھەقىقى تىنچلىق ھەر خەلقنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى، بەلكى ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىگىدارچىلىقىنى ھۆرمەتلەش ئاساسىدا قولغا كېلىدۇ. ئىگىدارچىلىق ئىنسانلار نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ۋاز كەچمەيدىغان ئىنسانىي ئورتاقلىق ھېسابلىنىدۇ.

سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش شەخسى ئىگىدارچىلىقنى بىكار قىلىۋېتىدىغان ۋە ھەممە نەرسىنى دۆلەتنىڭ مۈلكى دەپ قاراپ، ئىنساندىكى ئىگىدارچىلىقنى ياخشى كۆرۈش تۇيغۇسىغا قارىشى تۇرىدىغان سوتسىيالىزم ئېقىملىرىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقى ۋە بۇ ئېقىمنى ساغلام تەبىئىيىتى بار ئادەمنىڭ قوبۇل كۆرمەيدىغانلىقى ئېنىق مەسىلە.

5.ھۆرمەت-ئابروي:

ھۆرمەت-ئابروي بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئورتاقچىلىق بولۇپ، مۇئەييەن تەربىيە ئامىللىرىغا قارىتا بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە يۇقىرى يەنە بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەر ھالدا بۇ ئورتاقچىلىق بارلىق ئىنسانلاردا تېپىلىدۇ. قۇرئان كەرىم ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ بۇ ھوقۇقىنى بايان قىلىپ:«بىز ئىنسان ئەۋلادلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق» دېگەن (ئىسرا سۈرىسى، 70-ئايەت). بۇ ئايەتنىڭ روھىغا ئاساسەن دىنى، رەڭگى، مىللىتى، ۋەتىنى ياكى ياشىغان زامانىي قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر ھەممە ئىنسانلار ھۆرمەتكە ئىگە.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كاپىر ئەسىرنى ھۆرمەتلىگەن ۋە ئىنسانلىقىنى قەدىرلىگەن. كاپىر ئەسىر توغرىسىدا:»ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار» دەپ سۆھبەت، تونۇشۇش ۋە ھەمكەرلىققا يول ئاچقان.

قايسى بىر ئىنساننىڭ ھۆرمىتى دەپسەندە قىلىنسا ئۇنى ھېچكىم توغرا تاپمايدۇ. ئابروينىڭ تۆكۈلۈشى ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشنىڭ سىگنالى. ئابروينى قوغداش ئۈچۈن خەلقلەر قۇربان بولۇپ كېتىشكە رازى بولىدۇ.

ئابروي مەسىلىسى ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى، ئۇ بەزى ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە ئاساسلىق ئېھتىياج بولغان يېمەك-ئىچمەكتىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. خار ھايات ئەمەلىيەتتە ھايات ھېسابلانمايدۇ. قايسى بىر ئادەم بۇ ئورتاقچىلىققا ئېتىبار نەزىرى بىلەن قارىمىسا، توقۇنۇش ۋە ئۇرۇش ئىزدەپ يۈرگەن ئىنساندۇر.

ئىنساننىڭ ھۆرمىتى مەۋجۇتلۇقىنىڭ سىرى، ھاياتىنىڭ سىرىدۇر، ئىنساننىڭ ھۆرمىتى ھاياتىدۇر. ئىنسان ھۆرمىتىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ھىمايە قىلىشتۇر. ئىنسانىي ھۆرمەت ئەركىنلىك، ئامانلىق، ئادالەت ۋە باراۋەرلىكتۇر. ھۆرمەت ئىنسان ھوقۇقىنىڭ مەنبەسى، ئەركىنلىك ئىنسانىي ھۆرمەتنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، باراۋەرلىك ئادالەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى. ئىنساننىڭ ھۆرمىتى تەبىئي ھوقۇقىي، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ھۆرمەتكە ئېرىشىشتە باراۋەر، ھۆرمەت تېپىلماي تۇرۇپ مەدەنىيەت مەۋجۇت بولمايدۇ.

ئىسلام تەلىماتى ئىنساننىڭ-رەڭگى، تىلى ۋە مىللىتى قانداق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر-ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئىسلامدا ئارتۇقچىلىق پەقەتلا تەقۋالىققا باغلانغان.

6.ئەركىنلىك:

ئەركىنلىك ھەر قانداق ئىنساندىكى تەبىئي تۇيغۇ. ھەر قانداق بىر ئىنسان ئەركىنلىكنى قەدىرلەيدۇ، ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۆرەش قىلغان خەلقلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەركىنلىك ئەسلى ئىنسانىي تەلەپ، مۇشۇ ئاساستا ھەمكارلىشىش مۇمكىن.

دىنلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنى مەھكۇملۇقتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن كەلگەن. دىنسىزلارمۇ مەھكۇملۇقنى مۇداپىئە قىلالمايدۇ. ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىغان ئىنسان ئەركىنلىككە ئېرىشكۈچە كۆرەش قىلىدۇ. شۇڭا بوزەك قىلىش ۋە زۇلۇم قىلىش ئاساسىغا قۇرۇلغان ئالاقە ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ ۋە دۈشمەنلىك ئوتىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدۇ.

ئىسلام دىنى قۇللۇقنى ئۆلۈم، ئەركىنلىكنى ھاياتلىق دەپ قارايدۇ. ئىسلام دىنى توغرا يولغا باشلىغاندا ئازاد قىلغان بولىدۇ. توغرا يول ھەقىقى ھاياتنىڭ ئۇقۇمىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. شۇڭا بىر ئىنساندىن ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىنى تارتىۋالغان كىشى بىرىنچى قىلىپ ئىنساندىن ئىنسانلىقىنى تارتىۋالغان بولىدۇ. ئىسلام دىنى بارلىق كىشىلەرنىڭ دىنى، سىياسى، ئىجتىمائىي، پىكىر ۋە ئىپادىلەش ئەركىنلىكىنى قوغداپ كەلمەكتە.

  1. بىلىم- مەرىپەت:

بىلىم مەرىپەتنى يوقاتقان ئىنسان ھۆرمىتىنى يوقىتىدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرىشتىلەردىن ئۈستۈن بولىشىنىڭ سەۋەبى بىلىم-مەرىپەت ئىدى. بىلىم-مەرىپەت سەۋەبىدىن ئىنساننىڭ قەدرى-قىممىتى ئاشقان. نادان ۋە بىلىمسىز ئادەملەرنىڭ قىممىتى بولمايدۇ.

مېدىتسىنا، ئىنژېنېرلىق، ئاسترونومىيە، خېمىيە، سانائەت، تىجارەت، يېزا- ئىگىلىك…دېگەنگە ئوخشاش بارلىق ئىنسانلار ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان بىلىم-مەرىپەت ئومۇمىي بىلىم-مەرىپەت بولۇپ ئىنسانىيەتنىڭ مىراسىي ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىلىم-مەرىپەتلەر زامان، ماكان، شارائىت، تۇرمۇش ۋە ئىقتىسادقا قاراپ تەرەققى قىلىدۇ. بۇ بىلىم-مەرىپەتلەرنىڭ مۇئەييەن ۋەتىنى يوق. بۇ تۈردىكى بىلىم-مەىپەتلەر خەلقلەر ئارىسىدا ئالاقىلىشش ۋە تونۇشۇش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت. قايسى بىر مىللەت بولسۇن، بىرەر ساھەدە بولسىمۇ ئۇتۇق قازانغا بولىدۇ. خەلقلەرنىڭ بىلىم- مەرىپەت ئەھۋالى بىر خىل تۇرۇۋەرمەيدۇ، بىر خەلق دائىم ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ تۇرالمايدۇ. زامان ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

بىرەر مىللەتنى قەستەن بىلىم-مەرىپەتتىن مەھرۇم قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش شىددەتلىك ئۇرۇش سىگنالىنى چالدۇرىدۇ، چۈنكى بىلىم-مەرىپەت مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدۇ، بىلىم- مەرىپەتتىن مەھرۇم قېلىش ۋەيران بولغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. ھېچقانداق بىر خەلق بىلىمسىز ھالەتتە قېلىشقا رازى بولمايدۇ.

ئەقىدە، دىن بىلىمى، قانۇن-ھوقۇق ۋە ئۆرپ ئادەت ئومۇمىي ئورتاقچىلىق تەۋەسىگە كىرمەيدۇ.

 

  1. خىزمەت قىلىش ھوقۇقى:

خىزمەت قىلىش ھوقۇقىمۇ ھەر بىر ئىنساندىكى تەبىئي تۇيغۇ. ھەر بىر ئىنسان ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى لازىم. ئاساسلىق ئېھتىياجلىرى بىلەن چەكلىنىپ قالماي ھاياتىنى تېخىمۇ باياشات ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. خىزمەت قىلمايدىغانلارغا نىسبەتەن ھايات ھېچ نەرسە ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ.

خىزمەت قىلىشىنىڭمۇ ۋەتىنى يوق، بىلىم-مەرىپەت ۋە خىزمەت قىلىش بىرەر دۆلەتنىڭ چېگرىسىغا باغلىنىپ قالمايدۇ. بۇ ئىككى سەۋەب كۆپىنچە بىر ۋەتەندىن يەنە بىر ۋەتەنگە سەپەر قىلىشنىڭ مەشھۇر سەۋەبىدۇر. بىلىم-مەرىپەت ياكى خىزمەت ئۈچۈن چەتئەللەرگە سەپەر قىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىي ھوقۇقى.

زاۋۇت، تېرىلغۇ زېمىن ۋە خىزمەت پۇرسىتى كۆپ خەلقلەر نېمىدېگەن كۆپ!، شۇنداقلا خىزمەت پۇرسىتىنى ئىزدەپ يۈرگەن خەلقلەرمۇ نېمىدېگەن كۆپ ھە!. ئەگەر خەلقلەر ئۆز-ئارا ھەمكارلاشسا دۇنياۋى ھەمكارلىق ئۇيۇشمىلىرى شەكىللىنىدۇ. ئىشسىزلىق قايسى ئورۇندا بولمىسۇن توقۇنۇش پەيدا قىلىشنىڭ سەۋەبىدۇر.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 8 تۈرلۈك ئومۇمىي ئىنسانىي ئورتاقلىقنى ھۆرمەتلىمەيدىغان بىرەر ئىنسان تېپىلمىسا كېرەك. مۇشۇ ئورتاقلىققا تاجاۋۇز قىلىش توقۇنۇشقا يول ئېچىپ بېرىدۇ.

مۇشۇ سەككىز تۈرلۈك ئورتاقچىلىق ئىنساندىكى تەبىئي مەسىلە. بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئىنسان داۋالاشقا مۇھتاج كېسەل ئىنسان سانىلىدۇ.

 

 

*******************************

 

 (6)

خۇسۇسىي ئىنسانىي ئورتاقچىلىق

 

1.مەدەنىيەت:مەدەنىيەت ئىنساننىڭ ئىستىلى ۋە ھاياتتىكى مېتودىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان پىكىردىن ئىبارەت. مەدەنىيەت ئەقىلنىڭ نەتىجىسى. مەدەنىيەت ھەممە خەلقلەر تەرىپىدىن ھۆرمەتكە ئىگە. چۈنكى ئۇ يۇقىرى ئىنسانىي ئەمگەكتۇر.

مەدەنىيەت ئەقلى ئەمگەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ دائىرىسى ئەقىلنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشاش كەڭرى. ئەقىلنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسى ۋە ئەخلاق ساھەلىرىنىڭ ھەر بىر ساھەسىدە كۆز قارىشى بولىدۇ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ جەمئىيەتتە مۇئەييەن ئىستىل شەكىللىنىدۇ.

ئىدىيە كۆز-قاراش جەھەتتىن تونۇشۇش ئالاقە ئورنىتىش سەۋەبلىرىنىڭ كۈچلۈكى ھېسابلىنىدۇ.

  1. زېمىن: زېمىن بىر بۆلەك ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى توپلىشىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بىر زېمىندا ياشايدىغان ئىنسانلار شۇ زېمىننىڭ ۋەتەنداشلىرى بولۇپ، زېمىنىنى سۆيىدۇ ۋە مۇداپىئە قىلىدۇ.

3.مىللەت:بىر مىللەت ئەزالىرى ئارىسىدا توپلىشىش ئەڭ قەدىمى ئورتاقلىقنىڭ بىرى سانىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك مىللەت ۋە تۈرلۈك تىلدا يارىتىلغانلىقى ئاللاھنىڭ قۇدرەت كامالىتىنىڭ بەلگىسى قاتارىدىن سانىلىدۇ.

  1. ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى ئورتاق تارىخ: ئورتاق تارىخقا ئىگە ئىككى خەلق ئارىسىدىكى ئالاقە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك. ئورتاق تارىخنى توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى ئەمەس، ئىنسانىي ئورتاقلىقنىڭ قاتارىدىن قىلىش مۇمكىن.
  2. تىل: ئانا تىل ھاياتلىق، مەرىپەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسى. بىر بۆلەك ئىنسانلار ئادەتتە مۇئەييەن بىر تىلغا بىرلىككە كېلىدۇ، تىل تونۇشۇش ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ سەۋەبى بولالايدۇ. مىللەت قانچە كۈچلۈك بولسا تىلى شۇنچە كەڭرى تارقىلىدۇ. باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ باشقىلار بىلەن تونۇشۇشتا مۇھىم رولى بار. لېكىن باشقىلارغا ئۆزىنىڭ تىلىنى مەجبۇرلاپ ئۆگىتىشكە بولمايدۇ. زورلاش توقۇنۇش ۋە يامان كۆرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  3. ئۆرپ-ئادەت: بىر خەلق ئارىسىدىكى ئۆرپ-ئادەت كۈچلۈك ئالاقىلەرنىڭ بىرى. شۇنداقلا مۇشۇ ئۆرپ-ئادەتتە ئىتتىپاقلاشقان بىر قانچە خەلق ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك ئالاقىنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.

بىرەر خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى مەسخىرە قىلىشنىڭ توقۇنۇشقا باشلاپ بارىدىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. چۈنكى ئۆرپ-ئادەتلەر ئاتا-بوۋىلارنىڭ مىراسىي، مىللەتنىڭ مىراسىي.

  1. قانۇن: قانۇنمۇ ئىنسانىي ئورتاقلىقنىڭ قاتارىدىن، چۈنكى ھېچقانداق بىر خەلق قانۇنسىز ياشىيالمايدۇ. ھەر بىر خەلقنىڭ ئۆزى ھۆرمەتلەيدىغان قانۇنى بولىدۇ. قانۇن ھەر بىر دۆلەتنىڭ جېنى ۋە روھى سانىلىدۇ. قانۇنىغا چېقىلىش ھۆرمىتىگە چېقىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

بىر دۆلەتنىڭ قانۇنى بىلەن يەنە بىر دۆلەتنىڭ قانۇنىدا ئوخشاشلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە تونۇشۇش ۋە يېقىنلىشىش ئەھۋالى شەكىللىنىشى مۇمكىن. بۈگۈنكى دۇنياغا قارىساق بەزى بىر مەيدانلاردا ئورتاقلىق ئەھۋاللىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. دېمەك، دۇنيا قانۇنلىرى ئارىسىدا يېقىنلىشىش دائىرىسى تېپىلىدۇ. ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلىدىغان قانۇنلارنى يېقىنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

8.پەزىلەتلىك ئەخلاق: پەزىلەتلىك ئەخلاقلار ھاياتنى گۈزەللەشتۈرىدۇ، ئىنسانىيەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. مەسىلەن، ئەپۇچانلىق، ئىرادىلىك بولۇش، مۇلايىم بولۇش، سېخىلىق، ئۆتۈنۈش، سەۋرچانلىق، قەيسەرلىك، ئادىمىگەرچىلىك، خۇش پېئىللىق، ۋاپادارلىق، پاكىزلىك، تىنچلىق..قا ئوخشاش گۈزەل ئەخلاقلار ئىنسانلاردىكى ئالاھىدە تەرەپلەرنى نامايان قىلىدۇ.

يۇقىرىقى ئەخلاقلارنىڭ ھەممىسىدە ياكى بەزىسىدە بەزى خەلقلەر بىلەن يېقىنلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش مۇمكىن.

يۇقىرىقى سەككىز تۈرلۈك ئىنسانىي ئورتاقلىق دۇنيادىكى كۆپ خەلقلەرنى بىر بىرىگە باغلىيالايدۇ. كېيىنكى سەككىز تۈرلۈك خۇسۇسىي خۇسۇسىيەتلەر ھۆرمەتلەنمىسە توقۇنۇشقا سەۋەب بولىدۇ. بۇ خۇسۇسىي ئورتاقلىقلار زامان، ماكان، مۇھىت، شارائىت ۋە قانائەتلەندۈرۈش ئەھۋالىغا قارىتا تەرەققىياتنى قوبۇل قىلىدۇ.

شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، «كىملىك»نى قوغداش توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تونۇشۇشقا تەشەببۇس قىلىدۇ. مۇستەقىل كىملىك ۋە يەككە ئالاھىدىلىك بولمىسا ئورتاقلىق تېپىلمايدۇ.

ئىدىيە يېتەكچىلىرى ھېساپلىنىدىغان «ئالىملار» كۆپەيگەن دەۋر گۈللەنگەن دەۋردۇر، ئالىملار تۈرمىلەرگە تاشلانغان دەۋر تراگېدىيە دەۋرىدۇر.

 

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

2015.4.1 كۈنى،

مىسىر، قاھىرە شەھىرى