2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام ئىدىيەسى، مەنبەلىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى

ئىسلام ئىدىيەسى

 

ئىسلام ئىدىيەسى: مۇسۇلمانلار تەپەككۇر قىلىدىغان مېتود ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامغا قارىتا چۈشەنچىسىدىن ئىبارەت.

ئىسلام ئىدىيەسى: مۇجتەھىد، شەرئى دەلىل-پاكىت ۋە رېئاللىقنىڭ ماسلىشىش جەۋھىرى. مانا بۇ ئىسلامنىڭ نەزەرىيە قىسمى.

ئىسلام ئىدىيەسى بولسا مۇجتەھىدنىڭ تەپەككۇر نەتىجىسى، شۇڭا توغرىلىقى نىسپىلىككە ئىگە. ئۇ ئۆزگىرىپ تۇرسىمۇ لېكىن ئۇ قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئاساس قىلىدۇ.

يەنى مۇجتەھىد (مۇتەپەككۇر)نىڭ ئايەت ۋە ھەدىسكە قارىتا چۈشەنچىسى ئىسلامنىڭ ئۆزى ئەمەس. چۈنكى ئايەتنىڭ ئۇقۇم دائىرىسى، مۇتەپەككۇرنىڭ ئەقلى قۇۋۋىتى ۋە شارائىتى ئايەتكە بولغان چۈشەنچىسىنى نىسپى قىلىپ قويىدۇ.

دېمەك، ئىسلام دىنى مۇتلەق توغرا ۋە ئۆزگەرمەس خەلقئارالىق دىندۇر. شۇڭا ئۇ بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ دىنى، ھاياتقا تەۋە بولغان ھەر قانداق ساھەگە ئارلىشالايدۇ. شۇنداقلا ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە ھەر قانداق يېڭىلىقنى قوبۇل قىلالايدىغان ئەۋرىشىملىكە ئىگە دىندۇر.

ئاللاھ ئەقىلنىڭ تەپەككۇر قىلىش دائىرىسىنى كەڭرى قىلىپ بەرگەن. ئىسلام ئەقىلدىن ھايات ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى دىننىڭ ئاساسلىرى، مەقسەتلىرى ۋە قىممەت-قاراش كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن تۈزۈپ چىقىشى ئۈچۈن ئىجتىھاد قىلىش ۋە ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرگەن.

ئەقىل ئىسلام دىنىدا يۇقۇرى ئورۇنغا ئىگە. ئىسلام ئەقىلدىن شەرىئەتنىڭ بەش تۈرلۈك زۆرۈر مەقسەتلىرى(دىن، جان، ئەقىل، ئابروي ۋە مال-مۈلكنى قوغداش)، كائىنات قانۇنىيەتلىرى، بىلىم-مەرىپەتنىڭ كەسكىن ھەقىقەتلىرىنى تونۇش، شۇنداقلا دىننى چۈشىنىش قائىدىلىرىنى بىلىش ئارقىلىق ئىسلام خىتابنامىسىنىڭ يوللىرىنى ھېس قىلىشتەك قائىدە پرىنسىپ ئاساسىدا ئەركىن تەپەككۇر قىلىشقا يول قويىدۇ.

ئىسلام ئىدىيەسى ئىسلامنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن بىرگە پەيدا بولغان. ئىسلام ئىدىيىسى بولسا ئىنساننىڭ ئىسلامغا قارىتا چۈشەنچىسى بولغاچقا، توغرا ياكى خاتا بولۇش ئېھتىماللىقى بار نىسپىلىككە ئىگە.

دېمەك، تەپەككۇر قىلىش، ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش شەرىئەت بەلگىلىگەن پەرز ۋە رېئال زۆرۈرۈىيەتتىن ئىبارەت.

 

(2)

ئىسلام ئىدىيەسىنىڭ مەنبەلىرى

 

ئىسلام ئىدىيەسى مۇجتەھىد ۋە ئالىملارنىڭ ئەقلى يەكۈنى. ئۇ سىستېمىلىق مېتودقا ئىگە. مۇجتەھىد ئىسلام مەنبەلىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ تەپەككۇر قىلمىسا ۋە شەرىئەت پرىنسىپلىرىغا ئېسىلىپ ماڭمىسا ئىسلامنىڭ ئالىمى دەپ قارالمايدۇ. ئىسلام ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ئۈچ مەنبەسى بار:

1.نەقىل: قۇرئان ۋە ھەدىس شەرف

نەقىل دېگىنىمىز: ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس.

2.ئەقىل (ئىجتىھاد).

3.تەجرىبە.

 

1.قۇرئان كەرىم: رەسۇلۇللاھ ئۈممەتكە قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئىدىيىۋى ۋە فىقھى ئىزدىنىشنىڭ مەنبەلىرىنى«قۇرئان، ھەدىس شەرف ۋە ئەقىل» دەپ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.(ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

مەيدان، كەسىپ ياكى ئالىم قانداق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر  ئىسلام تەسەۋۋۇرىنى شەكىللەندۈرۈشتە ھەر قانداق بىر تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى مەنبەسى قۇرئان بولىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ھاياتنىڭ ھەممە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئاساسى قائىدە، پرىنسىپال تۈزۈم ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.

قۇرئان كەرىم ئەقىل، تەپەككۇر، ئىزدىنىش، تەتقىقات… مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتقان. قۇرئاننىڭ قايسى بېتىنى تەكشۈرسىڭىز تەپەككۇر، ئىزدىنىش، ئەقىل يۈرگۈزۈش ۋە نەزەر تاشلاشقا تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى روشەن ھېس قىلالايسىز.

قۇرئان كەرىم تەرەققى قىلىش ۋە ئارقىدا قېلىش، كۈچ- قۇۋۋەت ۋە ئاجىزلىق، بىرلىك ۋە بۆلۈنۈش، مۇھەببەت ۋە نەپرەت، دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولىشى ۋە زاۋال تېپىشى…غا ئالاقىدار ئىشلاردىمۇ تەپەككۇر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. قۇرئان كەرىم نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئەقلى پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلىغان. ئۆزگىرىشچان تارماق مەسىلىلەرنى قۇرئاننىڭ مەقسەتلىرى روھى ئاساسىدا ئىجادىيەت يارىتىدىغان ئىزدىنىش ۋە ئىجتىھادقا چاقىرغان.

 

  1. ھەدىس شەرف:ھەدىس شەرفمۇ تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. ھەدىس شەرف مۇسۇلمانلارنى «قۇرئان ئايەتلىرىنى» ئويلىنىش ئىچىدە ئوقۇشقا، ئاللاھنىڭ «كائىناتتىكى ۋە ئىجتىمائىي قۇدرەتلىرىنى» تەپەككۇر قىلىشقا تەشەببۇس قىلىدۇ.

ھەدىس شەرف قۇرئان ئايەتلىرىنى چۈشىنىشنىڭ ۋە ئۇنى رېئاللىققا باغلاشنىڭ  ئەمەلىي مېتودى.

چۈنكى ئۇمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئىلاھىي ۋەھىي.  ھەدىس قۇرئاننىڭ ئىخچام تېمىلىرىنى بايان قىلىدۇ، روشەن بولمىغان تەرەپلىرىنى ئىزاھلاپ بېرىدۇ، ئومۇمى كەلگەن ھۆكۈمنى دائىرە ئىچىدە روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. دېمەك، ھەدىس شەرىپ ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى.

 

  1. ئەقىل (ئىجتىھاد): ئىنسانلارنىڭ ھاۋايى-ھەۋسىگە بېرىلىپ ئېزىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاللاھ ئىنسانلارغا قۇرئان چۈشۈرۈپ بەردى ۋە رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئىزاھلاپ بەردى. ئايەت-ھەدىسلەرنى رېئاللىققا تەتبىقلاش مۇجتەھىد ۋە ئالىملارنىڭ ۋەزىپىسى بولغانلىقتىن، ئۇلار شەرىئەتنى چۈشەنمىسە تەتبىقلىيالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ دىننى چۈشىنىشنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

ئايەت-ھەدىسنى رېئاللىقتىكى يېڭى مەسىلىلەرگە تەتبىقلاش ئۈچۈن رېئاللىقنى ياخشى چۈشىنىش لازىم. دەلىل كەلمىگەن مەسىلىلەرگە ھۆكۈم ئېلىشتا شەرىئەتنىڭ پرىنسىپلىرى، ئاساسلىرى ۋە مەقسەتلىرىگە تايىنىشى كېرەك. ئايەت-ھەدىسنى جايىدا چۈشىنىش، رېئاللىقنى ئۆز ماھىيىتىدە تونۇپ يېتىش ۋە دەلىلنى رېئاللىققا تەتبىقلاش ئالىملارنى يۈكسەك مۇقامغا كۆتىرىدۇ. ھېكمەت قۇرئاندا بايان قىلىنغان بىلىم-مەرىپەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇ ئىسلامنىڭ ئەقىلنىڭ ھەرىكىتىگە سىزىپ بەرگەن مىتودىدىن ئىبارەت.

ئىسلام دىنىنىڭ رېئال دىن ئىكەنلىكى مۇجتەھىد مۇتەپەككۇرلەرنىڭ ئارىسىدىكى شەخسى پەرقلەرنى ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام بارلىق كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئەقىلنى ئىستىمال قىلىش ۋە ئىزدىنىشكە تەشەببۇس قىلغان. شەرئى ھۆكۈمنى ئېلىش جەريانىدا مۇتەپەككۇرلاردا قىسمەن خاتالىق يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ مۇتەپەككۇرلار ۋە مۇجتەھىدلەر خاتالىشىپ قالامدىمەنكى دەپ ئەنسىرەپ تەتقىقات ئېلىپ بارماسلىقى ياكى بىرسى يەنە بىرسىگە ھۇجۇم قىلىشى ۋە ياكى باشقىلارنىڭ دىيانىتىگە تۆھمەت نەزەرى بىلەن قارىشى توغرا بولمايدۇ.

ئىسلام دىنى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن ئادەمگە «ئىككى ھەسسە ساۋاب» بولىدۇ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەن تەتقىقاتچى بولسا«بىر ھەسسە ساۋاب» دەپ مۇجتەھىد ۋە ئالىملارغا دۇنيا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان غايەت زور مۇكاپاتنى ئېلان قىلغان. مۇتەپەككۇر قايسى مەيداندا بولۇشتىن قەتئىنەزەر، شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىنى تۇتۇپ ماڭسا، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە رېئايە قىلسا بۇ خىل مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ. شۇنىسى ئايانكى مۇتەپەككۇرنىڭ ئىجتىھاد ۋە تەپەككۇر نەتىجىسى بولغان ئىسلام ئىدىيىسى ئىسلامنىڭ ئۆزى ئەمەس. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتىكىنىمىزدەك ئىجتىھاد ۋە ئىزدىنىش نىسپى ئىش بولغاچقا، توغرا ۋە خاتالىق ئېھتىمالى مەۋجۇد.

ئىسلام ئىدىيەسى مۇتەپەككۇرنىڭ ئەقلىدە ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ رېئاللىق بىلەن ماسلىشىشىدىن ئىبارەت. دېمەك، مۇتەپەككۇرنىڭ ئىنسانلىق تەبىئىيىتى، مەرىپەت سەۋىيىسى، شارائىتى، چۈشىنىش مېتودى ۋە رېئاللىققا قاراش نۇقتىلىرى ئەكىس ئېتىدۇ. مانا بۇ ئىسلام ئىدىيەسى ۋە ئىسلام فىقھىسىنىڭ ئىنساننىڭ ئەقلى ئەمگەك ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ خاتالىقتىن خاتا بولالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

شۇ سەۋەبتىن ساھابىلەر ئارىسىدىمۇ بىر قانچە ئىدىيىۋى ۋە فىقھى ئېقىملار شەكىللەنگەن. مەسىلەن، ئابدۇللاھ ئۆمەر ئېھتىيات ئېقىمىنىڭ يېتەكچىسى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ئاسانلاشتۇرۇش ئېقىمىنىڭ يېتەكچىسى، ئابدۇللاھ مەسئۇد ئىككى ئېقىمنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان.

  1. تەجرىبە:ئاللاھ بارلىق ئىنسانلاردا كۆپلىگەن تەجرىبە ۋە ھەر بىر جەمئىيەتنىڭ شارائىتى يېتىلدۈرىدىغان ئورتاق تەقسىماتلاردىن بىر قانچىنى پەيدا قىلغان. ھەر بىر جەمئىيەتتە باشقا بىر جەمئىيەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ئىقتىدار ۋە ئۈستۈنلۈك ئامىللىرىنى ياراتقان. ھەقىقەت شۇكى، قايسى بىر جەمئىيەتتە ھەزارەت قۇياشى نۇر چاچسا، ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئورتاق تەقسىماتنى تېخىمۇ يورۇتۇپ بېرىدۇ. (ئىنسانىي ئورتاقلىق نەزىرىيەسى) دېگەن ماقالىگە قاراڭ.

ئىسلام ئىدىيىسى خەلقئارالىق ئىدىيە بولۇپ ئىنسانىيەتنى ھىدايەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، تەجرىبىدىن كەلگەن ھەر قانداق ئىدىيە ۋە مەدەنىيەتلەرگە دەرۋازىسىنى كەڭرى ئاچىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىنى تەجرىبىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ قۇرئاندا:«تەجرىبىلىك ئادەملەردىن سوراڭلار»دەيدۇ،(فۇرقان سۈرىسى، 59-ئايەت). بۇ ئايەت تەجرىبىلىك ۋە بىلىملىك كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى مۇسۇلمان بولمىسۇن مۇتلەق تىلغا ئالغان. مۇتەخەسسىس ۋە كەسىپ ئەھلىنى ھۆرمەتلەشكە يول يورۇق كۆرسىتىپ:«بىلمىسەڭلار، ھەر ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن سوراپ بىلىڭلار» دېگەن(ئەنبىيا سۈرىسى، 7-ئايەت). بۇ مەسىلىنى نەھل سۈرىسى، 43- ئايەتتە ئەينەن تەكرارلىغان.

دېمەك، ئىسلام باشقىلاردىن پايدىلىنىشقا قىزىقتۇرىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمانلار باشقىلارغا ئېچىلىپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىدىيەلىرىنى تەتقىق قىلىپ، پايدىلىق دەپ قارالغان نەرسىلەر ئۆزلىرىدە بولمىسا ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەزارەت قۇرۇلمىسىدىكى بوشلۇقنى تولۇقلايدۇ دەپ قارىغاندا ئۇلاردىن پايدىلانغان.

لېكىن باشقىلاردىن قوبۇل قىلىنغان شەيئى رېئاللىقتا ھەقىقى مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلىسە، ئىسلامنىڭ پرىنسىپال قاراشلىرى بىلەن زېتلاشمىسا ۋە ئىسلامغا قارىشى دىنىي خاراكتېرىنى بىرگە سۆرەپ كەلمىسە قايسى ئورۇن ۋە قايسى دەۋر بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئېلىشقا ۋە پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

تارىخ ۋە ھەدىس كىتابلىرىغا قارايدىغان بولساق رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر باشقا دىندىكى كىشىلەرنىڭ پايدىلىق ئىدىيە ۋە مەدەنىيەتلىرىدىن پايدىلانغان.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام:«ھېكمەت مۇسۇلماننىڭ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسى، ئۇنى قەيەردە تاپسا، شۇ يەردىن ئالسا بولىدۇ، دېگەن». ( تىرمىزى رىۋايىتى).

 

(3)

ئىسلام ئىدىيەسىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى

 

ئىسلام ئىدىيەسى ئىسلامنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ساقلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. مۇشۇ ئاساستا ئىسلام «مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش»قا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ تەبىئىي تەلەپلىرىنى رېئاللىققا ئاشۇرۇپ بېرەلەيدۇ، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان رىقابەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ كېتەلەيدۇ ۋە يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيدۇ.

ئىسلامنىڭ ئۆزگىرىشلەرنى سىغدۇرۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ كېتىشتىكى كاتتا ئىقتىدارى ۋە ئاجايىپ ئەۋرىشىملىكى بوشلۇقتىن پەيدا بولغان ئەمەس. بەلكى ئىسلام ئىدىيەسىنىڭ بىر قانچىلىغان خۇسۇسىيەتلىرىدىن ھاسىل بولغان.

ئىسلام ئىدىيىسى نەقىل بىلەن ئەقىلنى، ئوتتۇرھاللىق بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى، ئومۇملۇق بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى بىرلەشتۈرگەن.

  1. ئىسلام ئىدىيەسى ئىنساننىڭ تەتقىقاتى ۋە ئىجتىھادى بولسىمۇ، بىراق باشقا ئىدىيىلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئىسلام ئىدىيەسى ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشكەن قائىدە-تۈزۈملەر، پرىنسىپلار ۋە مەقسەتلەرنىڭ روھى ئاساسىدا ھاسىل بولىدۇ. دېمەك، مۇجتەھىد ياكى ئالىملار پرىنسىپال مەسىلىنىڭ يۆلىنىشى ئاساسىدا تارماق مەسىلىلەرگە ئەقلىنى ئىستىمال قىلىدۇ. مەقسەت ۋە غايە يۆلىنىشدە تۇرۇپ ئۇسۇل-چارىلەردە ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدۇ.

بۇ خىل ھالەت يېڭىلىق ۋە تەرەققىيات ئىمكانىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ھەر ئەسىردە مۇجتەھىد ۋە مۇتەپەككۇرلەرنى ئاتا قىلىپ تۇرىدۇ. رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھ ھەر بىر ئەسىرنىڭ بېشىدا بۇ ئۈممەتنىڭ دىنى چۈشەنچىسىنى يېڭىلاپ تۇرىدىغان مۇتەپەككۇرلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدۇ، دېگەن».(ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى).

شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەدىستە كۆزلەنگەن يېڭىلىق يارىتىش ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپال تەرەپلىرىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، بەلكى ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان دائىرىلەرگە مۇناسىۋەتلىك، يەنى كىشىلەرنىڭ دىنى چۈشەنچىسىنى يېڭىلاپ ئەسلى ساپ ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ، دېمەكچى.

ئىسلام ئىدىيەسىدە نەقىل ۋە ئەقىلنىڭ بىرلىشىشى، ئىسلام ئىدىيەسىگە تاكامۇللىشىش پۇرسىتى ۋە يېڭىلىق قانىتىنى بېرىدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئۈمىد قىلىنىۋاتقان ھەزارەت يۆلىنىشىگە ئۇچۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

  1. ئىسلامنىڭ ئوتتۇرھاللىقى: ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى. قۇرئان كەرىم بۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. ئوتتۇرھاللىق تۈرلۈك يەككە پەرقلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ كېتەلەيدىغان كەڭرى دائىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوتتۇرھاللىق ئاسانلىق ۋە قولايلىق سۈپىتى بىلەن تەرپلىنىدۇ.

ئىسلامنىڭ ئوتتۇراھاللىقى ئىسلام مېتودى ۋە ھەزارىتىگە نىسبەتەن كۆز ئەينىكى ئورنىدا تۇرىدۇ. ئىسلامدىكى ئوتتۇراھاللىق  روھ بىلەن ماددا، دۇنيا بىلەن ئاخىرەت، دىن بىلەن دۆلەت، شەخس بىلەن ئۈممەت، ئىدىيە بىلەن رېئاللىق، ماتېرىيالىزم بىلەن نەمۇنىلىك، مەقسەت بىلەن ۋاسىتە، ئۆزگەرمەيدىغان مەسىلىلەر بىلەن ئۆزگىرىشچان مەسىلىلەر ئارىسىنى، كونا بىلەن يېڭى ئارىسىنى، ئاساسىي مەسىلە بىلەن تارماق مەسىلە ئارىسىنى، ئەقىل بىلەن نەقىل ئارىسىنى، خاسلىق بىلەن خەلقئارالىق ئارىسىنى، ھەق بىلەن كۈچ- قۇۋۋەت ئارىسىنى، ئىزدىنىش بىلەن تەقلىدچىلىك ئارىسىنى، دىن بىلەن پەن ئارىسىنى، ئومۇملۇق بىلەن خاسلىق ئارىسىنى… بىرلەشتۈرىدىغان مېتودتۇر.

مانا بۇ ئىسلامنىڭ ئومۇمى ئوتتۇراھاللىقى، ساپ-سۈزۈك ئىسلام خاراكتېرى، ئىسلام مېتودىنىڭ خاراكتېرى ۋە تەسەۋۋۇر بەلگىلىرى ئۈچۈن ئەينەكتۇر.

  1. ئومۇمىيلىق: ئىسلام ئىدىيەسىنىڭ بىرىنچى مەنبەسى ۋەھىي بولۇپ، خۇسۇسىيەتلىرىنى ۋەھىيدىن ئالىدۇ. ئىسلامنىڭ دۇنياۋى دىن ئىكەنلىكى كۆپ ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلماننىڭ ئەقلى باشقا ئىدىيە ۋە مەدەنىيەتلەردىكى ئەۋزەل تەرەپلەردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن سىرتقا قارىتا ئېچىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئىسلام دىنىي ھايات ساھەلىرىنىڭ ھەر قانداق ساھەسىگە ئارىلىشالايدىغان دىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام ئىدىيىسىمۇ دۇنياۋى ئىدىيە. يەنى مۇسۇلمان ئالىملار ئىسلامنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ھاياتنىڭ ھەر ساھەلىرىدە نامايان قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان.

  1. ئىنسان زېمىننىڭ مەھسۇلاتى بولسا، روھ ئاسماننىڭ مىۋىسى. ئۇنداقتا ئىنسان جىسىم بىلەن روھىنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشى لازىم. ئىسلام قۇرۇلمىسىدىكى ئىنساننىڭ تەڭپۇڭلىقى ئىسلام ئىدىيەسىنىڭ باشقا ئىدىيەلەردىن ئۈستۈن كېلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى. ئىسلام قۇرۇلمىسىدىكى بەدەن ۋە روھنىڭ تەڭپۇڭلىقى روھ تەلەپ قىلىۋاتقان نەمۇنىلىك ھايات بىلەن بەدەن تەلەپ قىلىۋاتقان رېئاللىقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا كېپىل بولىدۇ. شۇنداقلا دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقىمۇ كېپىل بولىدۇ.

ئىسلام ئىدىيەسى مەجبۇرىيەت بىلەن ھوقۇق ئارىسىنىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ. مەجبۇرىيەت بىر ئادەمگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەت بولسا يەنە بىر ئادەمگە نىسبەتەن ھوقۇقتىن ئىبارەت. شۇنداقلا مەجبۇرىيەت بىلەن ھوقۇق بىر بىرىنى قوللايدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

ئىسلام ئىدىيەسى شەخس بىلەن كولېكتىپ، غايە بىلەن رېئاللىق، دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان.

بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارغا قارىساق ھەر قايسى تەرەپتىن باشقىلارنىڭ ئارقىغا قالغان. سەۋەب نېمە؟ سەۋەب: ئۇلارنىڭ ئىسلامغا ئەستايىدىللىق بىلەن ئېسىلمىغانلىقىدا، ئىسلام ئىدىيىسىنى چوڭقۇر ئەقىل يۈرگۈزمەي خاتا چۈشىنىۋالغانلىقىدا. شۇ سەۋەبتىن سۆز بىلەن ھەرىكەت ئارىلىقىدا ئۈزۈلۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

ئىسلام دىنىدا ئەقىل يۈرگۈزۈش، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ئىزدىنىش نەپلە (قوشۇمچە)ئىش ئەمەس، بەلكى شەرىئەت كۆرسەتكەن پەرز ۋە رېئال زۆرۈرىيەت.

شۇنى خۇلاسىلاشقا بولىدۇكى، ئىسلام ئىدىيەسى نەقىل بىلەن ئەقىل، ئوتتۇرھاللىق بىلەن تەڭپۇڭلۇق ۋە ئومۇمىيلىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن نۇرغۇن قەۋمىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ كېتەلىگەن. ئىسلام ئىدىيەسى ئومۇمىيلىق خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى بىلەن ئەركىنلىكىنى بىرلەشتۈرگەن ئىدىيەدۇر.

كاشىغەرى