كىرىزىسنىڭ مەنبەسى: ئاشقۇنلۇق ۋە پاسسىپلىقتۇر
ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىمىزنىڭ راۋاج تاپالماسلىقى، يىلدىن-يىلغا ئىلگىرىلىيەلمەسلىكى ھەمدە ئاساسلىق پىرىنسىپال نۇقتىلاردا بىرلىككە كېلەلمەسلىكىمىزنىڭ ئاساسلىق ئامىلى — يەنىلا ئوڭچى ۋە سولچى ئاشقۇنلۇقتۇر.
بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىدىيەسىدە ئوڭچى ئاشقۇنلۇق قاراشلىرى ئەۋج ئالغان بولسا، يەنە بىر قىسىملىرىدا پاسسىپلىق ۋە سولچى ئاشقۇنلۇق خاراكتېرىدىكى قاراشلار ئەۋج ئالماقتا.
ئىسلامنىڭ ھەرقانداق ئىش ۋە ساھەدە ئوتتۇراھال يول تۇتۇشتىن ئىبارەت ساغلام مېتودىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغان بۇ ئىككى تەرەپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسىم نۇقسانلىق قاراشلىرىنى بازارغا سېلىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.
ئۇلار ئىسلامنىڭ ئەقىل بىلەن ۋەھىي، روھ بىلەن ماددا، دۇنيا بىلەن ئاخىرەت، دىن بىلەن ئىلىم-مەرىپەت، ئەقىدە بىلەن سىياسەت، سىياسەت بىلەن ئەخلاق، نەمۇنە بىلەن رېئاللىق ھەمدە شەخس بىلەن كوللېكتىپ ئارىسىدىكى ئوتتۇراھاللىق خاراكتېرىگە تايىنىپ، مىللىي گەۋدىدىكى ئانا ئېقىمنى يارىتىشقا پەرۋاسىز قارىماقتا.
ھالبۇكى، ساغلام ۋە توغرا يول — ئىسلامنىڭ ئوتتۇراھاللىق خاراكتېرىگە ۋە ئالىي مەقسەتلىرىگە رىئايە قىلىدىغان، ئوڭچى ۋە سولچى ئاشقۇنلۇقلاردىن خالى بولغان ئوتتۇرھال يولىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي