«ئويغىنىش شەرتلىرى» مۇتەپەككۇر مالىك بىن نەبىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. ئاپتور بۇ مۇھىم ئەسىرىدە ئىسلام دۇنياسىنى قاپلىۋالغان قالاقلىق تۇمانلىرىنىڭ تۈپ يىلتىزىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ، مەدەنىيەت قايتا ئويغىنىشىنىڭ رۇشەن پىروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
مالىك بىن نەبى بۇ كىتابىنى ئىسلام ئەللىرى مۇستەملىكىچىلىك پاتقىقىغا پېتىپ، قالاقلىق قىيالىرىدا تېڭىرقاۋاتقان بىر تارىخىي دەۋردە قەلەمگە ئالغان. كىتابنىڭ تۈپ غايىسى – مىللەتلەرنىڭ خارلىقتىن ئويغىنىشقا يۈزلىنىش قانۇنىيەتلىرىنى كۆزىتىش ھەمدە «ئىسلام ئۈممىتى نېمىشقا مەدەنىيەت بەيگىسىدە ئارقىدا قالدى؟» دېگەن تارىخىي سۇئالغا جاۋاپ تېپىشتىن ئىبارەت.
ئاپتور دەسلەپتە قالاقلىقنىڭ جىمى گۇناھىنى پەقەت مۇستەملىكىچىلىكتەك تاشقى ئامىللارغىلا دۆڭگەپ قويىدىغان يۈزەكى تەپەككۇر ئېقىمىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. ئۇ بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، قالاقلىق ـ ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان ئىنسانىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى كىرىزىسنىڭ، يەنى ئۇنىڭ روھىغا سىڭىپ كەتكەن «مۇستەملىكىچىلىكنى قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى» ۋە ئىدىيەۋى چېكىنىشنىڭ ئاچچىق مېۋىسىدۇر. شۇڭا، ئويغىنىش ۋە قايتا تىرىلىش يولىنى تاللىغان بىر مىللەت، ئەڭ ئاۋۋال ئۆز ۋۇجۇدىنى ئۆزگەرتىشى، ئاندىن مەدەنىيەت بىناسىنى پۇختا ئىستراتېگىيەلىك ئاساسلار ئۈستىگە قۇرۇپ چىقىشى شەرتتۇر.
بۇ كىتاب نېمىشقا بۈگۈنمۇ قىممەتلىك؟
بۇ نادىر ئەسەر يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا پۈتۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن مالىك بىن نەبىنىڭ يىراقنى كۆرەر پىكىرلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ مىللىي مەۋجۇتلۇق ۋە مۇستەملىكە كىرىزىسى ئىچىدە تىركىشىۋاتقان بىزگە ئوخشاش مىللەتلەر ئۈچۈن يەنىلا قىممەتكە ئىگە. چۈنكى، بۇ ئەسەر بۈگۈنكى سەرگەردانلىقىمىز ۋە تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىمىزنىڭ سىرلىق پەردىسىنى يىرتىپ تاشلاپ، بىزنى بۇ قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ئەقلىي قۇراللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، «ئويغىنىش شەرتلىرى» ـ «مۇسۇلمانلار نېمىشقا ئارقىدا قالدى؟ قانداق قىلغاندا مەدەنىيەتلىك دۇنيادىن ئورۇن ئالالايدۇ؟ قۇللۇق ۋە زۇلمەت كىشەنلىرىنى قانداق پارچىلايدۇ؟» دەپ تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان، ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر بىر ۋىجدانلىق زىيالىينىڭ ئوقۇپ چىقىشىغا ئەرزىيدىغان مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشغەرىي