ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى ئاساسلىق مەقسەتلەر
قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى غايىلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلايدۇ:
1. ئىبادەت: ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان.
2. سىناق: ئاللاھ ئىنسانلارنى بۇ دۇنيادا سىناش ئۈچۈن ياراتقان.
3. گۈللەندۈرۈش ۋە مەدەنىيەت: ئاللاھ ئىنسانلارنى بۇ دۇنيانى ئىلاھىي كۆرسەتمە ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مەدەنىيەت يارىتىش ئۈچۈن ياراتقان.
بۇ مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يوللىرى
ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى بۇ مەقسەتلەرنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى باسقۇچلارغا ئەمەل قىلىش لازىم:
• بىرىنچىدىن: ئىسلام ئەقىدىسى، ئىبادەتلىرى، ئەخلاقلىرى، قىممەت قاراشلىرى ۋە باشقا ئاساسلىرىنى بىلىش.
• ئىككىنچىدىن: بۇ دۇنيادىكى سىناقتىن نەتىجىلىك ئۆتۈش ئۈچۈن قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە توغرا يولدا مېڭىش، ئازغۇن يوللاردىن ساقلىنىش، ھالال-ھارامغا دىققەت قىلىش ھەمدە توغرا بىلەن خاتانى پەرق ئېتىش.
• ئۈچىنچىدىن: دۇنيانى ۋە ۋەتەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت يارىتىش ئۈچۈن مەكتەپلەردە مىللەت موھتاج بولۇۋاتقان ھەرخىل كەسىپلەر بويىچە يۇقىرى سەۋىيەدە ئوقۇپ، ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى، ھۆرلۈكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش.
شۇنىڭدەك، ۋەتەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مىللەتنىڭ ھۆرلۈك يولىنى ئېچىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىش تەقەززا قىلىنىدۇ:
• سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيەتلىرى،
• دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ۋەيران بولۇشىغا دائىر قانۇنىيەتلەر،
• تاجاۋۇزچىنىڭ خاراكتېرى ۋە مەھكۇم مىللەتنىڭ پىسخىكىسى.
مۇشۇ ئۈچ تۈرلۈك مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ ھەرىكەت قىلغاندىلا، ئاندىن دۇنياغا كېلىشتىكى تۈپ غايىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي