نىكاھ مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەت ئەھدىنامىسى
ئىسلامدا نىكاھ — پەقەت نەسلىنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى پەرزەنت كۆرۈش ئۈچۈنلا ئىمزالانغان ئادەتتىكى بىر توختام ئەمەس. بەلكى ئۇ — ئىككى روھنىڭ بىر ئالىي نىشاندا جەم بولۇشى، مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەت ئۈستىگە قۇرۇلغان، ياراملىق ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان مۇقەددەس بىر بۆشۈكتۇر.
ئىسلام دىنى ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىر-بىرىگە تايانچ بولۇپ، بىر گەۋدە سۈپىتىدە ياشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. نىكاھنىڭ ھەقىقىي بەختى — ئىككى تەرەپ تەڭلا دىيانەتلىك، ئەخلاقلىق، ئاڭلىق ۋە ئىشەنچلىك بولغاندا ئاندىن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. چۈنكى نىكاھ — ئىككى ئىنساننىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلىشىدۇر. ئەر كىشى كۈچ بىلەن قوغدىسا، ئايال كىشى مېھىر بىلەن گۈللەندۈرىدۇ. مۇشۇ ئىككى كۈچ بىرلەشكەندە، ئاللاھ رازى بولىدىغان، بەرىكەتلىك بىر ئائىلە ۋجۇدقا كېلىدۇ.
ئايال كىشىنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى يولىدا كۆرسەتكەن ھەر بىر تىرىشچانلىقى ۋە چەككەن زەھمەتلىرى، ئاللاھ يولىدىكى جىھاد بىلەن ئوخشاش قىممەتكە ئىگە. دىنىي كۆرسەتمىلەرنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلغان ئايال — ھەم ئۆزىنىڭ قەلبىنى، ھەم ئەتراپىنى يورۇتىدىغان بىر مەشئەلدۇر.
ئايال كىشى پەرزەنتلىرىنى ئۆزىدىن ھالقىغان، تېخىمۇ ياراملىق ئىنسانلار قىلىپ يېتشتۈرىدىغان مۇقەددەس بىر «مائارىپ ئوچىقى»دۇر. تۇرمۇشنى بىر مەملىكەتكە ئوخشاتساق، ئايال كىشى شۇ مەملىكەتنىڭ پاراسەتلىك مەلىكىسى ۋە ئارامبەخش روھىدۇر.
ئەر كىشى — ئۆزىنىڭ پولاتتەك ئىرادىسى، كۈچ-قۇۋۋىتى ۋە ئېغىر-بېسىقلىقى بىلەن ئائىلىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكىدۇر.
ئەر كىشى ئائىلىنىڭ مۇدىرى، ھىمايە قىلغۇچىسى ۋە قوغدىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىن مەسئۇل…
ھەي ئەر، ئەگەر سىز ھەزرىتى خەدىچىدەك ئۇلۇغ، ۋەپادار ۋە ئاقىلە بىر ئايالغا مۇشەررەپ بولۇشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، ئاۋۋال ئۆزىڭىزدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى، ئامانەتدارلىقىنى ۋە مېھرىبانلىقىنى يېتىلدۈرۈڭ