2024-يىل 20-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئۇسۇل فىقھى ئىلمىگە قايتىدىن نەزەر

ئۇسۇل فىقھى ئىلمىگە قايتىدىن نەزەر

ئۇسۇل فىقھى ئىلمىي باشقا شەرئى پەنلەر ئۈچۈن ئۆلچەم ۋە ئىسلام تەپەككۇر مېتودىنىڭ يېتەكچىسى ئىدى. شۇنداقلا ھۆكۈم چىقىرىش ياكى سوتقا ئالاقىدار پائالىيەتنىڭ قۇرغۇچى خاراكتېرلىك يول باشچىسى ئىدى. ئۇسۇلى فىقھى ئىلمى شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئىلمى بىلەن ئىسلامنىڭ ساپ-سۈزۈك پەلسەپىسى ئىدى..

ئۇسۇل فىقھى ئىلمىي  مۇسۇلمانلار ئىچىدە مېتودنى بىرلەشتۈرۈش، ئىدىيە  ۋە مەزھەپلەر ئارىسىنى يېقىنلاشتۇرۇش قورالى ئىدى. ئۇ مېتود، فىقھى ۋە ئىدىيە خاراكتېرلىك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئىدى. ئۇسۇل فىقھىنىڭ ۋەزىپىسى ئىختىلاپنى ئازايتىش ئىدى. ئۇ مەدەنىيەتلەشكەن جەمئىيەتلەردە ئىلمىي تەپەككۇر قىلىشنى يارىتىش ۋە قانات يايدۇرۇشتا كۆپ ھەسسە قوشقان ئىدى. ئۇسۇلى فىقھى ئەسلىدە مۇشۇنداق ئىلىم ئىدى…

1:ئۇسۇل فىقھى ئىلمىنىڭ ئەمەلىي ۋەزىپىلىرى

(1).ئىزاھلاش ۋە تەپسىر قىلىش ۋەزىپىسى:

ئۇسۇل فىقھى ئىلمىنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرى قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئىبارەت  شەرىئەتنىڭ ھۆججەتلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇكەممەل مېتود تەقدىم قىلىشتۇر. ئۇسۇل فىقھى ئىلىمى شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ھۆكۈم يەكۈنلەش قائىدىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ شەرئى ھۆججەتلەردىن مەزمۇن ئېلىشتا مۇپەسسىرنىڭ ۋاستىسى.

(2). يەكۈن ئېلىش ۋەزىپىسى:

شەرئى ھۆججەتلەردىن يەكۈن چىقىرىش ئۇسۇل فىقھى ئىلمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. ئۇسۇل فىقھى ئىلمى گۇمان ۋە خىيالغا ئەمەس، دەلىل ۋە پاكىتقا تايىنىدىغان ئەقىلنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.

(3).ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ۋە ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا يارايدىغان سالاھىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شەرىئەتنىڭ نەقىل بىلەن ئەقىلنى، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانداشلىقنى ۋە مۇقىملىق بىلەن تەرەققىيات ئارىسىنى بىرلەشتۈرگەن تۈرلۈك پەنلىرىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

 

 

2: ئۇسۇل فىقھى ئىلمىنىڭ يېتەكلەش ۋەزىپىلىرى:

(1).مېتود خاراكتېرلىك ۋەزىپىسى:

ئۇسۇل فىقھى ئىلمىي ئىسلام بىلىملىرى ۋە ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ ئومۇمىي مېتودىدۇر. شۇنداقلا شەرىئەت دەلىللىرىنىڭ تەرتىپىنى بىلىشتە تايىنىدىغان ئومۇمىي قانۇندىن ئىبارەت. چۈنكى ئالىملار بۇ پەن ئارقىلىق ئەقىل مەسىلىلىرىنى باھالايدۇ. شۇڭا ھەممە بىلىملەرنىڭ ئاساسىي دەپ قارالغان.

(2). مەنبەنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئىختىلاپنىڭ دائىرىسىنى ئازايتىش:

ئۇسۇل فىھقى ئىلمىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەپلىرىدىكى بىرىنچى مەقسەت مەنبەنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئىختىلاپنىڭ دائىرىسىنى ئازايتىش ئىدى. بۇ مەقسەت سەل قارىلىپ كەلمەكتە.

ئۇسۇل فىھقى ئىلمى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئىختىلاپنىڭ دائىرىسىنى تارايتىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتا كۈچلۈك ئورۇندا تۇرالماي ئاجىزلاپ قالدى. دورا خۇسۇسىيىتىنى يوقاتسا كېسەلگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقى ئېنىق.

ئىلمى كالامنىڭ قاتتىق تەسىرى ۋە مەنتىق ئىلمىنىڭ مۇبالىغە شەكلىدىكى چەكلىمىلەرنىڭ كۆپلۈكى ئۇسۇل فىھقى ئىلمىدە ئىختىلاپ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىرلەشتۈرۈش ۋە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئاجىزلاشتۇرۋەتكەن.

شۇڭا ئۇسۇلى فىقھى ئىلمىنىڭ ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىشى ئۈچۈن قىسمەن تەرەپلىرىنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشى زۆرۈر بولۇپ قالغان.

ئۇسۇل فىقھىنى يېڭىلاشتىن مەقسەت مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى يېڭىلاش ۋە روھلاندۇرۇش مەقسەتتۇر. قولىڭىزدىكى بۇ كىتابنى مېنىڭچە «ماقاسىد»نى مەركەز قىلغان»مۇۋاپىقات»نىڭ يېڭى زامان نۇسخىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئاللاھ خالىسا بۇ كىتاب يۇقىرىقى مەقسەتنى ئادا قىلغۇسى.

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

2015- 4- 30 كۈنى