2024-يىل 4-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ھەدىسلەردىكى ئويدۇرمىچىلىق كۆرۈنىشى

ھەدىسلەردىكى ئويدۇرمىچىلىق كۆرۈنىشى

 

ھەدىس شەرىپتىكى ئويدۇرمىچىلىقتىن مەقسەت، دىنى ئىشلاردا سۆز ياساپ رەسۇلۇللاھغا يالغاندىن نىسبەت بېرىش دېمەكتۇر. سۈننەتتە ئويدۇرمىچىلىقنىڭ يۈز بەرگىنىنى ھېچ بىر ئالىم ئىنكار قىلمايدۇ.

لېكىن ھازىرقى دەۋردىكى سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار ۋە ئىلگىرىكى بەزىلەر ھەدىسلەردە ئويدۇرمىچىلىق كۆرۈنىشى يۈز بەرگەن دەپ مەسىلىنى چوڭايتىپ دۇنيانى توشقۇزۇۋىتىدۇ. بۇلارنىڭ مەقسىتى ئېنىق يەنى ئۈممەتنىڭ رەسۇلۇللاھدىن قالغان مىراسىي توغرىسىدا شۇبھە قوزغاشتۇر. ئۇلار كىشىلەرنىڭ سەھى ھەدىس كىتابلىرىغىمۇ ئويدۇرما ۋە يالغان ھەدىسلەر كىرىپتۇ دەپ ئېتىقاد قىلىشىنى ئىرادە  قىلىشىدۇ. زىندىقلار بۇ شۇبھىگە كۆپ تايىنىدۇ، چۈنكى ئۈممەت ئۆلىمالىرى ھەدىستە ئويدۇرمىچىلىقنىڭ يۈز بەرگىنىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئىش شۇنداق بولغاندىكەن سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار تۆمۈرنى نېمە ئۈچۈن قىززىقىدا سوقمىسۇن؟ ۋە بۇ شۇبھىگە شۇبھىدىن يەنە بىرنى ئۇلاپ قوزغاپ چىقمىسۇن!…

 

بۇ شۇبھىگە جاۋاب:

 

ئەگەر ھەدىستىكى ئويدۇرمىچىلىق كۆرۈنۈشىدىن ھەدىسشۇناس، تەپسىرشۇناس، قانۇنشۇناس ۋە فۇقاھالار غاپىل قالغان بولۇپ، ئۇنى ھازىرقى دەۋردىكى سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار كەشىپ قىلىپ چىققان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ئۇلار بۇ شۇبھىنى راۋاجلاندۇرسا ۋە ئۇنىڭغا تايىنىپ سۈننەتنى ئىنكار قىلسا ھەقلىق بولاتتى، ئۇ چاغدا ھېچكىم ئۇلارنىڭ شۇبھىسى ئالدىدا تاقابىل تۇرالمايتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ تەلەيسىزلىكى ۋە نۇمۇسسىز رەسۋالىقىدىن ئۈممەت ئۆلىمالىرى ھەدىس توپلاش ھەرىكىتى باشلانغاندىن تارتىپ بۇ ئاپەتكە(يەنى ئويدۇرمىچىلىق كۆرۈنۈشىگە) دىققەت قىلىپ كەلگەن، ئۇ ئاپەتنى ھەر تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئالغان ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان.

 

ئالىملارنىڭ ئويدۇرمىچىلىققا قارىشى تۇرۇشتىكى كۈچلىرى

 

سەلەپ سالىھلار ھەدىستىكى ئويدۇرمىچىلىق ھەرىكىتىگە قارىشى تۇرۇش ئۈچۈن زور كۈچ چىقاردى، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىنى ئويدۇرما ھەدىستىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەدىس شەرىپ «تەنقىدچىلىك»ئىلمى بارلىققا كەلدى.

ھەدىس شەرىپتىكى تەنقىدچىلىك ئويدۇرما ھەدىسلەردىن باشقا تۈرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى، ھەدىسشۇناس ئالىملار رەسۇلۇللاھدىن رىۋايەت قىلىنغان بارلىق ھەدىسلەرنى ئىنچىكە تەنقىدچىلىك ئۆلچىمىگە بويسۇندۇرۇپ ھەدىسلەرنى ئۈچ تۈرگە بۆلدى. شۇڭا ھەدىسلەر تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە بۆلەندى:

* سەھى ھەدىس

* ياخشى ھەدىس

* ئاجىز ھەدىس

شۇنداقلا سەھى ھەدىس بىلەن ياخشى ھەدىسنى رىۋايەتچىلەرنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئازلىق ئېتىبارى بىلەن: مۇتەۋاتىر(ئادەتتە يالغان سۆزلەش مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدە ھەر تەبىقىدە ئاز دېگەندە 8 ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەملەرنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىس) ۋە ئاھاد(يەنى رىۋايەتچىلەرنىڭ سان جەھەتتىن مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يەتمىگەن ھەدىس)دەپ ئىككى تۈرگە بۆلدى.

ئاندىن ئاجىز ھەدىسنى بىر قانچە تۈرگە بۆلدى: مۇرسەل(تابىئىندىن كېيىنكى راۋى چۈشۈپ قالغان ھەدىس)، مەقتۇ(تابىئىدا توختاپ قالغان ھەدىس)، مۇئزەل(سەنىدىدە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق راۋىلارنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا چۈشۈپ قېلىشى)، مەرفۇ(نىسبەت بېرىلىشى رەسۇلۇللاھغا تۇتاشقان ھەدىس)، غەرىب(بىر راۋى رىۋايەت قىلغان ھەدىس)، شاز (قوبۇل قىلىنىدىغان ئادەمنىڭ ئۆزىدىن ئىشەنچىلىك ئادەمنىڭ رىۋايىتىگە زىت رىۋايەت قىلىشى)، مۇسنەد (سەنىدى رەسۇلۇللاھغا تۇتۇشۇپ ئۈزۈلۈپ قالمىغان ھەدىس)، مۇتتەسىل(سەنىدى ئۇلىنىپ كەلگەن ھەدىس)، مۇدلەس(سەنەدتىكى ئەيىب ئىللىتى يوشۇرۇلغان ھەدىس)، مەترۇك (سەنىدىدە يالغانچى راۋى بار ھەدىس)، مۇنقەتى (رىۋايەتچىلەر تىزمىسى ئۈزۈلۈپ قالغان)، مۇزتەرىب (بىر بىرىگە زىت رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس)، مۇنكەر(سەنىدىدە كۆپ خاتالىشىدىغان راۋى بار ھەدىس)…

مانا بۇ سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى ھەدىسشۇناسلار ئوتتۇرىغا قويغان ھېكمەت ۋە ئىنچىكە  تەنقىدچىلىك قائىدىلىرىنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ!.

 

ئويدۇرما (مەۋزۇ) ھەدىس

 

ھەدىسشۇناسلار ئويدۇرمىچىلىق كۆرۈنىشىنى-مەيلى يەھۇدىلار تەرىپىدىن بولسۇن ياكى باشقىلار تەرىپىدىن بولسۇن-قاتتىق تەكشۈردى. يەھۇدىلار توقۇپ چىققان نەرسىلەرگە«ئىسرائىلىيات»دەپ نام قويدى.

يەھۇدىلاردىن باشقىلار توقۇپ چىققان ھەدىسلەرگە مەۋزۇ ھەدىسلەر(يەنى ئويدۇرما ھەدىسلەر)دەپ نام قويدى، ئۇ ئويدۇرما ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى ئايرىم كىتابلارغا جۇغلاشتى ۋە بۇ ھەدىسلەرنىڭ ئويدۇرما ھەدىس سەۋەبلىرىنى بايان قىلىشتى. ئويدۇرمىچىلىق سەۋەبلىرى بەزىدە سەنەد (راۋىلار تېزىملىكى)دە يەنە بەزىدە ھەدىسنىڭ ماددىسىدا بولىدۇ، يەنە بەزىدە ھەر ئىككىلىسىدە تەڭ بولىدۇ.

ئەگەر بىر ھەدىسنىڭ رىۋايەتچىلىرى ئادىل 10 راۋىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرسى تەنە ۋە تەنقىدكە يولۇققان بولسا، بۇ راۋىلارنىڭ ھەدىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ھەدىس ئاجىز ياكى ئويدۇرما ھەدىس دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ھەدىسنىڭ بىر رىۋايەتچىسى كاززاپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئادىل رىۋايەتچىلەرنىڭ كۆپلۈكى شاپائەت قىلالمايدۇ، ھەدىسشۇناسلارنىڭ مۇنداق قىلىشى ھەدىسنى رەسۇلۇللاھغا نىسبەت بېرىشتە قاتتىق ئېھتىيات قىلغانلىقتۇر.

 

ھەدىسشۇناس ئالىملار ئويدۇرمىچىلىق سەۋەبلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىپ، ئويدۇرمىچىلىقنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلغان، ئۇ سەۋەبلەر:

* مىللىتى ياكى يۇرتىغا مۇتەئەسسىپلىك قىلىش،

* ئىلم كالام، فىقھى ۋە سىياسى ئېقىملارغا مۇتەئەسسىپلىك قىلىش،

* شۆھرەتپەرەس مەددالار ۋە خەۋەرچىلەر.

شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەدىستىكى ئويدۇرمىچىلىق كۆرۈنىشى ھەدىسلەرنى توپلاش ھەرىكىتىدىن كېيىن پەيدا بولغان، ئويدۇرمىچىلىق كۆرۈنىشى پەيدا بولۇش بىلەن تەڭ ھەدىسشۇناس ئالىملار بىلەكلىرىنى تۈرۈپ قاتتىق قارىشى تۇرغان. شۇنىڭ نەتىجىسىدە:«الجرح والتعديل» (ئۆلچەملىك ۋە ئۆلچەمسىز)دەپ تۈرگە ئايرىش ئىلمى پەيدا بولغان.

 

راۋىلارنى ئۆلچەملىك ۋە ئۆلچەمسىز)دەپ تۈرگە ئايرىش ئىلمى

 

ھەدىسشۇناسلار بۇ ئىلىمدە يالغانچىلىق، بىدئەتچىلىك، سەل قاراش، غاپىللىق، ئۇنتۇپ قېلىش، مۇتەئەسسىپلىك قىلىش ۋە گۇۋاھلىق بېرىشتە ھەۋەسكە ئەگىشىشكە ئوخشاش راۋىلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى كۆزەتكەن ۋە تەتقىق قىلغان.

«ئادىل»(دىيانەتلىك ۋە ئەخلاقلىق) دەپ باھا بېرىشتە ئادىل كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى بىر بىرلەپ خاتىرىلىگەن. ئادىللىق دېگەن: رىۋايەتچىلەردىكى مۇكەممەللىك سۈپەتلىرىنىڭ ئومۇمى سۈپىتىدۇر.

(ئۆلچەملىك ۋە ئۆلچەمسىز)دەپ تۈرگە ئايرىش ئىلمى بارلىق رىۋايەتچىلەرنىڭ ئىسىملىرى، كۈنىيەتلىرى، لەقەملىرى، ئەخلاق سۈپەتلىرى، ئىستىللىرى، مىللىتى، تۇغۇلغان يىلى ۋە…ئەھۋاللىرىنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل ئېنىسكىلوپىدىيەدۇر. ئۇ كومبىيوتىرنىڭ مېڭىسىگە ئوخشاش مەلۇماتلارنى ساقلايدىغان پەندۇر، شۇنىڭ يارىدىمى بىلەن ھەدىسكە ئۆزىگە تېگىشلىك ناملىرى بىلەن ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ: مەسىلەن، سەھى ھەدىس، ياخشى ھەدىس، ئاجىز ھەدىس ۋە ئويدۇرما ھەدىس دېگەندەك. مانا بۇ پەنلەر بارلىققا كەلگەندە ھازىرقى سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار مەۋجۇدىيەتتە ھېچ نەرسە ئەمەس ئىدى.

بەزى كاززاپلار ۋە ئويدۇرمىچىلار ھەدىسنىڭ ماددىسىنى ئويدۇرۇپ چىققاندەك سەنەد (رىۋايەتچىلەر)نى ئويدۇرۇپ چىقىدىغان ئىدى. بەزىدە ئىشەنچىلىك رىۋايەتچىلەرنى تاللاپ ھەدىسنىڭ ماددىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىشاتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ سۈيقەستى ھەدىسشۇناسلار ۋە ھەدىس تەنقىدچىلىرىنى ئالدىيالمايتتى. چۈنكى ئۇلار ئويدۇرمىچىلىقنى ھەدىسنىڭ ماددىسى ئارقىلىق بىلگەندەك سەنەد (رىۋايەتچىلەر) ئارقىلىق بىلەلەيتتى. مانا بۇ ئويدۇرمىچىلىق كۆرۈنىشىنى دەسلەپتىن تارتىپ ھەر جەھەتتىن مۇھاسىرىگە ئالغانلىقتۇر.

 

ھەدىسنىڭ مەتنى(ماددىسى)جەھەتتىن ئويدۇرمىچىلىقنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان بەلىگىلەر تۆۋەندىكىچە:

  1. سۆز تەركىۋى ياكى سۆزلەرنىڭ ناچارلىقى، چۈنكى سۆزنىڭ مەقسەتلىرىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان پەيغەمبەردىن ناچار سۆزلەر سادىر بولمايدۇ ياكى گرامماتىكا خاتالىقى كۆرۈلمەيدۇ.

2.مۆجىزە خاراكتېرىدىكى ھەدىسلەردىن باشقا ھەدىسلەرنىڭ ھېس ۋە رېئاللىققا زىت كېلىشى. مەسىلەن، نۇھنىڭ كېمىسى بەيتۇللاھنىڭ ئۈستىدە يەتتە كۈن لەيلىگەن، دېگەن ھەدىس يالغان ھەدىستۇر.

3.ئەقىلنىڭ- مۇتلەق ئەقىلگە ئەمەس بەلكى- زۆرۈرىيەتلىرىگە زىت كېلىشى. سەھى مۆجىزە ھەدىسلەر ئەقىلنىڭ تونۇشلۇق قانۇنىيىتىدىن ھالقىپ كەتكەن ھادىسىلەردۇر. چۈنكى مۆجىزە «ئادەتتىن تاشقىرى يۈز بېرىدىغان ئىشتۇر».

  1. كەسكىن تارىخى ھەقىقەتلەرگە زىت كېلىشى. مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ ھىجرىيىنىڭ يەتتىنچى يىلى يەھۇدىلارغا جىزيە(باج)نى بېكىتكەن دېگەنگە ئوخشاش، چۈنكى باج خەيبەر ئۇرۇشىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان.
  2. ھەدىس ھاۋايى-ھەۋىسىگە مۇتەئەسسىپ راۋىنىڭ ھەۋىسىگە ئۇيغۇن كېلىپ قالسا، بۇ ھەدىسمۇ مەزمۇن جەھەتتىن ئويدۇرما ھەدىستۇر.
  3. كىچىك ئىتائەتكە تاغدەك ساۋابنىڭ بەلگىلىنىشى ياكى كىچىك گۇناھغا ئېغىر جازانىڭ بېكىتىلشىمۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇن جەھەتتىن يالغانلىقىغا بەلگىدۇر.

 

سەنەدتكى ئويدۇرمىچىلىق بەلگىلىرى:

 

سەنەد(رىۋرايەت قىلغۇچىلار تىزمىسى)تىكى ئويدۇرمىچىلىق بەلگىلىرى كۆپ، ئۇنىڭ مەشھۇرلىرى:

  1. رىۋايەت قىلغۇچى يالغانچىلىق بىلەن مەشھۇر بولسا، ئۇنىڭ ھەدىسى يالغان دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. لېكىن بۇ ھەدىس باشقا يوللار بىلەن ئىشەنچىلىك راۋىلار تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنماسلىقى شەرت. ئەگەر بۇ ھەدىس ئىشەنچىلىك باشقا رىۋايەتچىلەر تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنسا، ھەدىس سەھى دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئۇ چاغدا يالغان يول بىلەن يېتىپ كەلگەن ھەدىسنىڭ يېتىپ كېلىشى يولى يالغان دەپ قارىلىدۇ.
  2. رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى. مەسىلەن، نوھ بىن ئەبى مەريەم كىشىلەرنى قۇرئانغا جەلىپ قىلىش ئۈچۈن قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا يالغان ھەدىسلەرنى توقۇپ چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
  3. رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ رىۋايەت قىلغان شەيخى بىلەن ئۇچراشمىغانلىقى ياكى ئۇچرىشىش تارىخىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ياكى كېيىن تۇغۇلغانلىقى ئىسپاتلانسا، بۇ سەنەدمۇ يالغان بولىدۇ.
  4. راۋىنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسى ئارقىلىق ئۆزىگە خاس بىر نەرسىنى راۋاجلاندۇرۋاتقانلىقى چۈشىنىلىپ قالسا، بۇ سەنەدمۇ يالغان بولىدۇ.

 

دېمەك، سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ھەدىستە ئويدۇرمىچىلىق كۆرۈنىشى مەۋجۇد، دېگەن شۇبھىسىنىڭ پەقەتلا قىممىتى يوق. بۇ ئاللىبۇرۇن يەكسان بولغان شۇبھىدۇر، چۈنكى ئويدۇرمىچىلىقنى ئالىملار ھىجرىيە سەككىزىنچى ئەسىردىن بۇرۇن پاك-پاكىز تازىلاپ بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بىزگە ھەدىستىكى مەزمۇن ۋە سەنەدتكى ئويدۇرمىچىلىق بەلگىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ۋە بۇ تېمىلاردا بىر قانچە ئەسەرلەرنى يازغان.

مەسىلەن:

* ئىبنى جەۋزىنىڭ» ئويدۇرما ھەدىسلەر»ناملىق 3 توم كىتاۋى،

* شەۋكانىنىڭ «ئويدۇرما ھەدىسلەردىن توپلانغان پايدىلار»ناملىق كىتاۋى،

* كەتتانىنىڭ»ئىسىل شەرىئەتنى ئويدۇرما ھەدىسلەردىن تازىلاش» ناملىق 2 توم كىتاۋى،

* جالالىدىن سۇيۇتىنىڭ» ئويدۇرما ھەدىسلەردىكى ساختا مارجانلار» ناملىق 2 توم كىتاۋى.

ئۇندىن باشقا بۇ تېمىدا يېزىلغان كىتابلار 20 دىن ئاشىدۇ.

 

 

  1. 12. 26 كۈنى

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى