2024-يىل 4-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

«ئىمان ئېيتقان ۋە توغرا يولدا ماڭغانلار»

 «ئىمان ئېيتقان ۋە توغرا يولدا ماڭغانلار» دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى

‏توغرا يولدا مېڭىش دېمەك «دىن» دېمەكتۇر. «دىن» دېمەك «توغرا يولدا مېڭىش» دېمەكتۇر. «دىن» دېگەن:ساغلام ئەقىدە، توغرا ئىدىيە، راستچىل تىل ۋە شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئىش ھەرىكەتتىن ئىبارەت.

قۇرئان كىرىم تەلەپ قىلىۋاتقان «ئىستىقامە» دېگەن ۋىجداندىكى تۇيغۇ ۋە ھاياتتىكى يۆلىنىش مېتودىدىن ئىبارەت. توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش ۋە بەرداشلىق بېرىش ئاسان ئەمەس. ئاللاھنىڭ يولىدا شېھىت بولۇش ئاسان، لېكىن ئاللاھنىڭ يولى«توغرا يول»دا ياشىماق تەس.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئايەت كەرىمە «توغرا يول»دا مېڭىشنى ئىمانىنىڭ سادىقلىقىنىڭ بەلگىسى قىلىپ بەلگىلىگەن. توغرا يول ۋە توغرا مېتود بولمىسا، بۇ ئىماندىن چاتاق چىققان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا يولدا ماڭالىغانلارغا پەرىشتىلەر ھەمرا بولۇش ۋە دوست بولۇشتەك ئالاھىدە مۇكاپات بار.

بۇ ھەقتە ئاللاھ «شۈبھىسىزكى،«پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ دۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ:«قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار»دەيدۇ(فۇسسىلەت سۈرىسى، 30- ئايەت.)

ئىمان ئېيتقان، ئىمانىنىڭ ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرغان، ئاللاھنىڭ تەلىماتى ۋە كۆرسەتمىسىنى تۇتۇپ رۇس ماڭغان، ئىتائەت قىلغان ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە گۇناھ ئىشلاردىن ساقلانغانلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇلۇغ مۇكاپاتلار بار. پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ قەلبىنى خۇرسەن قىلىدىغان غەلىبە- بېشارەتلەرنى ئېلىپ چۈشىدۇ ۋە ئۇلاردىن غەم- قايغۇلارنى يوقتىدۇ. يەنى ئۇلاردىن ئۆتمۈشنىڭ غەملىرى ۋە كەلگۈسىنىڭ قورقۇنچىلىرىنى ئېلىپ تاشلايدۇ. نەتىجىدە خاتىرجەم ۋە بەخىتلىك ھالەتتە ياشايدۇ.

توغرا يولدا ماڭغان مۇسۇلمان قولدىن كەتكەن نەرسىگە پۇشايمان قىلمايدۇ ۋە كەلگۈسىدىن ھەرگىز ئەنسىرىمەيدۇ. دېمەك، توغرا يولدا ياشاش ئەۋلىيالىقنىڭ يولى.

‏‏‏قۇرئان كىرىم دىننى «ئىمان ئېيتىش ۋە توغرا مېڭىش» دەپ تونۇشتۇرۇپ: «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ دەپ ئىمان ئېيتقان ۋە توغرا يولدا ماڭغانلارغا غەم-قايغۇ ۋە قورقۇنچ يوق» دەيدۇ، (ئەھقاب سۈرىسى، 13-ئايەت).

‏يە‏نە ئاللاھ تائالا:« (ئى مۇھەممەد!) اﷲ سېنى بۇيرۇغاندەك توغرا يولدا بولغىن، ساڭا ئىمان ئېيتقانلارمۇ توغرا يولدا بولسۇن. (مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى قىلىپ) اﷲ نىڭ چەكلىرىدىن چىقىپ كەتمەڭلار، شۈبھىسىزكى، اﷲ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»دەيدۇ.(ھۇد سۈرىسى، 112-ئايەت ).

ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، بىر ئادەم رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، ماڭا باشقىلاردىن قايتا سورىمىساممۇ بولىدىغان پرىنسىپال نەسىھەتتىن بىرنى قىلغان بولسىلا دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ«ئاللاھغا ئىشەندىم دە، (ئەقىدەڭدە مۇستەھكەم تۇر)، ئاندىن توغرا يولدىن چىقىپ كەتمەي ماڭ»‏ دەپ جاۋاب بەرگەن.‏

رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەدىسى ئومۇمى نەسىھەت. رەسۇلۇللاھ ئىسلامنى ئىككى سۆزگە يىغىنچاقلىغان. ئىسلام ئەقىدە ۋە ئىستىلدىن ئىبارەت. ئەقىدە ساغلام بولسا، ئىستىل ساغلام بولىدۇ. ئەقىدە بۇزۇلسا، ئىستىل بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. ئەقىدىدە داۋالغۇش بولسا، ئىستىلدىمۇ داۋالغۇش يۈز بېرىدۇ. ئىدىيەدە كاشىلا بولسا، ئەقىدىنىڭ ساغلام بولمىغانلىقنىڭ ئىپادىسى. دېمەك، ئىسلام:سۆز ۋە ئىش ھەرىكەت، ئەقىدە ۋە ئىستىلدىن ئىبارەت.

‏‏‏«توغرا يول» دىننىڭ بارلىق مەزمۇن ۋە مەقسەتلىرىنى بىرلەشتۈرگەن ئەخلاققا ئالاقىدار سۈپەتلەرنىڭ بىرى. ئىسلام دىنى ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا توغرا يولدا مېڭىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى، ئىسلام دىنىي توغرا يولدا مېڭىشقا چاقىرىدۇ ۋە توغرا يولدا مېڭىشنى ئومۇمى سۈپەتلىرى ۋە خۇسۇسىي شەكىللىرى بىلەن رېئاللىققا ئاشۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ.

«ئستىقامە» قۇرئان- سۈننەتكە ئەگىشىشنى، شەرىئەتنىڭ روھى ۋە ئومۇمى پرىنسىپال قائىدىلىرىگە خىلاپ ئىدىيىلەردىن ساقلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

‏توغرا يولدا مېڭىش ئەگىر بۈگۈر مېڭىشنىڭ قارمۇ قارشىسى، ئەگىر بۈگۈرلىكتىن خالى بولغان نەرسىنىڭ ھەممىسى توغرا يول. ئەگرىلىكى بار نەرسە توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەنلىك بولىدۇ.

‏توغرا يولدا مېڭىش: راستچىللىق، ئىخلاسمەنلىك، قەلبى پاكىزىلىك، ئادالەت، ئىنساپ قىلىش،  ۋاپا قىلىش، ئىشەنچىلىك بولۇش، تەڭپۇڭ يول تۇتۇش ۋە ئامانەتنى ئىگىلىرىگە يەتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

‏شۇنداقلا توغرا يولدا بولۇش: يالغانچىلىق، خىيانەت قىلىش، ساختا ئىش قىلىش، ئەخلاقسىزلىق قىلىش، توغرا يولدىن بۇرۇلۇش، چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، سۇسلۇق قىلىش، باشقىلارغا زۇلۇم قىلىش، ئالداش، گوللاش، ھىيلە-مىكىر قىلىش، قويمىچىلىق قىلىش، كۆز بوياش، ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق ۋە كىشىلەرنىڭ ھەق ھوقۇقىنى تولۇق بەرمەسلىكتىن ساقلىنىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

‏مانا ھەدىس شەرىپتە:«شەك بار نەرسىدىن يىراقلىشىپ، شەك يوق نەرسىنى تۇتۇپ ماڭ» دەپ يوليورۇق كەلگەن (بۇخارى رىۋايىتى).

‏رەسۇلۇللاھ توغرا يولدا بولۇشنى:« قەلبىڭدە شەك بولۇپ قالغان ۋە كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمىغان نەرسىنى قىلماسلىق» دەپ ئىزاھلىغان، (مۇسلىم رىۋايىتى).

ئۆزۈڭگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى باشقىلار ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرۈش، ئۆزۈڭگە خالىمىغان نەرسىنى باشقىلارغىمۇ خالىماسلىق، توغرا يولدا ماڭغانلىقتۇر.

 

‏‏توغرا يولدا مېڭىشنىڭ ئەڭ چوڭ مەيدانلىرىنىڭ بىرى

 

ئىدىيە ۋە ئىدىيە مېتودىنىڭ ساغلام بولىشىدۇر. ئىدىيە ئەقلى ۋە ئىلمىي دەلىل پاكىتقا ئەگەشكەندە، دەلىل پاكىتنى تولغىمىغاندا، ئەقىدە روھىدىن ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدىن چەتنىمىگەندە، شۇنداقلا چېكىدىن ئاشۇرۋەتمىگەندە ياكى ئىدىيىنى خاتا ئېقىمدىكىلەرنىڭ خىزمىتىگە بويسۇندۇرۇپ بەرمىگەندە ئاندىن ساغلام بولىدۇ.دېمەك، ئىدىيىنىڭ ساغلام بولىشى قۇرئان مەقسەتلىرىنىڭ قاتارىدىن.

‏ئىلمىي ئەمگەك ۋە ئىدىيە تەسەۋۋۇرى: توغرا يولدا مېڭىش ئەخلاقىغا بويسۇنۇپ قەلبى پاكىزىلىك، سەمىمىيلىك ۋە راستچىللىققا ئېرىشەلمەيدىكەن، ئۇ چاغدا ئەڭ قەبىھ بۇرۇلۇش، ئېغىر چەتنەش  ۋە بەك ئېزىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

‏ئىدىيىنىڭ ساپ ۋە ساغلام بولىشىمۇ مۇشۇ ئومۇمىي توغرا يول مېتود قاتارىغا كىرىدۇ. ئەقىدىسى بولسىمۇ، ئىدىيىسى ساغلام بولمىسا، توغرا يولدا ماڭدى دېگىلى بولمايدۇ.

ئىدىيىنىڭ ساغلام بولىشى مەكتەپتە ئوقۇغانغا، ئاكادېمىيە ئۇسۇلىغا ئەگەشكەنكە ياكى مېتودىنىڭ يېڭى بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. بەلكى ئەقىدىنىڭ ‏ساغلام بولىشى، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە رېئايە قىلىشى، ئەخلاق ئۆلچىمىنىڭ تېپىلىشى ۋە مەنىۋىيىتىنىڭ ساپ بولىشىغا باغلىق.

‏دېمەك، توغرا يول ئومۇمىي مۇكەممەل مېتود بولۇپ، پارچىلىنىشنى قوبۇل قىلمايدۇ‏. شۇڭا شەرىئەت توغرا يولنى ئومۇمىي ۋە مۇتلەق يوسۇندا تەلەپ قىلدى، شۇنداقلا ھەر ۋاقىت توغرا يولنى ئاللاھدىن تىلەشكە  بۇيرۇدى.

ئىسلام ئىدىيىسى ساپ بولمىغاندا ياكى ئاجىزلاشقاندا سوپىزىملىق،  گۇڭگا نەرسىلەر ۋە باشقىلارنىڭ ‏نەرسىلىرى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ.

ئىسلام ئەللىرىنىڭ قىيىنچىلىقى ئۇسۇل-چارىلەرنىڭ ئازلىقى بولماستىن، بەلكى ئىدىيە كاشىلىسى ۋە ئۆلۈك ئىدىيىسىدۇر.‏

‏‏توغرا يولدا مېڭىشنىڭ ئاساسى قەلبنىڭ ساغلام بولىشى. قەلب ساغلام بولسا باشقا ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

‏ئىسلام ئىدىيىسى ياخشىلىقنى سۆيۈش ۋە يامان ئىشلارنى يامان كۆرۈشتىن ئىبارەت بىر نۇقتىغا مەركەزلەشكەن.

سەنئەتچىلەرنى «ئەمىر مۆمىنىن»دەپ رەھبەر قىلىۋالغان ياكى ئىدىيىسى زەھەردەك بۇزۇق ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ زىينىغا ئىش قىلىدىغان ئادەملەرنى پەرق ئېتەلمەي«ئىدىيە يېتەكچىسى» دەپ ئۆرنەك قىلىۋالغان ياكى ئىككى يۈزلىمە ئىدىيىسى پاسسىپ «ئەلى جۈمەدەك» قانخور مۇپتىلارنى يولباشچى تۇتۇۋالغان ئادەملەرگە نېمە دېگۈلۈك؟!…

(«ئىستىقامە» نىڭ تەپسىلاتى ئۈچۈن«بۇيرۇلغاندەك  توغرا يولدا ماڭغىن» دېگەن ماقالىگە قاراڭ).

 

ئابدۇراھمان كاشغەرى