2024-يىل 26-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

سۈننەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟

ھەدىس شەرىپ (سۈننەت)كە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟

 

(بۇ ماقالە دوكتۇر يۈسۈپ قەرزاۋىنىڭ«سۈننەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىمىز» ناملىق كىناۋىدىن قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىنغان).

 

(1)

سۈننەتنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى

 

قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆزگەرمەس مۆجىزىسى، ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ بىرىنچى مەنبەسى. سۈننەت بولسا ئىسلامدىكى ئىككىنچى مەنبە بولۇپ قۇرئاننى شەرھلىگۈچى. رەسۇلۇللاھ سۆزى، ئەمەلىي ۋە تەستىقلىشى ئارقىلىق قۇرئاننى ئىزاھلاپ بەرگۈچى زات.

سۈننەت قۇرئاننىڭ ئەمەلىي تەپىسىرى، ئىسلامنىڭ  رېئال ۋە نەمۇنىلىك ئەمەلىيىتى. قايسى بىر ئادەم ئىسلامنىڭ ئەمەلىي مېتودىنى خۇسۇسىيەت ۋە ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن بىلمەكچى بولسا، ئۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە مۇجەسسەملەشكەنلىكىنى بىلسە بولىدۇ.

 

1.سۈننەت ئومۇمى مېتود:

قۇرئان كەرىم خۇددى ئاللاھ ئېيتقاندەك:«ساڭا بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر موھتاج بولىدىغان دىنىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان… قىلىپ نازىل قىلدۇق» نەھل سۈرىسى، 89- ئايەت) ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل مېتود بولسا، سۈننەت مېتودى قۇرئاننىڭ مېتودى ئىچىدە ماڭىدۇ، چۈنكى سۈننەت قۇرئاننى بايان قىلىپ بەرگۈچىدۇر.

سۈننەت ئىنساننىڭ پۈتۈن ھاياتى ئۈچۈن ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق جەھەتتە ئالاھىدە مېتودتۇر. ئۇزۇنلۇقتىن مەقسەت: ئىنساننىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ۋاپات بولغانغا قەدەر بولغان ھاياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كەڭلىكتىن مەقسەت: سۈننەت ھاياتنىڭ بارلىق ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  چۈنكى سۈننەت ئائىلە، بازار، مەسچىت، يول ، خىزمەت، ئاللاھ بىلەن ئالاقە، ئۆزى بىلەن ئالاقە، مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

چوڭقۇرلۇقتىن مەقسەت: ئىنساننىڭ ھاياتىغا چۆكۈپ، جىسىم، ئەقىل ۋە روھنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاشكارا ۋە يوشۇرۇننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  سۆز، ئەمەل ۋە نىيەتنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.

ئەپسۇسكى بەزى قېرىنداشلىرىمىز سۈننەتتىن ساقالنى ئۇزۇن قويۇشنى، كىيىمنى قىسقا كىيىشنى ۋە مىسۋاك ئىشلىتىشنى ياخشى بىلىدۇ. سۈننەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك مېتود ئىكەنلىكىدىن غاپىل قالماقتا.

 

  1. تەڭپۇڭ پرىنسىپ:

سۈننەت تەڭپۇڭ پرىنسىپ بولۇپ، روھ بىلەن جىسىم، ئەقىل بىلەن قەلب، دۇنيا بىلەن ئاخىرەت، نەمۇنىلىك بىلەن رېئاللىق، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت، مېتافىزىكا بىلەن مەۋجۇدىيەت، ئەركىنلىك بىلەن مەسئۇلىيەت، يەككىلىك بىلەن كوللېكتىپ ۋە سۈننەتكە ئەگىشىش بىلەن ئىجادىيەت ئوتتۇرىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ.

سۈننەت تەڭپۇڭ مېتود:«ئۆلچەمدە زۇلۇم قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ تارازىنى بېكىتتى، ئۆلچەمدە ئادىل بولۇڭلار، تارازىدا كەم بەرمەڭلار» (رەھمان سۈرىسى، 8-9-ئايەت).

شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ساھابىلىرىدىن بىرەرسىنىڭ چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى سۇسلۇق قىلىشقا مايىل ئىكەنلىكىنى ھېس  قىلسا، ئۇلارنى ئوتتۇراھاللىققا قايتۇراتتى، چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە سۇسلۇق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇراتتى.

 

  1. بىر پۈتۈن مېتود:

سۈننەت مۇكەممەل مېتود بولۇپ، ئىمان  بىلەن مەرىپەت ياكى ۋەھىي بىلەن ئەقىل مۇكەممەللىشىدۇ، ھەر بىرسى نۇر ئۈستىدىكى نۇر بولىدۇ.

سۈننەتتە تەربىيە بىلەن قانۇن-تۈزۈم مۇكەممەللىشىدۇ، تەربىيەنىڭ يېتىشتۈرۈش ۋە كۆرسەتمە بېرىشتە تەسىرى بولسا، قانۇن تۈزۈمنىڭ ساقلاش، ھىمايە قىلىش، ئەدەپلەش ۋە جازالاشتا رولى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ھىمايە قىلىدىغان قانۇنى يوق تەربىيە ئۈنۈم بەرمەيدۇ ۋە  تەربىيىسىز قانۇن-تۈزۈم مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. سۈننەتتە كۈچ بىلەن ھەقىقەت ياكى دۆلەت بىلەن دەۋەت بىلەن مۇكەممەللىشىدۇ…

 

  1. رېئال مېتود:

سۈننەت رېئال مېتود بولۇپ، كىشلەر بىلەن قاناتلىق پەرىشتە ئېتىبارى بىلەن مۇئامىلە قىلمايدۇ. بەلكى ئۇلارنى زۆرۈرىيەتلىرى، ھاجەتلىرى بار، روھى سېغىنىش ۋە يۇقىرىغا ئىنتىلىش ئىقتىدارغا ئىگە، تۇيغۇ ۋە شەھۋەتلىرى بار، شۇنداقلا توغرا ئىش قىلىدىغان ۋە خاتالىىشدىغان ئىنسان سۈپتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ…

ئىنسان بەزىدە ئۆرلەپ يەنە بەزىدە تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىدىغانلىقى، ھىدايەت تېپىپ ئېزىپ كېتىدىغانلىقى، توغرا يولدا كېتىۋېتىپ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانلىقى، ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىپ تەۋبە قىلىدىغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

سۈننەت ئىنساننىڭ ساپلىشىپ سۈزۈكلىشىدىغانلىقى، بەزىدە غاپىل قالىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن سۈننەت ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىغا رىئايە قىلغان، دۇرۇس ئىشلار دائىرسىنى كەڭرى قىلىپ بەرگەن ۋە ھارام رايونىنى تار قىلغان. ئىسلام دىنىدا ھارامنىڭ دائىرسى ناھايىتى تار.

سۈننەت ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىغا رىئايە قىلىپ، زۆرۈرىيەت يۈز بەرگەندە چەكلەنگەن نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشنى دۇرۇس قىلىپ بەرگەن، ئىنساننىڭ ئېھتىياجلىرىغا رېئايە قىلىپ ھاجەت تېپىلغاندا بەزى ھارام ئىشلارنىمۇ دۇرۇس قىلىپ بەرگەن.

سۈننەت ئىنساننىڭ گۇناھقا چۈشۈپ قالغان ۋاقتىدىكى ئەمەلىيىتىگە رېئايە قىلغان, شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ تەۋبە يولىنى توساپ قويمىغان، بەلكى تەۋبە يولىنى كەڭرى ئېچىپ بەرگەن…

سۈننەت كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك ئەھۋالى، شارائىتى ۋە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تەرەپلىرىگە رىئايە قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن سۈننەت كىشىلەرنىڭ شارائىتىغا رىئايە قىلىپ بىر سوئالغا بىر قانچە خىل شەكىلدە جاۋاب بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىنىپ قالغان ئادەمگە يىگىتنىڭ ئورنىدا مۇئامىلە قىلىنمايدۇ، زۆرۈرىيەت ھالىتىدىكى ئىنسان ئىختىيارلىق ۋە نورمال ھالەتتىكى ئىنساندەك مۇئامىلە قىلىنمايدۇ.

سۈننەت شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك  ئۆرپ-ئادىتىگىمۇ رىئايە قىلغان، مەسىلەن، ئېپوپىيەلىكلەرنىڭ مەسچىتتە نەيزىۋازلىق ئويۇنىنى ئويناشقا رۇخسەت قىلغان. شۇنداقلا توي-تۆكۈن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇناسىۋەتلەردە ئىنساننىڭ كۆڭۈلنى راھەتلەندۈرۈش ھاجىتىگە رىئايە قىلىپ ئويۇن-كۈلكىلەرنى يولغا قويۇپ بەرگەن.

 

  1. سۈننەت ئاسان مېتود:

سۈننەت شۇنداقلا ئاسانلىق، قولايلىق ۋە كەڭچىلىك بىلەن ئالاھىدە مېتود. مانا بۇ سۈننەتنىڭ ئەمەلىي مېۋىسىدۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە كىشىلەرنى دىن جەھەتتە قىيىنچىلىققا قالدۇرىدىغان ياكى دۇنيالىقىدا چارچىتىدىغان نەرسە تېپىلمايدۇ. رەسۇلۇللاھ ئۆزى توغرۇلۇق سۆزلەپ:«مەن ھىدايەتكە باشلىغۇچى رەھمەتتۇرمەن»دېگەن.(تىرمىزى ۋە  ھاكىم رىۋايەت قىلغان).

رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھ مېنى جاپا سالغۇچى ۋە چارچاتقۇچى قىلىپ ئەۋەتمىدى، بەلكى مېنى ئاسانلاشتۇرغۇچى مۇئەللىم قىلىپ ئەۋەتتى»دېگەن. (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارغا كۆرسەتمە ۋە يوليورۇق بېرىپ:«ئاسانلاشتۇرۇڭلار، تەسلەشتۈرمەڭلار، خۇش-بىشارەت بېرىڭلار، ھۈكىتىپ قويماڭلار» دېگەن (بۇخارى ۋە  مۇسلىم رىۋايىتى).

رەسۇلۇللاھ شۇنداقلا دىندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ئاگاھلاندۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنىدا راھىبلىق، تۇل ئۆتۈش  ۋە ھالال نەرسىلەردىن ئۆزىنى مەھرۇم قىلىش يولغا قويۇلمىغان. ئۇ نورمال ۋە ئوتتۇراھال شەكىلدە ھاياتتىن بەھرىمەن بولۇشقا چاقىرىپ:«ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن.(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

يەنە:« ئاللاھ تائالا نېمىتىنىڭ تەسىرىنى بەندىسىنىڭ ئۈستىدە كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

يەنە:«ئاللاھ گۇناھ ئىشلارنىڭ قىلىنىشنى يامان كۆرگەندەك، رۇخسەتلىرىنىڭ قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن.(ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

 

 

(2)

 

مۇسۇلمانلارنىڭ سۈننەتكە قارىتا مەجبۇرىيەتلىرى

 

سۈننەت مۇسۇلماننىڭ شەخسى ھاياتى ۋە ئىسلام جەمئىيىتى ئۈچۈن تەپسىلى مېتود بولسا، قۇرئاننى شەرھلىگۈچى ۋە ئىسلامنى ئەمەلىي ئىپادىسى.

رەسۇلۇللاھ قۇرئاننى بايان قىلىپ بېرەتتى. سۆزى، ئەمەلىيىتى ۋە تەرجىمىھالى ئارقىلىق ھەر قانداق شارائىتتا ئىسلامنى  مۇجەسسەملەشتۈرەتتى.

مۇسۇلمانلار ئومۇملۇق، مۇكەممەللىك، تەڭپۇڭلۇق، رېئاللىق ۋە ئاسانلىق خۇسۇسىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ گۈزەل ئەخلاق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك مەزمۇنلىرى نامايان بولۇپ تۇرغان رەسۇلۇلۇللاھنىڭ بۇ مېتودىنى بىلىشى ۋاجىپ. شۇنداقلا  بۇ سۈننەتكە قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىش،  قانداق چۈشنىش ۋە تۇرمۇشىدا قانداق پوزىتسىيىدە بولۇشنى ياخشى ئىگىلىشى لازىم.

بۇ دەۋردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ  بىرىنچى كرىزىسى ئىدىيە كىرىزىسىدۇر، بۇ كرىزىس ۋىجدان كىرىزىسىنىڭمۇ ئالدىدا تۇرىدۇ.  چۈنكى ئىدىيە دائىم تەسەۋۋۇر قىلىشنى بەلگىلەيدۇ ۋە يولنى سىزىپ بېرىدۇ. ئاندىن كېيىن ئىدىيە سىزىپ بەرگەن تەسەۋۋۇرغا قارىتا ھەرىكەت باسقۇچى يېتىپ كېلىدۇ.

بۈگۈنكى ئويغىنىش ياشلىرىدىكى كرىزىس سۈننەتنى قانداق چۈشنىش ۋە قانداق مۇئامىلە قىلىش كىرىزىسىدۇر.

 

3خىل ئاپەتتىن ئاگاھ بولۇش لازىم:

رەسۇلۇللاھ چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچى، بىدئەت پەيدا قىلغۇچى ۋە بىلىمسز نادانلارنىڭ قولى ئارقىلىق سۈننەت(ھەدىس) دۈچ كېلىدىغان خەتەرنى ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن. بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئادەملەر سۈننەتكە ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ مېتودىغا خەتەر ۋە ئاپەت ھېسابلىنىدۇ.

 

بىرىنچى:  چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەرنىڭ بۇرمىلاش ھەرىكىتى:

بۇرمىلاش: چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، بۇ دىننىڭ خۇسۇسىيىتى بولغان ئوتتۇراھاللىق، كەڭ قورساقلىق ۋە ئاسانلىقتىن چەتنەش ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ. تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىماي چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش بىزدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ھالاك بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان.

رەسۇلۇللاھ:«دىنىڭلاردا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى ىسلەردىن ئىلگىرىكىلەر دىنىدا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىك سەۋەبتىن ھالاك بولغان» دېگەن.( ئىمام ئەھمەد، نەسەئى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).

 

ئىككىنچى: بىدئەت پەيدا قىلغۇچىلار:

توغرا يولدىن چەتنىگەنلەر سۈننەتكە  دىننىڭ ئەقىدىسى ۋە شەرىئىتى رەت قىلىدىغان، ئاساسىي ۋە تارماقلىقلىرىغا بىدئەت ۋە خۇراپاتقا ئوخشاش يوق نەرسىنى كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنىدۇ. لېكىن ھەدىسشۇناسلار ئۇلارغا پۇرسەت بەرمەيدۇ، ھەر قانداق كىرىش ئېغىزىنى تاقايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئاساسسىز ھەدىسنى قوبۇل قىلمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار:«ئىسناد( ھەدسىنىڭ يېتىپ كېلىش يولى، تارىخى ۋەقەلىكلەرنى ئىسپاتلاشتىكى دەلىل) دىندۇر، ئەگەر ئىسناد بولمىغان بولسا ھەر بىر ئادەم خالىغىنىنى دېگەن بولار ئىدى» دېگەن. ھەدىسشۇناسلار  قوبۇل قىلىش  شەرتىگە چۈشمىگەن ۋە كېسەل ئىللەتتىن ساغلام بولالمىغان ھەدىسلەرنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

يالغان ھەدىسلەردىن مىسال:«ئاياللار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، قارىشى يول تۇتۇڭلار ۋە ئۇلارغا يېزىقچىلىقنى ئۈگەتمەڭلار» دېگەن ھەدىس يالغان ۋە ئويدۇرما خەۋەردىن ئىبارەت.

 

ئۈچىنچى: بىلىمسىزلەر ۋە نادانلارنىڭ تۈرلۈك ئىزاھلىشى:

ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى سەتلەشتۈرۈپ، سۆزنى ئۆز ئورنىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ۋە ئىسلامنىڭ كەڭ دائىرلىك ئەتراپىنى تارايتىۋېتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇد. بىلىمسىزلەر ۋە جاھىللار ھەدىسنى خالىغانچە  قائىدىسىز ئىزاھلاپ، خاتا چۈشەنچىدە بولۇپ، دىننىڭ ھەقىقىتىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە. دىننىڭ مەقسەتلىرى ۋە ھەقىقەتلىرىنى بىلمىگەن، بىلىم- مەرىپەتتە ئاساس سالمىغان ۋە ھەقىقەتنى ئىزدىمەيدىغان نادانلار خاتا چۈشەنچىلىرى ئارقىلىق  دىنغا ھاقارەت كەلتۈرمەكتە.

ھۆججەت ئىزاھلاش، ۋە شەرھىلەش شەرت ۋە ئۆلچەملىرىنى بىلمەيدىغان ئالىملىق تونىنى كىيىۋالغان، بىلەرمەنلىك ئۇنۋانىنى دەستەك قىلغان مۇنداق بىلىمسىزلەرنىڭ ئورۇنسىز چۈشەنچىلىرىدىن ھەزەر قىلىش لازىم.

 

 

(3)

سۈننەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرى

 

 

سۈننەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى ئاساسلىق پرىنسىپلار:

 

1: سۈننەتنىڭ ساغلام ۋە ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش:

 

يەنى ھەدىسشۇناس ئالىملار ئوتتۇرىغا قويغان «ھەدىس ئاتالغۇلىرى ئىلىمى» دىن ئىبارەت ئىنچىكە ئۆلچەم بويىچە سۈننەتنىڭ  يېتىپ كېلىش يولى ۋە ماددىسىنىڭ ساغلاملىقىنى تەكىتلەش لازىم.

 

  1. سۈننەتنى ياخشى چۈشنىش:

لۇغەت ئۇقۇمى ، ھەدىس شەرىپنىڭ سىياقى، ھەدىسنىڭ كېلىش سەۋەبى، قۇرئان ئايەتلىرىنڭ روھى ئاستىدا، ئىسلامنىڭ ئومۇمى پرىنسىپلىرى ۋە پرىنسىپال مەقسەتلىرى دائىرىسىدە ياخشى چۈشنىش لازىم. شۇنداقلا  سۈننەتنىڭ

قانۇن- تۈزۈم (شەرئى ھۆكۈم) چىقىرىش يولىدا كەلگەن سۈننەتمۇ ياكى قانۇن- تۈزۈم(ھۆكۈم چىقىرىش) بىلەن ئالاقىسى يوق خاسلىققا ئىگە ياكى ۋاقىتلىق سۈننەتمۇ پەرقلەندۈرۈپ بىلىش كېرەك. خاتا چۈشىنىش ئېغىر ئاپەتتۇر.

 

  1. سۈننەتنىڭ كۈچلۈك قارشى دەلىلدىن سالامەتلىكىنى تەكىتلەش:

سۈننەتنىڭ قۇرئان كەرىم ياكى باشقا سەھى ھەدىسلەردىن ئىبارەت كۈچلۈك قارشى دەلىلدىن سالامەتلىكىنى ئىسپاتلاش لازىم…

سۈننەتلەر زاھىرىدا زىتلىق كۆرۈنۈپ قالسا قانداق بىر تەرەپ قىلىش يەنى بىرنى يەنە بىرسىدىن قانداق كۈچلەندۈرۈش قائىدىسىنى بىلىش لازىم.

 

(4)

 

سۈننەت ئالىم ۋە دەۋەتچىنىڭ مەنبەسى

 

  1. سۈننەت فىقھى ۋە قانۇن چىقىرىش ساھەسىدە:

 

سۈننەت قۇرئان كەرىمدىن قالسىلا ئىسلامنىڭ فىقھى ۋە قانۇن چىقىرىشتىكى ئىككىنچى مەنبەسىدۇر. سۈننەت قۇرئاننى بايان قىلىپ بەرگۈچىدۇر. سۈننەتنىڭ ئىبادەت، مۇئامىلە ۋە ئۇندىن باشقا ئىشلاردا قانۇن چىقىرىش مەنبىيى ئىكەنلىكىدە تالاش- تارتىش  مەۋجۇد ئەمەس.

شۇنى كەسكىن بايان قىلالايمىزكى، تۈرلۈك مەزھەپ ۋە ئوخشىمىغان ئەللەردىكى فۇقاھالارنىڭ ھەممىسى سۈننەتكە تايىنىشنى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغان ئىدى ۋە سۈننەتنى مەنبە قىلاتتى…

سۈننەت فەقىھنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولسا، فۇقاھالار ھەدىس ئىلمىدە چوڭقۇرلىشىشى لازىم، شۇنداقلا ھەدىسشۇناسلارمۇ پىقھى بىلىمىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەدىس ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار بىلەن پىقھى ئىلىمىدە شۇغۇللىنىۋاتقانلار ئارىسىدىكى بوشلۇقنى ئىتىش ناھايىتى مۇھىم. ھەدىسشۇناسلار بىلەن فۇقاھالار ئارىسىدىكى ھەمكارلىق بەك يېقىن بولىشى لازىم. فەقىھ ئۈچۈن ھەدىس لازىم، چۈنكى فىقھى ھۆكۈملەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەدىس بىلەن ئىسپاتلانغان، شۇنداقلا ھەدىسشۇناسلار ھۆكۈم چىقىرالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن فىقھىنى ياخشى بىلىشى كېرەك.

فىقھى كىتابلىرىنى  ھەدىس ئىلمىنىڭ سايىسى ئاساسىدا ئۆتكۈر ئەقىل بىلەن قايتا تەكشۈرۈپ، ئاجىز ھەدىسلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان ھۆكۈملەرگە قايتا قاراپ چىقىش زۆرۈر. ئاجىز ھەدىس بىلەن ھالال ۋە ھارام ھۆكۈملىرىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغانلىقى ئېنىق مەسىلە.

فەقىھ ئۈچۈن ھەدىس  ئىلمىنى بىلىشى، ھەدىسشۇناس ئۈچۈن فىقھىنى بىلىشى لازىم. سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە:«ئەگەر ئىش مېنىڭ قولۇمدا بولىدىغان بولسا فىقھى بىلەن شۇغۇللانمايدىغان ھەدىسشۇناسنى، ھەدىس بىلەن شۇغۇللانمايدىغان فەقىھنى تاياق بىلەن ئۇرغان بولاتتىم»دېگەنىكەن.

 

  1. سۈننەت دەۋەت ۋە كۆرسەتمە ساھەسىدە:

سۈننەت- قۇرئان كەرىمدىن قالسىلا- قۇرىماس بۇلاق ۋە تۈگىمەس خەزىنە. دەۋەتچى، تەربىيىچى ئۇستاز  ۋە يېتەكچىلەر سۈننەتتىن ئىزدىگەن نەرسىسىنى تاپالايدۇ. سۈننەت ئىستىلنى توغرا يولغا يېتەكلەش ۋە نەپسىنى تازىلاشتا مەنبە ئىكەنلىكى بىرلىككە كەلگەن مەسىلە. شۇنداقلا سۈننەت قانۇن- ھۆكۈم چىقىرىش، ئىبادەت ۋە سودا-سېتىق ئىشلىرىنى چۈشىنىشنىڭ مەنبەسىدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئەخلاق ئالىملىرى، روھى تەربىيە ئەربابلىرى، دەسلەپكى  تەسەۋۋۇپ شەيىخلىرى ۋە مۆتىۋەر ئالىملار ئىدىيە، ئىبادەت ۋە ئىستىلدا سۈننەتكە ئېسىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىگە بىرلىككە كەلگەن.

تەسەۋۋۇپ پېشۋاسى ئىمام جۇنەيد:»رەسۇلۇللاھنىڭ ئىش ئىزلىرىغا ئەگەشمىگەن كىشىنىڭ يولى توساقتۇر: دېگەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن تەربيىەتچىلەر ۋە دەۋەتچىلەر-پىقھىشۇناسلار مۇھتاج بولغىنىدەك- سۈننەتكە مۇھتاجدۇر.

لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش لازىمكى، قايسى بىر ئورۇندا ھەدىسنى پاكىت ئورنىدا ئىشلەتكەندە ئىشەنچىلىك مەنبەلەرگە تايىنىشى، بەك ئاجىز، ئويدۇرما ۋە مۇنكەر  ھەدىسلەردىن يىراق بولۇشى لازىم.

سەھى ھەدىسلەر شۇنداق كۆپ تۇرسىمۇ بەك ئاجىز ۋە مۇنكەر ھەدىسلەرنى پاكىت قىلىپ خۇتبە ۋە ۋەز-نەسىھەت سۆزلەيدىغانلار ھەر يەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇ دەۋەتچىلەرنىڭ چوڭ ئاپىتىدۇر.

 

3.تەرغىب ۋە تەرھىب(قىزىقتۇرۇش ۋە قورقۇتۇش) ساھەسىدە ئاجىز ھەدىسلەرنى بايان قىلىش توغرىسىدا

 

شۇنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش لازىمكى، ئاجىز ھەدىسلەر پەقەت پەزىلەتلىك ئەمەللەر ۋە قەلبىنى يۇمشىتىدىغان  ساھەدە قوبۇل قىلىش جايىز(يەنى ۋاجىپ ئەمەس). ئاجىز ھەدىس ھالال، ھارام، مەكروھ، پەرز- ۋاجىپ ۋە سۈننەتتىن ئىبارەت ساھەلەردە قوبۇل قىلىنمايدۇ.

سەھى ھەدىسلەر تېپىلمىغاندا پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى بايان قىلىش يۈزىسىدىن ئىشلىتىش جايىز، سەھى ھەدىس بولىدىكەن، ئاجىز ھەدىسلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق لازىم.

 

بايان قىلىشقا تېگىشلىك ھەقىقەتلەر:

(1). ئاجىز ھەدىسنى ئىستىمال قىلغاندا (ئاجىز ھەدىس) دەپ ھۆكمىنى بايان قىلىپ قويۇش ۋاجىپ.

(2). ئاجىز ھەدىسنىڭ ئۈچ شەرتىگە رىئايە قىلىش لازىم:

بىرىنچى: ھەدىس بەك ئاجىز بولماسلىق.

ئىككىنچى: ئومۇمىي ئاساسنىڭ ئاستىغا كىرىشى لازىم. يەنى ھەدىسنىڭ ئەسلىسى يوق بولماسلىقى لازىم.

ئۈچىنچى: ئاجىز ھەدىسكە ئەمەل قىلغاندا، ئاجىز ھەدىسنى ئىشەنچىلىك ھەدىس دەپ ئېتىقاد قىلماسلىق لازىم، سەۋەبى رەسۇلۇللاھ دېمىگەن بولۇپ قالسا رەسۇلۇللاھغا نىسبەت بېرىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر.

(3).ئاجىز ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن دەپ كەسكىن شەكىلدە دېمەسلىك لازىم. مۇھەددىس ئىبنى سالاھ: ئاجىز ھەدىسنى رىۋايەت قىلماقچى بولسىڭىز: رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن دېگەندەك كەسكىن سۆز بىلەن ئىپادىلىمەڭ. بۇ ھالەتتە: رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، ياكى بىزگە مۇنداق يېتىپ كەلدى… دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىسىڭىز بولىدۇ… بۇ كۆز قاراشقا ئىمام نۇۋەۋى، ئىبنى كەسىر، ھافىز ئىراقىي ۋە ئىبنى ھەجەر قوشۇلغان.

(4). بىر تېمىدا بىر ياكى بىردىن كۆپ سەھى ھەدىس بولسا، شۇنداقلا بىر ياكى بىردىن كۆپ ئاجىز ھەدىسمۇ بولسا، ئۇ چاغدا ئاجىز ھەدىسدىن بىھاجەت بولماق لازىم. بولمىسا سەھى ھەدىسلەر تارقالماي ئاجىز ھەدىسلەر تارقىلىپ كېتىدۇ…

(5).ئاجىز ھەدىسلەرنى تەرغىب ۋە تەرھىب ساھەسىدە ئىشلەتكەندە ئاجىز ھەدىسلەرنىڭ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق لازىم، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاجىز ھەدىسنى ئۆز ئورنىدىن ئارتۇق كۆتۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ. بولمىسا شەرىئەت ئەمەل ۋە مەجبۇرىيەتلەرگە قويۇپ بەرگەن نىسبەت ئۆلچىمى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

ساۋاب ياكى جازا بىلەن ۋەدە قىلىنىدىغان ساھەلەردە ئىشنى بەك چوڭايتىۋەتمەي ياكى ئورنىدىن چۈشۈرۈۋەتمەي ئۆز ئورنىدا قويۇش لازىم. كېچىك ئىشلارغا چوڭ ساۋاب، چوڭ ئىشلارغا كېچىك ساۋاب بەلگىلەش توغرا ئەمەس.

(6).شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان ھالەتتە ئاجىز ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلىشنى جايىز دېگەن ئالىملار ھەدىسنىڭ رىۋايەتچىلىرىدە بىر ئاز سەل قاراش مەۋجۇد. ئۇلارنىڭ مەقسىتى  ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغان ياخشى ئىشلارغا كىشىلەرنى  قىزىقتۇرۇش ياكى – يامانلىقى ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان- شەرئى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغان يامان ئەمەللەردىن توسۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. لېكىن ئۇلار ئاجىز ھەدىس بىلەن ئەمەلنىڭ ياخشىلىقى ياكى يامانلىقىنى ئىسپاتلاشنى مەقسەت قىلمىغان…

شەئبان ئېيىنىڭ 15- كۈنى ياكى ئاشۇرا كۈنىنى بايرام قىلىۋېلىش توغرۇلۇق كەلگەن ھەدىسلەر سەھى ئەمەس…

(7). ئاجىز ھەدىس ئەقىل ياكى شەرىئەت ياكى تىل رەت قىلىدىغان دەرىجىدە مۇبالىغلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىق لازىم.

(8). ئاجىز ھەدىس كۈچلۈك شەرئى دەلىلگە قارشى تۇرماسلىقى كېرەك.

 

 

(5)

 

سۈننەتنى ياخشى چۈشىنىشتىكى بەلگە ۋە قائىدىلەر

 

  1. سۈننەتنى قۇرئان كەرىم چۈشەنچىسى ئاستىدا چۈشنىش:

 

سۈننەتنى توغرا چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ سايىسى (چۈشەنچىسى)  ۋە كۆرسەتمىسى ئاستىدا چۈشنىش لازىم.

قۇرئان كەرىم ئىسلامنىڭ روھى، قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسى، ئۇ بارلىق قانۇنلارنىڭ ئانىسى مەنبەسى بولغان ئاساسىي قانۇن ئورنىدا.

سۈننەت بولسا قۇرئان كەرىمنى ئىزاھلىغۇچىدۇر، سۈننەت قۇرئان كەرىمنىڭ نەزەرىيىۋى بايانى ۋە ئەمەلىي تەتبىقلىنىشىدۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەزىپىسى كىشىلەرگە قۇرئاننى ئىزاھلاپ بېرىشتۇر.

سەھى سۈننەت قۇرئان كەرىمگە زىت كەلمەيدۇ، ئەگەر زىت كېلىپ قالسا، ئۇ چاغدا سۈننەت سەھى  ئەمەس، ياكى چۈشەنچىمىز توغرا ئەمەس.

مەسىلەن:»ئاياللار بىلەن مەسلىھەتلىشىڭلار ۋە ئۇلارنىڭ پىكرىنىڭ تەتۈرىسىنى قىلىڭلار» دېگەن ھەدىس يالغان ھەدسىتۇر. چۈنكى ئۇ قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا زىت كېلىدۇ:«ئەگەر ئاتا ئانا كېڭىشىپ (بالىنى ئىككى يىل توشماستىنلا) ئايرىۋەتمەكچى بولسا ئۇلارغا ھېچ بىر گۇناھ بولمايدۇ» (بەقەرە سۈرىسى، 233- بەت).

ئەگەر بىر ھەدىستە ئالىملار ياكى شەرھىلىگۈچىلەرنىڭ كۆز قارىشى بىر قانچە خىل بولسا، قايسى كۆز قاراش قۇرئاننىڭ روھىغا يېقىنراق بولسا شۇ توغرا بولىدۇ.

مەسىلەن،  ئەبۇداۋۇدنىڭ:»كۆمگۈچى ئايال ۋە كۆمۈلگۈچى قىز دوزاختا بولىدۇ» دېگەن ھەدىسنى مۇلاھىزە قىلغان  كىشى، بۇ ھەدىسنىڭ قۇرئان  ئايىتىگە زىت كەلگەنلىكىنى كۆرىدۇ. كۆمگۈچى ئاپىسىغۇ دوزاختا بولسۇن، كۆمۈلگۈچى قىزنىڭ جىنايىتى نېمە؟ كۆمۈلگەن قىزمۇ دوزاخقا كىرىدۇ، دەپ ھۆكۈم قىلىش ئاللاھنىڭ :«تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا» (تەكۋىر سۈرىسى، 8- 9- ئايەتلەر) دېگەن سۆزىگە قارشى كېلىدۇ.

لېكىن بىر  ھەدىس قۇرئانغا زىت كېلىدۇ، دەيدىكەنمىز كۈچلۈك پاكىت بولۇشى كېرەك، توغرا ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلمىغان كۆز قاراش قوبۇل قىلىنمايدۇ.

مەسىلەن، رەسۇلۇللاھنىڭ قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى  سەھى ھەدىسنى قۇرئانغا زىت كېلىدۇ، دەپ ئىنكار قىلىش ئېغىر خاتالىقتۇر ۋە ئايەتنى خاتا چۈشەنگەنلىكتۇر.

 

  1. بىر تېمىدا كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى جۇغلاپ تەھلىل قىلىپ ئاندىن ھۆكۈم چىقىرىش:

سۈننەتنى توغرا چۈشنىش ئۈچۈن بىر تېمىدا كەلگەن سەھى ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، مۇتەشابىھ( بىر قانچە خىل ئېھتىماللىقى بار)نى مۇھكەم (كۆرسەتمىسى ئېنىق)گە، مۇتلەق (چەكلىمىسىز كەلگەن سۆز)نى مۇقەييەد (چەكلىمىلىك كەلگەن سۆز)گە قايتۇرۇپ، ئام (ئومۇمىي سۆز)نى خاس سۆز بىلەن  ئىزاھلىماق لازىم.  شۇ چاغدا ھەدىسنىڭ مەنىسى رۇشەنلىشىدۇ ۋە بىر بىرسى بىلەن زىتلاشمايدۇ. سۈننەتمۇ بىر بىرسىنى ئىزاھلاپ روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ.

مەسىلەن، ئىشتاننى ئۇزۇن كىيىش توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەرنى مىسالغا ئېلىپ، مۇشۇ تېمىدىكى ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىسلامنىڭ- ئادەتتىكى- ھايات ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەقسەتلىرىگە رىئايە قىلىپ نەزەر تاشلىساق بۇ ھەدىستىكى مەقسەت روشەنلىشىدۇ.

رەسۇلۇللاھ:«ئىشتاننىڭ ھوشۇقتىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى  جەھەننەمدە بولىدۇ» دېگەن، (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

رەسۇلۇللاھ:«كىم مۇتەكەببۇرلۇق قىلىپ كىيىمىنى سۆرىتىپ ئۇزۇن كىيسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى قارىمايدۇ»دېگەن (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«بىر كۈنى كۈن تۇتۇلۇپ قالدى، بىز رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىدا ئىدۇق، ئۇ كىيىمنى سۆرەپ ئالدىرىغان ھالدا، مەسچىتكە كەلدى…» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

ئىبنى ئۆمەر رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىكەن: «كىم يوغانچىلىقنى مەقسەت قىلىپ، كىيىمىنى سۆرىتىپ يۈرسە، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

دېمەك، بۇ تېمىدىكى ھەدىسلەردىن چىقىدىغان خۇلاسە شۇكى، كىم كىبىرلىك ۋە يوغانچىلىق قىلىش مەقسىتىدە كىيىمنى سۆرىتىپ ئۇزۇن كىيسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ. ئەمما كىبىرىنى مەقسەت قىلمىغان ھالەتتە  كىيىمى ئۇزۇن بولسا ئۇ چاغدا گۇناھ بولمايدۇ، دېگەن مەزمۇن چىقىدۇ.

بىر ھەدىسنىڭ زاھىرىغا قاراپ، مۇشۇ تېمىدىكى باشقا ھەدىسلەرگە قارىماسلىق كۆپىنچە ئەھۋاللاردا خاتالىققا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، توغرا يولدىن ۋە ھەدسىنىڭ كېلىش مەقستىدىن يىراقلاشتۇرۇپ قويىدۇ.

 

3.ئوخشىمىغان ھەدىسلەر ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈش ياكى كۈچلەندۈرۈش

ئەسلىدە شەرئى ھۆججەتلەر بىر بىرى بىلەن زىتلاشمايدۇ، چۈنكى ھەقىقەت ھەقىقەتكە قارشى كەلمەيدۇ. ئەگەر ھەدىسلەر ئارىسىدا زىتلىق بار دېيىلىپ قارالسا، ئۇ ھەقىقەت ۋە ئەمەلىيەتتىكى ئەمەس، سىرتقى كۆرۈنۈشىدىكى زىتلىقتۇر.

ئەگەر ئىككى ھەدىس  زاھىرىدا بىر بىرىگە زىتلىشىپ قالسا ئىككى ھەدىسنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق زىتلىقنى يوقۇتۇش لازىم. بىرلەشتۈرۈش ۋە ماسلاشتۇرۇش بىر ھەدىسنى يەنە بىرسىدىن كۈچلەندۈرۈشتىن  ياخشىراق. چۈنكى كۈچلەندۈرۈش دېگەنلىك بىر ھەدىسنى ئېلىپ يەنە بىرسىگە سەل قاراش دېگەنلىك بولىدۇ.دېمەك، زاھىرىي زىت ئىككى سەھى ھەدىسنى بىرلەشتۈرۈش مۇمكىن بولسا، ئۇ كۈچلەندۈرگەندىن ئەۋزەل. ئەگەر بىرلەشتۈرۈش مۇمكىن بولمىسا، ئۇ چاغدا ئىككى ھەدىسنى بىر بىرسىدىن كۈچلەندۈرسەك بولىدۇ. مانا بۇ ھەدىسنى چۈشىنىشتىكى ۋە ھەدىسلەر ئارىسىدىكى زىتلىقنى يوقۇتۇشتىكى توغرا ئۇسۇلدۇر.

ئەگەر ھەدىسنىڭ بىرسى سەھى يەنە بىرسى ئاجىز بولسا ئۇ چاغدا سەھى ھەدىس قوبۇل قىلىنىدۇ…

مەسىلەن، مۇھەققىق ئالىملار  ئۇممۇ سەلىمىنىڭ ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان:«سىللى ئىككىڭلىمۇ قارىغۇمۇ؟» دېگەن ھەدسىنى فاتىمە بىنت قەيسىنىڭ ھەدىسى بىلەن قايتۇرغان، ھەر ئىككىلىسى سەھى ھەدىس.

رەسۇلۇللاھ ئىككى ئايالىغا:«ئابدۇللاھ ئىبنى مەكتۇمدىن پەردىلىنىڭلار» دېگەن (ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). ھەدىسشۇناس ئىمام زەھەبى بۇ ھەدىسنىڭ سەنىدىكى (نەبھان) دېگەن كىشى (مەجھۇل) شەخس دېگەن.

بۇ ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمدىكى سەھى ھەدىسكە زىت كېلىدۇ، ھەزرىتى ئائىشە:«مەن ھەبەشلىكلەرنىڭ مەسجىدتىكى ئويۇنىنى كۆردۈم، رەسۇلۇللاھ مېنى يېپىنچا كىيىمى بىلەن توسۇپ تۇراتتى»دېگەن..

يەنە بۇخارى رىۋايەت قىلغان فاتىمە بىنت قەيسىنىڭ ھەدىسى، رەسۇلۇللاھ ئۇ ئايالغا:«سەن ئابدۇللاھ ئىبنى مەكتۇمنىڭ ئۆيىدە ئىددەت تۇتقىن، ئۇ قارىغۇ ئادەم، كىيىمىڭنى سالغان ۋاقتىڭدا ئۇ كۆرمەيدۇ» دېگەن. ئۇنداقتا ئۇممۇ سەلىمىنىڭ ئاجىز ھەدىسى بۇ سەھى ھەدىسلەرگە قارشى تۇرالمايدۇ.

 

4.ھەدىسلەرنى كېلىش سەۋەبلىرى، شارائىتلىرى ۋە مەقسەتلىرى ئاساسىدا چۈشنىش:

 

سۈننەتنى ياخشى چۈشىنىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى: ھەدىسلەرنىڭ نېمە سەۋەبلەردىن كەلگەنلىكى ياكى مۇئەييەن ئىللەتكە باغلانغانلىقىغا قاراش لازىم.

چوڭقۇر نەزەر تاشلىغان كىشى بەزى ھەدىسنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان مەنپەئەتنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش ياكى مۇئەييەن زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئەمەلىي بار بولغان بىر قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خاس ۋاقىتلىق شارائىتقا رېئايە قىلىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

بۇ مەسىلە چوڭقۇر چۈشەنچە، ئىنچىكە نەزەر، ھۆججەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ۋە دىننىڭ ھەقىقەتلىرىنى شىجائەت ۋە ھەقىقەتنى ئاشكارىلايدىغان مەنىۋى كۈچ- قۇۋۋەت بىلەن ھېس قىلىشقا مۇھتاج.

ھەدىسنى ياخشى ۋە ساغلام چۈشنىش ئۈچۈن ھەدىسنىڭ كېلىش شارائىتىنى تەتقىق قىلىش لازىم، شۇ چاغدا ھەدىستىكى مەقسەت روشەن ئاشكارا بولىدۇ.

قۇرئان كەرىمنى چۈشنىش ئۈچۈن  قۇرئان كەرىمنىڭ چۈشۈش سەۋەبىنى  بىلىش تەلەپ قىلىنغاندەك، ھەدىسنىڭمۇ كېلىش سەۋەبىنى بىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

قۇرئان كەرىم خاراكتېرى بىلەن مەڭگۇلۈكتۇر، ئۇ تارماق مەسىلىلەرنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ، ئاساسلىق پرىنسىپال مەسىلىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، سۈننەت بولسا بۇ پرىنسىپال مەسىلىلەرنى شەرھلەيدۇ… سۈننەت بولسا كۆپىنچە تېما خاراكتېرلىك ۋە ۋاقىتلىق تارماق قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن سۈننەتتىكى ئام، خاس، ۋاقىتلىق ۋە مەڭگۈلۈك، ئومۇمى ۋە تارماق تەرەپلىرىنى پەرقلەندۈرۈش لازىم، چۈنكى ھەر بىرسىنىڭ ئايرىم ھۆكمى بار. ھەدىسنىڭ كېلىش سىياقى، سەۋەبى ۋە شارائىتلىرىغا قاراش توغرا چۈشەنچىگە ۋە توغرا يولدا ياشاشقا ياردەم بېرىدۇ.

مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ:«مەن مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلاردىن بىزار» دېگەن( ئەبۇداۋۇد ۋە  تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

بەزىلەر بۇ ھەدىسكە ئاساسەن غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ دىيارىدا تۇرۇش ھارام دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ دەۋردە بىلىم ئېلىش، داۋالىنىش، خىزمەت قىلىش، تىجارەت، دىپلوماتىيە خىزمىتى، زۇلۇمدىن قېچىش…دېگەندەك تۈرلۈك ئېھتىياجلار بار.

يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ كېلىش سەۋەبى رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ رەسۇلۇللاھغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن  ھىجرەت قىلىشى  ۋاجىپ ئىدى، ھەدىس شۇ توغرۇلۇق كەلگەن.

ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزىنىڭ بۇ ھەدىسى (مۇرسەل) ھەدىس. ئۇسۇلى فىقھىدا مۇرسەل ھەدىس بىلەن ھۆججەت كەلتۈرۈشتە ئىختىلاپ بار.

بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە:«رەسۇلۇللاھ خەسئەم قەبىلىسىگە بىر قوشۇن ئەۋەتكەن، بىر بۆلۈك كىشلەر سەجدە قىلغان ھالىتىدە تۇرۇۋالغان(يەنى ئۇلار مۇسۇلمان بولغانلىقىنى شۇنداق ئىپادىلىگەن) رەسۇلۇللاھنىڭ قوشۇنى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ قالىدۇ. بۇ خەۋەر رەسۇلۇللاھغا يەتكەندە ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن يېرىم كىشىلىك تۆلەم بېرىشكە بۇيرۇيدۇ ۋە مەن مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلاردىن بىزار» دېگەن.

دېمەك، مۇسۇلمانلىقى بىلىنمەي ئىسلامغا قارشى دۈشمەنلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئىدى.

 

  1. ھەدىسنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ۋاسىتىسى بىلەن ئۆزگەرمەس نىشانىنى ئايرىش كېرەك

بەزى كىشلەر سۈننەت ئەمەلىلەشتۈرمەكچى بولغان مەقسەت ۋە  نىشان بىلەن ۋاسىتىلارنى ئارىلاشتۇرۋېتىدۇ. ئۇلار مەقسەتنى قويۇپ، ۋاقىتلىق ۋە مۇھىت خاراكتېرىدىكى ۋاستىغا مەركەزلىشىۋالىدۇ. مۇھىت، دەۋر، ئۆرپ ئادەت ياكى باشقا سەۋەبلەردىن ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ۋاستىنىڭ ئۆزى مەقسەت ئەمەس، بەلكى ھەدىسنىڭ مۇقىم ئۆزگەرمەس نىشانى مەقسەتتۇر.

رەسۇلۇللاھنىڭ تىبابەت توغرۇلۇق دېگەن ھەدىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلار رەسۇلۇللاھ بەزى كېسەللىكلەرگە سۈپەتلەپ بەرگەن بەزى نەرسىلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

رەسۇلۇللاھ:«سۈرمە ئىشلىتىڭلار، ئۇ كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ ۋە چاچ ئۈندۈرىدۇ» دېگەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

يەنە :«قارا سىياداننى ئىستىمال قىلىڭلار، ئۇ ئۆلۈمدىن باشقا ھەر قانداق كېسەلگە شىپادۇر» دېگەن. (ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).

بۇ رېتسىپلار رەسۇلۇللاھنىڭ تىبابەت روھى بولمىسا كېرەك. بەلكى ھەدىسلەرنىڭ ھەقىقى روھى سالامەتلىكنى ئاسراڭلار، بەدەننىڭ سالامەت بولىشىغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار… ھەر بىر كېسەلنىڭ دورىسى بولىدۇ، كېسەلنى باشقىلاردىن ئايرىۋېتىش يوللۇق، داۋالاشتىن ئىلگىرى ساقلىقنى ساقلاشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار. مەس قىلغۇچى ياكى روھىسزلاندۇرغۇچى ھەر قانداق ئىچىملىك ياكى يېمەكلىكنى ئىستىمال قىلىش چەكلىنىدۇ. داۋالىنىش تەۋەككۇل قىلىش ۋە تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈشكە زىت كەلمەيدۇ…  دېمەكچى بولسا كېرەك.

چۈنكى ۋاسىتىلەر بىر دەۋرىدىن يەنە بىر دەۋرىگە، بىر مۇھىتتىن يەنە بىر مۇھىتقا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ھەدىس شەرىپ بولسا شۇ چاغدىكى ھاياتنىڭ ئەمەلىي بايانىدۇر.

قۇرئانغا قارايدىغان بولساق، مۇئەييەن ئورۇن ۋە مۇئەييەن زامانغا مۇناسىپ ۋاسىتە تاللاشنى تەۋسىيە قىلغان بولسا، ئۇنداقتا بىر ۋاستىدا قېتىپ تۇرۇۋېلىپ،  زاماننىڭ ۋە ماكاننىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان باشقا ۋاسىتىلارنى ئىزدەنمەسلىك  توغرا ئەمەس.

ئاللاھ قۇرئاندا:«دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقىتىسىلەر» (ئەنفال سۈرىسى، 60- ئايەت)دېگەن.

دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرۇش پەقەت ئات بىلەن بولىدۇ، دەپ ھېچ بىر كىشى دېمىدى. تىل ۋە شەرىئەتنى بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى: بۈگۈنكى ئاتلار  ئايرۇپىلان… دەپ چۈشىنىدۇ.

رەسۇلۇللاھ:«مىسۋاك ئىشلىتىش ئېغىزنى پاكلايدۇ، ئاللاھنى رازى قىلىدۇ» دېگەن (بۇخارى، ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

مىسۋاكتىن مەقسەت مۇئەييەن ئەراك ياغىچىدىن ياسالغان نەرسە مەقسەتمۇ ياكى ئېغىزنى پاكىزلايدىغان ھەر قانداق نەرسە مىسۋاك بولالامدۇ؟ رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا ئەرەب دىيارلىرىدا تېپىلىدىغان، مەقسەتنى ھاسىل قىلىدىغان نەرسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئەراك ياغىچىنىڭ مىسۋاكلىرى مۇسۇلمان ياشايدىغان دىيارلىرىنىڭ ھەممىسىدە تېپىلمايدۇ.. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە بۇ ۋاسىتە ئۆزگىرىپ چىش پاستىسى ئىستىمال قىلىنسا، مىسۋاكنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.

 

6.ھەدىسنى چۈشىنىشتە ھەقىقەت بىلەن ماجازنى پەرقلەندۈرۈپ قاراش لازىم

ئەرەب تىلىدا مەجاز (كۆچمە مەنە) دەيدىغان بىر قائىدە بار، ئۇ بالاغەت ئىلمىدە مۇقەررەر بولغاندەك ھەقىقەتتىن كۈچلۈكرەك ئىپادىلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىدىمۇ ماجازنىڭ بولىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس…

رەسۇلۇللاھ ئاياللىرىغا:«سىلەرنىڭ ماڭا تىز ئۇلىشىدىغىنىڭلار قولى ئۇزۇن بولغىنى»دېگەن(بۇخارى). رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرى ھەدىستىكى قولى ئۇزۇن دېگەننى ھەقىقى قول مەنىسىدە ئېلىپ قايسىنىڭ قولى ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەشكە باشلىغان. رەسۇلۇللاھ بۇ يەردە ھەقىقى قولنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى مەقسەت قىلمىغان، خەير ساخاۋەت ۋە ياخشلىق قىلىشتا كىم كۆپ قىلىدۇ، دېگەننى مەقسەت قىلغان ئىدى.

بۇنداق مىساللار سۈننەتتە بولغاندەك قۇرئاندىمۇ بار:«تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار» (بەقەرە سۈرىسى، 187- ئايەت).

رەسۇلۇللاھنىڭ:«جەننەت ئانىلارنىڭ قەدىمى ئاستىدا»دېگەن ھەدىسىمۇ مەجاز خاراكتېرىدىكى ھەدىس. مەجاز بويىچە چۈشىنىمىز.

بۇ يەردە شۇنى ئەسلىتىش لازىمكى، ھەدىسلەرنى قائىدىسىز تەۋىل قىلىپ، زاھىرىدىن چىقىرىۋېتىش خەتەرلىك مەسىلە. ئەقىل ياكى نەقىل تەقەززا قىلمىسا ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ…

 

  1. غەيبى مەسىلە بىلەن مەۋجۇدىيەت ئارىسىنى پەرقلەندۈرۈش

 

سۈننەت پەرىشتە، ئەرش، لەۋھۇل مەھفۇز، مىزان، بۈيۈك شاپائەت، قەبرە ئازابى ياكى نېمىتى، جىن ۋە ئىبلىسنىڭ قوشۇنلىرىغا ئوخشاش كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان غەيبى تېمىلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ غەيبلارنىڭ بەزىسى  ئۆلگەندىن كېيىنكى بەرزەخ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك، (يەنى قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرىكى ھايات) يەنە بەزىسى قىيامەت، جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ئەھۋالىغا ئالاقىدار.

بۇ مەسىلىلەرنى قۇرئان كەرىم  ئوتتۇرىغا قويغان، سۈننەت تەپسىلى كەڭرى بايان قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېتىقاد مەسىلىلىرى توغرۇلۇق ھەدىس كەلگەندە سەھى ھەدىسلەرنى ئاساس قىلماق لازىم.

مۇسۇلمان كىشى سەھى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان نەرسە بولسا تەسلىم بولىشى، ئەقلىم قوبۇل قىلمىدى، دېگەن باھانە بىلەن قايتۇرۋەتمەسلىك لازىم.  چۈنكى بەزى مەسىلىلەردە ئەقىل بىر ئاز ھەيران بولىشى مۇمكىن، لېكىن ئەقىل مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىمايدۇ.

يەنى سەھى ھەدىس ئىسپاتلىغان غەيبى مەسىلىلەرنى ئىنكار قىلىش توغرا ئەمەس. ئېتىقاد مەسىللىرىدە غەيبى مەسىلىنى مەۋجۇدىيەتكە قىياس قىلىش توغرا بولمايدۇ. ھەر بىر دۇنيانىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بولىدۇ.

 

  1. ھەدىس سۆزلىرىنىڭ ئۇقۇمىنى تەكىتلەش لازىم:

 

سۈننەتنى توغرا چۈشنىش ئۈچۈن ھەدىستىكى سۆزلەرنىڭ ئۇقۇمىنى تەكىتلەش لازىم، چۈنكى سۆزنىڭ ئۇقۇمى بىر دەۋرىدىن يەنە بىر دەۋرىگە، بىر مۇھىتتىن يەنە بىر مۇھىتقا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.  بۇ مەسىلە تىل تەتقىقاتچىلىرى، زامان ۋە ماكاننىڭ تەسىرىنى ئىزدەنگۈچىلەرگە ئېنىق مەسىلە.

ھۆججەتلەرنى يېڭى ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈشتىن ئاگاھ بولۇش كېرەك. بەزىدە كىشلەر مۇئەييەن مەنە ئۈچۈن مۇئەييەن سۆزنى قوللىنىدۇ، ئاتالغۇدا ئىختىلاپ يوق، لېكىن سۈننەتتە كەلگەن سۆزلەرنى ئۇقۇم بىرلىكى بولمىسا يېڭى ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈش خاتالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەسىلەن: تەسۋىر(سۈرەتكە تارتىش دېگەن سۆز): «سۈرەتكە تارتىش»دېگەن سۆزنى ئالساق، ھەدىس ۋە پىقھى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كۆپلىگەن كىشلەر ھەدىستىكى سۈرەت سۆزىنى ھازىرقى زاماندىكى (ئاپرات ئارقىلىق سۈرەتكە تارتىش) مەنىسىدە ئىستىمال قىلىدۇ.

ئەرەپلەر«تەسۋىر»دېگەن ئاتالغۇنى ئىستىمال قىلغاندا بۈگۈنكى دەۋىردىكى سۈرەتكە تارتىش مەنىسىنى مەقسەت قىلمىغان،  چۈنكى بۈگۈنكى سۈرەتكە تارتىش ئۇسۇلى، ئۇ زامانلاردا يوق ئىدى.

بۇ ئاتالغۇ يېڭىدىن قويۇلغان ئاتالغۇدۇر. مەسىلەن، ھىجاز ئەللىرىدىكى كىشلەر سۈرەتكە تارتقۇچىنى (ئۇككاس) سۈرەتكە چۈشۈشنى(ئەكس) دەپمۇ ئاتايدۇ. دېمەك، بۇ يېڭى ئاتالغۇنى نېمە دەپ ئاتىسا بولىۋېرىدۇ.

«سۈرەتكە تارتىش» دېگەن بۇ ئاتالغۇ لۇغەت ۋە شەرئى تەرەپتىن قويۇلغان ئەمەس. يېڭىدىن پەيدا بولغان ئاتالغۇدىن ئىبارەت.

 

 

 

(2004-6-7 كۈنى يېزىلغان)

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

مىسىر، قاھىرە شەھىرى