2024-يىل 29-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار ۋە قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار بولمىغان سۈننەتلەر 2

قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار ۋە قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار بولمىغان سۈننەتلەر

-2-

 

ئىختىلاپ قىلىشقا بولمايدىغان مۇھىم ئىككى نۇقتا:

 

بىرىنچى: سۈننەتنىڭ كۆپ قىسمى-مەيلى ئۇ سۆز ياكى ئىش ھەرىكەت ياكى تەستىقلاش بولسۇن- قانۇن چىقىرىش ئۈچۈندۇر ۋە ئۇنىڭدا رەسۇلۇللاھغا ئەگىشىش ۋاجىپ. ئاللاھ رەسۇلۇللاھغا ئەگەشكەنلىكىنى ھىدايەت دەپ قارار قىلدى:«ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار»،(ئەئراف سۈرىسى، 158-ئايەت).

ئىككىنچى: سۈننەتنىڭ قاتارىدا قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار بولمىغان ۋە ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ بولمايدىغانلىرى بار، يەنى ئۇ پەقەت دۇنيالىق ئىشلار بولۇپ ۋەھىي كەلمىگەن ئىشلاردۇر:«دۇنيالىق ئىشلىرىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئالىم»،(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

بۇ ئىككى ھەقىقەت بارلىق ئالىملار ئارىسىدا ئىتتىپاق مەسىلە. مۇشۇ سۈننەتنى تەقسىم قىلىش پرىنسىپىنى يېمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەك، زىننەت، سۈرمە تارتىش، داۋالاشقا ئالاقىدار بەزى ھەدىسلەرگە تەتبىقلاش ياكى بەزى ساھەلەرگە تەتبىقلاشتا ئىختىلاپ بار. بۇ ئىشلار ئۆزىمىزگە قويۇپ بېرىلگەن دۇنيالىق ئىشلىرىمۇ ياكى ئەگىشىشكە تېگىشلىك دىنىي ئىشلارمۇ؟

 

(1)

 

سۈننەتنىڭ ئۇقۇمى

 

ئىلگىرىكى ئالىملىرىمىز، رەسۇلۇللاھدىن ئىسپاتلانغان ئىش سۈننەتمۇ ياكى سۈننەت ئەمەسمۇ؟ دېگەن بۇ مەسىلىنى ئىزدەنگەن:

  1. سۈننەت: ئەگىشىش لازىم بولغان ئىشلار.
  2. سۈننەت ئەمەس: يەنى قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار بولمىغان ئىشلار.

سۈننەت دېگەن سۆزنىڭ تىل جەھەتتىكى مەنىسى: «ئەگىشىلگەن يول» دېگەن بولىدۇ، بۇ قانۇن چىقىرىش ۋە ئەگىشىش كۆزدە تۇتۇلىدىغان ئىشلاردا بولىدۇ.

سۈننەتنىڭ ئاتالغۇدىكى مەنىسى: رەسۇلۇللاھدىن نەقىل قىلىنغان سۆز ياكى ئىش ھەرىكەت ياكى تەستىقلاردىن ئىبارەت.

بۇ «ئاتالغۇ» سۈننەتنى مەيلى ئۇ قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار بولسۇن-بۇ سۈننەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ- مەيلى قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار بولمىسۇن-بۇ ئاز بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ- ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسىلەن، ساپا-مەرۋە ئارىسىدا يۈگۈرۈشنى مىسال ئالايلى:

كۆپچىلىك ئالىملار دەسلەپكى ئۈچ قېتىمدا يۈگۈرۈشنى سۈننەت، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلغان ۋە شۇنىڭغا بۇيرۇغان، دەپ قارايدۇ.

ئىبنى ئابباس ئۇ سۈننەت ئەمەس، خالىغان ئادەم تىزراق ماڭسۇن، خالىمىغان ئادەم ئاستا ماڭسۇن دەيدۇ. ئىبنى ئابباس بۇ سۆزىگە بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسنى دەلىل كەلتۈرىدۇ. ھىجرەتنىڭ يەتتىنچى يىلى رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلار ھەج قىلغىلى كەلگەندە، قۇرەيش مۇشرىكلىرى: بوشاپ كەتكەن مەدىنىنىڭ بەزگەكلىرى كەلدى، دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ، شۇ سەۋەبتىن رەسۇلۇللاھ دەسلەپكى ئۈچ قېتىمدا يۈگۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، رەسۇلۇللاھ ھەممە قېتىمدا يۈگۈرۈشكە بۇيرۇسا بۇيرۇيتتى، لېكىن ساھابىلارنى ئاياپ بۇيرۇمىغان»(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

ھەزرىتى ئۆمەر ساپا- مەرۋىدە يۈگۈرۈشنى تاشلىماقچى بولۇپ، ئۇ قارىشىدىن يانىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ:«ئەمدى نېمە دەپ يۈگۈرىمىز، بىز مۇشىرىكلارغا كۈچىمىزنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن يۈگۈرىدىغان ئىدۇق، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىپ بولدى دەپ بولۇپ، رەسۇلۇللاھ قىلغان ئىشنى تاشلاپ قويۇشنى خالىمايمىز»دېگەن.(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

ھەدىسنىڭ خۇلاسىسى، ھەزرىتى ئۆمەر تاۋاپتا يۈگۈرۈشنى تاشلىماقچى بولغان، چۈنكى ئۇ يۈگۈرۈشنىڭ سەۋەبىنى بىلەتتى، سەۋەبى يوقالغاندىن كېيىن يۈگۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى قالدى؟ دەپ بولۇپ، ئاندىن بەلكىم بۇنىڭدا بىر ھېكمەت بولسا كېرەك، دەپ قاراپ ئۇ قارىشىدىن يانغان.

 

(2)

رەسۇلۇللاھنىڭ ئىجتىھادلىرى

 

ئالىملار رەسۇلۇللاھنىڭ ئىجتىھادلىرى توغرىسىدا ئوخشاشمىغان قاراشتا بولۇشتى، بەزىلەر شەرئى مەسىلىلەردە رەسۇلۇللاھنىڭ ئىجتىھاد قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ ۋەھىينى قوبۇل قىلىشقا قادىر دەپ قاراشتى ۋە بۇ ئايەتنى دەلىل كەلتۈرۈشتى:«(ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھينىلا سۆزلەيدۇ»،(نەجىم سۈرىسى،4-5-ئايەتلەر).

باشقىلار بۇ قاراشقا رەددىيە بېرىپ قۇرئان كەرىم، سۈننەت ۋە ئەقلى دەلىل كەلتۈرگەن. ئۇلار: باشقىلار كەلتۈرگەن يۇقىرىقى دەلىل ئۇلار ئۈچۈن ھۆججەت بولالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئايەت قۇرئان كەرىم ھەققىدە توختىلىۋاتىدۇ. «قەتادە» ئۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى: قۇرئاندا ئۇنىڭ خاھىشىدىن(يەنى ئىجتىھادىدىن) بىرەر نەرسە سادىر بولمايدۇ، دەپ تەپسىر قىلىدۇ. (مۇپەسسىر قۇرتىبىنىڭ تەپسىرىگە قاراڭ).

ئىمام شەۋكانى:«ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ» دېگەن ئايەتتىن مەقسەت قۇرئان كەرىمدۇر، دەپ تەپسىر قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ ۋەھىي ۋە ئىجتىھاتى بىلەن ئىبادەت قىلغان بولسىمۇ، بۇ ئايەت رەسۇلۇللاھنىڭ خاھىشى بىلەن سۆزلىگەنلىكىنى ئۇقتۇرمايدۇ، بەلكى ۋەھىي بىلەن سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دەيدۇ. (شەۋكانىنىڭ ئىرشادۇل فۇھۇل ناملىق كىتاۋىنىڭ 238-بېتىگە قاراڭ).

بۇ ئالىملار رەسۇلۇللاھنىڭ ئىجتىھاد قىلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىدىغانلارغا رەددىيە بېرىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى دەلىل كۆرسىتىدۇ. رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئۆمەرگە رامىزان تۇتۇپ تۇرۇپ ئايالىنى سۆيۈش مەسىلىسى توغرىسىدا:«ئەگەر مەزمەزە قىلسا قانداق قارايسەن»(ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى) دېگەن ھەدىسنى، يەنە ئابباسقا «ئىزخىر دەرىخىدىن باشقىسىنى كېسىشكە بولمايدۇ»دېگەن ھەدىسىنى دەلىل سۈپتىدە كەلتۈرىدۇ.

بىر قانچە مەسىلىلەردە رەسۇلۇللاھدىن ئىجتىھاد بولغانلىقتىن كۆپ ساندىكى ئالىملار رەسۇلۇللاھنىڭ ئىجتىھاد قىلىشى دۇرۇس دەپ قاراشتى. رەسۇلۇللاھ ئىجتىھاد قىلىپ، ھۆكمى توغرا چىقماي قالسا، ۋەھىي دەرھال تۈزلەپ قويىدۇ، (رەسۇلۇللاھدىن خاتالىق قەتئىي سادىر بولمايدۇ، بەلكى رەسۇلۇللاھ بىرەر قاراشنى قارىغان بولسا، ۋەھىي ئۇنىڭدىن ئەۋزەل قاراشنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. توغرا چىقماي قالسا دېگەن سۆزدىن رەسۇلۇللاھ خاتالىشىدىغان ئوخشايدۇ،دېگەن ئۇقۇم چىقمايدۇ) شۇ ئارقىلىق رەسۇلۇللاھدىن خاتالىق زادى سادىر بولمايدۇ، مانا بۇ باشقا ئىجتىھاد قىلغۇچىلاردىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئارتۇقچىلىقىدۇر.

رەسۇلۇللاھنىڭ ئىجتىھادلىرى-گەرچە ۋەھىي بولمىسىمۇ-ۋەھىيگە ئوخشاش.

رەسۇلۇللاھ پەقەتلا دۇنيالىق ئىشلاردا ئىجتىھاد قىلىدۇ، دەپ قارىساق، (رەسۇلۇللاھ ئىجتىھاد قىلىدۇ ياكى قىلمايدۇ) دېگەن ئۇسۇلشۇناس ئالىملىرىنىڭ ئىككى خىل قاراش ئارىسىدىكى زىتلىق يوقىلىدۇ.(ئىمام بەزدەۋىنىڭ»كەشفۇل ئەسرار «ناملىق ئۇسۇلى فىقھى كىتاۋىغا قاراڭ).

 

(3)

سۈننەتتە كۆرسەتمە (مەسلىھەت) سۈپتىدە كەلگەن بۇيرۇق ياكى چەكلىمىلەر

ئۇسۇلى فىقھى ئىلمىدا بۇيرۇق شەكلنىڭ 17 خىل تۈسنى ئالىدىغانلىقى مەلۇم، چەكلەش شەكلىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قانچە شەكىللەردە  كېلىدۇ.

سۈننەتتىكى بۇيرۇقنىڭ ھەممىسى ۋاجىپنى كۆرسەتمەيدۇ. مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ:«يەھۇدى ۋە ناسارالار چاچلىرىنى بويىمايدۇ، سىلەر ئۇلارغا قارىشى ھالدا چاچلىرىڭلارنى بوياڭلار»دەيدۇ.(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

بىر بۆلەك ساھابىلارنىڭ چاچ بويىمىغانلىقى بايقالغان. «ھافىز ئىبنى ھەجەر» بۇخارىنىڭ شەرھىسى «فەتھۇل بارى»دا: ھەزرىتى ئەلى، ئۇبەي بىن كەئب، سەلەمە بىن ئەكۋە، ئەنەس بىن مالىك ۋە ئۇندىن باشقىلارنىڭ چاچلىرىنى بويىمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

گەرچە چاچ بوياش بۇيرۇق سىغىسىدا كەلگەن بولسىمۇ، بۇ يەردىكى بۇيرۇق سىغىسى يول كۆرسىتىپ قويۇش ۋە مەسلىھەتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ مۇھىت، يۇرتنىڭ ئادىتىگە بويسۇنىدىغان مەسىلە بولغاچقا بەزىلەر بويىمىغان.

دوختۇرلۇققا ئالاقىدار ھەدىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى يول كۆرسىتىپ قويۇش ۋە مەسلىھەت  تۈسىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ كۆرسەتمىنى ئالمىغاندا گۇناھ بولمايدۇ ياكى شۇ ئىشنى قىلسا ساۋاب ئېشىپ قالمايدۇ.

مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ بىر ئادەمگە ئەرەب قويىنىڭ قۇيرۇقىنى ئىشلەتكىن دەپ كۆرسەتمە بەرگەن.(ئىبنى ماجە، 3463- نومۇرلۇق ھەدىس). بۇ ساۋاب بولىدىغان دىنىي ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ئەمەس ياكى قىلمىسا گۇناھكار بولىدىغان ئىشمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەرەب مۇھىتىنىڭ تەجرىبىسىدىن بىلىنگەن دۇنيالىق ئىش. بۇ ئىشنى قىلمىغانلىق سۈننەتكە خىلاپ بولمايدۇ.

مەسىلەن رەسۇلۇللاھ:«سىلەر ئۇخلايدىغان چاغدا سۈرمە ئىشلىتىڭلار، ئۇ كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ ۋە چاچنى ئۆستۈرىدۇ»دەيدۇ.(ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان).

سۈرمە ئىشلىتىش توغرۇلۇق كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى مەسلىھەت ۋە كۆرسەتمە سۈپتىدە كەلگەن ھەدىسلەر، ئۇنى قىلمىسا گۇناھ بولمايدۇ. ناۋادا دوختۇر: سۈرمە ساڭا ماس كەلمەيدۇ، دەپ قارىسا، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشى لازىم، ئۇنداق قىلغانلىق سۈننەتكە خىلاپ ئەمەس. چۈنكى رەسۇلۇللاھ:«زىيانلىنىش ۋە زىيان سېلىشقا بولمايدۇ»دېگەن. رەسۇلۇللاھ بەدەن دوختۇرى بولۇپ ئەۋەتىلمىگەن، بەلكى يۈرەك، ئەقىل ۋە كۆڭۈل دوختۇرى بولۇپ ئەۋەتىلگەن.

چىۋىننى قاچىغا چۈمدۈرۋېتىش توغرۇلۇق كەلگەن ھەدىسمۇ دۇنيالىق ئىشلاردىكى كۆرسەتمە خاراكتېرلىك ھەدىس. چۈنكى تۇرمۇشى تۆۋەن، ئاددى-ساددا، يېمەك-ئىچمەك ئەھۋالى چەكلىك بولغان مۇھىتتا، چىۋىن چۈشۈپ قالغان ھەر قانداق تاماقنى تاشلىۋەتمەسلىك كېرەك. بولۇپمۇ ئەگەشكۈچىلىرىنى يىرىك ۋە قېيىن تۇرمۇشقا كۆيدۈرۈۋاتقانلار تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك.

مەزكۇر ھەدىستىكى«چىۋىننىڭ بىر قانىتىدا زەھەر يەنە بىر قانىتىدا شىپا بار»دېگەن ھەدىس ئەرەب مۇھىتىنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۈستۈن كېلىدۇ، شۇڭا بۇ خەۋەرنى ئەقىلغا سىغمايدۇ، دەپ رەت قىلماسلىقىمىز كېرەك.

دوختۇرلۇققا ئالاقىدار كەلگەن سەھى ھەدىسلەر شۇ دەۋردىكى ئورۇن، ۋاقىت ۋە ئادەملەرگە خاس كەلگەن. ئىبنى قەييىم«رەسۇلۇللاھنىڭ تېبابەتچىلىكى»ناملىق كىتابىدىكى دوختۇرلۇققا ئالاقىدار ھەدىسلەردە توختىلىپ«زادۇل مائاد»ناملىق داڭلىق ئەسىرىدە:«بۇ ھەقتىكى رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرى ۋە بۇيرۇقلىرى ھەممە كىشلەرگە، ھەر مۇھىتقا، ھەر شارائىتقا ئومۇمى ئەمەس، بەلكى دېيىلگەن شۇ مۇھىتقا خاس»دەيدۇ.

ئىبنى قەييىم«ئەرەب قويىنىڭ قۇيرۇق يېغى (نىسا) دېگەن كېسەلگە شىپا»دېگەن ھەدىسىنى مىسال كەلتۈرىدۇ. يېمەك- ئىچمەك بىلەن داۋالاش مۇھىت ۋە ئادەت خاراكتېرلىك ئىشلار.

ئىبنى  قەييىم  يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەدىسىنى مىسال ئالىدۇ:«كىم ئەتىگەندە يەتتە دانە  «ئەجۋە» تۈرىدىكى خورمىنى سەھەردە ناشتىلىققا يېسە، شۇ كۈندە زەھەر ياكى سېھىر تەسىر قىلمايدۇ» دەيدۇ.(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

ئىبنى قەييىم بۇ ھەدىس ھەققىدە توختىلىپ: بۇ ھەدىس مەدىنىلىكلەر ۋە مەدىنىگە يېقىن خوشنىلارغا ئوخشاش خاس رايونلار مەقسەت قىلىنغان ھەدىستۇر. بەزى ئۆسۈملۈك دورىلار بەزى ئورۇنلاردا پايدا قىلسا، يەنە بەزى ئورۇنلاردا پايدا قىلمايدۇ، شۇڭا مۇشۇ ئورۇندا ئۆسكەن دورا مۇشۇ ئورۇندا پەيدا بولغان كېسەلگە شىپا بولىدۇ. ھاۋا، تۇپراق…نىڭ ئوخشاشمىغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ دورا باشقا ئورۇندا پايدا قىلمايدۇ، چۈنكى زېمىننىڭ خۇسۇسىيىتى بولۇپ ئىنساننىڭ مىجەز خاراكتېرىگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ. كۆپلىگەن ئۆسۈملۈكلەر بەزى ئەلدە يېمەكلىك غىزا بولسا، يەنە بەزى جايلاردا زەھەر بولىدۇ ، يەنە بەزى يەرلەردە دورا بولىدۇ…

خورمىنىڭ زەھەرگە پايدا قىلىشىمۇ شۇ شەھەرگە ۋە شۇ تۇپراققا خاس. كېسەلنىڭ دورا بىلەن پايدىلىنىشى دورىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇنى پايدا قىلىدۇ، دەپ قارىشىغا باغلىق، ناۋادا كېسەلنىڭ بەدىنى دورىنى قوبۇل قىلمىسا ياكى مىجەزىگە ماس كەلمىسە، ئۇ دورا پايدا قىلمايدۇ.(زادۇل  مائاد، 4-توم، 98-بەت).

دېمەك، دوختۇرلۇق ساھەسىدە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ كۆپ قىسمى مۇتلەق ۋە ئومۇمى ئۆلچەم بىلەن ئېلىنمايدۇ، كۆپىنچىسى مۇئەييەن شارائىت، مۇئەييەن ئورۇن ياكى مۇئەييەن ئەھۋالغا باغلىق… بەلكىم بۇ ھەدىسلەرنىڭ بەزىسى رەسۇلۇللاھنىڭ كۆز قارىشى ۋە ئىنسانىي تەجرىبىسى سۈپتىدە سادىر بولغان بولىشى مۇمكىن(ئىبنى قەييىمنىڭ «مىفتاھ دارۇل سائادە» ناملىق كىتاۋىغا قاراڭ).

بۇ ھەدىسكە قاراڭلار:«سىلەر كالىنىڭ سۈتىنى ئىشلىتىڭلار،  چۈنكى ئۇ دورا، سېرىق مېيىنى ئىشلىتىڭلار چۈنكى ئۇ شىپا، ئۇنىڭ گۆشىدىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى ئۇ كېسەل» بۇ ھەدىسنى «ھاكىم» رىۋايەت قىلغان ۋە سەھى دېگەن،  ھەدىسشۇناس ئالبانى «سەھى جامى سەغىر» ناملىق كىتاۋىدا سەھى دېگەن. «تەبرانى»مۇ مۇشۇ تېمىدا ھەدىس رىۋايەت قىلغان.

بۇ سەھى ھەدىسگە نېمە دەيمىز؟

بۇ ھەدسنى قۇرئان ۋە سەھى سۈننەتكە زىت كەلگەنلىكى ئۈچۈن رەت قىلساق بولىدۇ. ھاكىمنىڭ سەھى دەپ ھۆكۈم قىلىشتا سەل قارايدىغانلىقى ئېنىق، ئالبانى تۈرلۈك يول بىلەن كەلگەن بولسا-ئەقىلغا زىت ۋە نەقىلگە خىلاپ بولسىمۇ- مەزمۇنىغا قارىماي سەھى دەپ قاراپ سالىدىغان تەرىپى بار.

ھاكىم ۋە ئالبانىنىڭ سەھى دېگەن قارىشىنى ئېلىپ، كالىنىڭ گۆشى كېسەل دېسەك، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ؟ ئەمەلىيەتتە كالا گۆشى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە يېيىلىدۇ، مۇسۇلمانلار ئەسىرلەر بويى يەپ كەلدى، ئۇنى يېيىشنى گۇناھ دەپ ھېس قىلىشمىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭدا كېسەللىكنى ئۇچراتمىدى. ئەرەب ئەللىرىدە كالا گۆشىنىڭ باھاسى قوي گۆشىنىڭ باھاسىدىن پەرقلەنمەيدۇ.

دېمەك، مۇشۇ ھەدىس سەھى دەپ قارالغاندا، بۇ ھەدىس مۇئەييەن شارائىتتىكى مۇئەييەن تۈردىكى كالىغا دېيىلگەن. ئۇنداق بولمىغاندا قۇرئاننىڭ ھۆكمىگە زىت كېلىپ قالىدۇ، قۇرئان كەرىم كالا گۆشىنى ھالال دەپ بايان قىلدى.

ئەللامە «ئىبنى خەلدۇن» دوختۇرلۇققا ئالاقىدار ھەدىسلەر توغرىسىدا:» دوختۇرلۇققا ئالاقىدار كەلگەن ھەدىسلەر ئادەت ۋە خاراكتېر بابىدىن بولۇپ، تەبلىغ بابىغا كىرمەيدۇ. ئۆسۈملۈكلەر بىلەن داۋالىنىدىغان ئىش ئەرەبلەردە كۆپ ئىدى، بۇ تېمىدا كەلگەن ھەدىسلەر ئەرەبلەرنىڭ ئادىتىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ بىزگە شەرىئەتنى ئۆگەتكىلى كەلدى، دوختۇرلۇقنى ۋە باشقا ئادەت خاراكتېرلىك ئىشلارنى ئۆگەتكىلى كەلمىدى، شۇڭا دوختۇرلۇققا ئالاقىدار كەلگەن ھەدىسلەرنى بۇيرۇق ئېڭىدا قوبۇل قىلىش توغرا بولمايدۇ، بەرىكەت دەپ ئىستىمال قىلسا دۇرۇس» دەيدۇ.(ئىبنى خەلدۇننىڭ «مۇقەددىمە» ناملىق داڭلىق ئەسىرىنىڭ3-توم، 1243-بېتىگە قاراڭ).

رەسۇلۇللاھ پالانى كېسەلگە پالانى نەرسە پايدا قىلىدۇ دېگەن، لېكىن ھازىر پايدا قىلمىدى دېسىڭىز، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىنىڭ يالغانلىقىغا دەلىل بولالمايدۇ، ھەدىس سەھى بولسا توغرا. لېكىن شۇ مۇھىتتا شۇ تۇپراق ۋە سۇ بىلەن ئۆسۈپ يېتىلگەن دورا ھازىر بارمۇ؟ بۇرۇن كۆپ ئۆسۈملۈكلەر تەبئىي ئۆسۈپ يېتىلەتتى، بۈگۈن بولسا خىمىيىۋى دورىلار بىلەن ئەسلى ھالىتىنى يوقاتتى. شۇڭا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ رېتسېىپلىرى پايدا قىلماي قالسا، رەسۇلۇللاھنىڭ يالغانچىلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى دورا دېگەن مۇھىت، ھاۋا، تۇپراق ۋە ئادەم تاللايدىغان نەرسە…

 

خۇلاسە

دېمەك، سۈننەتنىڭ قاتارىدا قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار بولمىغان سۈننەتلەر پەقەتلا دۇنيالىق ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇلار ئەقىل ۋە ئىجتىھادىمىزغا قالدۇرۇلغان. شۇنداقلا سۈننەتنىڭ قاتارىدا مۇتلەق ۋە ئومۇمى قانۇن چىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان سۈننەتلەرمۇ بار، بۇ سۈننەتلەر مۇئەييەن شارائىت مەسىلىنى ھەل قىلغان سۈننەتلەردۇر. چۈنكى رەسۇلۇللاھ دۆلەت رەئىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ يېتەكچىسى ۋە قازىسىدۇر.

مىسال ئالايلى:

رەسۇلۇللاھ مۇئاز بىن جەبەلنى يەمەنگە ئەۋەتىپ:«بالاغەتكە يەتكەن ئادەمدىن بىر دىنار جىزيە ئېلىشقا بۇيرۇغان»(ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان). لېكىن ھەزرىتى ئۆمەر ئۆز دەۋرىدە جىزيەنى باشقىچە بەلگىلەپ، جىزيە تۆلەيدىغانلارنى ئۈچ تۈرگە بۆلگەن.

يىلدا بايلارغا 48 دىرھەم، ئورتاھاللارغا، 24دىرھەم، كېرىمى چەكلىك ئادەملەرگە 12 دىرھەم قىلىپ بەلگىلىگەن.(ئىمام شەۋكانىنىڭ نەيلۇل ئەۋتار ناملىق كىتاۋىغا قاراڭ).

ھەرزىتى ئۆمەرنىڭ بۇ قىلغان ئىشى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە خىلاپ ئەمەس، بەلكى ئۆز دەۋردىكى شارائىتقا رېئايە قىلغانلىقتۇر. چۈنكى ھەر ئورۇندىكى ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ.

ئىمام شەۋكانى:«ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ساھابىلارنىڭ بۇ قىلغان ئىشىغا كەلسەك، بەلكىم ئۇلار رەسۇلۇللاھدىن مۇئەييەن چەكلىمىنى چۈشەنمىگەن بولسا كېرەك، ياكى بولمىسا مۇئازنىڭ يۇقىرىقى ھەدىسى مۇئەييەن ۋەقەنى كۆرسەتسە كېرەك، جىزيە دېگەن سۇلھىنىڭ بىر قىسمىدۇر»دەيدۇ.(شەۋكانىنىڭ نەيلۇل ئەۋتارغا قاراڭ).

دېمەك، بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھنىڭ دۆلەت رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن قىلغان سىياسى كۆرسەتمىسى دەپ قارىساق بولىدۇ، چۈنكى شۇ ۋاقىتنىڭ شارائىتى شۇنى تەقەززا قىلغان، جىزيە مەسىلىدە خەلىپە ۋە ھاكىم مەنپەئەتكە قارىتا ئىش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. شۇنداق قىلسا سۈننەتكە خىلاپ ئىش قىلغانلىق بولمايدۇ. بەلكى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاقىت، ئورۇن ۋە شارائىت مەنپەئەتىگە رېئايە قىلىشتىكى سۈننىتى بويىچە ئىش ئېلىپ بارغانلىق بولىدۇ.

سۈننەتتە قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار ۋە قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىسى يوق سۈننەتلەرنى ئايرىش،  شۇنداقلا مۇتلەق دائىملىق قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار سۈننەت بىلەن ۋاقىتلىق قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار سۈننەتلەرنى ئايرىش مۇھىم ئىش. لېكىن بۇ تۈرلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئالىملارنىڭ ۋە مۇجتەھىدلەرنىڭ پائالىيىتىدۇر.

 

 

 

 

2006- 10- 22  كۈنى يېزىلغان

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى