2024-يىل 28-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

سۈننەتكە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار

سۈننەتكە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار

 

(1)

سۈننەت(يەنى ھەدىس شەرىف) غەرب ئىدىيىسىگە قۇل بولۇپ كەتكەنلەر تەرىپىدىن شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، ئۇلار بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ سۈننەتنى يوققا چىقىرىش ۋە قانۇنچىلىق ساھەسىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتى، ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدە ئىشلەتمىگەن ئۇسۇل ۋە يوللىرى قالمىدى.

ئۇلارنىڭ بەزىلىرى سۈننەتنىڭ ئىسپاتلىنىشىدا-بولۇپمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرى توغرىسىدا-شەكلەندۈرۈش يولىنى تۇتتى، بەزىلىرى سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكى ۋە ئىسلامنىڭ قانۇنچىلىق مەنبەسىگە تەنە قىلىش بايرىقىنى كۆتۈردى ۋە بىز قۇرئان بىلەنلا ماڭىمىز، سۈننەتكە مۇھتاج ئەمەسمىز دەپ تەشۋىق قىلىشتى. بۇلارنىڭ بەزىسى ھەدىسلەرنى ئۆز تېمىسىدىن بۇرمىلاپ ۋە ھەدىسنىڭ مەقسىتىگە رېئايە قىلماي سۈننەتنى سۈننەت بىلەن سوقۇشتۇرۇپ ئۆرۈمەكچىمۇ بولدى.

بەزىلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ:«سىلەر دۇنيالىق ئىشلىرىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئالىم»دېگەن ھەدىسىنى خاتا ئىستىمال قىلىپ، ئىسلامنىڭ سىياسى تۈزۈمىنى پۈتۈن يوقىتىپ تاشلىماقچى بولدى. ئۇلار: سىياسى ئىشنىڭ ئاساسلىرى ۋە تارماقلىرى بولىدۇ، ئۇ ئىشلارنى بىز بەكرەك بىلىمىز، ۋەھىينىڭ سىياسەت تېمىسىدا قانۇن چىقىرىش ياكى سىياسەتكە ئارىلىشىش سالاھىيىتى يوق دەپ قاراشتى. بۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىسلام دۆلەتسىز دىن ۋە شەرىئەت(قانۇن)سىز ئەقىدىدۇر.

بەزىلەر يۇقىرىقى مۇشۇ بىر ھەدىسنى خاتا چۈشنىش سەۋەبىدىن ئىسلامنىڭ ئىقتىساد تۈزۈمىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىماقچى بولۇشتى. بەزىلەر مۇشۇ ھەدىسنى خاتا چۈشۈنۈپ ۋە ئورۇنسىز دەلىل قىلىپ ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋە سىياسى تۈزۈملىرىنى ئۆرۈپ تاشلىماقچى بولغان.

بەزىلەرنىڭ مۇنداق چېكىدىن ئېشىشقا قارىتا ئەللامە بۈيۈك مۇھەددىس ئەھمەد مۇھەممەد شاكىر بۇ ھەدىسكە ئىلاۋە بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«بۇ دەۋردىكى ئاتېستلار ۋە ياۋرۇپا مەدرىسلىرىدە تەربىيلىنىپ كەلگەن ئىلمانىيلار ۋە شەرقشۇناسلارنىڭ قۇيرۇقلىرى بۇ ھەدىسنى ئاساس قىلىۋېلىپ شەرىئەت ئەھلى بىلەن قارشىلاشقىلى تۇردى. ئۇلار شەرىئەتنىڭ بىرەر سۈننەت ياكى بىرەر قانۇن ياكى مۇئامىلە ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى ئىنكار قىلماقچى بولسا، بۇ دېگەن دۇنيا ئىشلىرى دەپ:«سىلەر دۇنيالىق ئىشلىرىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئالىم» دېگەن ھەدىسكە ئېسىلىۋالىدۇ. بۇلار ئەسلىدە دىننىڭ ئاساسىغا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمەيدۇ. بۇلاردىن بىرەرسى ئىمان ئېيتقان بولسا مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە چەتكە قېقىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن زاھىرىي مۇسۇلمان بولۇپ قويىدۇ، قەلبى كاللىسىغا كەلگەن نەرسىلەرگە ئىشىنىدۇ. ئەگەر قۇرئان بىلەن سۈننەت ئۇلارنىڭ ياۋروپادا ئوقۇپ كەلگەن قاراشلىرىغا زىت كېلىپ قالسا، تەبئىي ھالەتتە ياۋروپادا ئوقۇپ كەلگىنىنى قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ئالدىدا قويىدۇ، ئاندىن شۇ كىسەل قاراشلىرىنى ئىسلامغا چاپلايدۇ!» (مۇھەددىس ئەھمەد شاكىرنىڭ ئىمام ئەھمەدنىڭ«مۇسنەد ئەھمەد»ناملىق ھەدىس كىتابىنىڭ 1395-ھەدىسىگە بەرگەن ئىزاھاتىغا قاراڭ).

(2)

 

سۈننەتكە دەسلەپتە ھۇجۇم قىلغانلار شەرقشۇناسلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە جولىد زىھىير (Goldziher) دېگەن شەرقشۇناس يەھۇدى سۈننەتكە كۆپ ھۇجۇم قىلغان، ئۇنىڭ قاتارىدا سەھى بۇخارى ۋە مۇسلىمىدىكى ھەدسلەردىن شەكلەندۈرگەن.

ئەپسۇسكى ھەدىسشۇناسلىقتىن خەۋىرى يوق بىر قىسىم ئادەملەر ئۇ شەرقشۇناسنىڭ قاراشلىرى بىلەن تەسىرلەنگەن. ئەبۇرەييە دېگەن ئادەم«سۈننەت نەبەۋىگە ئىزاھات» ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىقىپ سەھى ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلغان.

ئىسلامنىڭ سۈبھى دەۋرى ۋە ئىسلامنىڭ چاچكا دەۋرى ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئەھمەد ئەمىن شەرقشۇناس جولىد زىھيرىنىڭ قاراشلىرىدىن تەسىرلەنگەن، شۇڭا ئەھمەد ئەمىنمۇ يۇقىرىقى ئىككى كىتابىدا بۇخارى ۋە مۇسلىمدا كەلگەن سەھى ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلغان ۋە ئەبۇھۈرەيرىگە تەنە قىلغان.

ئەھمەد ئەمىننىڭ كىتابلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ ئەدىب ۋە تارىخشۇناس ئۆتكۈر بىر ئادەم، ئۇنىڭ تارىخ ساھەسىدە قاراشلىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر. ئەھمەد ئەمىن ھەدىسشۇناس ياكى ئۇسۇلى ئالىملىرىنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس، شۇڭا ئۇ ئادەمنىڭ ھەدىسلەر توغرىسىدىكى قاراشلىرى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.

دوكتۇر مۇستاپا سىبائى«سۈننەتنىڭ قانۇن چىقىرىشتىكى ئورنى» ناملىق داڭلىق ئەسىرىدە ئەبۇرەييە ۋە ئەھمەد ئەمىننىڭ بەزى قاراشلىرىغا رەددىيە بەرگەن. دوكتۇر ئەبۇشۇھبە«سۈننەتنى مۇداپىئە قىلىش» ناملىق كىتابىدا ئەھمەد ئەمىنگە رەددىيە بەرگەن.

شۇنداقلا، سۈننەت پەقەت قۇرئاننىڭ شەرھىسى دەپ قاراپ، سۈننەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ساھەسىنى ئىنكار قىلىدىغان ئېقىمىمۇ بار. باياندىرچىلار  ۋە مۇستاپا ئىسلام ئوغلىغا ئوخشاش بەزى شەخسلەر سۈننەتنى مۇستەقىل قانۇن چىقىرىش مەنبەسى ئەمەس، سۈننەتتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى قۇرئاننىڭ شەرھىسى دەپ قارايدۇ. بۇلار قۇرئاندا دەلىل بولمىسا، سۈننەتنىڭ قانۇن چىقىرىش تەرىپىنى ئىنكار قىلىدۇ.

دېمەك، بۇ شەرقشۇناسلارنىڭ شاگىرتلىرى سۈننەتكە -بولۇپمۇ ئىسلام ئۈممىتى قوبۇل قىلغان سەھى بۇخارى ۋە سەھى مۇسلىمغا-تەنە ئوقلىرىنى قارىتىش ئارقىلىق سۈننەتنى قانۇنچىلىق ساھەسىدىن چىقىرىپ تاشلىماقچى بولىشىدۇ. نەتىجىدە سۈننەت يوقالسا تەدرىجى قۇرئانغا ھۇجۇم قىلىدۇ، چۈنكى قۇرئان كەرىم سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي… مەسىلىلەرنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپال مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، تەپسىلاتىنى ئىنسان ئەقلىگە قالدۇرىدۇ، چۈنكى بۇ مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلاتى دەۋر تەرەققىياتى بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

ئەقىدە ۋە ئىبادەت مەسىلىلىرىنى ئىخچام بايان قىلىدۇ ۋە بەزى مەسىلىلەرگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنىڭ تەپسىلاتىنى سۈننەت بايان قىلىپ بېرىدۇ.

بۇ ئىلمانىيلار جەمئىيەتتە يېڭىدىن يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھۆكمىنى قۇرئاندىن تاپالمىسا، ئەقلىگە تايىنىپ ئىسلام روھىغا زىت قاراشلارنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ، قۇرئاندا بولمىغاندىكىن باشقىلاردىن ئالساق بولمامدۇ؟دېمەكچى بولىشىدۇ. مانا بۇ ئىلمانىلارنىڭ سۈننەتكە ھۇجۇم قىلىشتىكى مەقسىتى. بۇ ئىلمانىلار سۈننەتنى ئەمەلدىن قالدۇرالىسا، ئاندىن قۇرئانغا ھۇجۇم قىلالايدۇ… شۇڭا ئىسلامنى پارچىلاپ يوقۇتۇش سىياسىتى بويىچە سۈننەتكە ھۇجۇم قىلىشماقتا.

 

(3)

سۈننەتكە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇمدىن ئۆرنەك

 

بىز ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە تونۇلغان «ئىسلامنىڭ سۈبھى دەۋرى ۋە چاچكا دەۋرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئەھمەد ئەمىن ھەققىدە بىر ئاز توختىلىمىز.

بىز بۇ قاراشلىرىمىزدا ئەھمەد ئەمىننىڭ كىتابلىرىنى پۈتۈن تەنقىد قىلماقچى ئەمەس، بەلكى(بولۇپمۇ سۈبھى دەۋرىدىكى) سۈننەتكە ئالاقىدار بۆلۈمدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ چۈشەنچىسىنى توغرلىماقچى.

 

«سۈننەتنى مۇداپىئە قىلىش»ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى دوكتۇر ئەبۇشۇھبە ئەھمەد ئەمىن توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:«ھازىرقى بەزى مۇسۇلمان تەتقىقاتچىلار-ئەھمەد ئەمىنگە ئوخشاش-ئىسلام پەنلىرىنىڭ تارىخى، كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتىدا شەرقشۇناسلارغا ئەگەشتى، ئۇلارنىڭ بەزى سۆزلىرىگە قارشى مەيداندا تۇردى ۋە رەسمى مۇنازىرە قىلىشتى. ئەھمەد ئەمىن «ئىسلامنىڭ سۈبھى دەۋرى ۋە چاچكا دەۋرى» ناملىق كىتابىدا بەزى نۇقتىلاردا شەرقشۇناشلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭغان. شۇ ئارقىلىق ئەسەرلىرىدە ياخشى ئىشقا يامان ئىشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغان.

ھەدىسلەرنى تەنقىد قىلىش، ئۇنىڭ سەھى ھەدىسلەرنى كېسىلىدىن ئايرىش ساھابىلار دەۋرىدىن تارتىپ باشلانغان مەسىلە. ئىسلامنىڭ ھەدىسشۇناسلىق تارىخىدا مۇنداق مەشھۇر قائىدىلەر بار:«ئىسناد (راۋىنىڭ ئەھۋالى) دىننىڭ قاتارىدىن، ئەگەر ئىسناد بولمىغان بولسا، خالىغان ئادەم خالىغىننى دېگەن بولاتتى».«ئىسناد مۇسۇلماننىڭ قورالى»…(سۈننەتنى مۇداپىئە قىلىش ناملىق كىتابنىڭ 376-378-بەتلىرىگە قاراڭ).

دوكتۇر مۇستاپا سىبائى«سۈننەتنىڭ قانۇن چىقىرىشتىكى ئورنى» ناملىق كىتابىدا «ئىسلامنىڭ سۈبھى دەۋرى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئەھمەد ئەمىن ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«ئەھمەد ئەمىن ئىلمى ئامانەتكە لايىق ئىش قىلمىغان، ئەبۇھۈرەيرىنىڭ يامان تەرەپلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن، بىراق ئۇنىڭ ساھابىلار، تابىئىنلار ۋە ھەدىسشۇناسلار نەزرىدىكى ئورنىنى بايان قىلمىغان ۋە ئەبۇھۈرەيرىگە تەنە قىلىشتا جولىد زىھيرگە ئوخشاش يەھۇدى شەرقشۇناسلارغا ماسلاشقان».

 

ئەھمەد ئەمىن ئەبۇھۈرەيرىگە تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا تۆھمەت قىلغان:

  1. بەزى ساھابىلار-ئىبنى ئابباس ۋە ھەزرىتى ئائىشىگە ئوخشاش- ئۇنىڭ بەزى ھەدىسلىرىنى رەت قىلغان.
  2. ئەبۇھۈرەيرە ھەدىسنى يېزىۋالمايتتى، بەلكى خاتىرىسىگە تايىناتتى.

3.ئەبۇھۈرەيرە رەسۇلۇللاھدىن ئاڭلىغان ھەدىسلەر بىلەن كۇپايىلەنمەي، باشقىلاردىن ئاڭلىغاننىمۇ سۆزلىگەن.

4.بەزى ساھابىلار ئۇنى تەنقىد قىلغان ۋە ئۇنىڭ راستچىللىقىدا شەك قىلغان.

  1. ھەنەپىلەر، ئەبۇھۈرەيرىنىڭ ھەدىسى قىياسقا زىتلىشىپ قالسا، ئۇنىڭ ھەدىسىنى ئالمايدۇ ۋە ئۇنى فەقىھ ئەمەس دەيدۇ.
  2. ئويدۇرمىچىلار ئۇنىڭ كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىپ نۇرغۇن يالغان ھەدىسلەرنى چاپلىغان.

بۇلارنىڭ ھەممىسى شەرقشۇناس جولىد زىھيرنىڭ ئەبۇھۈرەيرىگە چاپلىغان تۆھمەتلىرىدۇر. ئەھمەد ئەمىننىڭ شەرقشۇناسلارغا ئەگىشىپ، ئۇلاردىن نەقىل كەلتۈرگەن بۇ قاراشلىرىغا ھەدىسشۇناسلار تەرىپىدىن رەددىيە بېرىلگەن. بىز بۇ يەردە بۇ رەددىيەلەرنى بايان قىلىپ ئولتۇرمايمىز.(«سۈننەتنىڭ قانۇن چىقىرىشتىكى ئورنى» ناملىق كىتابنىڭ 275- بېتىدىن294- بېتىگىچە قاراڭ).

دوكتۇر مۇستاپا سىبائى يەنە «سۈننەتنىڭ قانۇن چىقىرىشتىكى ئورنى» ناملىق كىتابىدا ئەھمەد ئەمىننىڭ بەزى سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن. ئەھمەد ئەمىن ئۆزىگە ئوخشاش سۈننەتكە ھۇجۇم قىلغان ئەلى ھەسەن ئابدۇلقادىر دېگەن يازغۇچىغا مۇنداق دېگەن:«ئەزھەر(ئۆلىمالىرى) ھۆر ئەركىن ئىلمى قاراشلارنى  قوبۇل قىلمايدۇ، سېنىڭ شەرقشۇناسلارنىڭ سۆزلىرىدىن توغرا تاپقان قاراشلارنى نەشىر قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى، ئۇ سۆزلەرنى شەرقشۇناسلارغا نىسبەت بەرمەي، ئۆزۈڭنىڭ شەخسى تەتقىقاتى سۈپتىدە نەشىر قىلدۇرغىن، مەنمۇ ئىسلامنىڭ سۈبھى دەۋرى ۋە چاچكا دەۋرى ناملىق كىتاۋىمدا شۇنداق قىلدىم».

شۇڭا بىز ئۇنىڭ قاراشلىرىنى، سۈننەتنى شەكلەندۈرگەنلىكىنى ۋە ئىسلامى ھەقىقەتلەرنى بۇرمىلىغانلىقىنى تەنقىد قىلساق، پاك ئادەمگە توزاق قۇرغان بولمايمىز، بەلكى گۇماندار مۇتتەھەمگە قارىشى دەلىل-پاكىت توپلىغان بولىمىز. («سۈننەتنىڭ قانۇن چىقىرىشتىكى ئورنى»ناملىق كىتابنىڭ 222-بېتىگە قاراڭ).

ئەھمەد ئەمىننىڭ ئىلمى ساھەسى كەڭرى بىر ئادەم، بۇنىڭدا شەك يوق. لېكىن ئۇ يۇقىرىقى ئىككى كىتابىدا بىر قانچە مەسىلىلەردە ئېنىق خاتالاشقان، نەقىل كەلتۈرۈشتە ئىلمى ئامانەتكە رېئايە قىلمىغان، ھەم مۇسۇلمان يازغۇچىغا لايىق ئىسلامنى مۇداپىئە قىلىش تەرەپدارى بولمىغان.

ئەھمەد ئەمىن ئوقۇرمەنلەرنى چۆچىتىپ قويماسلىقى ئۈچۈن شەرقشۇناسلارنىڭ قاراشلىرىنى بىر ئورۇندا بايان قىلماستىن ئۇستىلىق بىلەن تۈرلۈك تېمىلار ئارىسىغا چېچىۋەتكەن. ئۇ بۇخارىنىڭ ھەدىسلىرىدە ۋە ساھابىلارنىڭ ئادىللىقىدا شەكلەندۈرگەن.

 

دوكتۇر مۇستاپا سىبائى:«ئىسلامنىڭ سۈبھى دەۋرى ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورىغا ئوخشاش شەرقشۇناسلارنىڭ شاگىرتلىرى، شەرقشۇناسلارنىڭ ئىزىدا ماڭغان، ئۇلار شەرقشۇناسلارنىڭ خاتالىقى ۋە ئۇلارنىڭ تۇتقان يولىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلمىغان»دەيدۇ.(سۈننەتنىڭ قانۇن چىقىرىشتىكى ئورنى ناملىق كىتابنىڭ 258-بېتىگە قاراڭ).

يەنە:«بۇمۇ سۈننەتكە قىلىنىۋاتقان يەنە بىر تۈرلۈك ھۇجۇم، بۇ ھۇجۇمنى شەرقشۇناسلارنىڭ شاگىرتلىرى بولغان مۇسۇلمان يازغۇچىلار ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ھۇجۇم ئېنىق شەرقشۇناسلارنىڭ ھۇجۇمىدەك ئېنىق كۆرۈنمەيدۇ، بەلكى ئىلمى تەتقىقات پەردىسىگە ئورالغان بولىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ غەزىپى قوزغىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مەسىلە يوشۇرۇن يوسۇندا زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ تۈردىكى ھۇجۇمنىڭ نەتىجىسى ۋە تەسىرى بەك نىجىستۇر» يۇقىرىقى مەنبەنىڭ، 221-بېتىگە قاراڭ). دوكتۇر جامال ئابدۇلھادىنىڭ«تارىختا تۈزىتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلار»ناملىق كىتابىنىڭ 138- بېتىگە قاراڭ.

 

 

 

(4)

سۈننەت چېكىدىن ئاشۇرغۇچى ۋە سەل قارىغۇچىلار ئارىسىدا

 

سۈننەت قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار سۈننەتلەر ۋە قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار ئەمەس سۈننەتلەر دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

بۇ مەسىلىدە ئىسلامغا نىسبەت بېرىلگۈچىلەر بىر بىرىگە زىت ئىككى تەرەپتە تۇرماقتا:

  1. بىرىنچى تۈرىدىكىلەر سۈننەتتە كەلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ھەر دەۋر، ھەر ئورۇن ۋە ھەر قانداق شارائىتتا قانۇن قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمەلىيەتتە سۈننەتنىڭ قاتارىدا ئىنسان خاراكتېرىدىن تەبئىي سادىر بولغان، ئادەتتىن سادىر بولغان، مۇھىت تەجرىبىسىدىن سادىر بولغان، مەقسەتسىز سادىر بولغان سۈننەتلەر بولۇپ، بۇلار قانۇن چىقىرىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

مەسىلەن، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بەزىلەر، مۇنبەر ئۈچ پايىدىن تەركىپ تېپىشى لازىم، مۇنبەرنىڭ پايىسى ئۈچتىن ئېشىپ كەتسە بىدئەت دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە مۇنبەرنىڭ ئۈچ پايىدىن ئېشىپ كەتسە چەكلىنىدىغان ھېچقانداق دەلىل يوق.

بەزىلەر، جۈمە كۈنى خۇتبە سۆزلىگەندە ۋاسا تۇتۇشنى-گەرچە ھاجىتى بولمىسىمۇ- سۈننەت دەپ قارايدۇ. ھاجەتسىز ۋاسا كۆتۈرۈش ئاۋارىچىلىق ۋە جاپا ئەمەسمۇ؟ رەسۇلۇللاھ ياشىنىپ قالغاچقا ھاسىغا تايىنىپ تۇرۇپ خۇتبە سۆزلىگەن ئىدى.

  1. ئىككىنچى تۈركۈمدىكىلەر سۈننەتنى ئەمەلىي ھاياتتىن ئايرىۋەتمەكچى بولىشىدۇ! بۇلارنىڭ نەزىرىدە ئادەت، مۇئامىلە ئىشلىرى، ئىقتىساد، سىياسەت، ئىدارە ۋە ھەربى ئىشلار… كىشلەرگە قويۇپ بېرىلىشى لازىم، دەپ قارىشىدۇ. بۇلار بۇ ئىشلاردا سۈننەتنى ھېچقايسى نۇقتىدىن ئارىلاشتۇرمايدۇ.

بۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ خورما دەرىخى توغرىسىدا:«سىلەر دۇنيالىق ئىشلىرىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئالىم»دېگەن سۆزىنى ھۆججەت قىلىشىۋالىدۇ. بۇ سۆزنىڭ قايسى نۇقتىدا دېيىلگەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلىشمايدۇ.

رەسۇلۇللاھ تەجرىبىسى يوق تۇرمۇش ئىشلىرىدىن بىرسىدە پىكىرىنى دەپ باققان ئىدى، چۈنكى مەككىلىكلەر يېزا-ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانمايتتى. ساھابىلار رەسۇلۇللاھنىڭ:«خورما دەرىخىنى ئۇلاپ يۈرگىچە ئۆز پېتى قويۇپ قويساڭلار بولمامدۇ»دېگەن سۆزىنى سۈننەت دەپ چۈشىنىپ قېلىپ، خورما دەرىخىنى ئۇلايدىغان ئىشنى قىلمىدى، نەتىجىدە خورما دەرىخى ياخشى مېۋە بەرمىدى. ئۇلار بۇ ئەھۋالنى رەسۇلۇللاھغا سۆزلەپ بەرگەندە، رەسۇلۇللاھ يۇقىرىقى دېگەن سۆزىنىڭ ئادەتتىكىدەك ئويلاپ دېگەن گەپ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بويسۇنمىسا بولمايدىغان دىنى پەرمان ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ:«دۇنيالىق ئىشلىرىڭلارغا سىلەر ئالىم»دېگەن ئىدى.

دېمەك، يېزا-ئىگىلىك، سانائەت، مېدىتسىنا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار پەننى ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن، بۇ ئىشلار چوقۇم ئىتائەت قىلىشقا تېگىشلىك شەرىئەت قانۇنلىرىنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ.

مۇشۇ ھەدىسنى خاتا چۈشۈنۈپ، سۈننەتنى ئىسلامنىڭ قانۇن مەنبەچىلىكىدىن، ھايات ئىشلىرىدىن چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇشنى سۈننەت رەت قىلىدۇ، قۇرئان كەرىم رەت قىلىدۇ ۋە ئىسلام پۈتۈنلەي رەت قىلىدۇ.

ئىسلام دىنى قۇرئان ۋە سۈننىتى ئارقىلىق ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە: يېمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەك، ئېلىم-سېتىم، ئېلىش-بېرىش، نىكاھ-تالاق، ۋەسىيەت- مىراس، ئەدەب- ئەخلاق، جىنايەت-جازا، تىنچلىق-ئۇرۇش، خىلاپەت-مەنسەپ ۋە ئۇندىن باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە قانۇن بولۇپ كەلدى.

كۆپلىگەن ئادەملەر بۇ مەسىلىلەردە چېكىدىن ئاشۇرۇش ياكى سەل قاراش ھالىتىدە تۇرماقتا.

مەسىلەن، بەزىلەر رەسۇلۇللاھغا ئىقتىدا قىلىش ئۈچۈن شىرە ئۈستىدە تاماق يېيىشنى، ئارا قوشۇق ئىشلىتىشنى رەت قىلىشتى. تاماق يېگەندە يەردە ئولتۇرۇش، قول بىلەن يېيىش ۋە تاماقتىن كېيىن قولنى يالىۋىتىش لازىم دەپ قاراشتى. بەزىلەر بۇ ئىشلارنى سۈننەتنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈۋېلىپ خاتالاشتى، بۇ ئىشنىڭ ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى ئىكەنلىكىنى بىلىشمىدى.

 

بۇ يەردە بايان قىلىش لازىم بولغان ئىككى نۇقتا بار:

بىرىنچى: قانۇن چىقىرىش ئۈچۈن كەلگەن سۈننەتلەر، ئۇ سۈننەتلەردە رەسۇلۇللاھغا ئەگىشىش لازىم.

ئىككىنچى: سۈننەتنىڭ قاتارىدا قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار ئەمەس ۋە ئىتائەت قىلىش لازىم بولمايدىغانلىرى بار، بۇ مەخسۇس دۇنيالىق ئىشلىرىنىڭ قاتارىغا كىرىدىغىنى.

سۈننەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ۋە قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار ئەمەسلىكىدىن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى كېلەركى ماقالىمىزدە بايان قىلىمىز.

 

 

(بۇ ماقالە 2006.10.9  كۈنى يېزىلغان).

 

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

مىسىر، قاھىرە شەھىرى.