2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

سۈننەت(ھەدىس) ۋەھىي ئەمەسمۇ؟

سۈننەت(ھەدىس) ۋەھىي ئەمەسمۇ؟

 

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار سۈننەتنىڭ قەدىرىنى چۈشۈرۈش ۋە ئۇنى دىنى خۇسۇسىيەتلىرىدىن ئايرىپ تاشلاش ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنى ئاددىلا سۆزدىن ئىبارەت، ئۇنىڭ سۆزلىرى ئۈممەتكە لازىم ئەمەس دەپ گۇمان قىلىشىدۇ.

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار رەسۇلۇللاھنىڭ:«ماڭا قۇرئان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسە بېرىلدى»(ئىمام ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى  بايان قىلغان) دېگەن ھەدىسىگە تەنە قىلىشىدۇ، بۇ ھەدىسكە تەنە قىلىشتا رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنى يېزىشتىن توسقان دېگەن ھەدىسكە تاينىشىدۇ. ئۇلار:ئەگەر سۈننەت ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن ۋەھىي بولغان بولسا، رەسۇلۇللاھ سۈننەتنى يېزىشتىن توسمىغان بولار ئىدى، بەلكى سۈننەتنىمۇ قۇرئاننى يېزىشقا بۇيرۇغاندەك يېزىشقا بۇيرۇغان بولاتتى، دېيىشىدۇ.

بەزىلىرى: ئەگەر سۈننەت ئاللاھ تەرەپتىن ۋەھىي بولغان بولسا، سەھى بۇخارى ۋە سەھى مۇسلىم ھىجرىيە ئۈچىنچى ئەسىرگە كەلگىچە رەسۇلۇللاھ ئۇنى يېزىشقا ۋە خاتىرىلەشكە سەل قارىمىغان بولاتتى، دەيدۇ.

شۇنداقلا ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىنىڭ مەنىسىنى بۇرمىلىشىدۇ:«(ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھينىلا سۆزلەيدۇ»(نەجم سۈرىسى، 3-4-ئايەتلەر).

بۇ شۇبھىگە جاۋاب:

سەنەد(ھەدىسنىڭ يېتىپ كېلىش يولى) ۋە مەتنى(ھەدىسنىڭ ماددىسى) جەھەتتىن ساغلاملىق شەرتلىرىنى تولۇقلىغان سۈننەت شەكسىز رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىدۇر. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ قىممەت قاراشلىرىدىندۇر، تەبلىغ ۋە دەۋەت قىلىش ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كىشلەرگە ھۆججەت تۇرغۇزۇش ۋە مەسئۇلىيەت ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن ئەۋەتتى.

رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەزىپىسى شۇنداق ۋە راستچىل بولغانلىقى ئۈچۈن كىشلەر ئۇنىڭ سۈننىتى بىلەن ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان. چۈنكى قۇرئاننىڭ بۇيرۇقى ياكى چەكلىمىسى بىلەن سۈننەتنىڭ بۇيرۇقى ياكى چەكلىمىسى ئارىسىدا پەرق يوق.

مانا ھەدىس شەرىف:«ماڭا قۇرئان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسە بېرىلدى» دەيدۇ(ئىمام ئەھمەد 16546-نومۇرلۇق ھەدىستە، ئەبۇداۋۇد 3988-نومۇرلۇق ھەدىستە بايان قىلغان). «قۇرئان بىلەن» رەسۇلۇللاھغا بېرىلگەن نەرسىنىڭ ئوخشاشلىقى سان ۋە مىقدار جەھەتتىن ئەمەس بەلكى سۈپەت جەھەتتىندۇر. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ھەقىقەت جەھەتتە ئوخشاش، چۈنكى قۇرئان كەرىم ھەقىقەت، سۈننەتمۇ ھەقىقەت. ئىتائەت ۋە بويسۇنۇش جەھەتتە ئوخشاشتۇر، شۇڭا رەسۇلۇللاھ بۇيرۇغان ۋە توسقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىتائەت قىلىش پەرز. رەسۇلۇللاھ:«ئەگەر مەن سىلەرنى بىر نەرسىگە بۇيرۇسام كۈچىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئىجرا قىلىڭلار، ئەگەر مەن سىلەرنى بىر نەرسىدىن توسقان بولسام ئۇ ئىشتىن يىراقلىشىڭلار»دېگەن.(بۇخارى6744 -نومۇرلۇق ھەدىستە، نەسەئى 2572- نومۇرلۇق ھەدىستە ۋە ئەھمەد 7797-نومۇرلۇق ھەدىستە بايان قىلغان).

سۈنەتنىڭ ۋەھىلىكى لەۋزى(سۆز) بولسۇن ياكى مەزمۇن بولسۇن ياكى ئىلھام بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش.

سۈننەت دېگەن:رەسۇلۇللاھنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزى ياكى ئىش ھەرىكىتى ياكى تەستقىلىشىدۇر، سۈننەتنىڭ ھەممە تۈرىدىن مەقسەت ئاللاھنىڭ مۇرادىنى يەتكۈزۈشتۇر.

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار نەجم سۈرىسىدىكى بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى بۇرمىلاپ:« إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحى»يەنى «پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھينىلا سۆزلەيدۇ» دېگەن ئايەت يالغۇز  قۇرئان ئايەتلىرىگىلا خاس، بۇ ئايەتتىكى ۋەھىي دېگەن سۆزگە سۈننەت قەتئىي كىرمەيدۇ، دەيدۇ.  بىراق ئايەتنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ قارىشىنى رەت قىلىدۇ:«ساقىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى. (ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھينىلا سۆزلەيدۇ»(نەجم سۈرىسى، 1-4-ئايەتلەر).

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار«ينطق» دېگەن پېئىلدىكى يوشۇرۇن ئالماش-نى رەسۇلۇللاھغا نىسبەت بېرىدۇ- بىلەن«ھو» دېگەن سۆزدىكى ئالماشنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ قاراشتى، شۇڭا«ھو»دېگەن ئالماش يالغۇز قۇرئانغىلا قايتىدۇ، دەپ قاراشتى.

بىر سىياقتىكى ئالماشنى ئايرىپ قاراش توغرا ئەمەس، چۈنكى «ھو» دېگەن ئالماشنى قۇرئانغا قايتۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئايەتنىڭ بېشىدا «قۇرئان» دېگەن سۆز زىكىر قىلىنمىدى. «ھو» دېگەن ئالماش «ينطق» دېگەن پېئىلنىڭ ئىگىسىگە قايتىدۇ. يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىگىنى-قۇرئان بولسۇن ياكى سۈننەت بولسۇن- ۋەھىيدىن باشقا نەرسە ئەمەس دېگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئايەتنىڭ زىكىر قىلىنىش ئورنى رەسۇلۇللاھنى قەلبىنىڭ پاكلىقى ۋە تىلىنىڭ راستچىللىقى بىلەن مەدھىيىلەش ۋە ئۇنى ئاقلاش ئورنىدا كەلگەن.

ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھنى مەدھىلەشنى قەسەم بىلەن تەكىتلىدى: «ساقىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى»، ئاندىن رەسۇلۇللاھنى ئېزىش ۋە خاتالىشىشتىن ئاقلىدى:«سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى»، ئاندىن رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرى ۋە كەلىمىسىدە كۆڭۈلنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ تەسىرلىرىنى ئىنكار قىلدى:«(ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ»، ئاندىن ئۇنىڭ سۆزلىگەن نەرسىسىنى ۋەھىي دەپ كەسكىن ئىپادىلىدى. ئۇنداقتا«إن ھو» دېگەندىكى ئالماش يالغۇز قۇرئاننىڭ ئۆزىگىلا قايتىدۇ، دېيىشكە نېمە دەلىل بار؟

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرئان بىلەن سۆزلىگەندەك سۈننەت بىلەنمۇ سۆزلەيدىغان ئىدى، شۇڭا ئۇلار-يەنى سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئىنساپلىق بولسا-«إن ھو» دېگەندىكى ئالماشنى رەسۇلۇللاھ سۆزلىگەن ھەر قانداق- مەيلى ئۇ قۇرئان بولسۇن ياكى ئاللاھنىڭ پەرمانىنى يەتكۈزىدىغان سۈننەت بولسۇن- نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېيىشى لايىق ئىدى.

ئالىملار قۇرئان كەرىمنىڭ ۋەھىيلىكى بىلەن سۈننەتنىڭ ۋەھىيلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ مۇنداق دېيىشتى:

* قۇرئاننىڭ ۋەھىيلىكى سۆزى ۋە مەنىسى بىلەن بولغىنىدۇر، شۇڭا قۇرئان كەرىمنى مەنىسى بىلەن رىۋايەت قىلىش قەتئىي توغرا بولمايدۇ.

سۈننەتنىڭ ۋەھىيلىكى مەنىسى بىلەن بولغىنى بولۇپ، سۆز رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىدۇر، سۈننەتنى زۆرۈر تېپىلغاندا-يېزىشتا ئەمەس سۆزلەش نۇقتىسىدىن-مەنىسى بىلەن رىۋايەت قىلىش دۇرۇس.

*ياكى قۇرئان كەرىمنىڭ ۋەھىيسى ئوچۇق ۋەھىي، سۈننەتنىڭ ۋەھىيسى يوشۇرۇن ۋەھىي، سۈننەتمۇ ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن ۋەھىيىدۇر، بۇ مەزمۇننى قۇرئان كەرىم تەكىتلەيدۇ:«ئاللاھ ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سۈننەتنى)نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋە غەيب ئىشلارنى) بىلدۈردى. ئاللاھنىڭ ساڭا پەزلى چوڭدۇر» (نىسا سۈرىسى، 113-ئايەت).

مانا بۇ پاكىتلاردىن كېيىن سۈننەتنى ۋە سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ شۇبھىسى ئەقىل ئىگىلىرى ئالدىدا قوبۇل قىلىنامدۇ؟!

سۈننەتنىڭ لەۋزى(سۆزى) جەھەتتىن ئەمەس، مەزمۇن جەھەتتىن ۋەھىي بولغانلىقى سۈننەتنىڭ قەدىرىنى چۈشۈرۈۋەتمەيدۇ. بەزى ھەدىسلەرنىڭ رىۋايىتى ئوخشاشمايدۇ، بۇ ئوخشاشماسلىقنىڭ سەۋەبلىرى رەسۇلۇللاھدىن ئاڭلاشنىڭ تۈرلۈك بولىشى مۇمكىن. سەھى سۈننەتتىكى بۇ ئىشلار خۇددى قىرائەتنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. سەھى قىرائەتنىڭ ھەممىسى قۇرئاندۇر. (بۇ تېمىدا تېخىمۇ تەپسىلى ئىزدىنىش ئۈچۈن مۇپەسسىر شەيخ سابۇنىنىڭ«سۈننەت ۋەھىينىڭ بىر تۈرى»ناملىق كىتابىغا قاراڭ).

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار، سۈننەتنىڭ ۋەھىي ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغۇچىلار ۋە قۇرئان بىلەنلا ماڭساق بولىدۇ، دەپ سۈننەتنى تەرك ئېتىدىغانلار ئەھل سۈننى يولىدىن چەتنەپ كەتكەن ئازغۇنلاردىن ئىبارەت.

 

 

 

2006- 12- 4 مىلادىيە ئېلان قىلىنغان.

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

قاھىرە شەھىرى، مىسىر،