2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

«سۈننەتنىڭ مەنبەسى خاتالىقتىن خالى ئەمەس» دېگەن شۇبھىگە جاۋاب

 

«سۈننەتنىڭ مەنبەسى خاتالىقتىن خالى ئەمەس» دېگەن شۇبھىگە جاۋاب

 

ھازىرقى دەۋردىكى سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار سۈننەتكە تەنە قىلىش ۋە سۈننەتنى قانۇن چىقىرىش سالاھىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن سۈننەتنىڭ مەنبەسى بولغان رەسۇلۇللاھ توغرىسىدا شۇبھى پەيدا قىلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار رەسۇلۇللاھغا ئاداۋەت ئىلان قىلىشىدۇ، رەسۇلۇللاھنى مۇقەددەس بىلىدىغان ۋە ئۇنى خاتالىقتىن خالى(يەنى مەئسۇم) دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلارغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىشىدۇ!

ئىلمانىيلارنىڭ بۇ شۇبھىسىدا خورمىنى ئۇلاش توغرۇلۇق كەلگەن ھەدىستىن باشقا دەلىلى يوق. ئۇلار دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن قىسسە مۇنداق: رەسۇلۇللاھ خورما دەرىخىنى ئۇلاۋاتقان بىر توپ ئادەملەرنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇلارغا :«ئۇنداق  قىلىپ يۈرمىسەڭلا بولمامدۇ» دەپ ئىشارەت قىلغان ئىدى(يەنى ئۇلارغا بۇيرۇق چۈشۈرمىگەن). شۇ سەۋەبتىن(يەنى خورمىنى ئۇلىمىغانلىقتىن) شۇ يىلى خورما ياخشى مېۋە بەرمىدى، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئەھۋالنى بايان قىلغان چاغدا رەسۇلۇللاھ:«دۇنيالىق (تىرىكچىلىك) ئىشلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلار ياخشى بىلىسىلەر»دەپ جاۋاب بەرگەن (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار مۇشۇ ھەدىسنى مۇبالىغلاشتۇرۇپ، ئۇنى رەسۇلۇللاھغا تىل تەككۈزۈشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋېلىشتى ۋە رەسۇلۇللاھ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش توغرا قىلىدۇ ۋە خاتالىشىدۇ، ئۇ خاتالىقتىن خالى زات ئەمەس ۋە مۇقەددەس ئىنسان ئەمەس دەپ جەزمىلەشتۈرۈشتى.

ئۇلار: ئەگەر رەسۇلۇللاھ سۆزلىگەن ياكى ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشلار ۋەھىي بولىدىغان بولسا، خورما دەرىخىنى ئۇلاش مەسىلىسىنى نېمە دېيىش كېرەك؟ رەسۇلۇللاھ خورما دەرىخىنى ئۇلاشتىن توسقان ئىدى، شۇ سەۋەبتىن مەھسۇلات ئوخشىمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەسۇلۇللاھ:«دۇنيالىق ئىشلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلار ياخشى بىلىشىلەر»دېدى. ئەگەر مۇشۇ ھەدىس ۋەھىي بولىدىغان بولسا ئاللاھ ئۆزى بىلەن زىتلىشامتى؟… مانا رەسۇلۇللاھنىڭ:«دۇنيالىق ئىشلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلار ياخشى بىلىشىلەر»دېگەن سۆزى خورمىنى ئۇلاشتىن چەكلەش سەۋەبلىك مەھسۇلاتنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كېلىپ چىققان ئىنسانىي خاتالىق توغرىسىدىكى ئەدەبلىك ئۆزرە ئېيتىشتىن ئىبارەت. مۇھەممەد(يەنى رەسۇلۇللاھ)خاتالىق، سەۋەنلىك ۋە ئۇنتۇپ قېلىشتىن خالى ئەمەس(يەنى خاتالىشىدۇ)، چۈنكى ئۇ بىر ئىنسان دېيىشتى.

مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام-بىلەن ئۆزلىرى ئارىسىدا ئاداۋەت باردەك-توغرىسىدىكى سۆزى. بۇلارنىڭ مەقسىتى يەنى دېمەكچى بولغىنى رەسۇلۇللاھدىن سادىر بولغان نەرسە ۋەھىي ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئۆزىدىن مەسۇم(خاتالىقتىن خالى)لىقنى ئىنكار قىلدى. چۈنكى ئۇ ئىنسان، ئىنسان دېگەن خاتالىشىدۇ ۋە توغرا قىلىدۇ، شۇڭا رەسۇلۇللاھ خاتالىقتىن خالى زات ئەمەس دېگەن يالغان داۋاسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن خورما دەرىخىنى ئۇلاش ھەدىسىنى ھۆججەت قىلىپ كەلتۈرۈشتى. بۇ ئىلمانىيلارنىڭ نەزىرىدە رەسۇلۇللاھنىڭ خاتالىقى پەقەت مۇشۇ بىر ھەدىستە ئەمەس،بەلكى رەسۇلۇللاھدىن سادىر بولغان بارلىق ھەدىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

بۇ شۇبھىگە جاۋاب:

 

بۇ كۆمۈلۈپ قالغان نادانلار ياكى ئازغۇنلار رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە يامانلىق قىلىشتىن ساقلانمايدۇ.

يېرىم ئەسىر ئىلگىرى بۇ قاراشتىكىلەرگە يېتۈك ھەدىسشۇناس ئەھمەد شاكىر تاقابىل تۇرغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن:«بۇ ھەدىسنى دەۋر ئاتېئىستلىرى ۋە شەرقشۇناسلارنىڭ شاگىرتلىرى تەنتەنە قىلىپ، ئەھل سۈننى ۋە شەرىئەتنى قوغدىغۇچى ئالىملارغا قارىشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاساس قىلىۋالىدۇ. ئۇ ئىلمانىيلار سۈننەتتىن بىر نەرسىنى ئىنكار قىلماقچى بولسا ياكى شەرىئەتنىڭ بىرەر ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلماقچى بولسا مۇشۇ ھەدىسنى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىدۇ… بۇلارنىڭ دىننىڭ ئاساسلىرىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئاللاھ بىلىدۇ!».(ئىمام ئەھمەدنىڭ«مۇستەد»ناملىق كىتاۋىنىڭ 1395-نومۇرلۇق ھەدىستىكى ئەھمەد شاكىرنىڭ ئىزاھاتىغا قاراڭ).

ھەدىسشۇناس ئەھمەد شاكىر سۈپەتلىگەن بۇ ئاتېستلار ۋە ئىلمانىلار دۇنيا ئىشلىرى ئىسلام تەلىماتى ۋە كۆرسەتمىسىگە بويسۇنمايدۇ، دېگەن قارىشىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇ ھەدىسنى دەلىل كەلتۈرىدىغان ئىدى. بۇ يەردىكى سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار بۇ دەلىلنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈشتى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ خاتالىقتىن خالى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى دەستەك قىلىشتى. بۈگۈنكى دەۋردىكى سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار سۈننەتنى يىلتىزىدىن ئۆرۈپ تاشلاشنى ئىرادە قىلىشىدۇ…

 

رەسۇلۇللاھ خاتالىقتىن پاك:

ئىسلام ئالىملىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش ساھەسىدە مەسۇم(يەنى خاتالىقتىن خالى) لىقىغا بىرلىككە كەلگەن. پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتالىقتىن خالى ئىكەنلىكى تۆۋەندىكى ئىشلاردا كۆرۈلىدۇ:

* پەيغەمبەرلىكنى يوشۇرۇش، پەيغەمبەرلىكنى يالغاندىن داۋا قىلىش، ئاللاھ چۈشۈرگەن قايسى بىر ھۆكۈمنى بىلمەسلىك، تەبلىغ قىلىشتا سەل قاراش، شەيتاننىڭ ئۇلارغا پەرىشتە سۈپتىدە كۆرۈنىشى، شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى ياكى ئۇلارنىڭ خىيالىنى ئىگەللىۋىلىشى، ۋەھىي ئىشلىرىدا يالغان سۆزلەش، ئاللاھ چۈشۈرگەن ھۆكۈمنىڭ ئەكسىنى بايان قىلىش پەيغەمبەرلەر ھەققىدە مۇمكىن ئەمەس.(ئابدۇغەنى ئابدۇلخالىقنىڭ«سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكى»ناملىق كىتابنىڭ 96-بېتىگە قاراڭ).

* تەبلىغ ساھەسىدە پەيغەمبەرلەرگە ۋاجىپ بولغان ۋە تەبلىغقا ھېچ قايسى جەھەتتىن قارىشى ئىشنىڭ سادىر بولمايدىغانلىقىدىكى بۇ  «مەسۇملۇق» پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ۋەھىي بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى دىننىڭ ئاساسلىرى، تارماقلىرى ۋە تەكلىپ(مەسئۇلىيەت) ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ قارىشىمىزنىڭ شەرئى دەلىلى كۆپ. ئاللاھ تائالا قانچىلىغان ئايەتلەردە پەيغەمبەرلەرگە ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىشكە بۇيرۇيدۇ، ئەگەر ئۇلار تۆھمەت ياكى خاتالىق ياكى سەۋەنلىك ياكى ئۇنتۇپ قېلىش گۇماندارى بولغان بولسا، ئاللاھ بىزنى ئۇلارغا مۇتلەق ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇمىغان بولاتتى.

ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ توغرىسىدا:«سىلەرگە -ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللا ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر» (ئەھزاب سۈرىسى، 21-ئايەت).

ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھ توغرىسىدىكى بۇ باھاسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن چىقماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. رەسۇلۇللاھنى ئاقلىغان، ئۇنىڭغا مۇستەقىل ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى مەدھىيىلىگەن ئايەتلەر نېمىدېگەن كۆپ!

پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسۇملىقى شەرىئەت بىلەن ۋاجىپ بولغاندەك ئەقىل بىلەنمۇ ۋاجىپ، چۈنكى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۇلارنى كەسكىن تەستىقلاش ۋاجىپ. ئەگەر-ئەقىل جەھەتتىن- ئۇلارنىڭ ئاللاھ ھەققىدىكى تەبلىغ ئىشلىرىدا خاتالىشىپ قېلىشى مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئاللاھدىن يەتكۈزۈۋاتقان سۆزلىرى ۋە ئىش ھەرىكەتلىرىدە شەك پەيدا بولىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇلارنى كەسكىن تەستىقلاش مۇمكىن بولماي قالىدۇ، شەرىئەت ھەيۋىتىنى يوقىتىدۇ. بۇنداق بولىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.

مانا بۇ مۆمىنلەرنىڭ ئەقىدىسى. سۈننەتنى رەت قىلىش ۋە ئۇنى يوققا چىقىرىشقا ئاساس يارىتىش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنى خاتالىقتىن خالى ئەمەس دەپ قارايدىغانلار چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىدۇ، دىندىن زۆرۈر بولغان نەرسىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ ۋە ئېغىر گۇناھ قىلغان بولىدۇ.

 

خورما ھەدىسىدە ئۇلارغا پاكىت يوق:

ئۇلار خورما دەرىخىنى ئۇلاش ھەدىسىدە رەسۇلۇللاھدىن خاتالاشماسلىقنى ئىنكار قىلىشقا دەلىل بار دەپ خىيال قىلىشىپ قالدى. بۇ ھەدىستە ئۇلار ئۈچۈن دەلىل يوق، بەلكى ئۇلارنىڭ نادانلىقى ۋە تەرسالىقىغا پاكىت بار. ئۇلارنىڭ سۈننەت، رەسۇلۇللاھ ۋە ئۈممەتكە قىلغان سۈيقەستلىرى دائىم بەربات بولىدۇ…

بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ ھەققىدە تەبلىغ قىلىش ياكى فىقھى قائىدە ئورنىتىش ياكى شەرئى ھۆكۈمنى بايان قىلىش ساھەسىدە كەلگەن ھەدىس ئەمەس. ئۇ ھەدىس  ئىنسانىي تەجرىبىگە بويسۇنىدىغان ئىشلار ھەققىدىكى مەسىلىھەتتىن ئىبارەت، رەسۇلۇللاھ يېزا-ئېگىلىك مۇتەخەسسىس سۈپتىدە ئەۋەتىلمىدى، دۇنيالىق (يەنى تىرىكچىلىك) ئىشلار توغرۇلۇق ۋەھىي چۈشمىدى ۋە پەيغەمبەر ئۇ سەۋەب ئۈچۈن ئەۋەتىلمىدى. بۇ ئىشلار دېگەن ئىنسان ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيدىغان، بىر تەجرىبىدىن يەنە بىر تەجرىبىگە يۆتكىلەلەيدىغان ۋە ئەڭ ياخشىسىنى تاللىيالايدىغان ئىشلاردۇر.

مانا بۇ ئىشلار ئەقىل ۋە تەجرىبە بىلىمىنىڭ ساھەسىدۇر، شەرىئەت بۇ ئىشلاردا ھالال-ھارام، جائىز ۋە مەكرۇھلىققا ئالاقىدار تەرىپىدىن باشقا تەرەپلىرىگە ئارىلاشمايدۇ.

مانا بۇ قاراشنى خورما ئىگىلىرىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ ئەھۋالنى بايان قىلغاندا رەسۇلۇللاھنىڭ:«مەن بىر ئىنسان، مەن سىلەرنى دىنىڭلاردىن بىر ئىشقا بۇيرۇسام ئۇنى ئېلىڭلار. ئەگەر مەن سىلەرنى  ۋەھىيگە ئەمەس، كۆز قارىشىمغا تايىنىپ بىر ئىشقا بۇيرۇسام، مەن بىر ئىنسان» دېگەن(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن سۆزى ئىسپاتلايدۇ.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار باشقا مۇناسىۋەتلەردىمۇ يۈز بەردى. مەسىلەن، بەدرى ئۇرۇشىدا رەسۇلۇللاھ ئەسكەرلەرنى بىر ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ، بىر ساھابىنىڭ مەسلىھەتىگە ئاساسەن باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىپ كەتتى.

خەندەك ئۇرۇشىدا رەسۇلۇللاھ غەتفان قەبىلىسىنىڭ مۇشرىكلارغا ياردەم بەرمەسلىك شەرتى ئاساسىدا ئۇلارغا مەدىنە شەھىرىنىڭ مېۋىسىنىڭ يېرىمىنى بېرىپ ئىتتىپاق كېلىشىمى ئورناتماقچى بولغان ئىدى، ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىسىنىڭ داھىيلىرى بولغان ئىككى سەئىدىنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ ئۇ قارىشىدىن يانغان.

خورما دەرىخىنى ئۇلاشمۇ مۇشۇ مىساللارغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىشنىڭ دەل ئۆزىدۇر. دېمەك، خورما توغرىسىدىكى ھەدىس قانۇن چىقىرىش بىلەن ئالاقىسى يوق، مەسلىھەت تەرىقىسىدىكى ھەدىستىن ئىبارەت.

بۇنىڭدىن شۇ ئېنىق چىقىپ تۈرىدىكى، سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار رەسۇلۇللاھنىڭ خاتالىقتىن خالى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئېزىپ كەتكەن ۋە باشقىلارنى ئازدۇرغان. ئۇلار بۇ ئاقماس داۋاسىدا ئاداۋەتخور خرىستىئانلار، ھەسەتخور شەرقشۇناسلار ۋە جاھىل ئىلمانىلارنىڭ گۇمانلىرىنى تەكرارلىغان ۋە ئۇلارنى دورىغان.

ئۇلارنىڭ شۇبھىلىرى ۋە سۈيقەستلىرى يوقىلىدۇ ۋە تارازىدا توختىمايدۇ، ھەقىقەت قىيامەتكىچە تاغدەك ئۈستۈن تۇرىۋېرىدۇ.

بىز «تارىخ ۋە دىن» دېگەن ماقالىمىزدە غەربلىكلەر پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «پەيغەمبەر» دېگەندىن كۆرە «ئىسلاھاتچى» دەپ تونۇشتۇرۇشنى ئەۋزەل بىلىدۇ، دېگەن ئىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن غەرببلىكلەرنىڭ بىرسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دۇنيادىكى يۈز مەشھۇر شەخسىنىڭ بىرى قىلىپ تونۇشتۇرغان، بۇ ئارقىلىق مۇھەممەد باشقىلاردىن يوقىرى نەتىجە قازانغان ئىسلاھاتچى ئىدى دېگەن ئاڭنى سىڭدۈرمەكچى بولغان ۋە مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى چەتكە قايرىپ قويغان. مانا بۇمۇ چىرايلىق ئاتالغۇ ئاستىدا ۋە تارىخ پەلسەپىسى ئاستىدا رەسۇلۇللاھغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن ئىبارەت.

شۇڭا غەربلىك شەرقشۇناسلار ۋە تارىخچىلار رەسۇلۇللاھنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىپ، رەسۇلۇللاھنى ماركس، لېنىن، ئېينىشتېيىن…دىن ئىبارەت 100 كىشىنىڭ قاتارىغا تىزىپ قويغان. بۇ قاراش رەسۇلۇللاھنى مەدھىيلىگەنلىك بولماستىن بەلكى رەسۇلۇللاھنىڭ ماقامىنى ۋە ئورنىنى چۈشۈرگەنلىكتۇر. قانداقمۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ رەھبىرى، ئىنسانىيەتنىڭ قوياشى، نۇرى، قۇتقازغۇچىسى، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئەۋزىلى ۋە رەھبىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر قىسىم ئالىملار، ئىسلاھاتچىلار، ئاتېستلار ۋە بۇزغۇنچىلار بىلەن بىر قاتارغا تىزىپ قويۇش قانداقمۇ توغرا بولسۇن! مانا بۇمۇ غەربنىڭ ئىسلام پەيغەمبىرىنى پەيغەمبەر ئەمەس بەلكى ئىسلاھاتچى دەپ تونۇشتۇرۇشىنىڭ بىر يۆلىنىشىدۇر. ئىسلاھاتچى دەپ تونۇشتۇرۇلغاندا ئۇنىڭ مەسۇملۇق (خاتالىقتىن ساقلىنىش) سۈپىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ!

رەسۇلۇللاھنى خاتالىقتىن خالى ئەمەس دەيدىغانلار، شۇ ئارقىلىق رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى ئىنكار قىلىدىغان ئىلمانىيلار غەربنىڭ ئىدىيىسىدىن تەسىرلەنگەن ۋە شەرقشۇناسلارنىڭ پىكىرلىرىدىن تەلىم ئالغان سۈننەتنىڭ دۈشمەنلىرى بەلكى ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر.

 

2006- 12- 23 مىلادىيە يېزىلغان.

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

مىسىر، قاھىرە شەھىرى.