2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

«سۈننەت ئەمەلىي رېئاللىققا زىت» دېگەن شۇبھىگە جاۋاب

«سۈننەت ئەمەلىي رېئاللىققا زىت» دېگەن شۇبھىگە جاۋاب

 

ھازىرقى دەۋردىكى سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئوتۇن بىلەن يىلاننى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان كېچىدە ئوتۇن تەيگۇچىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جاھىللار نادانلىقلىرىنى ئىمانىي ھەقىقەتلىرىگە تاڭىدۇ ۋە ئۇنى ھەقىقەت بىلەن باتىلنىڭ ئارىسىدىكى ئۆلچەم قىلىۋالىدۇ. ئۇلار سۈننەتكە قارىشى كۆرەشلىرىدە بارلىق خىياللىرىنى توپلىشىدۇ ۋە كاسات قاراشلىرىنى بازار تاپىدۇ، دەپ خىيال قىلىشىدۇ.

ئۇلار بۇ شۇبھىسىدە سەھى ھەدىسنىڭ بەزىسى ئەمەلىي رېئاللىققا زىت كېلىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ سەھى ھەدىسلەر-گەرچە رەسۇلۇللاھ دېگەن بولسۇن ياكى ئۇنىڭغا توقۇلغان بولسىمۇ، شۇنداقلا ھەدىسشۇناسلار تەرىپىدىن سەنىدى(راۋىلار ئەھۋالى) سەھى بولسىمۇ- يالغان ھەدىسلەردۇر، دەپ قارىشىدۇ.

ئۇلار بۇ شۇبھىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كەلتۈرگەن بىر بۆلۈك ھەدىسلىرىدىن ئاساسلىق ئىككى ھەدىسنى بايان قىلىمىز:

بىرىنچى ھەدىس:

رەسۇلۇللاھ:«ئەگەر ئاللاھ بىرەر مىللەتكە ئازاب چۈشۈرسە، ئازاب شۇ مىللەتتكى ياخشى-يامان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە تېگىدۇ، ئاندىن ئۇلار دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىگە قارىتا تېرىلدۈرىلىدۇ»دىگەن (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار بۇ ھەدىسنى ئويدۇرما ھەدىس دەپ ھۆكۈم چىقىرىشتى، ئۇلارنىڭ نىشانى سۈننەت كىتابلىرى ھەققىدە بولۇپمۇ سەھى بۇخارى ۋە سەھى مۇسلىمغا شۇبھە قوزغىماقچى.

ئۇلار بۇ ھەدىسنى ئويدۇرما ھەدىس دەپ ھۆكۈم چىقىرىشتا تۆۋەندىكى ئىككى ئىشقا تايانغان:

  1. بۇ ھەدىس قۇرئانغا قارىشى!.
  2. ئەمەلىيەت ۋە رېئاللىققا زىت!

ئۇلارنىڭ بىرسى:«بۇ ھەدىس قۇرئان كەرىمگە قارىشى بولغاندىن سىرت، بۇ ھەدىسنى ھېس تۇيغۇمۇ رەت قىلىدۇ». بۇ ھەدىسنىڭ قۇرئانغا زىت كەلگەنلىكىگە بىر قانچە ئايەت پاكىتتۇر، دەيدۇ:

« ئاللاھ ھەقىقەتەن زەررىچە زۇلۇم قىلمايدۇ»(نىسا سۈرىسى، 40-ئايەت).

«بىز پەقەت كۇپۇرلىق قىلغۇچىلارنىلا جازالايمىز»(سەبە سۈرىسى، 17-ئايەت).

«يۇرت ۋە شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى زالىم بولمىغىچە شەھەرلەرنى ھالاك قىلغۇچىمۇ بولمىدۇق»،(قەسەس سۈرىسى، 59-ئايەت).

مانا بۇ ئايەتلەر ئىلاھى ئادالەتنى تەكىتلەيدۇ، ئەمما يۇقىرىقى ھەدىس بولسا بۇ ئىلاھى ئادالەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېيىشىدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ شۇبھىسى ۋە پاكىتلىرى.

بۇ شۇبھىگە جاۋاب:

ئۇلار سەھى ھەدىسنى يالغانغا چىقىرىش ئۈچۈن شاھىد كەلتۈرگەن بۇ ئايەتلەرنى ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قۇلۇپلانغان ھالىتىدە ئوقۇغان. چۈنكى بۇ ئايەتلەرنىڭ بەزىسى ئاد ۋە سەمۇد مىللىتىگە ئوخشاش يەر يۈزىدىن يىلتىزىدىن يوقۇلۇش ئازابىغا خاس ئايەتلەردۇر. قۇرئان كەرىم ئەرەب مۇشرىكلىرىنى مۇشۇنداق ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ:«بىز نۇرغۇن شەھەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئاھالىسى كەيىپ-ساپالىق تۇرمۇش كۆچۈرەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدۇر، ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن (ئۇ جايلاردا) ئازغىنا ۋاقىتتىن تاشقىرى ئادەم تۇرغان ئەمەس، ئۇلار(نىڭ مال-مۈلكى ۋە يۇرتىغا)بىز ۋارىسلىق قىلدۇق»(قەسەس سۈرىسى، 58-ئايەت). ئاندىن: «شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى زالىم بولمىغىچە شەھەرلەرنى ھالاك قىلغۇچىمۇ بولمىدۇق»،(قەسەس سۈرىسى، 59-ئايەت) دېدى.

بۇ ئايەتلەرنىڭ بەزىسى ئاخىرەتتىكى جازاغا خاس، مەسىلەن ئاللاھنىڭ بۇ سۆزى:«بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ»(ئىسرا سۈرىسى، 15-ئايەت).

ئاللاھنىڭ دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە ھېچ بىر ئىنسانغا قەتئىي زۇلۇم قىلمايدىغانلىقى ئىمان ئاساسىنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.

يۇقىرىقى مەزكۇر ھەدىسمۇ بۇ ئايەتلەرنىڭ كۆرسەتمىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. لېكىن سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار بۇ ھەدسىنىڭ بىر قىسمىنى كۆرۈپ يەنە بىر قىسمىدىن كۆز يۇمغان، شۇڭا توغرا يولدىن ئازغان.

ئۇلار ھەدىسنىڭ:«ئەگەر ئاللاھ بىر مىللەتكە ئازاب چۈشۈرۈپ قالسا، بۇ ئازاب ھەممە كىشلەرگە تەڭ يېتىدۇ»دېگەن قىسمىنى كۆرگەن ۋە :«ئاندىن ئۇلار ئەمەللىرىگە قارىتا تېرىلدۈرىلىدۇ»دېگەن قىسمىدىن كۆز يۇمغان. دېمەك، بۇ ھەدىسمۇ ئايەتلەرگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ ئادالىتىنى قارار قىلىۋاتىدۇ:

ئاللاھ بىر مىللەتكە غەزەپ قىلىپ قالسا، ئۇلارغا ئومۇمى ياكى خاس ئازاب چۈشۈرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولىدۇ. ھالاك بولغانلارنىڭ قاتارىدا ياخشى كىشىلەرمۇ بار بولىدۇ، چۈنكى ھەممەيلەن دۇنيالىق ئاقىۋەتتە باراۋەر بولىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئاقىۋەت جەھەتتە ئاخىرەتتە ئايرىلىشىدۇ، بىر قىسمى دوزاختىن ئورۇن ئالىدۇ، يەنە بىر قىسمى جەننەتتىن ئورۇن ئالىدۇ.

سۈننەت(يەنى ھەدىس شەرىپ) تەبئىي كرىزىسلاردا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى شېھىتلەر دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ. ئۇنداقتا سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار مەزكۇر ھەدىستە ئاللاھغا نىسبەت بەرگەن زۇلۇم قېنى؟

بۇ مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى، يەنە بىر تەرەپتىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇلارغا:«بۇ ھەدىس قۇرئان بىلەن 100% ئۇيغۇن كېلىدۇ، ھەدىس بىلەن قۇرئان ئارىسىدا قىلچىلىك زىتلىق ھەرگىز تېپىلمايدۇ»دېيەلەيمىز.

چۈنكى قۇرئان كەرىم ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ، شۇڭا ئاللاھ تائالا:«سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا-قازادىن ساقلىنىڭلار»،(ئەنفال سۈرىسى، 25-ئايەت).

قۇرئان كەرىم پىتنە(يەنى ئازاب) چۈشۈپ قالسا، پەقەت زالىملارغا چۈشمەيدۇ، بەلكى زالىم، ئادىل، گۇناھكار ۋە تەقۋا ئادەمگىمۇ تېگىدۇ. دەپ ئېنىق ئېيتمىدىمۇ؟

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار سىلەر قانداق قارايسىلەر؟ سىلەرنىڭ شەيتانىي گۇمانىڭلارچە «بۇخارى» رەسۇلۇللاھغا يالغان سۆزلىگەندەك، بۇ ئايەتمۇ ئاللاھغا يالغان سۆزلىدىمۇ؟

سىلەر ئايەت ۋە ھەدىسكە تەڭ ئىمان ئېيتىشىڭلار ياكى ئۇ ئىككىسىگە تەڭ كاپىر بولۇشۇڭلار كېرەك، چۈنكى ھەر ئىككىلىسى بىر مەنىگە دەلىلدۇر. ئىلاھى ئادالەتكە ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ راستچىللىقىغا ئىشىنىش بىر-بىرسىدىن ئايرىلمايدۇ. سىلەر ئەمدى نېمە دەيسىلەر؟

 

بۇ ھەدىس ئەمەلىيەت ۋە رېئاللىققا زىت دېگەن داۋاغا جاۋاب:

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار، ئاللاھ ھەر قاچان بىر مىللەتنى ھالاك قىلماقچى بولسا، ياخشى كىشىلەرنى ئايرىپ قويۇپ، جىنايەتچىلەرنى ھالاك قىلىدۇ، دەپ داۋا قىلىشىدۇ ۋە بۇنى رېئاللىق دەپ جار سېلىشىدۇ! مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېتىقسىز ۋە قاملاشمىغان سۆزنى ئاڭلاپ باقتىڭلارمۇ؟

نەچچە ئايروپىلانلار ھاۋا بوشلۇقىدا تۇرۇپ پارتلاپ كېتىدۇ ۋە چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشى ۋە يامان ئادەملەر بولىدۇ، لېكىن ئازاب ئايرۇپىلانغا چىققان ھەممە ئادەمگە ئورتاق كېلىدۇ.

تېخى بىر قانچە يىل ئىلگىرى ھىندۇنىزىيەنىڭ سومەترە ئارىلىدا يۈز بەرگەن دەھشەتلىك سۇ ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەملەر ئۆلۈپ كەتتى. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى پاسقىلاشقان بولسىمۇ يەنىلا ياخشى ئادەملەرمۇ بار ئىدى، ئۇلارغا كەلگەن ئازاب ياخشى ئادەملەرنى ئايرىپ قويماي ھەممىگە تەڭ كەلدىغۇ!

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار كومېدىيە ئوينىغان بولسا سەپسەتە ۋە مەنىسىز ئىشلاردا چولپانغا ئايلانغان بولاركەن! لېكىن ئۇلار تەلەيسىزلىكىدىن پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغان كەسىپكە بېسىپ كىرىپ زىيان تارتىشتى ۋە قىممىتىنى يوقۇتۇشتى.

 

 

ئىككىنچى ھەدىس:

رەسۇلۇللاھ:«مېيت دەپنە قىلىنسا ئۇنىڭ قېشىغا قارا ئىككى پەرىشتە كېلىدۇ… ئاندىن زېمىنغا گىرەلەشكىن دەيدۇ، گىرەلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قوۋۇرغىلىرى بىر بىرسىگە كىرىشىپ كېتىدۇ، قىيامەت كۈنىگىچە ئازابلىنىدۇ» دېگەن (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

ئۇلار بۇ ھەدىسنى يالغان ئويدۇرما ھەدىس دەپ قارايدۇ ۋە بۇ ھەدسىنىڭ يالغانلىقىغا ئىككى سەۋەبنى كۆرسىتىدۇ:

  1. ئۇ ھەدىس قۇرئانغا زىت.
  2. ئۇ ھەدىس ئەمەلىي رېئاللىققا زىت.

ئۇلارنىڭ بىرسى:«بۇ ھەدىس يالغان، چۈنكى ئۇ ھېس ۋە رېئاللىققا قارىشى كېلىدۇ، نۇرغۇن قەبرىلەرنى ئېچىپ كۆرگەندە، قەبرىنى ئاچقانلار قەبرىلەرنىڭ تاملىرى ۋە ئۆلۈكلەرنىڭ قوۋۇرغۇلىرىنىڭ بىر بىرىگە چاپلىشىپ، گىرەلىشىپ كەتكىنىنى كۆرمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئان كەرىم قەبرە ئازابى توغرىلىق ھېچ نەرسە دېمىدى»دەيدۇ.

بۇ شۇبھىگە جاۋاب:

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئاساسەن قۇرئاندىن باشقىسىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارغا ھەدىس شەرىپ بىلەن رەددىيە بېرىپ ئولتۇرمايمىز، چۈنكى ئۇلار ھەدىسنى رەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ شۇبھىسىگە يالغۇز قۇرئاندىنلا رەددىيە بېرىمىز.

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار بىلەن ئىلمانىيلار((secularismنىڭ مەزھىبى ئارىسىدا ئوخشاشلىقلار بار. شۇڭا ئۇلار بۇ ھەدىسنى رەت قىلىشتا ھېسسى ئەزالىرىغا تايىىنىشتى.

بىز ئۇلارغا ئۇلار ئىشىنىدىغان -راستچىل بولسا- قۇرئاندىن ئوخشاش ۋەقەلىك كەلتۈرىمىز، بۇ مىسال ئۇلار رەت قىلغان ھەدىسنىڭ ۋەقەلىكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.

مەسىلەن، ئاللاھ ئەنفال سۈرىسىدە:«پەرىشتىلەر (بەدىر ئۇرۇشىدا) كاپىرلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالنى كۆرگەن بولاتتىڭ). (پەرىشتىلەر ئۇلارغا) «دوزاخنىڭ كۆيدۈرگۈچى ئازابىنى تېتىڭلار!» (دەيتتى). بۇ(ئازاب)سىلەرنىڭ قىلمىش جىنايىتىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر»، (ئەنفال سۈرىسى، 50-51-ئايەتلەر).

پەرىشتىلەرنىڭ ۋاپات بولغان كاپىرلارنىڭ يۈزلىرى ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرۇپ، ئۇلارغا:«دوزاخنىڭ كۆيدۈرگۈچى ئازابىنى تېتىڭلار!» دېيىشى، يەنە:«بۇ(ئازاب) سىلەرنىڭ قىلمىش جىنايىتىڭلار تۈپەيلىدىندۇر، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر»دېگەن سۆزى، قەبرىنىڭ ئىگىسىگە گىرەلىشىپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ قوۋۇرغىلىرىنىڭ كىرىشىپ كەتكىنىگە ئوخشاش ئىشتۇر.

كاپىرلارنىڭ ئائىلىسى(تۇغقانلىرى) ئۇلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان چاغدىمۇ كاپىرلار ئۆلىۋىرىدۇ، كاپىرلار پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرغانلىقىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە دېيەلمەيدۇ. ئەمدى سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار تۇغقانلىرى ئۆلۈپ كەتكەن كاپىرلاردىن ئۇلارنىڭ: پەرىشتىلەر بىزنىڭ يۈزلىرىمىزگە ئۇردى دېگەنلىكىنى ئاڭلاپتىمۇ ياكى كۆرۈپتىمۇ؟!

ئەلۋەتتە كۆرمىدى ۋە ئاڭلىمىدى، ئەگەر كاپىرلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ياكى ئۇلارنىڭ ئازابلانغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان بولسا دۇنيادا بىرمۇ كاپىر قالماي ھەممىسى مۇسۇلمان بولۇپ كېتىدۇ، كۇپۇرلۇق زېمىندىن پۈتۈن يوقىلىدۇ.

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار سىلەر بۇ ۋەقەگە قانداق قارايسىلەر؟ سىلەر ھەدىسنى يالغان دېدىڭلار، ئەمسە ئەنفال سۈرىسىدىكى بۇ ئىككى ئايەتمۇ يالغانمۇ؟

ئەلۋەتتە سىلەر-تۈرلۈك سەۋەبلەردىن- بۇ ئىككى ئايەتنى يالغان دېيەلمەيسىلەر. ئۇنداقتا سىلەر مەزكۇر ھەدىس ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سەھى ھەدىسلەرگە ئىمان كەلتۈرۈشىڭلار لازىم. چۈنكى سىلەر ھەدىستىكى ۋەقەلىككە ئوخشايدىغان ئايەتكە ئىشەندىڭلار! ئەگەر يەنە مەزكۇر سەھى ھەدىسكە ئىشەنمەيدىغان بولساڭلار سىلەر تەرسا ۋە ھىيلە-نەيرەڭچى ئادەملەر ئىكەنسىلەر، ھىيلە مىكىر كىمدىن پەيدا بولغان بولسا ئۆز ئىگىسىگە قايتىدۇ.

يۇقىرىقى ئىككى ئايەت ۋە سەھى ھەدىس زىكىر قىلغان ۋەقەلىكلەر-كۆزىمىزگە كۆرۈنمىسىمۇ، قۇلقىمىزغا ئاڭلانمىسىمۇ-سەھىدۇر. چۈنكى ئۇ دېگەن ئاخىرەتكە ئالاقىدار مېتافىزىكا ئىشلار، ئاخىرەتكە ئالاقىدار ئىشلارغا قۇرئان ياكى سەھى سۈننەتتىن سەھى خەۋەر كەلسە ئىشىنىش ۋاجىپ بولىدۇ.

سىلەر مانا بۇ ھۆكۈمنى بىلمىڭدىلار، شۇڭا يالغان سۆزنى توقۇپ چىقتىڭلار، ئەمدى ھەقىقەت ئاشكارىلاندى! بۇ ھەقىقەتكە ئىمان كەلتۈرەمسىلەر ياكى قەلبىڭلارغا قۇلۇپ سېلىنىپ قالدىمۇ؟!

 

(2007. 1. 23 كۈنى يېزىلغان)

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى