2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

«سۈننەت ئەقىلگە زىت» دېگەن شۇبھىغا جاۋاب

«سۈننەت ئەقىلگە زىت» دېگەن شۇبھىغا جاۋاب

 

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار سۈننەتتىكى كۆپ ھەدىسلەر ئەقىلگە زىت كېلىدۇ، دېگەن داۋاسىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ نىشانى- قوزغىغان شۇبھىلىرىدىن سىرت- سۈننەت قۇرۇلمىسىدا چاك پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇلار بۇ شۇبھىلار كۈچەيسە ۋە كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا مۇقىملاشسا خەلق ئاممىسىنىڭ سۈننەتكە بولغان ئىمانى داۋالغۇيدۇ ۋە سۈننەتكە قارىتا مۇقەددەسلىك تونى يوقىلىدۇ، دەپ قارىشىدۇ.

 

بۇ شۇبھىگە جاۋاب:

ئۇلارنىڭ بۇ ئاساسلىق شۇبھىسىدىن مەقسەت سۈننەت(ھەدىس شەرىپ)نى ئىنكار قىلىشتۇر، بۇ شۇبھىدىكى ئالاھىدە مەقسەت رەسۇلۇللاھنىڭ ماددى مۆجىزلىرىنى يالغانغا چىقىرىشتۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ ماددى مۆجىزلىرى ئىمام بەيھەقىنىڭ بايان قىلىشىچە مىڭ مۆجىزىگە يېتىدۇ.

ئىمام ئىبنى كەسىر«شامائىل رۇسۇل» ناملىق كىتابىدا كۆپ مۆجىزىلەر ھەققىدە توختالغان، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە«مەسىھنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتكەنلەرگە توغرا جاۋاب» ناملىق كىتابىدا بۇ توغرىدا خېلى كۆپ توختالغان.

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى: رەسۇلۇللاھنىڭ كۆكرىكىنىڭ يېرىلىشى، مىئراج مۆجىزىسى، بۇراق، رەسۇلۇللاھنىڭ بەيتۇلمۇقەددەستە پەيغەمبەرلەر بىلەن ناماز ئوقۇغانلىقى، ئاينىڭ يېرىلىش مۆجىزىسى، ھايۋانلارنىڭ رەسۇلۇللاھغا سۆز قىلىشى، بارماقلىرى ئارىسىدىن سۇنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى، ئازغىنا تاماقنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ بەرىكىتى ئارقىلىق كۆپىيىشىگە ئوخشاش بەزى مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلىشتى.

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە بۇ مۆجىزلەرنىڭ ھەممىسى يالغان، چۈنكى بۇ ماددى مۆجىزىلەر ئەقىلگە زىت كېلىدۇ، شۇڭا ئۇنى رەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىك لازىم.

شۇنداقلا ئۇلار بۇ شۇبھە قاتارىغا رەسۇلۇللاھنىڭ غەيبىي(مېتافىزىكا) ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلىگەن  ھەدىسلىرىنى ئىنكار قىلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە رەسۇلۇللاھنىڭ غەيبى مۆجىزىلەر توغرىسىدا سۆز قىلىشى قۇرئانغا زىت كېلىدۇ.

 

سۈننەتنىڭ ئەقىلگە زىت كېلىشى مۇمكىنمۇ؟

 

بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى ئەقىلگە زىت كېلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز:

بىرىنچى: مەۋجۇد بولىشى سەۋەبكە باغلىق بولغان ئىش بولۇپ، سەۋەبى تېپىلمىسا ئەقىل ئۇ ئىشنىڭ مەۋجۇد بولىشىنى رەت قىلىدۇ. مەسىلەن، سۈ ئىچمەي ئۇسسىزلىقنىڭ قېنىشى، تاماق يېمەي قورساقنىڭ تويۇشى، ۋاستىسىز ھاۋا بوشلۇقىغا ئۆرلەش، ئوت تەگمەي تۇرۇپ كۆيۈش، ئەر-ئايال يېقىنلاشماي تۇرۇپ پەرزەنت كۆرۈش، ئاۋازسىز ئاڭلاش، كۆڭۈلدىكى نەرسىلەرنى ئېنىق ئاشكارىلىمىسىمۇ بىلىش، نەرسىلەرگە قارىماي تۇرۇپ بىلىش…كە ئوخشاش ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئەقىل رەت قىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبلىرى ياكى ئىللەتلىرى ئالدىن پەيدا بولمىدى. ئەقىلنىڭ بۇ ئىشلارنى چەكلىشى ياكى يۈز بەرمەيدۇ، دەپ قارىشى نىسبىيى مەسىلە.

ئىككىنچى: مەۋجۇتلۇقى سەۋەب ياكى ئىللەتكە باغلىق بولمىغان ئىشلار بولۇپ، ئەقىل بۇ ئىشلارنى مۇتلەق رەت قىلىدۇ ۋە چەكلەيدۇ. بۇ ئىشلار ئەقلى جەھەتتىن چۈشىنىشلىك ئىشلار ياكى ئەقلى زۆرۈرىيەتلەر دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، دادىنىڭ مەۋجۇد بولۇشتا بالىسىدىن بۇرۇن پەيدا بولىشى، تارماق نەرسىنىڭ بىر پۈتۈن نەرسىدىن كىچىك بولىشى، بىرنىڭ ئىككىنىڭ يېرىمى ئىكەنلىكى، ئۆلۈم ۋە ھاياتلىققا ئوخشاش ئىككى زىت نەرسىنىڭ بىرلىشىپ قېلىشى، مەۋجۇتلۇق ياكى يوقلۇق…قا ئوخشاش ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ھەر قانداق ئورۇن ۋە ھەر قانداق ۋاقىتتا ئەقىل قەتئىي چەكلەيدۇ ۋە رەت قىلىدۇ.

بۇ ئاددى قائىدىگە ئاساسەن شۇنداق دېيەلەيمىزكى:

رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىدە ئىككىنچى تۈردىكى ئەقلى ھۆكۈمگە زىت كېلىدىغان بىرمۇ مىسال كېلىپ باقمىدى. كىم ئەكسىنى داۋا قىلىپ قالسا دەلىل كەلتۈرسۇن. سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە، سۈننەتتە ئەقلى ھۆكۈمنىڭ ئىككنىچى تۈرىگە چۈشىدىغان بىر مىسالنى تېپىپ بېقىشىنى مۇنازىرە ئىلان قىلىمىز. سۈننەتتە ئەقلى ھۆكۈمنىڭ ئىككىنچى تۈرىگە چۈشۈپ قالىدىغان ھەدىسنىڭ مەۋجۇد بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.

بىرىنچى تۈر يەنى نەتىجە تۇرسىمۇ سەۋەب ياكى ئىللەتنىڭ ئارقىدا قېلىشى ياكى مەۋجۇد بولماسلىقىدا سۈننەت ئەقىلدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ۋە بۇ تۈر پەقەت پەيغەمبەرگە مۆجىزە بولىدۇ ياكى سالىھ ئەۋلىياغا كارامەت بولىدۇ ياكى بەتبەختكە ئىستدراج(تەدرىجى سۆرەپ كېرىش) بولىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ ئەقلى نەرسىلەردىن تاشقىرى بۇ مۆجىزىلەرنى پەيدا قىلىشى، بۇ مۆجىزىلەر ئارقىلىق ئەقىل ۋە ئىلىم-پەننىڭ مەغرۇرلىقىنى بېسىپ تۇرۇش ئۈچۈندۇر.

ئۇنداق بولمىسا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتتىن قۇتۇلۇپ قېلىشىغا ئەقىل نېمە دېيەلەيدۇ؟ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۈشمەنلىرى ئوت يېقىپ ئۇنى ئوتقا تاشلىدى، لېكىن ئۇ ئوتتا ھېچ نەرسە بولمىدى.

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاسىىسىنىڭ ئۈچ خىل ۋەزىيەتتىكى مەسىلىسىگە ئەقىل نېمە دېيەلەيدۇ: ئۇ ۋاسا بىر قېتىم سېھىرنى بىكار قىلىپ تاشلايدىغان يىلانغا ئايلاندى، يەنە بىر قېتىم دېڭىزنى بىر ئۇرۇش بىلەنلا 2 پارچىغا بۆلىۋەتتى، يەنە بىر قېتىم تاشنى ئۇرۇش ئارقىلىق 12 بۇلاقنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردى.

ۋاسىسىى بىلەن بىر قېتىم ئۇرسا سۇ كەتتى، يەنە بىر قېتىم ئۇرسا سۇ كەلدى. سىزنىڭچە بۈگۈنكى كۈنلۈكتە دېڭىزنى 2 گە بۆلۈش ئۈچۈن قانچىلىك تېخنكا ۋە تەييارلىق لازىم؟! ھازىرقى دەۋرىدىكى ئىلغار پەن تېخنىكىلار تاشنى ئۇرۇپ سۇ ئېتىلدۇرۇپ چىقىرالامدۇ؟ ئىلغار يېڭى ئىلمى ۋاسىتىلەر جىن، قۇش، شامالغا ئوخشاش تەبىئەت كۈچلىرىنى بويسۇندۇرالامدۇ؟ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا يۈز بەرگەندەك زېمىندىن ئېنېرگىيە ئاقتۇرالامدۇ؟

بارلىق ئىنسانىيەت كۈچلىرى ۋە ئادەمنى ھەيرانلىققا سالىدىغان ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق روھتىن ئايرىلغان بەدەنگە روھنى قايتۇرۇپ كېلەلەمدۇ؟ مانا بۇ مۆجىزە ھەزرىتى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قولى ئارقىلىق يۈز بەرگەن.

ئەڭ يېڭى قوراللار بىلەن قوراللانغان ئارمىيە بىر يېزىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ، ھاۋا بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىپ ئاندىن ئۇنىڭ ئاستىنى ئۈستى، ئۈستىنى ئاستى قىلىپ زېمىنغا يەنە بىر قېتىم تاشلىيالامدۇ؟ بۇ ئىلاھى قۇدرەت لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە يۈز بەرگەن ئىدى.

بۇ ئىشلاردىكى ئەقىل قېنى؟ ئەقىل بۇ ئىشلار ئالدىدا تەسلىم بولماي نېمە ئامالى بار؟

بىز سۈننەتنى ياكى رەسۇلۇللاھنىڭ مۆجىزلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن سورايمىز، ئۇلار سوئالغا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ جاۋاب بېرىپ باقسۇن:

ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىنى قوللىغان- بىز ئۇزۇراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى زىكىر قىلمىدۇق- ئادەمنى ھەيرانغا سالىدىغان بۇ ۋەقەلەر بىرىنچى تۈردىكى ئەقلى ھۆكۈمگە زىت كېلەمدۇ!

سىلەر بۇ ۋەقەلەرگە ئىشىنەمسىلەر؟ ئەگەر سىلەر بۇ ۋەقەلەرگە ئىشەنسەڭلار ئۇ چاغدا ئەنبىيا، مائىدە، ئال ئىمران… سۈرىلىرىدىكى قىسسە ۋە ۋەقەلەرگە ئوخشاش بۇ مۆجىزىلەرنى بايان قىلىپ بەرگەن ھەدىسلەرگە ئىشىنىشىڭلار لازىم.

ئەگەر سىلەر بۇ ھەدىسلەرگە يەنىلا ئىشەنمەي چىڭ تۇرساڭلار ئۇ چاغدا قۇرئاننى يالغانغا چىقىرىشىڭلار لازىم، چۈنكى قۇرئانمۇ مۇشۇ ھەدىسلەرگە ئوخشاش ئاجايىب قىسسىلەرنى بايان قىلدى. سىلەر نەگە بارساڭلار تۇتۇلۇپ قالىسىلەر، ئەمدى قانداق قىلىسىلەر؟

دېمەك، بۇ شۇبھە باشقا شۇبھىلارغا ئوخشاش يوقىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ غەرەزلىرى بەربات بولىدۇ.

رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە مۆجىزە ھەدىسلىرىنىڭ كېلىشى سۈننەتنى قايتۇرۇۋېتىشكە ۋە سۈننەتنى يالغان دەپ ھۆكۈم قىلىشقا تېگىشلىك ئەيىب ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىماننىڭ ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر. ئەگەر ئۇلار قەلبلىرىنى ئېچىپ، قۇلاقلىرى بىلەن ئاڭلاپ، شەيتان بىلەن ۋەسۋەسە ئالاقىسىنى ئۈزىدىغان بولسا  بۇ مۆجىزە ھەدىسلىرى ئۇلارنى مۇستەھكەم ئىمانغا باشلاپ بېرىشى مۇمكىن.

مۇسا ئەلەيھىسسالامغا دېڭىزنى يېرىپ بەرگەن ئاللاھ، پەيغەمبىرى مۇھەممەدكە ئاينى يېرىپ بېرىشتىن ئاجىز كېلەرمۇ؟ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا مەلىكە بىلقسىنىڭ ئوردىسىنى يەمەندىن شام(سۈرىيە، ئىئوردانىيە، پەلەستىن ۋە لىۋان)غا ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچراتماي يۆتكەپ بەرگەن ئاللاھ، پەيغەمبىرى مۇھەممەدنىڭ قەلبىنى ئېچىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىنى ئېلىپ تاشلىشى تەس ئىشمۇ؟ سىلىق تاشتىن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بۇلاق ئاقتۇرۇپ بەرگەن ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەدكە ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن سۇ ئاقتۇرۇپ بېرىشى يىراقمۇ؟ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئاسماندىن تەييار داستىخان چۈشۈرۈپ بەرگەن ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەدكە ئۇنىڭ تاماقلىرىنى كۆپەيتىپ بېرىشى تەسمۇ؟

گەپنى ناھايىتى ئېنىق قىلدۇق، مانا بۇ ئايەت بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قالدى:« ئى مۇھەممەد! «(بۇ) ھەق (قۇرئان) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيىتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن» دېگەن، بىز ھەقىقەتەن كۇپارلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق، ئۇلار (تەشنالىقتىن) سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان (ناھايتى قىزىق) سۇ بېرىلىدۇ، بۇ نېمىدېگەن يامان شاراب! جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!»،( كەھف سۈرىسى، 29-ئايەت).

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

(2006. 12. 28 كۈنى يېزىلغان)