2024-يىل 26-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار سۈننەتلەر ۋە قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار بولمىغان سۈننەتلەر1

 

قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار سۈننەتلەر ۋە قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار بولمىغان سۈننەتلەر

 

-1-

 

ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:«شۇنىڭدەك(يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك)كىشىلەرگە(يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە)شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ئوتتۇراھال خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئۈممەت قىلدۇق»،(بەقەرە سۈرىسى، 143-ئايەت).

ئىسلام ئۈممىتىدىن باشقا ھېچبىر ئۈممەت تەڭپۇڭلۇق ۋە ئوتتۇراھاللىق خۇسۇسىيىتى بىلەن سۈپەتلەنمىدى، تەڭپۇڭلۇق ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيىتى بولۇپ، ئىسلام ئۈممىتىنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە سەل قاراشتىن ساقلىغۇچى مۇھىم ئامىلدۇر.

ئاللاھ رەسۇلۇللاھغا قۇرئان كەرىم ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىنى بەردى، ئۇ بولسىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدۇر. رەسۇلۇللاھ بۇ توغرىدا مۇنداق دېگەن:«بىلىپ قويۇڭلار، ماڭا قۇرئان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسە بېرىلدى. كەلگۈسىدە قورسىقى تويغان ئادەملەردىن بىرەسى ساپادا كېرىلىپ ئولتۇرۇپ: سىلەر قۇرئاننى تۇتۇپ مېڭىڭلار، قۇرئاندا ھالال بولغىنىنى ھالال دەڭلار، قۇرئاندا ھارام بولغىنىنى ھارام دەڭلار دېيىشى مۇمكىن. بىلىپ قويۇڭلاركى رەسۇلۇللاھ ھارام قىلغان نەرسىمۇ ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىگە ئوخشاش»(ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

سۈننەت: رەسۇلۇللاھدىن نەقىل قىلىنغان سۆز ياكى ئىش ھەرىكەت ياكى تەستىقلاش ياكى سۈپەتتىن ئىبارەت. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى قۇرئان كەرىم بىلەن بىرلىكتە ئىسلام ئۈممىتىنى ئازغۇنلۇقتىن ساقلىغۇچى ۋە ھىمايە قىلغۇچىدۇر. رەسۇلۇللاھ:«مەن سىلەرگە ئىككى نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتتىم، ئەگەر سىلەر ئۇ ئىككى نەرسىگە چىڭ ئېسىلساڭلار ھەرگىز ئازمايسىلەر، ئۇ ئىككى نەرسە:ئاللاھنىڭ كىتاۋى ۋە مېنىڭ سۈننىتىمدۇر»دېگەن.(ھاكىم رىۋايەت قىلغان، ئالبانى سەھى دېگەن).

قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەت ئىسلام دىنىنىڭ قانۇنىي مەنبەسى، قۇرئان كەرىم سۈننەتتىن ئايرىلمايدۇ، سۈننەتمۇ قۇرئان كەرىمدىن ئايرىلمايدۇ. سۈننەتنى قۇرئان كەرىمدىن ئايرىۋېتىش ئازغۇنلۇق ۋە ئىسلامغا قىلىنغان دۈشمەنلىكتۇر.

قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئېسىلىش ھىدايەت يولىدۇر. مۇجتەھىد ئىمام شەۋكانى ھىدايەت يولىنى سۈپەتلەپ:«چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ۋە سەل قاراش ئارىسىدىكى يولدۇر»دەيدۇ.(شەۋكانى «ئىرشادۇل فۇھۇل»، 38-بېتىگە قاراڭ).

ئىلگىرىكى مىللەتلەرنىڭ ئېزىپ كېتىشىدىكى سەۋەب چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى سەل قاراش كېسىلىنىڭ بىرسىگە يولۇققانلىقىدىن كېلىپ چىققان. مەسىلەن، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى (يەنى يەھۇدىلار) چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتتى، ئاللاھ يەھۇدىلارغا بىر كالا قۇربانلىق قىلىڭلار دەپ بۇيرۇغاندا، يەھۇدىلار ئاللاھدىن كالىنىڭ سۈپەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىشنى تەكرار- تەكرار تەلەپ قىلىشتى، كالا دېگەندىكىن قانداق كالىدىن بىرنى بوغۇزلىغان بولسا ئىش تۈگىگەن بولاتتى، لېكىن ئۇلار مەسخىرە سۈپتىدە تەكرار سوراۋېرىپ قۇربانلىق قىلالمىغىلى تاس قالدى.(بەقەرە سۈرىسى، 67-71- ئايەتكىچە قاراڭ).

ئۇلار سەل قاراپ «سامىرى» ياساپ بەرگەن ئالتۇن موزاينى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئىلاھى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى دەپ گۇمان قىلىشتى، شۇڭا ئۇ موزايغا ئىبادەت قىلىشتى ۋە ھارۇنغا:«مۇسا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا چوقۇنىۋېرىمىز» دېيىشتى(تاھا سۈرىسى،91-ئايەت).

يەھۇدىلار بىرىنچى قىلمىشىدا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتى، ئىككىنچىسىدە ئاللاھغا يالغۇز ئىبادەت قىلىدىغان مەسىلىسىدە سەل قاراشتى.

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلىدىغان ئىنجىلدىكى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ:»مەن مۇسانىڭ شەرىئىتىنى بۇزۇش ئۈچۈن كەلمىدىم، بەلكى ئۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن كەلدىم»دېگەن سۆزىدە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتى. يۇقىرىقى سۆزنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن سادىر بولىشى يىراق ئەمەس، چۈنكى قۇرئان كەرىم ئۇنىڭ سۆزىنى ھىكايە قىلىپ:«مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا (كەلدىم)»دەيدۇ. (ئال ئىمران سۈرىسى، 50-ئايەت).

مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدىلارغا كەلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر، دىنى رەئىس ۋە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھاكىم ئىدى، ئىسا ئەلەيھىسسالام شۇنى تولۇقلىماقچى ۋە تەكىتلىمەكچى ئىدى… لېكىن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى چېركاۋنى خرىستىيان دىنى كىرگەن شەھەرلەردىكى ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى كونترول قىلغۇچى قىلىپ قويۇشتى… شۇنىڭغا ئەگىشىپ تارىختا تونۇلغان «تەپتىش مەھكىمىسى»، «مەغپىرەت چاكلىرى»…ئالىملارنى ئۆلتۈرىدىغان ۋە ئەركىن تەپەككۇر قىلىدىغانلارنى ئىزىدىغان ئەھۋال يۈز بەردى… ئاندىن ئۇلار ئۇ ئىشلىرىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن مەسىھ (ھەزىرتى ئىسا)گە نىسبەت بېرىلىدىغان:»قەيسەر(پادىشاھ)گە تەۋەنى قەيسەرگە بەر، ئاللاھغا تەۋەنى ئاللاھغا بەر»دېگەن سۆزنى چۈشىنىشتە سەل قاراشتى ۋە كەمچىللىك ئۆتكۈزۈشتى. شۇڭا ئۇلار دىننى دۆلەت سىياسىتىدىن يىراقلاشتۇرۇش لازىم دەپ قاراشتى… دىننىڭ ۋەزىپىسىنى شەخسلەرنى ھىدايەت قىلىش ۋە يول كۆرسىتىشكىلا چەكلەپ قويۇشتى… شۇ سەۋەبلىك بۈگۈن بىز كۆرۈۋاتقان ئاتېئىزم ئېقىملىرى، ئەخلاقنىڭ ۋەيران بولىشى ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا رولىنى ئىجرا قىلىشتىن ئاجىز كېلىش ئەھۋالى كېلىپ چىقتى.

ئاللاھغا يەككە-يىگانە ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت ھەق يولنى كىشلەرگە تونۇتۇش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھىدايەت قىلىش ۋە كۆرسەتمە بېرىش ۋەزىپىسى بار. شۇڭا ئۇلار ئەقىدە ۋە ئەمەلدە ئاللاھغا ئىبادەت قىلىش، سۆز ۋە ئىش ھەرىكەتتە رەسۇلۇلۇللاھغا ئىتائەت قىلىش دائىرىسىدە توختىشى…ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئىھتېمالدىن ئارتۇق ئىزاھلىماسلىقى كېرەك. شۇنداقلا دەلىل پاكىتلارنى ئۆز ھەقىقىتىدىن بۇرمىلىماسلىقى لازىم، بولمىسا ئەمەل قىلىش ۋە ئىتائەت قىلىشتا سەل قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

بىر قىسىم مۇسۇلمانلار بەزى مەسىلىلەردە چېكىدىن ئاشۇرۇپ: ئۇ(يەنى رەسۇلۇللاھ) ئاللاھنىڭ بىرىنچى خەلقى، ئۇ ئاللاھنىڭ ئەرشىنىڭ نۇرى، لەۋھۇل مەھپۇزنىڭ ئىلمى ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراشتى. بۇ چېكىدىن ئاشۇرۇلغان قاراشتۇر، چۈنكى ئۇ قۇرئان كەرىم كۆرسەتمىسىگە پۈتۈنلەي زىت.

بەزىلەر رەسۇلۇللاھدىن سادىر بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى-پەرقلەندۈرمەستىن-قىلمىسا بولمايدىغان ئۆزگەرمەس ئومۇمى دىن ياكى ھەر دەۋر ۋە ھەر ئورۇن ئۈچۈن ئەبەدىيلىك قانۇندۇر، دەپ قاراشتى.

رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ پەرمانىنى يەتكۈزگۈچى ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىنى بايان قىلىپ بەرگۈچى، شۇڭا رەسۇلۇللاھدىن سادىر بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى توغرا ۋە قوبۇل قىلىنىدۇ. لېكىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، سۆزلىرى پەيغەمبەرلىك بىلەن ئىنسانلىقنى، يېتەكچىلىك بىلەن ئاتىلىق ۋە تەبىئىي ھاياتنى بىرلەشتۈرگەن. ئادەت خاراكتېرلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار سۈننەت قاتارىغا كىرمەيدۇ.

بۇ يەردە رەسۇلۇللاھنىڭ ئىجتىھاتى بىلەن باشقىلارنىڭ ئىجتىھاتىنى پەرقلەندۈرۈپ قاراش لازىم. چۈنكى رەسۇلۇللاھدىن سادىر بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مەسۇم(يەنى خاتالىقتىن خالى)، لېكىن قانداق  رەۋىشتە سادىر بولغان؟ رەسۇلۇللاھ دىننى يەتكۈزگۈچى پەيغەمبەر، مۇسۇلمانلارنىڭ رەئىسى، قازى، مۇپتى، ئىسلاھاتچى، مۇئەللىم ۋە باشقىلارغا ئوخشاش تەبىئىي ھاياتتا ياشىغۇچى زات. ئۇنداقتا سۈننەتنىڭ بۇ تۈرلىرىنى كىم ئايرىپ بېرىدۇ؟

جاۋاب: مۇجتەھىد، فەقىھ ئالىملارلا ئايرىپ بېرىدۇ. ھەدىسشۇناس ياكى فەقىھ ياكى مۇجتەھىد ياكى ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى بولمىغان ئادەملەرنىڭ بۇ ساھەگە كىرىپ قالايمىقان سۆزلىشى ھالال بولمايدۇ.

سۈننەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار، دۇنيالىق ئىشلارنىڭ تارماق مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار ئاز بىر قىسمى قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار ئەمەس. دۇنيالىق ئىشلارنىڭ پرىنسىپال مەسىلىلىرى ۋە ئاساسلىق قائىدىلىرى قۇرئان كەرىم ۋە سەھى سۈننەتتە بايان قىلىنغان. بۇ تۈردىكى پرىنسىپال ئۆزگەرمەس مەسىلىلەر ئىجتىھاد دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

 

(1)

 

سۈننەتنىڭ قانۇن چىقىرىش تەرەپتىكى تۈرلىرى

 

سۈننەت:«رەسۇلۇللاھدىن نەقىل قىلىنغان سۆز ياكى ئىش ھەرىكەت ياكى تەستىقلاش ياكى سۈپەت(يەنى تەرجىمىھالى)» بولسا، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى قانۇن چىقىرىش جەھەتىدىن ياكى ئىسلامنىڭ قانۇن چىقىرىش مەنبەسى ئېتىبارى بىلەن بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ.

سۈننەت قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار سۈننەتلەر ۋە قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار بولمىغان سۈننەتلەر دەپ چوڭ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ:

بىرىنچى: قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار سۈننەتلەر: غەيبى ئىشلار، ئەقىل ھېس قىلالمايدىغان ئىشلار ۋە دۇنيالىق ئۆزگەرمەس ئىشلارغا ئالاقىدار سۈننەتلەردۇر. بۇ تۈردىكى سۈننەت رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئالاقىدار سۆز-ھەرىكەتلىرى، دىن ۋە ۋەھىينى يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار رەسۇلۇللاھنىڭ پەتىۋالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا دۇنيالىق ئۆزگەرمەيدىغان ئىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ تۈردىكى سۈننەتلەرگە ئىتائەت قىلىش پەرز ۋە لازىم.

 

ئىككىنچى: قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار بولمىغان سۈننەتلەر: سىياسەت، ئۇرۇش، ئىقتىسادقا ئوخشاش ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان دۇنيالىق تارماق ئىشلاردا رەسۇلۇللاھنىڭ ئىجتىھاتىغا ئالاقىدار بولغان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسلام دۆلىتىنىڭ رەئىسىلىكىگە ياكى رەسۇلۇللاھنىڭ تالاش-تارتىشلاردىكى ھۆكۈملىرىگە ئالاقىدار سۈننەتلەردۇر. بۇ تۈردىكى سۈننەتلەردە ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ، مەنپەئەتكە باغلىق بولىدۇ، مەنپەئەت قولغا كەلسە ئەمەل قىلىنىدۇ، مەنپەئەت قولغا كەلمىسە ئىجتىھاد قىلىنىدۇ.

«ھۆججەتۇللاھ بالىغە» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى «ۋەلىيۇللاھ دېھلەۋى» رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى ئىككى تۈرگە بۆلۈپ مۇنداق تونۇشتۇرغان:

1.رىسالەت(يەنى دىننى) يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار سۈننەت، بۇ توغرىدا ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى بار:«پەيغەمبەر سىلەرگە ئېلىپ كەلگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار»، (ھەشىر سۈرىسى، 7-ئايەت).

 

  1. رىسالەتنى يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار بولىمىغان قىسمى، ئۇ توغرىدا رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى كەلگەن:«مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسان، ئەگەر مەن سىلەرنى دىنىڭلاردىن بىرەر ئىشقا بۇيرۇسام ئۇنى ئېلىڭلار، ئەگەر مەن سىلەرنى ئۆز پىكرىمدىن بىر ئىشقا بۇيرۇسام مەنمۇ ئىنسان…» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

رەسۇلۇللاھ:«مەن بىر ئىنسان، دۇنيالىق ئىشلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلار ياخشى بىلىسىلەر»دېگەن ھەدىس خورما دەرىخىنى ئۇلاش توغرىسىدا دېيىلگەن. رەسۇلۇللاھ بۇ مەسىلىدە مېنىڭ خورما دەرىخىگە ئالاقىدار ئىشلاردا تەجرىبەم يوق ياكى مەن زىرائەت ئىشلىرىنى ياخشى بىلىپ كەتمەيمەن دېسىمۇ بولاتتى، لېكىن ئۇ كۆپ مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان ئومۇمىي سۆزنى ئىشلەتكەن. بۇ ھەدىسى ئارقىلىق پارچە مەسىلىلەرگە «ئومۇمى قائىدە» بەلگىلەپ بەرگەن، يەنى دۇنيا ئىشلىرىدىن قايسى بىر ئىشتا ۋەھىي كەلمىگەن بولسا، بۇ ئىش تەجرىبە ۋە مەنپەئەتكە بويسۇنىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ جاۋابى خورما دەرىخىنى ئۇلاش بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، قۇرئان ياكى سۈننەتتە ۋەھىي كەلمىگەن بارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىمام دېھلەۋى سۈننەتنى چوڭ ئىككى تۈرگە بۆلۈش مەسىلىسىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ئىبادەت ئىشلىرىدا ئەمەس، ئادەت خاراكتېرى بىلەن قىلغان ئىشلىرى قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار بولمىغان تۈرىگە مىسال بولالايدۇ، دەيدۇ. ئۇ بۇ تۈرگە رەسۇلۇللاھنىڭ «كېلە» توغرىسىدا قىلغان سۆزىنى مىسال كەلتۈرىدۇ، رەسۇلۇللاھ كېلە توغرىسىدا:«كېلە مەن تۇغۇلغان زېمىندا  بۇ نەرسە يوق ئىدى، شۇڭا مېنىڭ ئۇنى يېگىم كەلمەيدىكەن»دېگەن ئىدى.(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

رەسۇلۇللاھنىڭ مۇشۇ ھەدىسىگە ئاساسەن «كېلە» يېمەسلىك سۈننەتنىڭ جۈملىسىدىن دېيىش توغرا بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە، توغرا بولمايدۇ. رەسۇلۇللاھ خالىمىغانلىقتىن ئۆزى يېمىدى، لېكىن باشقىلارنى چەكلىمىدى.

شۇنداقلا رەسۇلۇللاھنىڭ قوينىڭ تاغاق گۆشى ياكى قول گۆشىگە ئامراق ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان… مۇشۇنىڭغا ئاساسەن قوينىڭ تاغاق گۆشىنى يېيىش سۈننەت دېيىش توغرا بولامدۇ؟ ياكى بۇلار ئادەت خاراكتېرلىك ئىشلارمۇ؟!

تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ مىسال ئالساق، رەسۇلۇللاھ بىر بالىغا:«ئى بالا، تاماق يەيدىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىغىن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن يېگىن ۋە ئالدىڭدىن يېگىن»دېگەن.(بۇخارى رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىس تاماق يېيىش ئۇسۇلىغا ئالاقىدار ھەدىس بولۇپ، قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار، چۈنكى تۈرلۈك پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مەسىلەن، «رەسۇلۇللاھ ھەممە ئىشلىرىدا ئوڭ تەرەپنى ياخشى كۆرەتتى» دېگەن ھەدىس شەرىپ شۇنىڭ دەلىلى. بۇ ۋە ئۇندىن باشقا ھەدىسلەردە كەلگەن پاكىتلار يېمەك-ئىچمەكتە ئوڭ قولىنى ئىشلىتىشنىڭ سۈننەتلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەر ئادەمگە ئۆزى ئىختىيارى بىلەن قويۇپ بېرىلىدىغان ئادەت مەسىلىلىرىنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ.

 

مۇجتەھىد ئىمام قەررافى رەسۇلۇللاھنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىنى 4 تۈرگە بۆلىدۇ: پەيغەمبەرلىك سۈپتىدە قىلغان سۆز-ھەرىكەتلىرى، مۇپتى سۈپتىدە قىلغان سۆز-ھەرىكەتلىرى، ھۆكۈم(يەنى سوت)سۈپتىدە قىلغان سۆز-ھەرىكەتلىرى ۋە رەئىسلىك سۈپتىدە قىلغان سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن ئىبارەت.

مەسىلەن، رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋە پەتىۋا سۈپىتىدىكى سۆز- ھەرىكەتلىرى ئاللاھ ھەققىدە يەتكۈزگەنلىك بولىدۇ، ئۇ رىسالەت(يەنى دىننى) يەتكۈزۈشتە ئاللاھدىن نەقىل قىلىپ بەرگۈچىدۇر، پەتىۋا بەرگەن ئىشلىرىدا ئاللاھنىڭ ھۆكمىدىن خەۋەر بەرگۈچىدۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەر ئىككىلى سۆز-ھەرىكەتلىرى قىيامەتكىچە بارلىق خالايىقلارغا شەرىئەت(يەنى قانۇن)دۇر. رەسۇلۇللاھ بۇ يەردە ۋەھىي قىلىنغان نەرسىلەرنى يەتكۈزگۈچىدۇر. مەسىلەن، ناماز، زاكات ئۇندىن باشقا ئىبادەتلەر…

يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى قۇرئاننىڭ ئىخچام مەزمۇنىنى بايان قىلسا ياكى ئومۇمى ھۆكۈمنى خاسلاشتۇرسا ياكى مۇتلەق ھۆكۈمنىڭ دائىرىسىنى تارايتسا ياكى ئىبادەتتىكى بىر مەسىلىنى بايان قىلسا ياكى ھالال-ھارام ياكى ئەقىدە ياكى ئەخلاقتىكى بىر مەسىلىنى بايان قىلسا، بۇ تۈردىكى سۈننەتلەر قىيامەتكىچە ئومۇمى قانۇندۇر.

ئەمما رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكۈم(سىياسەت) ياكى سوتقا ئالاقىدار سۆز-ھەرىكەتلىرى يۇقىرىقى ئىككى تۈرگە ئوخشىمايدۇ، بۇ ئىككى تۈر كۆپىنچە كەلگەن ئورنى بىلەن چەكلىنىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئۆزىگە كۆرۈنگەن دەلىلگە قارىتا ھۆكۈم قىلىدۇ، سوت ئىشلىرىنىڭ پاكىتقا ئەگىشىدىغانلىقى ئېنىق، رەسۇلۇللاھ بۇ تېمىدا خۇسۇمەتلەشكۈچى ئىككى تەرەپكە ھۆكۈم پىچىدۇ.

رەسۇلۇللاھدىن قازىلىق سۈپىتى بىلەن كەلگەن سۈننەتلەر ئومۇمى ھۆكۈم بولمايدۇ، شۇڭا بىرەر ئادەم بۇ مەسىلىدە ھاكىمنىڭ ھۆكمى بىلەن چەكلىنىشى لازىم. رەسۇلۇللاھ :«مەن سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارغا قارىتا ھۆكۈم چىقىرىمەن» دېگەن.

رەسۇلۇللاھنىڭ دۆلەتنىڭ رەئىسلىك سۈپىتى بىلەن قىلغان سۆز-ھەرىكەتلىرى، دۆلەتنىڭ ئاممىۋى سىياسەت ئىشلىرىدىكى سۆز-ھەرىكەتلىرىدۇر. غەنىمەتنى تەقسىم قىلىش، ئەسكەرلەرنى تەييار قىلىش، زېمىن ۋە باشقا بايلىقلارنى بۆلۈپ بېرىش، توختام تۈزۈش، پايتەختتىن يىراق شەھەرلەرگە ھاكىملارنى تەيىنلەش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار مۇشۇ تۈر قاتارىغا كىرىدۇ. بۇ ئىشلارنى ئىمام(رەئىس)نىڭ رۇخسىتىنى ئالماي قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ئىشلارنى تەبلىغ سۈپتىدە ئەمەس، ھاكىملىق سۈپتىدە قىلغانلىقى شۇنى تەقەززا قىلىدۇ.

تۆۋەندىكى بىر قانچە مىساللار بۇ ئۈچ قائىدىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ.

 

 (2)

 

فۇقاھالارنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ بەزى سۆز-ھەرىكەتلىرىنى يۇقىرىقى تۈرلەرگە نىسبەت بېرىشتە قاراشلىرىنىڭ ئوخشاشماسلىقى

 

مۇشۇ تەقىسماتقا بىنائەن، ئۇنىڭ قانۇن چىقىرىشتىكى تەسىرىنىڭ تۈرلۈك بولىشى ۋە ھەر بىر تۈرنى بەلگىلەيدىغان كەسكىن بەلگىلىگۈچى ئامىلنىڭ يوقلىقى سەۋەبتىن ئالىملار رەسۇلۇللاھنىڭ بەزى سۆز ھەرىكەتلىرىدە ئۇ سۆز- ھەرىكەتلەر پەيغەمبەرلىك ۋە تەبلىغ تەۋەسىگە كىرەمدۇ ياكى ئىمامەتچىلىك (رەئىسلىك) ۋە ھۆكۈم(سىياسەت) تەۋەسىگە كىرەمدۇ، دەپ  تۈرلۈك قاراشتا بولۇشتى.

ئىمام قەررافى ئالىملارنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ بەزى سۆز-ھەرىكەتلىرىنى بەلگىلەشتە 3 مىسال كەلتۈرگەن.

بىرىنچى مىسال:ئالىملار رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۆزىدە تۈرلۈك قاراشتا بولغان. رەسۇلۇللاھ:«كىم ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرسە ئۇ زېمىن شۇنىڭكى بولىدۇ، زالىمدىن ئاققان تەرنىڭ ھەققى بولمايدۇ»دېگەن،(بۇخارى ۋە تىرمىزى) .

بەزىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۆزىنى مۇپتىلىق سۆزى دەپ قاراپ، كىم ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرسە، ئۇ زېمىنغا ھاكىمنىڭ رۇخسىتىسىز ئىگە بولالايدۇ، دېيىشتى. يەنە بەزىلەر ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئىمام(رەئىسلىك) سۈپىتىدىكى سۆزى دەپ قاراپ، بىر ئادەم ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرگەن بولسا، ئىمام رۇخسەت قىلمىسا ئىگە بولالمايدۇ، دەپ قاراشتى.

ئىككىنچى مىسال: ئالىملار يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەبۇسۇفياننىڭ ئايالى «ھىندى»غا قىلغان مۇنۇ سۆزىدە ئىختىلاپلاشتى، رەسۇلۇللاھ ھىندىغا:«ئېرىڭ (ئىمكانىيىتى تۇرۇپ) ساڭا ۋە بالىلىرىڭغا يەتكىدەك نەپەقە بەرمىسە، سەن ئېرىڭنىڭ مېلىدىن ئۇقتۇرماستىن ئۆزۈڭگە ۋە بالاڭغا يەتكىدەك دەرىجىدە نورمال ئالغىن»دېگەن (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

بەزىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ بۇسۆزىنى «مۇپتىلىق» سۆزى دەپ قاراپ، بىر ئامال قىلىپ ھەققىنى قولغا كەلتۈرەلىگەن ئادەم قازىنىڭ ھۆكمىگە قارىماستىن ھەققىنى ئېلىشى ياكى ئۇنىڭ تۆلىمىنى ئالسا بولىدۇ، دەپ قاراشتى. يەنە بەزىلەر بۇ قازىنىڭ ھۆكمىگە باغلىق، شۇڭا قازىنىڭ ھۆكمى بولمىسا، باشقا يوللار بىلەن ئېلىشى توغرا ئەمەس دەپ قاراشتى.

ئۈچىنچى مىسال: ئالىملار يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ:«كىم بىر دۈشمەننى ئۆلتۈرسە، ئۆلتۈرگەنلىكىگە پاكىتى بولسا، ئۇ دۈشمەننىڭ قورال-ياراقلىرى ئۇنىڭ بولىدۇ»،(بۇخارى،مۇسلىم) دېگەن سۆزىدە تۈرلۈك كۆز قاراشتا بولۇشتى.

بەزى ئالىملار ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇپتىلىق سۈپتىدە دېيىلگەن سۆزى بولۇپ ئومۇمىي قانۇن،  شۇڭا بىر ئادەم جەڭدە بىر دۈشمەننى ئۆلتۈرسە، قوماندان مۇشۇ سۆزنى دېسۇن ياكى دېمىسۇن، دۈشمەننىڭ قورال-ياراقلىرىغا ئىگە بولۇش ھەققى بار دەپ قاراشتى. يەنە بەزى ئالىملار ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ رەئىسلىك سۈپتىدە قىلغان سۆزىدۇر، چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ سۆزنى ئۇرۇشقا قىزىقتۇرۇش مەقسىتىدە ۋاقىتلىق مەنپەئەت ئۈچۈن دېگەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. ئەگەر قوماندان مۇشۇ ھۆكۈمنى قارار قىلىشنى توغرا تاپسا، قارار قىلسا بولىدۇ، ئۇ چاغدا ھەر بىر ئادەم ئۆلتۈرگەن دۈشمەننىڭ قورال-ياراقلىرىغا ئىگە بولىدۇ. ئەگەر قارار قىلمىسا قورال-ياراق ئومۇمىي غەنىمەتلەر قاتارىغا كىرىپ كېتىدۇ، دەپ قاراشتى.

مانا سۈننەتنىڭ بۇ تۈرلىرى ۋە فۇقاھالار ئارىسىدىكى تۈرلۈك قاراشلار، رەسۇلۇللاھدىن كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈممەتكە ھەر ۋاقىت ۋاجىپ بولىدىغان قانۇن چىقىرىش ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى قانۇن چىقىرىش ئۈچۈن، چۈنكى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەزىپىسى دىننى يەتكۈزۈشتۇر. سۈننەتنىڭ قاتارىدا قازىلىق ۋە دەلىلگە قارىتا ھۆكۈم قىلىش تۈرىنى كۆرسىتىدىغانلىرىمۇ بار. يەنە سۈننەتنىڭ قاتارىدا رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدىكى مەنپەئەت ئۈچۈن چىقىرىلغان ھۆكۈملەرمۇ بار، مەنپەئەت ئۈچۈن كەلگەن سۈننەتلەردە مەنپەئەتكە قارىتا ئىش قىلىش لازىم. يەنى مەنپەئەت بولسا قىلىش، مەنپەئەت بولمىسا قىلماسلىق لازىم. بولمىسا رەسۇلۇللاھغا ئىتائەت قىلىشتىكى ئاللاھنىڭ سۆزىگە خىلاپلىق قىلغان بولىمىز، چۈنكى رەسۇلۇللاھغا ئىتائەت قىلىش رەسۇلۇللاھ ماڭغان يولدا مېڭىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ.

 

(3)

 ساھابىلەرنىڭ ئىش -ئىزلىرى سۈننەتنى يۇقىرىقىدەك بۆلۈشنىڭ توغرىلىقىغا دەلىل بولالايدۇ

 

مەسىلەن، قۇرئان كەرىم قاتىلنىڭ تۆلىمى توغرىسىدا:«ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى كېرەك»(نىسا سۈرىسى، 92-ئايەت)دېگەن ئايەت كەرىمە تۆلەمنىڭ مىقدارىنى بەلگىلەپ بەرمىدى، ئۇنى سۈننەت ئوتتۇرىغا قويدى. رەسۇلۇللاھ:«بىر جانغا 100 تۆگە تۆلەم بېرىلىدۇ»دېگەن(نەسەئى رىۋايەت قىلغان). تۆلەم ئەسلى 100 تۆگە تۆلەشتۈر، لېكىن بەزى ۋاقىتلاردا تۆگە ئەھلىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، 100 تۆگە ئورنىغا 800 دىنار بەلگىلەندى، بۇمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بىلەن بەلگىلەندى.

ھەزرىتى ئۆمەر خەلىپە بولغاندا خۇتبە سۆزلەپ: ھازىر تۆگە قىممەتلىشىپ كەتتى دەپ، ئالتۇن ئىشلىتىدىغانلارغا(يەنى تۆگىسى يوقلارغا) مىڭ دىنار، كۈمۈش ئىشلىتىدىغانلارغا 12 مىڭ دىرھەم  بەلگىلىەەن. كالىسى بارلارغا 200 كالا، قويى بارلارغا 1000 قوي بەلگىلىگەن.(شەۋكانى- نەيلۇل ئەۋتار ناملىق كىتاۋىغا قاراڭ).

يەنە رەسۇلۇللاھ «پىتىر سەدىقىسى»نى خورما ياكى ئارپا ياكى قۇرۇق ئۈزۈم ياكى بۇغدايدىن بىر سا(6 جىڭ) بەلگىلىگەن. سەدىقە پىتىردىن مەقسەت  روزا ھېيت كۈنلىرى كەمبەغەلنى باشقىلاردىن بىر نەرسە سوراشتىن بىھاجەت قىلىشتۇر. ئەينى زاماندا بۇ نەرسىلەرنىڭ باھاسى ئوخشاش ئىدى. مۇئاۋىيە شام دىيارىغا «ۋالى» بولغاندا، شام بۇغدىيىنىڭ سورتلىقىنى ۋە قىممىتىنىڭ باشقا نەرسىلەردىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، 3 جىڭ بۇغداي 6 جىڭ خورمىغا تەڭ كېلىدىكەن، شۇڭا بۇغداي بېرىدىغان ئادەم 3 جىڭ بەرسىمۇ بولىدۇ، دەپ خۇتبە سۆزلىگەن. كىشلەر مۇشۇ يولنى تۇتۇپ ماڭغان، يەنى خورما ياكى قۇرۇق ئۈزۈم بەرسە 6 جىڭ بېرىدىغان، بۇغداي بەرسە 3 جىڭ بېرىدىغان يولنى تۇتقان.(ئىبنى قەييىمنىڭ «ئىئلام مۇۋەققىئىن» ناملىق ئەسىرىنىڭ،3-توم،23-بېتىگە قاراڭ).

يەنە بىر مىسال، رەسۇلۇللاھ خەيبەر شەھىرىنى يەھۇدىلاردىن ئازات قىلغاندا، ئۇ زېمىننى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلۈپ بەرگەن. ھەزرىتى ئۆمەر ئىراقنىڭ زېمىنىنى ئازات قىلغاندا، ساھابىلار بىلەن كېڭەش قىلغان، ساھابىلەرنىڭ بەزىسى زېمىننى جەڭچىلەرگە بۆلۈپ بېرىش لازىم دەپ قارىغان، يەنە بەزىلىرى ئۇ زېمىننى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى مەنپەئەتى سۈپتىدە ساقلاپ قويساق، كېرىمى بەيتۇلمال(دۆلەت خەزىنىسى)گە كىرسە دېيىشتى. ئاخىرى ساھابىلار بىر ئاي كېڭەشكەندىن كېيىن ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ كۆز قارىشىغا قوشۇلۇپ، ئىراق زېمىننى جەڭچىلەر ئارىسىدا تەقسىم قىلماي ئومۇمى دۆلەت مۈلىكى سۈپتىدە ساقلاپ قويغان. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ تەسەۋۋۇرى كەلگۈسى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنى دائىملىق مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقان.

ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ زامانىدا ساھابىلەرنىڭ قىلغان ئىش-ئىزلىرى تېخىمۇ كۈچلۈك دەلىل، چۈنكى ئۇلار شۇ ئىش ئارقىلىق رەسۇلۇللاھنىڭ مەقسىتىنى ئشىقا ئاشۇرماقچى بولغان. رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا ھاراق ئىچكەن ئادەم كېلىپ قالسا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا دەررە ئۇرۇشقا بۇيرۇيتتى، بەزىلەر قولى بىلەن بەزىلەر ئايىغى بىلەن يەنە بەزىلەر كىيىمى بىلەن ئۇراتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە بۇ ئىش شۇنداق داۋاملاشتى. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە ھاراق ئىچىدىغان ئىش كۆپىيىپ كەتتى، خالىد بىن ۋەلىد ھەزرىتى ئۆمەردىن بۇ ئىش توغرۇلۇق يوليورۇق سورىغاندا، «ئابدۇراھمان بىن ئەۋف» ياكى «ئەلى»دىن سورىغىن دەپ جاۋاب بەرگەن. ھەزرىتى ئەلى جاۋاب بېرىپ:مېنىڭچە، ھاراقكەش ھاراق ئىچسە مەس بولىدۇ، مەس بولسا قالايمىقان سۆزلەيدۇ، قالايمىقان سۆزلىسە باشقىلارغا تۆھمەت چاپلايدۇ، تۆھمەت چاپلىغان ئادەمنڭ جازاسى 80 دەررە، شۇڭا 80 دەررە ئۇرساق دەپ مەسلىھەت بەرگەن.

رەسۇلۇللاھ ھاراق ئىچكەن ئادەمگە مۇئەييەن جازا بېكىتىپ بەرمىگەن، بەلكى ئىچكۈچىلەرنىڭ ھالىغا قاراپ جازا بېرەتتى. تۆۋەن جازا 40 دەررە ئىدى. ساھابىلار بۇ ئىشتىن ئىككى مەسىلىنى چۈشەنگەن، بىرىنچى مەسىلە:جازا مۇئەييەن ئەمەس، ئۇنى ھاكىم ياكى قازى زامانغا مۇناسىپ ھالەتتە بەلگىلەيدۇ، ئىككىنچىسى: ھاراق ئىچكۈچىگە جازا بېرىشتىن مەقسەت كىشىلەرنى ھاراق ئىچىشتىن توسۇش، شۇڭا ئۇلار يۇقىرىقى نەتىجىگە يەتكەن.

 

خۇلاسە

 

ساھابىلەرنىڭ سۈننەتتىكى قانۇن چىقىرىش سىياسىتىنى چۈشىنىش بىرىنچى ئورۇندا كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى. شۇڭا ئۇلار بۇ مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ياكى زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يول تاپالىسىلا ئىككىلەنمەي شۇ ئىشنى ئاللاھغا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىۋاتىمىز، دېگەن ئاڭ بىلەن قىلاتتى. شۇڭىلاشقا ئۇلار ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتا پاكىتنىڭ زاھىرىي (سىرتقى كۆرۈنۈشىدە) تۇرۇۋالماي ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقىل، ھېكمەت ۋە چۈشەنجىلىرىنى ئىشلەتتى. شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى ياشىغان تۈرلۈك دەۋر ۋە ئورۇنلار بىلەن قۇرئاننىڭ تەلىماتلىرى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ئارىسىنى ماسلاشتۇرالىدى. شۇ سەۋەبتىن كىشلەر ئىسلامغا ئۆز ئىختىيارلىرى بىلەن بويسۇنۇشتى.

ئۆرپ ۋە ئادەت ئۈستىگە قۇرۇلغان مەنپەئەتلەر ياكى ۋەھىينىڭ ئالاقىسى يوق ئەھكاملارنى ئۆزگەرتىشنى سۈننەتنى ئاجىزلاشتۇرغانلىق ياكى سۈننەتكە ھۇجۇم قىلىش يولىنى ئاچقانلىق دەپ قارىمىدى. شۇڭا ئۇلار ۋەھىي كەلگەن ئەھكاملارنى ۋە ۋاقىتلىق مەنپەئەت ياكى زىيىنى يوق ئۆرپ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەھكاملارنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشتى.

قانۇن چىقىرىش ۋە ئەمەلىي ئەھكاملارغا ئالاقىدار بولغان سۈننەت ياكى دەۋر تىلى بىلەن ئېيتقاندا«قانۇنى تەسىرى بار ھەدىسلەر»»(ئالىملار بۇ ھەدىسلەرنى «ئەھكام ھەدىسلىرى»دەپ ئاتايدۇ)، ياكى ئەدەب-ئەخلاق، غەيبىي ئىشلار ، كائىنات ۋە ئۇنىڭ سىرلىرىغا…مۇناسىۋەتلىك سۈننەتلەر ۋەھىينىڭ قاتارىدىن بولۇپ، پىكىرگە بويسۇنمايدۇ. شۇڭا بۇ ھەدىسلەردە ۋاجىپ، سۈننەت، ھارام، مەكروھ.. ئەھكاملار ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە چۈشىنىلىدۇ.

مانا بۇلار زىت ئىككى تەرەپ (يەنى سۈننەتنىڭ ھەممىسىنى قانۇن دەپ قارىغۇچىلار ۋە سۈننەتنىڭ قانۇن چىقىرىش سالاھىيىتىنى ئىنكار قىلغۇچىلار) ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق، مانا بۇ ھىدايەت يولى ۋە توغرا يول.

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

 

  1. تأويل مختلف الحديث – ئىبنى قۇتەيبە.
  2. الإحكام فى تمييز الفتاوى من الأحكام» ۋە «الفروق» – قەررافى
  3. «زاد المعاد»،» مفتاح دار السعادة» – ئىبنى قەييىم
  4. حجة الله البالغة- ۋەلىيۇللاھ دېھلەۋى
  5. تفسير المنار- شەيىخ رەشىد رىزا
  6. الإسلام عقيدة وشريعة- شەيخ شەلتۇت
  7. مقاصد الشريعة الإسلامية – شەيخ تاھىر ئاشۇر
  8. السنة التشريعية – شەيىخ ئەلى خەفىف
  9. السنة مصدرا للمعرفة والحضارة – دوكتۇر يۈسۈپ قەرزاۋى.

 

 

 

 

2006- 10- 20  كۈنى يېزىلغان

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى