2024-يىل 16-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

يېڭىدىن توي قىلغانلارغا نەسىھەت

يېڭىدىن توي قىلغانلارغا نەسىھەت

 

توي قىلىش بالا تېپىش ئۈچۈنلا بولىدىغان كېلىشىم ئەمەس. ئۇ مۇسۇلمانلارنى ئالدىغا ئىتتىرىدىغان ياراملىق ئەۋلاتلارنى يېتۈشتۈرىدىغان روھلارنىڭ ئۇچرىشىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، ئايال كىشىنىڭ پەرزەنت تەربىيلەشتە ئۆيىدە كۈچ چىقىرىشى ئاللاھ يولىدىكى كۆرەشتىن ئىبارەت. ئايال كىشى دىنىغا ئېسىلىپ، شەرىئەتنى تۇتۇپ ماڭسا ئۆزى ۋە باشقىلارغا يورۇقلۇق بېرىدىغان مەشئەلگە ئوخشايدۇ.

ئەر كىشى كۈچ-قۇۋۋىتى، ئىرادىسىنىڭ ئۆتكۈرلىكى ۋە ئېغىر بېسىقلىقى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق يېقىلغۇسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى ئەر-ئايالدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ بىر بىرىنى تولۇقلاپ بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلىنىش ئۈچۈن توي قىلىشقا ئالاھىدە تەشەببۇس قىلغان. شۇڭا بەخت-سائادەتنىڭ ھاسىل بولىشى ئۈچۈن ئەر- ئايالدىن ئىبارەت ھەر ئىككى تەرەپتە بولمىسا بولمايدىغان شەرتلەرنى شەرت قىلغان.

مەسىلەن، ئەر كىشى دىيانەتلىك، ئىشەنچىلىك ۋە ئەخلاقلىق بولسۇن، چۈنكى ئاللاھنىڭ ھوقۇقىغا رېئايە قىلالىغان ۋە ئىش ھەرىكەتلىرىدە ئىشەنچىلىك بولغان ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ ھوقۇقىغا رېئايە قىلالايدۇ.

ئايال كىشىمۇ دىيانەتلىك، ئەخلاقلىق ۋە ئىشەنچىلىك بولىشى لازىم. ئاياللارنىڭ ياخشىسى ئەقلى ۋە ئەخلاقى گۈزەل بولغان ئايالدۇر.

توي قىلىش بىر مەملىكەت، ئايال كىشى مەلىكىسى. ئۇ تۇغىدىغان، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتىنى ساتمايدىغان، پەرزەنتىنى ئۆزىدىن ئەۋزەل  ۋە ئىلغار قىلىشقا تېرىشىدىغان بىردىن-بىر زاۋۇت.

ھەزرىتى خەدىچىدەك بىر ئايالغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدەك ئەخلاقنى ئۆزلەشتۈرگەن ئەر بولۇڭ.

 

 

 ئەر- ئاياللىق ھاياتىنىڭ قائىدىلىرى

 

«ئاياللار بىلەن ئۇنسى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر-خوتۇن ئارىسىدا) مېھر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك- شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار» (رۇم سۈرىسى، 21- ئايەت).

يۇقىرقى ئايەت كەرىمنىڭ روھىغا ئاساسەن مېھىر-مۇھەببەت، كۆيۈنۈش ۋە رەھمىدىللىك ئەۋج ئالغان ئەر-ئاياللىق ھاياتىنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان مۇھىم ئامىل تۆت تۈرلۈك بولىدۇ:

1.بىرىگە كۆيۈنۈش، ھېسداشلىق قىلىش ۋە ياخشى كۆرۈش.

  1. ئەر-ئايالنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرىنىڭ ئېغىرچىلىقى ۋە نۇقسان تەرەپلىرىنى كۆتۈرۈشى.
  2. سەۋر قىلىش ۋە ئېغىر بېسىق بولۇش.
  3. ھەر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنىڭ ھېس-تۇيغۇسىغا رېئايە قىلىش.

ئەر–ئايال ئارىسىدىكى بەخت-سائادەت ئىككى تەرەپ بىر بىرىنى چۈشىنىشمىسە ھاسىل بولمايدۇ. ئەر ئايالىنى، ئايالى ئېرىنى چۈشىنىشى كېرەك. ئىرى ئايالىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈشى، ئايالى ئىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈشى كېرەك. ئايالى ئىرىنى چۈشەنگىلى ئۇنىمىسا، ئىرى چۈشەنسۇن. ئايالى ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرگىلى ئۇنىمىسا ئىرى كۆتۈرسۇن.

ئىرى ئايالىغا ياكى ئايالى ئىرىغا چوڭچىلىق قىلمىسۇن. تېخىمۇ مۇھەببەتلىك ھاياتنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئەۋرىشىم بولۇش ۋە كۆرمەسكە سېلىش ۋە بىلمەسكە سېلىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.

ئەر- ئايالنىڭ ھېچ بىرى ئېيىپ نۇقساندىن خالى ئەمەس، شۇڭا ھەر بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى قوبۇل قىلىشى ۋە ياقتۇرمايدىغان سۈپەتلىرىنى-قوبۇل قىلىش دەرىجىسىدە بولسا-كۆز يۇمۇشى كېرەك. ئىمام ئەھمەد:«ئائىلىدىكى خاتىرجەملىكنىڭ ئوندا توققۇزى، بىلمەسكە سېلىشتىن كېلىدۇ»دېگەنىكەن. بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىشنى دېمەكچى. شۇنداقلا «كۆپ خاپۇلاش دوستلارنى ئايرىۋىتىدۇ» دېگەن گەپ بار.

ئايال كىشى دائىم لوگىكا ئاساسىدا ئىش قىلىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ھېسياتى كۆپىنچە ئەقلىدىن غالىب كېلىدۇ. ئايال كىشى سۆزلىگەن ھەر بىر سۆزىدىن ھېساب بېرىشنى خالىمايدۇ، بەلكى مىجەزى ئۆزگىرىپ قالغاندا يولدىشىنىڭ كۆز يۇمۇشىنى، ئەركىلىشىدىن ۋە مۇھىم بولمىغان ئىشلىرىدىن غەزەپ قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

«چىرايلىقچە ياشاڭلار» (نىسا سۈرىسى، 19- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى، ھەر تەرەپ ئورتاق نۇقىتغا كېلىش ئۈچۈن بىر ئاز ھەققىدىن ۋاز كېچىشنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى ھوقۇقىمنى تولۇق ئالىمەن دەپ چىڭ تۇرۇش ياخشىلىقچە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ھاسىل قىلالمايدۇ. چىرايلىقچە ياشاشنىڭ ئۇسۇلى ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىش، قەدىرلەش ۋە ھەر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنىڭ شارائىتىغا رېئايە قىلىش ئاساسىدا ھاسىل بولىدۇ. ھوقۇق تەلەپ قىلىشتىن ئىلگىرى مەجبۇرىيەتنى تولۇق ئورۇنلاش كېرەك.

 

ئەر- ئاياللىق ھاياتىنى ئۆرۈپ تاشلاشتىكى 9 ئامىل

 

1.بىر بىرىنىڭ ئېيىپلىرىنى ئېچىپ، ئارتۇقچىلىقلىرىدىن كۆز يۇمۇش.

  1. باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش.
  2. ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە چىقسا سۇكۇت قىلىش.
  3. بىر بىرىنى مەسخىرە قىلىش ۋە ھېسياتىنى يارىلاندۇرۇش.
  4. بىر بىرى بىلەن كارى بولماي، باشقا ئىشلار بىلەن بولۇپ كېتىش.
  5. بىر بىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى قەدىرلىمەسلىك.
  6. ئېغىر دەرىجىدە كۈنلەش.

8.بىر بىرىگە ھاكىم بولۇۋېلىش.

9- ھەر بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلماسلىق ئەڭ مۇھىم سەۋەبنىڭ بىرىدۇر.

ئەرنىڭ مەجبۇرىيىتى: تويلۇق بېرىش، تۇرمۇش چىقىمىنى كۆتۈرۈش، تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ بېرىش، چىرايلىق ئۆتۈش، شۇنداقلا ئائىلە ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئىمانلىق، بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك ئادەم بولىشىغا ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت. ئايالىنىڭ بىلىم-مەرىپەت ئېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ۋە ئايالىغا زىيان سالماسلىقتۇر.

 

ئايالنىڭ مەجبۇرىيىتى: ياخشى ئىشلاردا ئىتائەت قىلىش، ئەرنىڭ ھەققنى ئادا قىلىش، ئۆيىگە ئىرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلارنى كىرگۈزمەسلىك، ئۆيدىن رۇخسەتسىز چىقماسلىق، ئىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، ئىرى بىلەن چىرايلىق ئۆتۈش، پەرزەنتلىرىنى ئىمانلىق، ئەخلاقلىق ۋە ۋىجدانلىق قىلىپ تەربىيلەشتىن ئىبارەت.

 

 

ئابدۇراھمان جامال (ئەزھەرى)

مىسىر، قاھىرە شەھىرى