2024-يىل 16-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

تەپەككۇر قىلىش تاشلىنىپ قالغان پەرز

تەپەككۇر قىلىش تاشلىنىپ قالغان پەرز

 

تاشلىنىپ قالغان پەرز دېگەن ماقالىدە دېمەكچى بولغۇنۇم «تەپەككۇر قىلىش، ئويلىنىش، ئىزدىنىش» پەرزىنى دېمەكچى.

بۈگۈنكى مۇسۇلمانلار-جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلار-ئېغىر خەتەرگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. دۈشمەنلىك قىلىش ساھەلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى مىللەتنىڭ  ئەھۋالىدا تەپەككۈر قىلىشقا، ۋەزىيەتلىرىدە ئىزدىنىشكە، ئۆزىدىكى بار ئىللەتلەرنى تېپىپ چىقىشقا ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا تەپەككۈر قىلىشقا چاقىرماقتا.

ئۈممەتنىڭ سىياسى نۇقسانلىرى، ئىدارە جەھەتتىكى چىرىكلىكى، ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش، ئىلمى ساھەدىكى ئاجىزلىق، تېخنىكىدىكى كەمبەغەللىك تەرەپلىرىگە نەزەر سالغان كىشى تەپەككۈر قىلىش، ئىزدىنىش ۋە ئويلىنىشنىڭ ھەل قىلىشتىكى باشلانغۇچ  چارە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

يات ئەللەرنىڭ ئىلمى تەرەققىياتى، پىلانلىق ئىش قىلىش تۈزۈلمىسىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە مەلۇمات سەۋىيىسىنىڭ كېڭىرلىكىگە قارايدىغان بولساق تەپەككۇر قىلىش، ئىزدىنىش ۋە پىلانلىق ئىش قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ئېنىق ئاشكارا بولىدۇ.

يات ئەللەر بىزنىڭ شارائىتىمىزنى بىزدىن بەكرەك بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىزگە ئىدىيە ۋە ئىستىلى تەرەپتىن كۈندىلىك ھاياتىمىزغا ۋە پىسخىكىمىزغا قەدەر سىڭىپ كىردى. ئانا تىلىمىزنى ئۆزگەرتىپ، گۈزەل ئادەتلىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئەخلاق تۈزۈلمىمىزنى ئۆزگەرتىۋەتتى. مەن مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنۇ ھەدىسى يادىمغا كېلىپ قالدى. رەسۇلۇللاھ:«سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ يولىغا غېرىچمۇ-غېرىچ ئەگىشىپ كېتىپ قالىسىلەر، كىلە ۋە كىرپىنىڭ كامېرىغا كىرسىمۇ-ئويلانماي- كىرىپ كېتىسىلەر» دېگەن ئىدى. ئەلۋەتتە رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەدىسى ئەقىدە، گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل ئۆرپ-ئادىتى بىلەن كارى بولمايدىغان بىر تۈركۈم كىشلەرگە قارىتىلغان…

ئەھۋالىمىز مۇشۇنداق تۇرسىمۇ تەپەككۇر قىلماسلىق، ئىزدەنمەسلىك، ئەھمىيەتسىز ئويۇن-كۈلكىلەر، باش-ئاخىرى يوق تاماشىلار ئىسلام نەزىرىدە ئەڭ چوڭ جىنايەت ۋە خاتالىق ھېسابلىنىدۇ. ۋاقىتنى زايە قىلىدىغان تانسىخانىلار، غۇرۇرىنى ۋە ئەركەكلىك روھىنى ئۆلتۈرىدىغان پاسسىپ ناخشىلار، ئاتالمىش مەدەنىيەت يۇرتلىرى…بىزنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىزدىنىش يولىمىزدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىكەنلىكىدە شەك يوق.

 

 

تەپەككۈر قىلىش ئۈچ ئاساستا خۇلاسىلىنىدۇ:

* مەلۇمات ۋە مۇنتىزىم تەجرىبىنىڭ بولىشى،

* ئەمەلىيەت ۋە شارائىتنى بىلىش، تەكشۈرۈش، سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىش ۋە كۆرۈنۈشلىرىنى ئانالىز قىلىش،

* ئاندىن ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات نەتىجىسىنى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىدىغان چارىلەرگە، ئويغىنىش ۋە ئىسلاھاتنىڭ ئىلمى ئاساسلىرىغا  ئۆزگەرتىشتۇر.

تەپەككۈر قىلىش ياكى ئىزدىنىش بىر قانچە ئادەمدە بولۇپ توختاپ قالسا نەتىجە چىقمايدۇ. تەپەككۈر قىلىش دېگەن بۇ پەرز مىللەت سەۋىيىسىگە كۆتۈرۈلۈشى كېرەك. تەپەككۈرنىڭ ئەھمىيىتى ۋە يوللىرى…تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا چۈشەندۈرۈلۈشى لازىم:

  1. تەپەككۈر قىلىش ئىنسانىيەت نۇقتىسىدىن زۆرۈر:

ئىنساننىڭ بىردىن-بىر ئالاھىدىلىكى تەپەككۈر قىلالايدىغان ئەقىللىق ئىكەنلىكىدە. ئېھتىياج ۋە مەنپەئەتلىرىمىز ئۈچۈن پۈتۈن ئەزالىرىمىزنى ئىشقا سالغاندەك ئەقلىمىزنىمۇ تولۇق ئىشقا سېلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ئەقلىمىز باشقىلارنىڭكىدىن كام ئەمەس، ئىزدەنسەك بىزدىنمۇ مۇتەپەككۇرلارنىڭ چىقىشىدا شەك يوق. ئەمەلىيەتتە ھازىر بىر قانچە مۇتەپەككۇرلار مەيدانغا كەلدى، بۇلارنىڭ بۇ باسقۇچقا يېتەلىشى ئىزدىنىش ۋە تەپەككۈر قىلىش نەتىجىسىدىن كەلگەن.

  1. تەپەككۈر قىلىش قۇرئاننىڭ چاقىرىقى:

قۇرئان ئايەتلىرى تەپەككۇر قىلىش، ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشكە چاقىرىدىغان ئايەتلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن. قۇرئان كىرىمدە تەپەككۇر قىلىش ۋە ئويلىنىش توغرىسىدا 70 تىن كۆپ ئايەت كەلگەن. ئەلۋەتتە بىز مۇسۇلمان بولغاندىكىن دىنىمىزنىڭ چاقىرىقىغا ئەمەل قىلساق نېمە بولار؟ بۇ سەل قارايدىغان پەرز ئەمەس…

  1. تەپەككۈر قىلىش ئەمەلىيەتنىڭ باشلىنىشى:

ھەر قانداق بىر قىيىنچىلىق ياكى ھەر قانداق بىر ئىش ياكى ھەر قانداق بىر ئارزۇ-ئىستەك تەپەككۇر قىلىش ۋە ئويلىنىش ئارقىلىق باشلىنىدۇ.

  1. تەپەككۈر قىلىش ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى:

قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ياكى قىيىنچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇئەييەن شەخس ياكى مۇئەييەن شارائىتقا ئالاقىدار بولۇپ ئۆتۈپ كېتىدىغان يازنىڭ بۇلۇتىغا ئوخشايدۇ. لېكىن تەپەككۈر قىلىش ئاڭ-سەۋىيە ۋە سىستېمىلىق ئەمەلىي باسقۇچقا ئايلانغان ۋاقتىدا داۋاملىق ئىجابىي رول ئالالايدۇ ۋە مەسىلىلەرنى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى چارە قوللىنىشقا ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ.

  1. تەپەككۈر قىلىش ئىجابىي ئاكتىپ روھ يارىتىدۇ:

ئۈمىدسىزلىك قەلبدىن ئورۇن ئالغان چاغدا تەپەككۇرگە قەدەم قويىسىڭىز ياخشى نەتىجە بېرىدۇ. تەپەككۈر قىلىش ئۈمىد نۇرىنى يېڭىدىن نۇرلاندۇرىدۇ. قەلبىگە ئىشەنچىنى قايتۇرۇپ، توغرا ھايات قەدىمىڭىزگە يار يۆلەك بولىدۇ.

***

ئەقىل ئاللاھنىڭ نۇرى ۋە ئاللاھنىڭ ئىنساندىكى ۋەكىلى. ئىنسان ئەقىل ئارقىلىق ئىزدىنەلەيدۇ، كائىناتقا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغان قانۇنلارنى كەشىپ قىلالايدۇ ۋە سەۋەبلەرنى ھېس قىلالايدۇ.  ئىنسان ئەقىل ئارقىلىق-ئاللاھ ئادەمنىڭ زېمىنغا چۈشۈشىدىن ئىلگىرى ئادەمنى قوراللاندۇرغان-ئىلىم قورالىغا ئىگە بولالايدۇ.

ئەقىل ئىنساندىكى تەپەككۇر قورالى، ئەقىل ئارقىلىق ئىنسان ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ھەر كۈنى يېڭى نەرسىلەرنى ئىجاد قىلالايدۇ.

ئەقىل ئىلىم-مەرىپەتنىڭ ئاچقۇچى، ئەقىل مەدەنىيەتنىڭ ئاچقۇچى… ئەقىلنى ئۆز جايىدا ئىشلەتمەسلىك گۇناھ سانىلىدۇ، چۈنكى قۇرئان كەرىم ئويلىنىشنى پەرز قىلغان: «ئۇ سىلەرنى زېمىندىن(يەنى تۇپراقتىن) ياراتتى، سىلەرنىڭ زېمىننى گۈللەندۈرۈشۈڭلارنى تەلەپ قىلدى» (ھۇد سۈرىسى، 61- ئايەت) گۈللەندۈرۈش ماددى ۋە مەنىۋى تەرەپتىن بولىدۇ، ئۇنداقتا مەدەنىيەت يارىتىش ئىسلامى پەرز.

بۈيۈك ئىسلام پەيلاسوپى ئىبنى رۇشد:«تەپەككۇر قىلىش ياكى مەۋجۇداتلارغا نەزەر سېلىشنى شەرئى ۋاجىپ» دېگەن. مۇتەپەككۇر ئابباس ئاققاد:«تەپەككۇر قىلىش پەرز»دەپ كىتاب يازغان.

ئىسلام«پەرز قىلغان مەدەنىيەت»نى يارىتىش ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىش، ئىزدىنىش ۋە ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلغان بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىش شەرئى پەرز.

ئىسلام بىزنىڭ تەپەككۈر قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى ئەقىل ياكى تەپەككۇر قىلىشقا توسالغۇ بولىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى ھارام قىلدى. بىز-مۇسۇلمان-لېكىن ئىسلامنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىمايدىغان مۇسۇلمانلار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىلنى بىھۇش قىلىپ، ئەقىلنىڭ رولىنى كېرەكسىز قىلىۋېتىدىغان ھاراقنى ئىچىمىز. خىروئىن…گە ئوخشاش زەھەرلەرنى ئىستىمال قىلىمىز. شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى، ئەقىلنى بىھۇش قىلىدىغان ۋە ئىسلام تەلەپ قىلغان مەدەنىيەت يارىتىش ئېڭىغا توسالغۇ بولىدىغان ھەر قانداق نەرسە ھارام.

تارىختىن ئىبرەت ئالايلى. بىز قاچانىكى تەپەككۇر قىلىشتىن توختىدۇق، شۇ چاغدىن تارتىپ خۇراپات ۋە ئەپسانىلەر تارقالدى، مەدەنىيىتىمىز ۋە ئىجادىيىتىمىز شۇ سەۋەبتىن  توختاپ قالدى. باشقىلارنىڭ تەرەققىيات بايرىقىنى كۆتۈرۈشى ئۈچۈن  مەيداننى تاشلاپ بېرىپ چىكىندۇق…

مۇسۇلمانلار ئىسلام پەرز قىلغان تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىزدىنىشكە ئەمەل قىلغان چاغدا تەرەققى قىلىپ مەدەنىيەت يارىتالىغان ئىدى. تەپەككۇر قىلىشتىن توختاپ قالغان چاغدا مەدەنىيىتى ئارقىغا چېكىندى.

ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىنى مۇلاھىزە قىلىڭ:« ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (قۇدرىتى ئىلاھىيىنى) تەپەككۇر قىلىدىغان قوۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەر بار » (جاسىيە سۈرىسى، 13-ئايەت).

ئاللاھ ئاسمان ۋە زېمىننى تەپەككۇر قىلىشىمىز، ئىزدىنىشىمىز ۋە ئىجادىيەت يارىتىشىمىز ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايەتنىڭ ئاخىرىدا«تەپەككۇر قىلىدىغان كىشلەرگە دەلىل- پاكىتلار بار»دېدى.

ئەقىل، تەپەككۈر، بىلىم-مەرىپەت، ئىجادىيەت ۋە يېڭىلىق يارىتىش  ۋە ۋەزىيىتىمىزنى ئىسلاھ قىلىدىغان يولىغا قايتىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى… ئەمدى بۇ پەرزگە كىچىككىنە سەل قارىساق باش ئاخىرى يوق پۇشايمانغا قالىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ تۈگمەس لەنىتىگە ئۇچرايمىز.

سىز بىر مۇسۇلمانغۇ ئۇنداقتا بۇ پەرزنىمۇ ئادا قىلىڭ، ئويلىنىڭ، ئىزدىنىڭ، تەپەككۇر قىلىڭ، مەدەنىيەت يارىتىڭ. سىزنىڭ ئەقلىڭىز باشقىلارنىڭكىدىن كام ئەمەس ئەي ئۇيغۇر!…

بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئەقلىمىزنى ئويۇن تاماشا ۋە ھەددىدىن ئارتۇق كۈلكە-چاقچاققا ئىشلىتىشكە خېلى ماھارىتىمىز بار. قېرىنداشلىرىمىزنى مەست قىلىش ۋە مەرىپەتتىن مەھرۇم قويۇشقا ئىقتىدارىمىز خېلى ئۇزۇن… ئەمدى ئوينايدىغان، ۋاقىتنى زايە قىلىدىغان، ئەھمىيەتسىز ۋە ئورۇنسىز ھايات ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىت كەلمەسكە كەتتى!…

سىز بىر مۇئەللىم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا خاس مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئادا قىلىڭ، بۇ ئاللاھنىڭ سىزگە تاپشۇرغان ئامانىتى. سىز بىر بىلىم-مەرىپەت قۇچىقىدىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، سىز ئۈچۈن پايدىلىق بىلىم ئېلىش پەرز. بۇ ئاللاھنىڭ سىزگە يارىتىپ بەرگەن ئامانەت پۇرسىتى، مۇشۇ پۇرسەتنى نەتىجىسىز ئۆتكۈزۈۋەتسىڭىز قىيامەت كۈنى ھېسابقا تارتىلىسىز.

سىز بىر شانلىق تارىخ  ۋە مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇر. سىز  ئىزدىنىش، ئويلىنىش ۋە تەپەككۈر قىلىش تەلەپ قىلىنغان بىر مۇسۇلمان!…

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

قاھىرە شەھىرى

2015- يىلى