2024-يىل 9-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ روھى

ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ روھى

ئىسلام دەۋىتىنىڭ خىزمىتى مەككە دەۋرىدە باشلانغاندىن تارتىپ ئېغىر سانائەتلەرنى تۇرغۇزدى، بۇ سانائەت ئىسلام دىنىغا ئىمان كەلتۈرگەن مۆمىن ئىنسان ئىدى. ئىسلام دەۋىتىنىڭ مەخپى دەۋرىدىكى ئەرقەمنىڭ قورۇسى رەسۇلۇللاھ پەيدا قىلغان «مائارىپ ئورگانلىرى»نىڭ بىرىنجىسى ئىدى.

مۇسۇلمانلار ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇش ۋە شەھەرلەرنى ئازات قىلىشتىن ئىلگىرى ئىسلام ئازادلىقى «قەلب ۋە ئەقىلنى ئۆزگەرتكەن» ئىدى. ئىسلامنىڭ قەلب ۋە ئەقىلنى ئازات قىلىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستىلى، ھاياتى ۋە خاراكتېرىگە ئايلانغان…

ئىسلام دىنى قۇرئان ئارقىلىق ئىنساننى تەربىيلەپ يېتشتۈرگەندىن كېيىن مەدەنىيەت، بىلىم-مەرىپەت، ئەدەبىيات ۋە تۈرلۈك پەنلەردە نەتىجىلەر قولغا كەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن بارلىققا كەلگەن.

ئىسلامدىكى دىنى دەۋەت دىيانەتلىك بولۇش ۋە ئىمانى شوئارلار بىلەن ئاللاھقا قۇلچىلىقىنى ئىپادىلەش دائىرىسىدە توختاپ قالماستىن ئىنساننىڭ ئۈممەت، جەمئىيەت ۋە كائىنات بىلەن چىقىشىپ ياشاش ئالاقىسىغا قەدەر كېڭەيدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مۇسۇلماننىڭ قەلبىدە غەيبى(مېتافىزىكا) ئالەم بىلەن ھېسسى ئالەملەر بىرلەشتى، شەخسنىڭ كوللىكتىپ بىلەن بولغان ئالاقىسى تەڭپۇڭلاشتى.

ئىسلام دىنى يەككە شەكىلدىكى پائالىيەت بىلەن شەكىللەنمەيدۇ. بەلكى ئىسلامنى بەرپا قىلىش ۋە پەرزلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۈممەت، ۋەتەن، بىرلىك، جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىيغا ئالاقىدار پەرزلىرىنى ئادا قىلىش لازىم. ئىجتىمائىي پەرزلەر يەككە تۈسنى ئالغان پەرزلەردىن مۇھىم. يەككە پەرز ئادا بولمىسا، مەسئۇلىيەت يەككە شەكىلدە بولىدۇ، ئىجتىمائىي پەرز ئادا قىلىنمىسا، گۇناھى ئۈممەتنىڭ ھەممىسىگە بولىدۇ.

ئىسلام تەربىيسى مۇسۇلماننىڭ پىسخىكىسىغا ئايلىنىپ، ئىسلام جەمئىيىتىدە مەدەنىي ۋە دىنى، ئەقلى ۋە نەقلى، ماددا ۋە روھ ئارىسىدا…ماسلىشىش روھىنى ياراتتى. بۇ يەككە ئامىللاردىكى بىرلىشىش روھى، ئىسلام دەۋىتى يېتىشتۈرۈپ چىققان ئىنسانلار تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن مەدەنىيەتتۇر. ئىسلامدىن ئىلگىرىكى مەدەنىيەتلەر دىن بىلەن بىرگە زامانداش بولسىمۇ، دىننىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن بارلىققا كەلمىگەن. ئۇ مەدەنىيەتلەر دىن تۈسىنى ئالمىغان، چۈنكى ئۇ دىنلار خالىس دىن(يەنى ئەقىدە ۋە ئىبادەت) دائىرىسىدە توختاپ قالغان، ياكى ئىسلامدىن ئىلگىرى مەدەنىيەتلەر دىنى تەلىماتلار يېتىپ بارمىغان زامانلاردا ياشىغان.

ئىسلام، دىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەزارەت بەرپا قىلالىدى، بىلىم-مەرىپەتنى قانات يايدۇردى، ئىجتىمائىي ئىنساننى يېتىشتۈردى. ئىسلامدىكى ئومۇمىي تەربىيە مېتودى ئارقىلىق تەڭپۇڭلۇققا ئىگە مۇسۇلماننى يېتۈشتۈرۈپ چىقتى، بۇ تەڭپۇڭلۇق دىن خاراكتېىرى بىلەن تۈس ئالغان مەدەنىيەتنى يارىتالايدىغان ئىنساننى بارلىققا كەلتۈردى. ئىسلام دىنى مۇسۇلماننىڭ قەلبىدە تەڭپۇڭلۇق ۋە خاتىرجەملىكنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. مۇسۇلمانلار پەيدا قىلغان ئىسلام ھەزارىتى ئىسلام دىنىنىڭ ئىنساننىڭ قەلبىدىكى مېۋىسدۇر. بۇ مەدەنىيەت دىنى خاراكتېردىن(دىنى كۆرسەتمىدىن) يىراقلاشقاندا نۇقسان ۋە ئاجىزلىق پەيدا بولدى، بۇ كەمچىللىكىنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى بارلىققا كەلدى.

ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى«قۇتقۇزۇش يولى» ۋە «مەدەنىيەت قىيىنچىلىقىنى» ھەل قىلىش چارىسى سۈپتىدە تۈرلۈك يول تۇتۇشتى. مەسىلەن، ئىسلاھاتچىلارنىڭ قاتارىدىن ئىمام غەززالى ئۈممەتتىكى ئاساسلىق كېسەلنى«ئىدىيە كېسلى»دەپ ئوتتۇرغا قويغان. ئىمام ئىبنى تەيمىيە ئۈممەتتىكى ئاساسلىق كېسەلنى«ئەقىدە كېسلى، ئەقىدىنى كېسەلدىن تازىلاش لازىم»دەپ قارىغان. ئىمام شاتىبى ئۈممەتنىڭ چىقىش يولى«شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى ئوبرازلاشتۇرۇش» دەپ قارىغان. جامالىدىن ئافغانى«سىياسى نۇقسانلارنى ئىسلاھ قىلىش»لازىم دەپ قارىغان بولسا، ئىمام مۇھەممەد ئابدۇ «ئىدىيە ۋە يېڭىلىق يارىتىش مېتودىنى ئىسلاھ قىلىش لازىم» دەپ كۆرسەتكەن. ئافغانى، مۇھەممەد ئابدۇ ۋە رەشىد رىزانىڭ كۆز-قاراشلىرى بىلەن تەسىرلەنگەن ئاتاقلىق مۇتەپەككۇر ئالىم ئابدۇقادىر داموللام «دىنىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىپ، پەننى مائارىپ بىلەن بىرلەشتۈرۈش لازىم» دەپ قارىغان.

يېڭى دەۋردە يۇقىرىقى ئىسلاھات چاقىرقلىرى ئۈنۈم بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئەيىب-نۇقسان مەۋجۇت…ئۈممەت يەنىلا ئىسلاھات ئاچقۇچى ۋە ئويغىنىش يولىنى ئىزدىمەكتە…

ئىسلام دىنى بۇرۇنقى مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققى قىلىش، ھەزارەت جەھەتتە ئويغىنىش ۋە ئىلمى گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبى بولالىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ھازىر مۇسۇلمانلار ئارقىدا قالدى؟

سەۋەب، ئىسلام ھەزارىتىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقى روھىنىڭ بولماسلىقىدۇر، يەنى ئىسلام دىنى بىلەن مۇسۇلمانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئارىسىدا ئۈزۈلۈشنىڭ يۈز بەرگەنلىكى سەۋەبتۇر… ئىسلام روھى مەدەنىيەتنى ئىسلامچە تۈس بىلەن بەرپا قىلغان ۋە ئىسلام خاراكتېرى بىلەن رېئاللىققا ئايلاندۇرغان.

ئىمام ھەسەن بەسىرى بىر كۈنى ئەڭ چوڭ ۋائىز(تەبلىغچى)نىڭ ۋەزىنى تىڭشاپ ئولتۇردى، قەلبى ۋەز-تەبلىغ بىلەن تەسىرلەنمىدى، شۇنىڭ بىلەن ھەسەن بەسىرى ئۇ ۋائىزدىن:«قېرىندىشىم، سېنىڭ قەلبىڭدە كېسەل بارمۇ ياكى مېنىڭ قەلبىمدە كېسەل بارمۇ؟» دەپ سورىغان!… مانا بۇ ئىسلام كۆرسەتمىسى بىلەن مۇسۇلمانلار مائارىپى ئارىسىدا ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ئىسلام روھىنىڭ يوقلىقىدا، مانا بۇ ئىسلاھات يۆلۈنۈشلىرى دورا ئىزدەۋاتقان مەدەنىيەت كېسىلى ۋە كېسەلنىڭ سەۋەبى.

ئىسلامنى-باشقا دىنلارغا ئوخشاش پەقەت دىن چەكلىمىسىدىلا توختىتىپ قويماي-مەدەنىيەت يارىتالايدىغان قىلغان قانداق روھ؟ بۈگۈنكى كۈندە ھەزارەت ۋە بىلىم-مەرىپەتتە ئىسلامنىڭ تەسىرىنى جانسىز ۋە ئۆلۈك قىلىپ قويغان ئەيىب زادى نەدە؟ ئىسلام دىنى ئۆز پېتى بار، لېكىن ئىسلام مەدەنىيىتى ئارقىغا چېكىندى ۋە ئىسلام بىلىم-مەرىپەتلىرى ئاجىزلاپ قالدى.

بۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇھەممەد فازىل بىن ئاشۇر«ئىسلام ھەزارىتىنىڭ روھى» ناملىق كىتاۋىدا ئالتە نۇقتىدىن توختالغان:

1.ئىسلام دىنى ھەزارەت يارىتىش ۋە ئىلمى مەدەنىيەت بەرپا قىلىشتا ئالاھىدە. ئىسلام دىنى باشقا دىنلارغا نىسبەتەن دىن بولۇش ئېتىبارى بىلەن ئورتاقلاشسىمۇ، ئىسلامنىڭ باشقا دىنلاردىن يەككە-يىگانە تۇرىدىغان ئارتۇقچىلىقلىرى بار. ئىسلام دىنىنىڭ باشقا ھەزارەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى باشقا دىنلاردىكىگە ئوخشىمايدۇ. بىز ئىسلام ھەزارىتى ۋە مەدەنىيىتى دەپ ئاتاۋاتقان نەرسە زەنجىرسىمان ھادىسىلەر، شارائىتلار، ئىجتىمائىي شەكىل ۋە ئەقلى ئۆلچەملەردىن پەيدا بولغان. ئىسلام دىنى ھەزارەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ باشلانمىسى ۋە يېتىلىشىنىڭ سەۋەبى ئىدى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ سەۋەبى بولالايدۇ.

ئىسلام دىنى بىلىم-مەرىپەت بىلەن چىقىشىش باسقۇچىدا توختاپ قالمىدى، بەلكى ئىلىم-پەن تېمىلىرىنىڭ ھەممىسىنى دىنىي ئەقىدە بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن دىن ۋە ئەقلى مەرىپەت ئارىسىدا باغلىنىش ئالاقىسى شەكىللەندى. بۇنىڭدىن ھايات ۋە ئىستىلغا قارىتا يۆنۈلۈش پەيدا بولدى. ئىنژېنېر ياساۋاتقان، ئەدىب يېزىۋاتقان ۋە ھۈنەرۋەن قىلىۋاتقان نەرسىنىڭ ھەممىسىدە دىنى كۆرسەتمە ۋە پۇراق كۆرۈندى. بىلىم-مەرىپەتنىڭ ئامىللىرى بىر-بىرىگە باغلانغان شەكىلدە ئەقىدەشۇناسلار، فۇقاھالار ۋە ئالىملارنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئايلاندى. نەتىجىدە تەبىئىي پەن، ماتېماتىكا ۋە پىسخولوگىيە مەرىپەتلىرىنى ئېتىقاد ھەقىقەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئسىلام ئەقىدىسىنىڭ كىتابلىرىنى مېۋە بەردى. ئۇنىڭدا ئىلىم-پەن بىلەن دىن جىپسلاشتى، ئەقلى ۋە نەقلى پاكىتلار بىر-بىرسىنى قوللاشتى. دىنى مەكتەپلەر مۇسۇلماننىڭ كۆز ئالدىدا كائىنات، مەرىپەت ۋە ئىمان ئۇپۇقلىرىنى ئېچىپ بەردى.

ئسىلام ئېتىقادى ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسى. بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئەزالىرى دىننىڭ تەلىماتى بىلەن ئويلاندى، دىننىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن مەدەنىيەتلەشتى، دىن بىلەن مەدەنىيەت ئىزلىرىنى ئىشلەپ چىقاردى، دىن ئارقىلىق جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت بەربا قىلدى، مەدەنىيەت كۆرۈنۈشلىرى دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا داۋاملاشتى ۋە دىنى ئامىللار مەدەنىيەت كۆرۈنۈشىدە ئالاھىدە ئاكتىپ رول ئوينىدى.

  1. شۇنداقلا ئىسلام مەدەنىيىتى تەڭپۇڭلۇق ۋە ماسلىشىش بىلەن ئالاھىدە بولغان مەدەنىيەت. چۈنكى بۇ مەدەنىيەت ئىنسانىي مەرىپەت مەنبەلىرىدە تەڭپۇڭلۇق، ماسلىشىش ۋە مۇكەممەللىكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان ئىسلامنىڭ ئالاھىدە مېۋىسى. ماددا ۋە ماددىغا مۇناسىۋەتلىك ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ قولى يېتىدىغان دەرىجىدە يېقىن، ئىنسان تۈرلۈك ھېس قىلىش تۇيغۇلىرى ئارقىلىق ئۇ ھەقىقەتلەرگە يېتىشكە قادىر…

ئىسلام مەدەنىيىتى ئۆزىدە ماسلىشىش ۋەزىيىتىنى پەيدا قىلالىغان ئىنساننىڭ تەسىرىدىن ۋۇجۇتقا كەلگەن مەدەنىيەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈ  ئىنسان ئۆزىگە ئوخشاش ماسلىشىدىغان مەدەنىيەتنى يارىتالىدى، بۇ مەدەنىيەت ماسلىشىش ۋە جىپسىلىشىش ئارتۇقچىلىقى بىلەن باشقا مەدەنىيەتلەردىن ئۈستۈن تۇرالىدى.

  1. ئەمدى نېمە سەۋەب بولدى؟ ئىسلام مەدەنىيىتى ئارقىدا قالدى، بىلىم-مەرىپىتى ئاجىزلاشتى؟ لېكىن ئىسلامنىڭ ئۆزى شۇ! سەۋەب نەدە؟..

كېسەللىككە يولۇققىنى ئىسلام دىنى ئەمەس. كېسەللىككە يولۇققىنى ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام مائارىپى…ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىغا يەتكەن كېسەل ۋە ئاجىزلىق ئەسلى يۆلىنىشىدىن بۇرۇلۇپ كەتكەنلىكتىن، ۋەزىيەتنىڭ تەتۈر ئايلانغىنىدىن ۋە يىلتىز خاراكتېرلىك مائارىپ ئامىلدىن يىراقلاشقانلىقتىن يۈز بەرگەن.

ئۇنداقتا ئەيىب-نۇقسان ئىسلام دىنىدا ئەمەس. نۇقسان ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ مەدەنىيەتنىڭ روھى بولۇشتىن توختاپ قالغانلىقىدا، مەدەنىيەتنى بىنا قىلىدىغان ئېتىقاد ئىرادىسىنىڭ قورۇلۇپ قالغانلىقىدا، مەدەنىيەتنىڭ ئىسلام كۆرسەتمىسىدىن ياتلىشىپ كەتكەنلىكىدە ۋە دىنى كۆرسەتمىنىڭ دۇنيا ئىشلىرىدىن ئاجراپ كەتكەنلىكىدە نامايەن بولىدۇ. كېسەل تەگكەن تەرەپنىڭ ئەقىدە تەرەپ ئىكەنلىكى ئاشكارا بولغان بولسا، ئۇ مەدەنىيەتنىڭ ئاجىزلىقىدىكى سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ  بېرەلەيدۇ…

ئەقىدىدە يۈز بەرگەن خۇنۈكلۈك ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەرسە ئەقىدىنىڭ ماھىيىتىدىكى ئاجىزلىقتۇر. «روھىمىزدىكى قورۇلۇش» ئىسلام دىنىنىڭ مەدەنىيەتكە روھىنى ئاتا قىلىشىغا توسالغۇ بولۇۋالغان، شۇنىڭ بىلەن مەدەنىيەت جانسىز ۋە ئالدىغا تېپەلمەيدىغان روھسىز ھالەتكە كېلىپ قالغان. بۇ «قورۇلۇش» ئەقىدىمىزگە يەتكەن ئاجىزلىق ئىللەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئىجادىيەت يارىتىش روھىغا ئىگە ئېتىقاد ئىرادىسى ئاجىزلىشىپ كەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىجتىمائىي ۋەزىيەتلەر ۋە مەدەنىيەت تەسىرلىرى ئىلگىرىكىدەك ئۆز ئورنىدا رول ئوينىيالمىدى. مەدەنىيەت بىر ئويمانلىقتا بولسا، دىنى ئېتىقاد يەنە بىر ئويمانلىقتا قالدى…

مۇسۇلمان بىر تەرەپتىن دىنى ئەقىدىسىگە ۋاپادار تۇرغان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىجتىمائىي رىئاللىقىغا دىققەت ئېتىبارىنى قاراتماي كۆز يۇمۇپ خاتىرجەم تۇرىۋەردى. ئۇنىڭ نەزەرىدە نەزەرىيە پرىنسىپى بىلەن ئەمەلىي رېئاللىق پەرقلىق نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى… بۇ نەزىرىيە،  دىن دېگەن ئەمەلىي بولمىغان ياخشىلىقتۇر، دۇنيا بولسا ئەمەلىي يامانلىقتۇر دېگەن ئېتىبار بىلەن دىننىڭ كۆرسەتمىسىنى دۇنيادىن ئاجرىتىۋېتىش نەزەرىيىسى تۇغۇلدى…

ئاندىن كېيىن مۇسۇلماننىڭ ئەمەلىي ھاياتىغا بىلىم-مەرىپەت، سانائەت، كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە يات مەدەنىيەتلەر خىرىس قىلىپ ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى، ئۇ دىنىي ئىرادىسىگە قارىسا-دىنىي ئىرادىسى كۈچلۈك ۋاقىتتىكىدەك-بۇ مەدەنىيەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ سىغدۈرۋېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمىدى. شۇڭا يات مەدەنىيەت ئالدىدا قېتىپلا تۇرۇپ قالدى ۋە بۇ مەدەنىيەتنى ھايات كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئېتىبارغا ئالدى. نەتىجىدە كىملىك مەدەنىيىتىنى يوقاتتى.

مانا ئەيىب ۋە  قۇسۇر مۇشۇ يەردە، بۇ نۇقساننى جەمئىيەتشۇناس ئىبنى خەلدۇن (1332- 1406م) ھېس قىلغان ۋە ئانالىز قىلغان ئىدى. ئىبنى خەلدۇن ئىسلام دۆلىتىدىكى سىياسەت، تەرەققىيات، سانائەت ۋە بىلىم-مەرىپەتنى دىننىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەگىشىدىغان نەرسە دەپ قاراپ مۈشكۈلنى ئىنچىكە تەھلىل قىلغان. ئەقىدىنى مۈشكۈلىدىكى«بىرىنچى ئاساس» دەپ بەلگىلىگەن ئىدى.

ئۇ دۆلەتنىڭ چىرىكلىكى، كېيىنكى دەۋرلەردە تەرەققىياتنىڭ توختاپ قېلىشى، سانائەتنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئازلاپ كېتىشى ۋە ئىلمى ئىقتىدارنىڭ  ئاجىزلاپ كېتىشى، شۇنداقلا ئۆز دەۋردە ئىسلام ئەللىرىدىكى مائارىپ يوللىرىنىڭ نورمالسىزلىشىۋاتقانلىق قىيىنچىلىقىنى تەتقىق قىلىشقا باشلاپ، ئاساسلىق سەۋەبنى تەرەققىياتنىڭ ئاساسى بولغان «بىرىنجى ھەقىقەت» يەنى «دىنىي ئەقىدىنىڭ روھسىزلىقى ۋە ئاجىزلىقى»غا باغلىغان.

كىشلەر ئىسلام جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيتىدە پەيدا بولغان قىيىنچىلىق مەسىلىسىنى دەرھال كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان ھاكىمىيەت سىستېمىسى، دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىلەرنىڭ پارچىلىنىشىغا تاقاش بىلەن كۇپايىلەنگەن بولسا؛ ئىبنى خەلدۇن بۇ كېسەللەرنىڭ ئىللەتلىرىنى ئىزدەنگەن ۋە بۇ سەۋەبلەرنى پەردە ئارقىسىدىكى باشقا سەۋەبلەرگە باغلىغان. مەسىلەن، خەلىپىلىك تۈزۈمىنىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمىگە ئايلىنىپ كېتىشى ئاساسلىق ئىللەت ئەمەس. ئۇ ئاساسلىق ئىللەتنى كۈچكە تايىنىپ ھوقۇق ئىگەللەش مەقسەتلىرى، شەھۋەتكە بېرىلىش ۋە دىنىي ئالاقنىڭ ئورنىغا دۆلەت ئالاقىسىنى قويۇشتەك دىني تۇيغۇنىڭ ئۆزگىرىش ئىللىتىنىڭ كۆرۈنۈشى دەپ قارىغان. ئىبنى خەلدۇن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئاجىزلىشىش ئىللىتىنى «دىنىي ئەقىدە» روھىنىڭ ئاجىزلىقىغا ئاپىرىپ تاقىغان.

 4. قىيىنچىلىق مەسىلىسى بۇ بولسا، مۈشكۈلنىڭ ھەجمى قانچىلىك؟. بۇ مۈشكۈلىنىڭ ئۆمىرىچۇ؟

بۇ مۈشكۈلىنىڭ ھەجمى ئاددى ئەمەس، ئۆمرىمۇ قىسقا ئەمەس. ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ ئارقىغا داجىپ چېكىنگەنلىكى، بىلىم-مەرىپەتنىڭ قورۇلۇپ، سارغىيىپ ۋە پارچىلىنىشقا يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ئىنكار قىلمايمىز. چۈنكى بۇ كېسەل تۈنۈگۈن ياكى بىر قانچە كۈن ئالدىدا پەيدا بولغان مەسىلە ئەمەس. ئۇ  كېسەللەر خېلى بۇرۇنلا پەيدا بولغان بولۇپ ئاخىرقى ئەسىرلەردە چوڭىيىپ كەتكەن، دەرد-ئەلەملىرى كۈچىيىپ قورقۇنۇچلۇق ۋەزىيەتكە ئايلانغان.

5.ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ روھى بەلگىلىنىپ، مەدەنىيەت ۋە مائارىپىمىزغا يەتكەن كېسەل ئورۇنلىرى تەكشۈرۈلدى، ئەمدى بۇ مۈشكۈلىنىڭ ھەل قىلغۇچ چارىسى نېمە؟… ئىسلام ئۈممىتىنى سىقىۋاتقان بۇ تراگېدىيەدىن قۇتۇلۇش يولى قايسى؟

ھەل قىلغۇچ ئاچقۇچ دەسلەپتە چاقناپ تۇرغان ئىسلام ھەزارىتى ۋە پارلاق بىلىم-مەرىپەتنى شەكىللەندۈرۈپ چىققان ئەسلى روھقا قايتىشتۇر. ئۇ بولسىمۇ ئالاھىدە ۋە مۇستەقىل مەدەنىيەت ئويغىنىشىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن دىنىي روھنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن ئىبارەت. مانا بۇ:«بۇ ئۈممەتنىڭ ئەۋۋەلىنى ئىلگىرى نېمە ئىسلاھ قىلغان بولسا، يەنە شۇ نەرسىدىن باشقىسى ئىسلاھ قىلالمايدۇ»دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقى مەنىسى.

مەككە دەۋرىدىكىدەك يەككە تۈسنى ئالغان تەربىيە، مەدىنە دەۋرىدىكىدەك ئىجتىمائىي تۈسنى ئالغان تەربىيە بولمىغان بولسا، ئىسلام پايتەختلىرىدە پەيدا بولغان مەدەنىيەتنىڭ ئىزنالىرى بولمىغان بولاتتى. ئەگەر بۈگۈنكى كىشلەر مەدەنىيەتنىڭ ئالتۇن دەۋرگە ئىنتىلىدىكەن، ئۇ دەۋرنى يېڭىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كۆيىدىكەن، شۇ ئالتۇن دەۋرنى شەكىللەندۈرگەن ئەسلى ئامىلغا تايىنىشى كېرەك. ئۇ بولسىمۇ جەمئىيەت قۇرۇشتىن ئىلگىرى، شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، بىلىم-مەرىپەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى مەرىپەتكە يول راسلاپ بەرگەن ئىسلام تەربىيە ئامىلىدۇر.

6.مائارىپ مۇستەقىللىقى بولمىسا، بىز ياشاۋاتقان تراگېيەدىن ھەرگىز قۇتۇلالمايمىز.

«مەدەنىيەت مۇستەقىللىقى ئىسلامنىڭ ئالاھىدە خاراكتېرىنىڭ مېۋىسى. ئىسلامنىڭ ئېتىقاد پرىنسىپى ۋە ئىسلام خاراكتېرىنىڭ تۈسىنى ئالغان مەدەنىيەت مۇستەقىللىقى بولمىسا، بىز ياشاۋاتقان تىراگىيەدىن ھەرگىز قۇتۇلالمايمىز.

 گۈللەنگەن مەدەنىيەت يارىتىش ئويىمىز بولسا، ئىسلام ئېتىقادىنىڭ ھەقىقى ماھىيتىگە قايتايلى. ئىسلام مەدەنىيتىنىڭ روھى ۋە ئىسلام خاراكتېرىگە ئىگە بىلىم-مەرىپەتكە قايتايلى. شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرەيلى، دىيانەتچىلىكىمىزنى يېڭىلايلى، ھەر بىر ئىشلىرىمىزنى دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمە تارازىسىدا باھالاپ قىلايلى. مانا بۇلار ھەزارەت مۈشكۈلىسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ھەل قىلىش چارىسىدۇر. شۇنى بىلىش كېرەككى، دىننىڭ ماھىيىتى ۋە مەقسەتلىرىنى تاشلاپ، شەكلىگە ئېسىلىش مەدەنىيەت يولىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ!»دۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەري

2004- 5- 20 كۈنى

مىسىر، قاھىرە شەھىرى.