2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مەقسەتلىرى

    ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مەقسەتلىرى

 

شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي مەقسەتلىرى: شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇقۇم، غايە ۋە نىشانلارنىڭ يىغىندىسى ياكى ئىسلام ئەھكاملىرىنىڭ غايىسى ۋە نىشانلىرىدىن ئىبارەت. شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي مەقسەتلىرى «بەش تۈرلۈك زۆرۈرىيەتلەر»دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار:دىن، جان، ئەقىل، نەسىل-ئابروي ۋە مال-مۈلۈكنى ھىمايە قىلىشتىن ئىبارەت. شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي مەقسەتلىرى خاس مەقسەتلىرىنىڭ توپلانمىسىدىن شەكىللىنىدۇ، خاس مەقسەتلەر تارماق مەقسەتلەردىن خۇلاسىلىنىدۇ.

شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ئىنسانلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتىنى كۆزلەپ يولغا قويۇلغانلىقى ئېنىق بىر مەسىلە. مەنپەئەت دېگەن ياخشى ۋە پايدىلىق نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، زىيانلىق ۋە ناچار ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق بولىدۇ.

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى مەنبە جەھەتتىن دىنغا تايىنىدۇ، مەنپەئەتنى ھاسىل قىلىش ياكى زىياننى يوقىتىش جەھەتتىن دۇنياغا چېتىشلىق بولىدۇ، پايدىلىنىش جەھەتتىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بولىدۇ. شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى بىر خىل دەرىجىدە ئەمەس بولۇپ، زۆرۈر مەقسەتلەر، ئېھتىياج خاراكتېرىدىكى مەقسەتلەر ۋە گۈزەللەشتۈرۈش  مەقسەتلىرى دەپ ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنگەن.

شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىللىتى يا ھۆججەت ئاساسىدا ياكى ئىزدىنىش ئاساسىدا تىلغا ئېلىنغان، ئىللىتى تىلغا ئېلىنمىغان ئەھكاملارنىڭ تەپسىلاتى ئومۇمىيلىقى بىلەن تىلغا ئېلىنغان، يەنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە كىشىلەرنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىللىتى بايان قىلىنغان بولىدۇ.

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەن سۆزدە خۇلاسىلىنىدۇ. شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ھەر بىرسى مەنپەئەتتىن خالى ئەمەس. بۇ سۆز نۇرغۇنلىغان دەلىل پاكىت ئاساسىدا يەكۈنلەنگەن قائىدە. ئاللاھ:«ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، پايدىلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار» (مۆمىنۇن سۈرىسى، 51-ئايەت)دېگەن. شۇئەيب ئەلەيھىسسالام: «مەن پەقەت ياخشىلىقنىلا خالايمەن»(ھۇد، 88-ئايەت) دېگەن.

زىياننى يوقىتىش ۋە ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىمۇ بىر قانچىلىغان دەلىللەر كەلگەن: «(ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ) زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن، زېمىندا گۇناھلار قىلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار»(ئەئراف سۈرىسى،85-ئايەت). يۇقۇرقىدەك بىر قانچىلىغان ئايەتلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلارغا قارىشى تۇرۇش، ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. يەنە بىر قانچىلىغان ئايەتلەر ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ۋە ياخشى ئىشنى مەدھىيىلىگەن. بۇزغۇنچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلارنى ئەيىبلىگەن ۋە ئۇلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە ئازاب بىلەن ۋەدە قىلغان. مانا بۇ توغرىسىدا كەلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر ئىسلاھ قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىقنى يوقىتىشنىڭ شەرىئەتنىڭ مەقسىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مەنپەئەت ۋە زىيان ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەنپەئەت ئىنساننىڭ ھاياتى تايىنىدىغان، ئەقلى ۋە شەھۋەت سۈپەتلىرى ئېرىشەلەيدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسلام نەزىرىدە ۋاسىتە-چارىلەر مەنپەئەت ياكى بۇزغۇنچىلىق دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ. مەنپەئەتكە باشلاپ بارىدىغان ۋاستىگە مەنپەئەت دەپ ھۆكۈم بېرىلىدۇ، زىيانغا باشلاپ بارىدىغان ۋاستىگە زىيانلىق دەپ ھۆكۈم بېرىلىدۇ. دېمەك، ۋاستىگە مەقسەتلەرنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ.

مەنپەئەت: لەززەت ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى، خۇشاللىق ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىدۇر.

زىيان:دەرد-ئەلەم ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى، غەم ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىدۇر.

دېمەك، مەنپەئەت زۆرۈرىيەتلەر، ئېھتىياجلىق ئىشلار ۋە گۈزەللەشتۈرىدىغان تولۇقلىما ئىشلار دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. تۆۋەندە مەنپەئەتنىڭ بۇ ئۈچ تۈرى توغرىسىدا تەپسىلى توختىلىمىز.

 

 

شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ تۈرلىرى

 

بىرىنچى:زۆرۈر مەقسەتلەر:

 

زۆرۈر مەقسەتلەر ھايات تۈزۈمىنىڭ نورمال داۋاملىشىشى ۋە كىشىلەر ئەھۋالىنىڭ تەڭپۇڭ بولىشى ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان مەقسەتلەردىن ئىبارەت. مەسىلەن، دىننى ھىمايە قىلىش، كىشىلەرنىڭ جان ۋە ئەقلىنى قوغداش، ئابرۇي ۋە مال مۈلكىنى قوغداش، ئومۇمىي تۈزۈمنى ھىمايە قىلىش، زۇلۇمنى يوقىتىش، سانائەت بەرپا قىلىش، يېمەك-ئىچمەك ۋە دوختۇرخانا سېلىشقا ئوخشاش ئىشلار.

زۆرۈر مەقسەتلەر ئاساسلىق مەقسەتلەر بولۇپ، بۇ مەقسەتلەرنىڭ ھەممىسى ياكى بىرەرسى يوق بولۇپ قالغاندا ھايات تۈزۈمى بۇزۇلىدۇ، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتلىرى يوقاپ كېتىدۇ. بۇ مەقسەتلەرنىڭ زۆرۈرلىكىگە بارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاق كېلىدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ زۆرۈرلىكى ئەقىلگە ئۇيغۇن مەسىلە. زۆرۈر مەقسەتلەر ئىسلامدا»بەش تۈرلۈك زۆرۈرىيەتلەر» ياكى»بەش تۈرلۈك شەرئى پرىنسىپال مەسىلىلەر» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار: دىن، جان، ئەقىل، نەسىل-ئابروي، مال-مۈلۈكتىن ئىبارەت بولۇپ، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتلىرى مۇشۇ زۆرۈرىيەتلەرگە تايىنىدۇ، ئەگەر بىرەرسى يوقاپ كېتىپ قالسا، ئىنسانىيەت ھاياتى تەڭپۇڭسىزلىشىپ كېتىدۇ.

زۆرۈر مەقسەتلەر مەقسەتلەرنىڭ ئانىسى، باشقىسى ياردەمچىسى بولغاچقا، ئەسلى مەقسەتلەرنى تەرتىپى بۇيىچە ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. بۇ مەقسەتلەر ساغلام ئەقىل ۋە توغرا نەقىلنى چۈشىنىش ئارقىلىقلا ھېس قىلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈر خاراكتېردىكى ئىشلار بولۇپ، تېپىلماي قالسا زىيانغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ زۆرۈرلىكىگە ئويلىنىش كەتمەيدۇ، زۆرۈرلىكى ئۆزىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ بەش تۈرلۈك زۆرۈرىيەت پارچىلىنىشنى قوبۇل قىلمايدۇ، بىرسىدىن چاتاق چىقسا، قالغىنىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

شەرىئەتنىڭ ئالى مەقسەتلىرىنى بىر پۈتۈن كۆرسىتىپ كەلگەن ئايەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر:«ئى پەيغەمبەر! مۆمىن ئاياللار ساڭا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، باللىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتمەسلىككە، باشقىلارنىڭ بالىسىنى يالغاندىن ئەرلىرىنىڭ بالىسى قىلىۋالماسلىققا، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت قىلسا، ئۇلاردىن بەيئەت ئالغىن..» (مۇمتەھىنە، 12-ئايەت).

بۇ ئايەتتىكى»ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك» دېگەن سۆز تەۋھىد ئاساسىدا دىننى ھىمايە قىلىشقا ئىشارەتتۇر. «ئوغرىلىق قىلماسلىق»مال-مۈلۈكنى ھىمايە قىلىشقا ئىشارەت. «زىنا قىلماسلىق»نەسىل، نەسەب ۋە ئابروينى ھىمايە قىلىشقا ئىشارەت. «باللىرىنى ئۆلتۈرمەسلىك»جاننى ھىمايە قىلىشقا ئىشارەت.

شەرىئەتنىڭ بۇ ئومۇمى مەقسەتلىرى ئەنئام سۈرىسىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان:«سىلەر كېلىپ ئاڭلاڭلار، ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي: سىلەر ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار، ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ. يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ بالا بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭغا ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىپ قويۇڭلار، ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا قىلىڭلار، ھېچقانداق ئادەمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. سۆز قىلغان چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار، تۇغقىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ. ئاللاھقا بېرىلگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ، ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ» (ئەنئام، 151-153-ئايەت).

بۇ ئايەت تەۋھىدنى ھىمايە قىلىش، جاننى ھىمايە قىلىش، نەسىل-ئابروينى ھىمايە قىلىش ۋە مال-مۈلۈكنى ھىمايە قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

رەسۇلۇللاھ:«كىم دىنىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ، كىم قېنىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ، كىم مال-مۈلكىنى ھىمايە قىلىش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ، كىم ئائىلىسىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە شېھىت بولىدۇ»دېگەن (تىرمىزى رىۋايىتى).

 

  شەرىئەتنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئومۇمىي  مەقسەتلىرىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

1.دىننى قوغداش:

دىننى قوغداش پرىنسىپال مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى، دىننى قوغداشنىڭ مەنىسى ھاياتلىقتا دىننىڭ ئاساسلىرى ۋە ئەھكاملىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشتۇر. ئىسلام ئاساسلىرى، شوئارلىرى، پرىنسىپلىرى ۋە قىممەت-قاراشلىرىنى بەرپا قىلىش، ئەھكاملىرى ۋە تەلىماتلىرىنى ھىمايە قىلىشتۇر. ئىسلام ئەقىدىلىرى، ئىبادەتلىرى، شەرىئەتلىرى ۋە ئەخلاق پرىنسىپلىرى دىننى قوغدايدۇ.

توغرا دىن ئىنسانلار ئۈچۈن زۆرۈر مەنپەئەتتۇر، چۈنكى ئۇ ئىنساننىڭ پەرۋەردىگارى، ئۆزى، قېرىندىشى ئىنسان، جەمئىيىتى ۋە كائىنات بىلەن بولغان ئالاقىسىنى رەتكە سېلىپ بېرىدۇ. توغرا دىن ياراتقۇچى، كائىنات، ھاياتلىق ۋە ئىنسان توغرىسىدا توغرا تەسەۋۋۇر ۋە ساغلام چۈشەنچە ئاتا قىلىدۇ. توغرا دىن ھەقىقەت، ئادالەت ۋە توغرا ياشاشنىڭ مەنبەسىدۇر.

ئاللاھ ئىسلام دىنىنى بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن «دىن» قىلىپ تاللاپ بەرگەن ۋە ئۇنى ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن ھايات يولى قىلىپ بەلگىلەپ بەرگەن:«كىم ئىسلامدىن باشقا بىر دىننى ئىزدەپ يۈرسە، ئۇنىڭ دىنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ» (ئال ئىمران سۈرىسى، 85-ئايەت).

ئىسلام دىنى ئەقىدە، شەرىئەت، ئەخلاق ۋە تۈزۈمگە ئالاقىدار ئەھكاملىرىنى كۆپ ئايەتلەردە بايان قىلىپ بەردى. دىننىڭ ئىنسان نەپسىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش، قەلبتە مۇستەھكەملەش، ھايات ۋە جەمئىيەتتە بەرپا قىلىش ۋە زېمىندا تارقىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى يولغا قويدى، شەكىللىرىنى بايان قىلىپ بەردى، چىرايلىق ۋە قانائەتلىنەرلىك ئۇسۇل بىلەن دەۋەت قىلىشنى پەرز قىلدى.

دىننى قوغداش ئۈچۈن شاھادەت سۆزىنى ئېلان قىلىش، تەۋھىدنى توغرا چۈشەندۈرۈش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، ھەج قىلىش، مەسچىت سېلىش، قۇرئان ئۆگىتىش، ئىسلامنى تەشۋىق قىلىش ۋە تۈرلۈك ئورگانلارنى تەسىس قىلىش زۆرۈر.

دىننى ھىمايە قىلىش ئەقىدە، ئىبادەت، شەرىئەت ۋە ئەخلاقنى قوغداش ئاساسىدا بولىدۇ. شۇنداقلا دىنى ئەركىنلىككە كېپىل بولۇش ۋە دىنغا كىرىشكە مەجبۇرلىماسلىق ئاساسىدا بولىدۇ.

دىننى قوغداش ۋە دىننىڭ سالامەتلىكىگە كېپىل بولۇش ئۈچۈن، شۇنداقلا دۈشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلماسلىقى ۋە بوزەك قىلماسىلىقى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا كۆرەش قىلىشنى يولغا قويدى:«دىنىي ۋە باشقا جەھەتتىن بوزەك قىلىدىغان ھالەتنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ۋە دىننىڭ ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەندەك داۋاملىشىشى ئۈچۈن تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار» (بەقەر سۈرىسى، 193-ئايەت).

دىندار بولۇش ياكى ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھاياتلىقتىن كېيىنلا ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم ھوقۇقى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى دىن زۆرۈر پرىنسىپلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى ۋە مەقسەتلەرنىڭ بىرىنچىسى. دىندار بولۇش ھوقۇقى ئەقىل ۋە پىكىرگە، ئىرادە ۋە تاللاش ئەركىنلىكىگە، شۇنداقلا شەخسى قانائەتلىنىشكە ئالاقىدار، چۈنكى ئەقىدە ئىنساننىڭ قەلبىدىن سادىر بولىدۇ، ئۇنى ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق بىرسى كونترول قىلالمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم بىر قانچىلىغان ئايەتلەردە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان، ئازدۇرۇش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان.

ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېىتقاد ئەركىنلىكىگە كېپىل بولغان، باشقىلارنى دىنغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن زورلاشنى چەكلىگەن، باشقا دىندىكىكلەر بىلەن كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلىشنى قارار قىلغان.

 

2.جاننى ھىمايە قىلىش:

 

جاننى ھىمايە قىلىشنىڭ مەنىسى ئىنساننىڭ ياشاش ھەققى، سالامەتلىكىنى ئاسراش ھەققى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ھەققىگە رېئايە قىلىشتۇر. ئۇ ئىنساننى ھەر تەرەپتىن ھىمايە قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن توي قىلىش، پەرزەنت كۆرۈش، تەربىيىلەش، ھالال يوللاردىن پۇل تېپىش ۋە  پۇلن توغرا يوللارغا سەرپ قىلىش يولغا قويۇلغان.

شەرىئەت جاننى قوغداش ئۈچۈن يولسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە چىرايىنى سەتلەشتۈرۈۋېتىشنى ھارام قىلغان، ئىنساننى كىلونلاش ۋە گىن بىلەن ئوينىشىشنى چەكلىگەن، ئورۇنسىز ئادەم ئۆلتۈرسە قىساس ئېلىشنى پەرز دەپ بەلگىلىگەن.

شەرىئەت جاننى ساقلاش ئۈچۈن پايدىلىق ۋە پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلغان، نىجىس ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى ھارام قىلغان. بەدەننىڭ سالامەتلىكىنى ئاشۇرىدىغان نەرسىلەرگە قىزىقتۇرغان ۋە بەدەننىڭ كېسەل ياكى ھالاك بولىشىغا سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەردىن ئاگاھلاندۇرغان.

دېمەك، ياشاش ھەققى ئىنساننىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھوقۇقى، ھاياتلىق بولسا باشقا ھوقۇقلار تېپىلىدۇ، ھاياتلىق بولمىسا باشقا ھوقۇقلار يوققا چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھايات ياشاش ھوقۇقى ئىسلامدا مۇقەددەس ۋە مۇھتەرەم ھوقۇق بولۇپ، ئۇنى قوغداش ۋە ئاسراش ۋاجىپ، تاجاۋۇز قىلىش ھارام: «ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ قېنى، مال-مۈلكى ۋە ئابرۇيىغا چېقىلىشى ھارامدۇر» (مۇسلىم رىۋايىتى). رەسۇلۇللاھ يەنە:«قانلىرىڭلار، مال-مۈلۈكىڭلار ۋە ئابرۇيىڭلارغا چېقىلىش ھارام» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى).

ھايات ياشاش ھەققى ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن كېپىللىككە ئېرىشكەن ھوقۇق مەسىلىسى، بۇنى ھەر تەرەپنىڭ ھىمايە قىلىشى ۋاجىپ. شۇنداقلا يېمەك-ئىچمەك، دورا ۋە خاتىرجەملىكنى تولۇقلاپ بېرىشى ۋاجىپ. شەرىئەت شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننى ئۆلتۈرۈشنى كەسكىن دەلىللىرى بىلەن ھارام قىلىپ چەكلىگەن. قاتىللىق قىلغان بولسا قىساس ئېلىشنى پەرز قىلغان.

شەرىئەت جاننى ھىمايە قىلىش يولىدا تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىشنى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى ئىنسانغا تاجاۋۇز قىلغانلىق سۈپىتى بىلەن ھارام قىلغان. شەرىئەت كۆرسىتىپ بەرگەن ھالەتلەردىن باشقا ئەھۋاللاردا يولسىز ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ:«ئىككى مۇسۇلمان قوراللىق تۇتۇشۇپ قالسا، ئۆلتۈرگۈچى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچى ھەر ئىككىلىسى دوزاخقا كېرىدۇ» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى).

ئىنسانىي مۇئامىلىدىكى ئىسلامنىڭ مېتودى كىشىلەرنى دىن ۋە ئەقىدە جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈپ قارىمايدۇ. ئىنساننىڭ ھۆرمىتىنى قوغداشمۇ ئىنساننى قوغدىغانلىق قاتارىغا كىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام شەرىئىتى بارلىق كىشىلەرگە ئادالەتنى تۇرغۇزۇشنى پەرز قىلغان، زۇلۇمنى كىمدىن يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر چەكلىگەن. قان، بەدەن، ئابروي ۋە مال-مۈلۈكنى ھىمايە قىلغان. دۈشمەن بىلەن بولسىمۇ ۋە باشقا دىندىكى كىشىلەر بىلەن بولسىمۇ ئىنساپ بىلەن ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇغان:«ئى مۆمىنلەر! پەقەتلا ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن ھەقىقەتنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قەۋمىگە ئۆچمەنلىكىڭلار ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشقا سەۋەب بولمىسۇن، ئادىل بولۇڭلار، ئادىللىق تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر» (مائىدە سۈرىسى، 8 -ئايەت).

رەسۇلۇللاھ:«كىم كېلىشىم تۈزگەن (تىنچلىق دىپلومات ئورناتقان) كىشىگە زۇلۇم قىلسا ياكى ھەققىنى كېمەيتىپ قويسا ياكى ئۇنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا سالسا، ياكى ئۇنىڭ بىر نەرسىسىنى ئورۇنسىز ئېلىۋالسا، مەن ئۇ ئادەم بىلەن قىيامەت كۈنى مۇنازىرلشىمەن» دېگەن (ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

 

3.ئەقىلنى ھىمايە قىلىش:

 

ئەقىل ئىنساندىكى ئەڭ ئىلغار نەرسە ۋە ئىنساننى باشقا نەرسىلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئالاھىدە سۈپىتىدۇر. ئەقىل مەسئۇلىيەتكە تارتىلىشنىڭ بەلگىسى، ئۆزى ۋە كائىنات بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ تۈگىنى. شۇڭا ئىنسان ئەقلىنى ھىمايە قىلىش، تەرەققى قىلدۇرۇش، ئۇنى زىيانلىنىش، بۇزۇلۇش ۋە ھالاكەتكە ئۇچرىتىدىغان ئىشلاردىن ئاسرىشى لازىم. ئەقىلنى نادانلاشتۇرۇش ۋە ساۋاتسىزلاشتۇرۇشتىن، شۇنداقلا ئەقىلنى زەھەرلەيدىغان ئىدىيە ۋە مىڭە يۇيۇش ھەرىكەتلىرىدىن قوغداش كېرەك.

شەرىئەت بۇنىڭ ئۈچۈن بىر تۈرلۈك ئەھكاملارنى يولغا قويغان. مەسىلەن، كائىنات كۆرۈنۈشلىرى، ھاياتلىق ۋە ئىنساننىڭ ئەھۋاللىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ۋە تەپەككۇر قىلىشقا بۇيرۇغان.

ئەقىلنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ھاراق ۋە ئۇندىن باشقا مەس قىلىدىغان نەرسىلەرنى ھارام قىلغان ۋە ئۇلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە جازا بېكىتكەن. خرويىن ۋە باشقا روھسىزلاندۇرىدىغان نەرسىلەرنىمۇ ھارام قىلغان. ئەقىلنى خامۇش قىلىدىغان ياكى دۆتلەشتۈرىدىغان جىنكەشلىك، داخانلىق ۋە خۇراپاتنى ھارام قىلغان، تەپەككۇر قىلىشقا توسالغۇ بولىدىغان ئىشلارنى چەكلىگەن، كېچىسى ئارام ئالماسلىقتىن ۋە ۋاقىتنى زايە قىلىشتىن توسقان. شۇنداقلا نادانلىق ۋە ساۋاتسىزلىقنى ئەيىبلەپ، بىلىم-مەرىپەت ئېلىشقا بۇيرۇغان ۋە قىزىقتۇرغان.

شۇنداقلا ئىنساننىڭ ساغلام تەپەككۇرىنى تەشۋىشكە سالىدىغان ۋە زېھنى ئىقتىدارىنى كېرەكسىز قىلىپ قويىدىغان ھەر قانداق نەرسىلەرنى ھارام قىلغان. ئەقىلنىڭ رولىنى بىكار قىلىپ تاشلاش، ئەقىل ئۈچۈن قىلىنغان ئەڭ چوڭ جىنايەت سانىلىدۇ، چۈنكى ئەقىل مۇلاھىزە قىلىش، تەپەككۇر قىلىش، پەرقلەندۈرۈش، ۋەھىينىڭ كۆرسەتمىسى سايىسىدا ئىلغار يوللارنى ۋە ئەۋزەل چارىلەرنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن يارىتىلغان مەخلۇق.

ئەقىلنى ئىشلىتىش ۋە قوغداشقا دەۋەت قىلىش بولسا ئەمەلىيەتتە دىنى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئەڭ ئىلغار ۋەزىيەتلەرنى بەرپا قىلىشقا چاقىرشتۇر. بۇ خىل ئىلغار ۋەزىيەتلەرنى شەكىللەندۈرۈش بولسا پىلان تۈزەلەيدىغان، مېتودلارنى ئۆلچەملەشتۈرەلەيدىغان، باسقۇچلارنى بەلگىلىيەلەيدىغان، توسالغۇلارنى ئايرىپ بېرەلەيدىغان، بەرداشلىق بېرەلەيدىغان  ۋە ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، توغرا تەپەككۇر قىلالايدىغان، چارە-تەدبىر قوللىنالايدىغان ئەقىل بىلەن ھاسىل بولىدۇ.

ئەقىلنىڭ ھوقۇقى تەپەككۇر قىلىشقا چېتىشلىق، ئىسلام دىنى تەپەككۇر قىلىشنى پەرز دەپ قارىغان. كائىنات ۋە ھاياتلىق توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىشقا قىزىقتۇرغان، ئېتىقاد ۋە دىندار بولۇش ھەققىنى بەرگەن. شۇنداقلا ھەقىقەتلەرنى ئېچىش، كائىناتنىڭ سىرلىرىنى بىلىش ۋە  تۈرلۈك بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىشقا چاقىرغان.

ئىسلام دىنى پىكىر ئەركىنلىكىنى كەڭرى ئاچقان بولۇپ، ئالىملارغا دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش ھەققىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن. ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش، يامان ئىشلاردىن توسۇش، ھاكىملارنى كۆزىتىش، سىياسى قارارلاردا مەسلىھەت بېرىش ئارقىلىق ئورتاقلىشىشمۇ شۇنىڭ قاتارىغا تەۋەدۇر.

 

  1. ئابروي، نەسىل ۋە نەسەبنى قوغداش:

نەسلىنى قوغداش ئىنسان تۈرىنى ھىمايە قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ. نەسەبنى قوغداش شەرئى نىكاھ ئاساسىدا پەرزەنتلەرنىڭ نەسەبلىرىنى ھىمايە قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ.

ئابروينى قوغداش ئىپپەتلىك بولۇش، ھۆرمىتىنى قوغداش ۋە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە چېقىلماسلىق ئاساسىدا بولىدۇ.

نەسلىنى ھىمايە قىلىش ئائىلىنى ھىمايە قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئائىلىنى ھىمايە قىلىش ئاياللار ھوقۇقىنى كۈچلەندۈرىدۇ، جەمئىيەت ۋە ئۈممەتنىڭ كەلگۈسى بولغان پەرزەنتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.

ئىنساننىڭ ھۆرمىتى ۋە ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش ئابروينى قوغدىغانلىقنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.

شەرىئەت نەسىل، نەسەب ۋە ئابروينى قوغداش ئۈچۈن بىر بۆلەك ھۆكۈملەرنى يولغا قويغان. مەسىلەن، توي قىلىشقا ۋە نىكاھ ئاساسىدا پەرزەنت كۆرۈشكە قىزىقتۇرغان.

زىنانى ھارام قىلغان ۋە ئۇلارغا جازا بېكىتكەن. ئابرويغا تۆھمەت قىلغانلارغا ئېغىر جازا بەلگىلىگەن. يات ئاياللار بىلەن ئادەم يوق يالغۇز ئورۇنلاردا بىرگە تۇرۇشتىن، ئاياللارنىڭ يېرىم يالىڭاچ ياسىنىشىدىن ۋە شەھۋەت كۆزى بىلەن قاراشتىن توسقان. ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ جىنسى تەلىپىنى ئۆز-ئارا قاندۇرۇشنى ھارام قىلغان. يالىڭاچ سۈرەتلەر ۋە جىنسى فىلىملەرنى كۆرۈشنى ھارام قىلغان.

ئېسىل ئەخلاق ۋە ئالى نەمۇنىلەرگە ئېسىلىشقا بۇيرۇغان، رەزىل، پاھىشە ۋە يامان ئىشلاردىن توسقان.

بالا بېقىۋېلىشنى ھارام قىلغان، چۈنكى ئۇ بالىنىڭ ۋە دادىنىڭ نەسىبىگە تاجاۋۇز قىلغانلىق ۋە ئىنساننىڭ ھەقىقى قېنىنى ئوغرىغانلىقتۇر.

نەسىلنى ھېمايە قىلىش ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى پىچىۋېتىشىنى ھارام قىلغاندەك، تۇغۇت چەكلەشنىمۇ ھارام قىلغان.

ئابروي ۋە نەسىلنى تېخىمۇ قوغداش ئۈچۈن ئېنىق پاكىت بولماي، شۇبھى ۋە گۇمان بولۇپ قالسا جازا بەرمەسلىككە تەشەببۇس قىلغان. رەسۇلۇللاھ:«مۇمىكىن قەدەر مۇسۇلمانلاردىن جازالارنى توسۇپ قېلىڭلار، ئەگەر جازالىماي قويۇپ بېرىش پۇرسىتى بولسا قويۇپ بېرىڭلار، چۈنكى ھاكىمنىڭ كەچۈرۈۋېتىپ خاتالاشقىنى جازالاپ خاتالاشقىنىدىن ياخشىدۇر»دېگەن(تىرمىزى رىۋايىتى).

 

5.مال-مۈلۈكنى قوغداش:

 

مال-دۇنيا جاننىڭ بىر تۇغقىنى ۋە ئىشلارنىڭ ئاساسى. ئۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، مەنپەئەت ئالماشتۇرىدىغان ۋە ھاياتنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىشقا ياردەم بېرىدىغان ئاساسلىق ۋاسىتىدۇر. مال-مۈلۈكنى قوغداش ئىقتىسادى گۈللىنىشنىڭ شەرتىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن مال-مۈلىك زۆرۈر مەنپەئەتتۇر.

ئىسلام دىنى شەخسى ئىگىلىدارچلىقنى يولغا قويغان ۋە قوغدىغان، پۇل تېپىش ئۈچۈن تۈرلۈك يوللارنى ئېچىپ بەرگەن، تاپقاندىن كېيىن ئۇنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن كۆپلىگەن ھۆكۈملەرنى يولغا قويغان. ئىقتىساد ئىگىلىكىنى ھىمايە قىلىش، قاقتى-سوقتى قىلىشتىن ساقلاش، ئۇنى توغرا يوللار بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. شەرىئەت بۇ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر بۆلەك ھۆكۈملەرنى يولغا قويغان. مەسىلەن، خىزمەت قىلىش ۋە ھالال يول ئارقىلىق پۇل تېپىشقا قىزىقتۇرغان. بېخىللىق ۋە تىلەمچىلىكنى ھارام قىلغان.

شەرىئەت مال-مۈلىكنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئوغرىلىق، پارىخورلۇق، جازانە، مونوپۇل قىلىۋېلىش ۋە قىمارنى ھارام قىلغان. چۈنكى بۇ ئىشلار باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ھەقسىز يەۋالغانلىق ھېسابلىنىدۇ. باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ھەقسىز ئېلىۋالغان ياكى بۇزۇۋەتكەن كىشىلەر گۇناھكار سانىلىدۇ. تاجاۋۇز قىلغان ياكى بۇزۇۋەتكەن بولسا تۆلەپ بېرىشنى يولغا قويغان.

شەرىئەت قاقاس ئۆلۈك زېمىنلارنى مۇنبەتلەشتۈرۈش، تېرىلغۇ ۋە كۆچەتلەر بىلەن گۈللەندۈرۈشكە قىزىقتۇرغان.

ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش، خىزمەت پۇرسەتلىرىنى تولۇقلاپ بېرىش، ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىشسىزلىق سەۋەبلىرىدىن بۇزغۇنچىلىق ۋە بۇرۇلۇشنىڭ ۋاستىلىرىنى توسۇش ئۈچۈن سانائەت، تېخنىكا، ھۈنەر-كەسىپ بەرپا قىلىشقا قىزىقتۇرغان. زاكات، سەدىقە، ئىئانە ۋە خەير-ئېھساننى يولغا قويغان.

دېمەك، زۆرۈر مەقسەتلەر ھايات ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە تۇرمۇش تۈزۈملىرىنىڭ مۇقىم بولىشى ئۈچۈن زۆرۈر. شۇڭا بۇ مەقسەتلەرنى قوغداش، ئاسراش ۋە ھەر تەرەپتىن رېئايە قىلىش ۋاجىپ.

ئىسلام دىنى مال-مۈلىك توغرىسىدا:«ياخشى مال-دۇنيا ياخشى ئادەم ئۈچۈن نېمىدىگەن ياخشى نەرسە-ھە» دېگەن قائىدىنى بېكىتكەن. كىشىلەر ئارىسىدا توغرا مۇئامىلە قىلىش ۋە سودا سېتىقنىڭ ساغلام قائىدىلىرنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

شۇنىڭ قاتارىدا ھالال، مۇباھ سودا سېتىق ۋە ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنى يولغا قويۇپ بەرگەن، خاتا ۋە زىيانلىق سودا سېتىقلارنى چەكلىگەن.

ئىسلامدا ئىقتىساد ئەھكاملىرى بىلەن گۈزەل ئەخلاقلار بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.

 


ئىككىنچى: ئېھتىياج مەقسەتلىرى:

 

شەرىئەت يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك زۆرۈر ئالى مەقسەتلەرنى ھىمايە قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىپ قالماستىن، مەنپەئەتنى چوڭ-كىچىك بارلىق تۈرلىرىدە ھىمايە قىلغان. بۇنىڭ قاتارىدىن ئېھتىياج ۋە تولۇقلىما خاراكتېرىدىكى مەقسەتلەردۇر.

ئېھتىياج مەقسەتلىرى دېگەن:ھاجەت تەلەپ قىلىۋاتقان مەقسەتلەردۇر. ھاجەت مەقسەتلىرى زۆرۈرىيەت دەرىجىسىگە بارمايدىغان، بىراق كىشىلەر ئېھتىياج بولىدىغان مەنپەئەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەقسەتلەر ھايات ئۈچۈن بەك زۆرۈر ئورۇندا تۇرمايدۇ، بۇ مەقسەتلەر بولمىسا ھايات توختاپ قالمايدۇ. بىراق بۇ مەقسەتلەرگە ئېھتىياج تېپىلىدۇ، يوق بولۇپ قالسا جاپا-مۇشەققەت تۇغۇلىدۇ.

مەسىلەن، ئىبادەتلەرنىڭ تەپسىلاتى، مىقدارى ۋە شەكىللىرىنى بەلگىلەش دىننى ھىمايە قىلغانلىقتۇر، چۈنكى تەپسىلاتى ئېنىق بولمىسا ئېنىقسىزلىق پەيدا بولۇپ، نەپسى خاھىش، ھورۇنلۇق قىلىش ۋە سۇسلۇق قىلىش ئالدىدا يول ئېچىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئىبادەتنى قوغداش ئۈچۈن تەپسىلاتى، شەرتلىرى، مىقدارلىرى ۋە شەكىللىرىنى بەلگىلەش لازىم بولغان.

شۇنداقلا سودا-سېتىق ۋە ئىجارە مۇئامىللىرىنىڭ يولغا قويۇلىشى، كېسەل بولۇپ قالغان ۋە سەپەر قىلغاندا نامازنى قەسىر قىلىپ ۋە جۇغلاپ ئوقۇش رۇخسىتى، روزا تۇتماي كېيىن قازاسىنى قىلىش رۇخسىتىگە ئىنساننىڭ ئېھتىياجى تېپىلىدۇ.

ئېھتىياج سەۋەبىدىن ئالدىن زاكالەت بېرىش سودىسى، يوق نەرسىنى ياساپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش سودىسى، مۇزارىبە (بىرسى پۇل يەنە بىرسى كۈچ چىقىرىپ شېرىكلىشىش) سودىسى، ھۈنەرۋەنلەر بۇزۇۋەتكەن نەرسىلەرنى تۆلىتىش… دېگەندەك ئىشلارنى دۇرۇس قىلغان. بۇ ئېھتىياجلارنى تاشلاپ قويۇش ئىنساننىڭ ھالاك بولۇشىغا ئېلىپ بارمايدۇ، بىراق زىيان، مۇشەققەت ۋە سىقىنچىلىققا سەۋەب بولىدۇ. قىيىنچىلىق ۋە مۇشەققەت يۈز بەرگەندە رۇخسەتنى يولغا قويۇش ئاللاھنىڭ ھېكمىتىدۇر. مۇشۇ ۋەجىدىن ئالىملار ئىسلام شەرىئىتىدىكى چوڭ قائىدىلەرنىڭ بىرى بولغان: «مۇشەققەت ئاسانلىقنى تۇغدۇرىدۇ»، «ئىش تارايسا كېڭىيىدۇ» دېگەن قائىدىلەرنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن.

شەرىئەت دىننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ قىيىنچىلىق يۈز بەرگەندە يەڭگىللىتىش ئەھكاملىرىنى يولغا قويغان. مەسىلەن، مەجبۇرلانغاندا كۇپرى سۆزىنى سۆزلىسە گۇناھكار بولمايدۇ، نامازنى نورمال ئادا قىلىشتىن توسالغۇغا ئۇچرىغاندا مۇمكىن بولغان قايسى شەكىلدە ئادا قىلسا بولىدۇ.

ئېھتىياج مەقسىتىدە جاننى ساقلاش ھەققىدە پاك ياخشى يېمەك-ئىچمەك بىلەن بەھرىمەن بولۇش، ئۆيلەرنى ئېھتىياجىغا قارىتا چوڭ سېلىش ۋە ئۆلۈمدىن تۆۋەن دەرىجىلىك قىساسلارنىڭ يولغا قويۇلىشى مۇشۇ قاتارغا تەۋە.

نەسىل، نەسەپ ۋە ئابروينى قوغداشنىڭ قاتارىدىن ئائىلە ھاياتىنى مۇستەھكەم ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت ئاساسىدا شەكىللەندۈرۈش ۋە زىنانىڭ سەۋەبلىرىنى ھارام قىلىشتۇر، چۈنكى شەرىئەت بەلگىلىگەن ئائىلە ئەھكاملىرى تەسىرگە ئۇچرىسا نەسىل، نەسەپ ۋە ئابرويغا تەسىر يېتىدۇ.

مەس قىلىدىغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىش ۋە جازا بېكىتىش، شۇنداقلا سېھىرگەرلىك، داخانلىق ۋە جىنكەشلىكنى ھارام قىلىش ئارقىلىق ئەقىلنى زۆرۈرىيەت جەھەتتىن ھىمايە قىلىش ھاسىل بولسا، ئەقىلنى  ئېھتىياج جەھەتتىن ھىمايە قىلىش بىلىم-مەرىپەت ئېلىش، تەپەككۇر قىلىش ۋە بىلىمسىزلىكتىن قۇتۇلۇش ئارقىلىق بولىدۇ.

مال-مۈلۈكنى ھىمايە قىلىش ئىگىدارچىلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىش، مۇباھ خاراكتېرىدىكى ئېلىم-سېتىمنىڭ كەڭىرلىكىدە نامايان بولىدۇ. شۇنداقلا ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاراملىقىدا، كىچىك ۋە ئەقىلسىزلەرگە چەكلىمە قويۇشتا كۆرۈنىدۇ.

 


 ئۈچىنچى: گۈزەللەشتۈرۈش مەقسەتلىرى:

 

زۆرۈرىيەت ياكى ئېھتىياج دائىرىسىگە تەۋە بولمىغان ھەر قانداق مەنپەئەت گۈزەللەشتۈرۈش ياكى تولۇقلاش مەقسەتلىرىگە تەۋە بولىدۇ. بۇ مەقسەت ھاياتنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ۋە گۈزەللەشتۈرىدۇ. بۇ مەقسەتلەر ئارقىلىق ئۈممەتنىڭ ئومۇمى تۈزۈمى مۇكەممەللىشىپ، خاتىرجەم ياشايدۇ. دېمەك، شەرىئەت مەنپەئەتلەرنى بارلىق سەۋىيىسى بۇيىچە ھىمايە قىلىش ئۈچۈن كەلگەن. گۈزەللەشتۈرۈشكە ئالاقىدار مەقسەتلەر ۋاجىب، سۈننەت، مۇباھ، مەكرۇھ ۋە ھارام دېگەن تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

مەسىلەن، نەپلە ئىبادەت، مۇئامىلىگە ئالاقىدار ئەدەب-ئەخلاق، ئېسىل ئادەتلەر، مەكروھ ۋە مەنىسىز ئىشلاردىن ساقلىنىش، ئىسراپ قىلماي چىرايلىق ياسىنىش، ئەتىر ئىشلىتىش، ئەۋرەتنى يۆگەش، نىجىس نەرسىلەرنى ئېلىپ سېتىشتىن توسۇش…دېگەنگە ئوخشاش ئىشلار.

گۈزەللەشتۈرۈش ياكى تولۇقلاش مەقسەتلىرى زۆرۈرىيەت ۋە ھاجەت مەقسەتلىرىگە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇنى كۈچلەندۈرىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيىتىنى كامالەتكە ئېرىشتۈرىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنى گۈزەل شەكىلدە تونۇشتۇرىدۇ.

بۇ ئۈچ تۈرلۈك مەقسەتلەر بىر-بىرى بىلەن چېتىشلىق بولۇپ، بىر-بىرىگە خىزمەت قىلىدۇ. بۇ ئۈچ تۈرلۈك مەقسەتلەرنىڭ تولۇقلايدىغان مەقسەتلىرى بار بولۇپ، ئۈممەتنىڭ ئەقىدە، ئىبادەت، قانۇن، ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ھەسسە قوشۇشنى نىشان قىلىدۇ.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي