2024-يىل 26-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ ئۇقۇمى نېمە؟

شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ ئۇقۇمى

 

شەرىئەت قايسى بىر ئىشنى بۇيرۇغان بولسا، مەنپەئەتنى ھاسىل قىلىش ياكى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇيرۇغان بولىدۇ. قايسى بىر ئىشتىن توسقان بولسا زىياننى يوقىتىش ياكى ساقلىنىش ئۈچۈن توسقان بولىدۇ. شەرىئەت مەقسەتلىرى ئىنسانلار ئۈچۈن رەھمەت. شەرىئەتتىكى كۆرسەتمىلەرنىڭ ھەممىسى مەنپەئەتنى ياكى ۋاسىتىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، زىياننى ياكى ئۇنىڭغا باشلاپ بارىدىغان ۋاسىتىلەرنى چەكلەش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان.

بۇ شەرىئەت ئەھمىيەتسىز يولغا قويۇلمىغان ۋە پەقەت كىشىلەرنى دىنغا كىرگۈزۈش ئۈچۈنلا كەلمىگەن، بەلكى ئىنسانلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرىگە رېئايە قىلىش ئۈچۈن كەلگەن. ھاياتلىقتىكى قايسى بىر ھەرىكەت بولسۇن مەقسەتلىك بولۇپ، يا شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ ياكى زىت كېلىدۇ.

شەرىئەت كىشىلەرگە كۆيۈنۈپ، كىشىلەرنى نەپسى-خاھىشلىرىدىن شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە چىقىرىش ئۈچۈن كەلگەن. ئەگەر شەرىئەت «ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار» دېگەن بولسا، قاتىل ۋە ئۆلۈمگە ئۇچرىغۇچىنى ھىمايە قىلىشىنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. ئوغرىلىقتىن توسقان بولسا باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قوغداش، ئوغرىنى ئىنتىقامدىن ساقلاش ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇمى تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىش ياكى جەمئىيەتنى ۋەيران بولۇشتىن قوغداش ئۈچۈن توسقان بولىدۇ. شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى مانا مۇشۇنداق، چۈنكى شەرىئەت ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، كۆرسەتمىلىرىنىڭ ھەممىسى رەھمەت، مەنپەئەت ۋە ھېكمەتتىن ئىبارەت.

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۇقۇملار شەرىئەتنىڭ سىرلىرى، ھېكمەتلىرى ۋە غايىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. مانا بۇلار ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە رېئايە قىلىش ۋە ئۇلاردىن زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان كۆرسەتمىلەردىن ئىبارەت، مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ياكى زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى: ئىنسانلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش، زىياننى يوقىتىش ۋە جەمئىيەتنى زىيانلىق ئىشلاردىن تازىلاش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىدۇر.

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى تەرتىپ بۇيىچە: دىن، جان، ئەقىل، نەسىل ۋە مال-مۈلۈكتىن ئىبارەت زۆرۈر بولغان بەش تۈرلۈك ئىشلارنى تۈرلۈك دەرىجىلىرى بىلەن قوغداشتىن ئىبارەت. بەزى ئالىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىدا: دىن، جان، ئەقىل،  نەسىل، ئىززەت-ئابروي ۋە مال-مۈلۈكتىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك مەقسەتتۇر. بەش دېگۈچىلەر نەسىل بىلەن ئابرۇينى بىر دەپ قارىغان، ئالتە دېگۈچىلەر ئىككىسى ئايرىم دەپ قارىغان. يېڭى زاماندىكى بەزى ئالىملار شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى قاتارىدا يۇقىرىقىدىن باشقا ئادالەت، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، ئىنسانىي ھۆرمەت، ئىنسانپەرۋەرلىك دېگەندەك بىر قانچە ھالىقلىق مەسىلىنى قوشقان. دېمەك، يۇقىرىقى بەش ياكى ئالتە تۈرلۈك مەقسەتنى ھىمايە قىلىدىغان نەرسە مەنپەئەتتۇر ۋە بۇنىڭ بىرەرسىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغان نەرسە زىيانلىقتۇر.

دېمەك، مەقسەتلەر شەرىئەتنىڭ غايىسى ۋە ھەر بىر ھۆكۈمنى يولغا قويۇشتىكى سىرلىرى. چۈنكى شەرىئەت مەقسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھۆكۈملەردىن ۋە ھەر زاماندىكى ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەقسەتلەردىن ئىبارەت. شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ، مەنپەئەت ۋە زىياننى بەلگىلەيدىغان پرىنسىپال قائىدىلەردىن ئىبارەت.

مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى جەھەتتىكى كرىزىسى نەزەرىيە بىلەن تەتبىقلاشنى ئايرىپ قاراپ شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدىن غاپىل قالغانلىقتىن كېلىپ چىققان. چۈنكى دىننى قوغداش ئەقىدە، ئىبادەت، شەرىئەت، ئەخلاق ۋە تۈزۈم جەھەتتىن قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى مەجبۇرىيەتلەرنى ئورۇنلاش ۋە ھوقۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىنساننىڭ ھەققى بولۇپ قالسا ئۇنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قوغدىشى ۋاجىپ. ئىنساننىڭ دىيانەتلىك بولۇش ھەققى بار، ئۇنداقتا دىننى قوغداش ۋاجىپ. ھايات ياشاش ھەققى بار، ئۇنى قوغداش ۋاجىپ. پەرزەنت كۆرۈش ھەققى بار، ئۇنى قوغداش ۋاجىپ. ئەقىل يۈرگۈزۈش ھەققى بار، ئەقىلنى قوغداش ۋاجىپ. ئىگىدارچىلىق ھەققى بار، ئۇنى قوغداش ۋاجىپ. ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش ھەققى بار، ئۇنى قوغداش ۋاجىپ. بۇ يەردىكى ۋاجىپلىق خاس ۋە ئومۇمىي جەھەتتىن بولىدۇ، ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى قوغدىشى ئۇنىڭ ھەققىدە ۋاجىپ ۋە باشقىلار ھەققىدىمۇ ۋاجىپ.


 

(1)

شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ پرىنسىپى

 

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئىنساننىڭ مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئىنساننى زېمىندىكى ئىزباسار ۋەكىل قىلىشى دېگەن تېمىغا كىرىش ۋە مەقسەتلەرنىڭ ھەر زامان، ھەر ماكانغا ماس كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر ئاز توختىلىش مۇناسىپ.

شەرىئەتلەر ئىنسانلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان، شەرىئەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ مەقسەتلەرنى ھىمايە قىلىشقا ئىتتىپاق كەلگەن. چۈنكى بۇ مەقسەتلەر ھاياتنىڭ ئاساسىي ۋە تۈۋرۈكى، ھايات پەقەت بۇ مەقسەتلەرنى قوغدىغاندىلا توغرا بولىدۇ. شۇڭا بۇ مەقسەتلەر بارلىق شەرىئەتلەردە رېئايە قىلىنغان. بۇ مەقسەتلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈنلىرى: دىن، جان، ئەقىل، نەسىل ياكى ئىززەت-شەرەپ ۋە مال-مۈلۈكنى قوغداشتۇر. قالغانلىرى بۇلاردىن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈندۇر.

شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى ئىمان ئېيتقان، ئاقىل، ئۆزى ۋە مال-مۈلكىگە خاتىرجەم بولالىغان ئىنسان. شەرىئەت بۇنىڭسىز مەۋجۇت بولالمايدۇ، بىرەر مىللەتتە بۇ مەقسەت بۇزۇلسا، ئۇ مىللەت مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. بەلكى ھاياتنىڭ ئۆزىمۇ مەنىسىنى يوقىتىدۇ، چۈنكى ئىنسانلار ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان، ئىبادەت دېگەن ئىنساننىڭ پەرۋەردىگارىنى ئۇلۇغلاپ نەپسى-خاھىشىغا قارىشى قىلغان ئىش-ھەرىكىتىدۇر. ئىبادەت تەۋھىدنىڭ روھى، تەۋھىد دىيانەتلىك بولۇشنىڭ جەۋھىرى. ئەقىل مەسئۇلىيەتكە تەكلىپ قىلىنىشنىڭ شەرتى، ئەقىل بولمىسا مەسئۇلىيەت يۈكلەنمەيدۇ. پەرزەنت كۆرۈش ئىبادەتنىڭ داۋاملىشىش شەرتى، ئىبادەت قىلىدىغان ئىنسان بولمىسا ئىبادەت پەيدا بولمايدۇ. مال-مۈلۈك ئىنساننىڭ ئىبادەت قىلىشتىكى مەدەتكارى. ئىنساننى قوغداش ئۈچۈن ئابرويىنى قوغداش لازىم، ئابرويى ساقلانسا ئاندىن باشقا مەخلۇقلاردىن پەرقلىنىدۇ.

دېمەك، شەرىئەتلەر بۇ پرىنسىپال مەقسەتلەرنى يوقىتىپ تاشلايدىغان ياكى سەلبى تەسىر يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىشتا پەرقلەنمەيدۇ ۋە ئۇ مەقسەتلەرنى ھىمايە قىلىشتا باشقىچە قاراشتا بولمايدۇ.

ئىنسان زېمىندا ئاللاھنىڭ ئىزباسار ۋەكىلى بولۇپ، باشقا ھەر قانداق مەخلۇقلاردىن ئالاھىدە بولغان بىلىم-مەرىپەت، ھېكمەت، تەپەككۇر قىلىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش مەنبەسى بولغان ئەقلى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ مېتودى بۇيىچە ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇنى ھۆرمەتكە ئىگە قىلدى ۋە پاك-ھالال نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى.

زېمىننى گۈللەندۈرۈش، ئاۋات قىلىش، تەرەققى قىلدۇرۇش ئىنساننى زېمىندا ئىزباسار ۋەكىل قىلىشتىكى مەقسەتتۇر. بۇ گۈللىنىش مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننى يوقىتىشتىن ئىبارەت شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن ھالەتتە بولمىسا قولغا كەلمەيدۇ. پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنسانلارغا پايدىلىق ئىشلارغا دەۋەت قىلغان ۋە زىيانلىق ئىشلاردىن توسۇپ كەلگەن:«يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېيىلسە، ئۇلار «بىز ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز» دەيدۇ»(بەقەر،11-ئايەت). ئۇرۇش قوزغاش، كىشىلەر ئارىسىدا جېدەل پەيدا قىلىش، ئەسكى ئىشلارنى تارقىتىش، ئاداۋەت تېرىش، كىشىلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى پارىخورلۇق، ساختلىق، ئوغرىلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىق قىلىش ئارقىلىق يەۋېلىش بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق قاتارىدىن سانىلىدۇ.

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلاھات ۋە مەنپەئەتكە چاقىرىپ كەلگەن، بۇزۇش ۋە بۇزغۇنچىلىقتىن ئاگاھلاندۇرغان: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم، لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمىدىڭلار»(ئەئراف سۈرىسى، 79-ئايەت). نەسىھەت قىلىش باشقىلارغا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىشتۇر. ياخشى نەتىجە سەمىمى بولغانلىقتا ۋە بۇزغۇنچىلىق ئالامەتلىرىدىن خالى ھالدا ئىشلارنى ئىخلاس بىلەن قىلغانلىقتا نامايان بولىدۇ:«مەن پەقەت سىلەرنى قولۇمدىن كېلىشىچە تۈزەشنىلا خالايمەن، مەن پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بولغاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمەن» (ھۇد، 88-ئايەت).

ئاللاھ ئىنساننى زېمىندا ئىزباسار ۋەكىل قىلىپ ئۇنىڭغا ئۈچ تۈرلۈك ئىشنى تاپشۇرغان:

بىرىنچى: زېمىندا ئىزباسار ۋەكىللىك خىزمىتى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى قانداق يول تۇتىدىغانلىقى بىلەن سىنايدۇ. زېمىندا ئىزباسار ۋەكىل بولۇشنىڭ مەنىسى جەمئىيەت ئەزالىرىدىن ھەر بىر ئەزانىڭ كوللېكتىپقا رېئايە قىلىشى، ئومۇمىي- خۇسۇسىي، ماددى ۋە مەنىۋى ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىدە جەمئىيەتنى ھىمايە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. رەسۇلۇللاھ:«ھەممىڭلار مەسئۇل، ھەممىڭلار ئۆز دائىرەڭلىدىن مەسئۇلىيەتكە تارتىلىسىلەر»دېگەن(بۇخارى رىۋايىتى). ھەدىسنىڭ بۇ ئومۇمىي ھۆكمىدىن ھېچقانداق بىر كىشى قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، شۇڭا ئىنساندىن ئىبارەت ۋەكىل جەمئىيەت ئىشلىرىنى ۋەكىل قىلغۇچى ئاللاھنىڭ مەقسەتلىرى ۋە ئەھكاملىرى بويىچە ئىدارە قىلىشى لازىم. چۈنكى ئىنسان خاتىرجەم جەمئىيەت شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ۋەكىل قىلغۇچى سىزىپ بەرگەن يوليورۇقلار بۇيىچە كۈچىنىڭ يېتىشىچە مەنپەئەتلەرنى پەيدا قىلىشتا ئاللاھنىڭ ئىزباسار ۋەكىلى.

ئىككىنچى:زېمىننى گۈللەندۈرۈش، ئاۋات قىلىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش بولۇپ، ئاللاھ ئىنساندىن ئىبارەت ئىزباسار ۋەكىلىدىن ئىنسانلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىنى ئىرادە قىلغان. زېمىننى ئاۋات قىلىش ئىسلاھ قىلىش، تەرەققى قىلدۇرۇش، بۇزغۇنچىلىققا قارىشى گۈللەندۈرۈش ۋە كىشىلەر ئارىسىدا ئادالەتنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ: «ئۇ سىلەرنى زېمىندىن ياراتتى ۋە سىلەرنىڭ زېمىننى ئاۋات قىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلدى»(ھۇد سۈرىسى،61-ئايەت). بۇ ئايەتتىكى «استعمركم» دېگەن سۆز زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش دېگەن مەزمۇننى كۆرسىتىدۇ، تەلەپ ئاللاھ تەرەپتىن بولسا ۋاجىبلقىنى ئىپادىلەيدۇ(مانار ۋە قۇرتۇبى تەپسىرىگە قاراڭ).

رەسۇلۇللاھ:«كىم باشقىلارغا تەۋە بولمىغان قاقاس بىر زېمىننى گۈللەندۈرگەن بولسا، ئۇنىڭ ھەققىدۇر» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى)، ھەدىس قۇدسىدا ئاللاھ:«ئى بەندىلىرىم! مەن سىلەرگە زۇلۇم قىلىشىنى ئۆزۈمگە راۋا كۆرمىدىم، زۇلۇم قىلىشنى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ھارام قىلدىم، شۇڭا زۇلۇم قىلىشماڭلار»دېگەن (مۇسلىم رىۋايىتى).

ئۈچىنچى:ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى ئىزدەپ قىلغان ھەر قانداق بىر ئىشلىرىدا نامايان بولىدۇ:«مەن جىن ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلسۇن دەپ ياراتتىم» (زارىيات، 56-ئايەت). ئىبادەت خاس ئىبادەت ۋە ئومۇمىي ئىبادەت دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. خاس ئىبادەتلەر ناماز، زاكات، روزا ۋە ھەجدىن ئىبارەت ئاشكارا مۇئەييەن ئىبادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇمى ئىبادەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، پايدىلىق بىلىم-مەرىپەت ياخشى ئەمەللەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ئۇنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش ئىبادەت. بىلىم-مەرىپەتنىڭ پايدىسى باشقىلارغا ھالقىپ ئۆتىدىغان بولغاچقا پەرز ئىبادەتلەردىن كېيىنلا ئەۋزەل ئىبادەت سانىلىدۇ.

زېمىندا ئاللاھنىڭ ئىزباسار ۋەكىلى بولۇش بارلىق ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى ھەر بىر ئىنسان ئىلاھى كۆرسەتمىلەرنى بىلىش، ئەمەل قىلىش ۋە يەتكۈزۈشتىن ۋەكىلدۇر. ۋەكىل زېمىننى ئىدارە قىلىشتا ۋەكىل قىلغۇچىنىڭ مېتودىنى (يولىنى) تەتبىقلىشى تەقەززا قىلىنىدۇ. زېمىننى ئاۋات قىلىش ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسىلەرنى تەل قىلىپ بېرىش ۋە زىيانلىق نەرسىلەردىن ھىمايە قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، زېمىندىكى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، زىياننى يوقىتىش ئۈچۈن ئىزباسار ۋەكىل بولىدىغان ئادەملەرنىڭ تاللىنىشىنى ۋە ئىنسانلار تۇتۇپ ماڭىدىغان مېتودنى تۈزۈپ بېرىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

زېمىننىڭ ئىزباسار ۋەكىللىرى بولغان ئىنسانلارنى يېتەكلەپ مېڭىش ئۈچۈن ئاللاھ ھەر بىر مىللەتكە ياكى ئاخىردا بارلىق ئىنسانىيەتكە دۇنياۋى بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ بەرگەن. ئاللاھنىڭ مۇئەييەن شەخسلەرنى پەيغەمبەر قىلىپ تاللىشى ئەھمىيەتسىز ئىش ئەمەس، بەلكى زېمىندا مېتودىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. ھەر بىر پەيغەمبەرنى ئۆز مىللىتىگە يېتەكچى قىلىپ ئەۋەتكەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بولسا بارلىق ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلغان. ئىنسانلارغا ئۆرنەك بولىدىغان كىشىلەرنىڭ بولىشى زۆرۈر مەسىلە، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆرنەك بولىدىغان كىشىلەر ئۆلچەملىك بولىشى لازىم. ئىنسانلارغا ئۆلچەملىك ئۆرنەك ۋە نەمۇنە بولالايدىغان كىشىلەر پەيغەمبەرلەر.

ئاللاھ زېمىندىكى ئىزباسار ۋەكىلى ئىنسان ئۈچۈن مېتود (ماڭىدىغان يول) تۈزۈپ بەرگەن. بۇ مېتود ئاللاھنىڭ دىن، جان، ئەقىل، نەسىل، ئابروي ۋە مال-مۈلۈكتىن ئىبارەت مەقسەتلىرىنى ھىمايە قىلىش ئارقىلىق كۆرسەتمىلىرىگە ئەگىشىشتە نامايان بولىدۇ:«ئى داۋۇد! بىز سېنى زېمىندا كىشىلەرگە ھاكىم قىلدۇق، كىشىلەر ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقارغىن، ھۆكۈم چىقىرىشتا نەپسى خاھىشىڭغا ئەگەشمىگىن، نەپسى خاھىشقا ئەگىشىش ھەق يولدىن بۇرۇلۇپ كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ»(ساد سۈرىسى، 26-ئايەت). دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ مەنپەئەتلىرى بار بولۇپ، بۇ مەنپەئەتلەر قولدىن كەتسە، ئىككى دۇنيانىڭ ئىشلىرى بۇزۇلىدۇ. زىيانلىق ئىشلار بار بولۇپ، رېئاللىققا ئايلىنىپ قالسا، ئادەمنى ھالاك قىلىپ تاشلايدۇ. ئاقىل كىشىلەر دىن، جان، ئەقىل، ئابروي، نەسىل ۋە مال-مۈلۈكنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىتتىپاق كەلگەن. بۇ زۆرۈر ئىشلار قوغدالمىسا ۋە ھىمايە قىلىنمىسا زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئىشقا ئاشمايدۇ. بۇ زۆرۈر ئىشلار ۋۇجۇتقا چىقمىسا دۇنيا تۈز ماڭمايدۇ، بەلكى قالايمىقانچىلىق پەيدا بولىدۇ.

قۇرئان كەرىم بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننى يوقىتىش ئارقىلىق ئىسلاھات ۋە ياخشىلىققا دەۋەت قىلغان، چۈنكى ئاللاھنىڭ زېمىندىكى مېتودىنىڭ غايىسى شۇنداق. دېمەك، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى زېمىندا ئىزباسار ۋەكىللىك ھاسىل بولغان ۋە ئىنسان يېزىقچىلىقنى ئۆگەنگەندىن تارتىپلا پەيدا بولغان. ئىسلام دەۋىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئارقىلىق تېخىمۇ روشەنلەشكەن ۋە چاقنىغان.

ئىنسان بىلەن پەرۋەردىگارى ئارىسىدا، ئىنسان بىلەن ئۆزى ئارىسىدا، ئىنسان بىلەن باشقىلار ئارىسىدا ئادالەتنى ئىشقا ئاشۇرالمايدىغان مەقسەت شەرىئەتنىڭ مەقسىتى سانالمايدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئارىسىدا مەقسەتلەرنى قوغداشنىڭ ئاساسىي ھەر قانداق بىر مەسىلىدە ئادىل ئىش قىلىشتۇر. ئادالەت ۋە ئادىللىق شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، داۋاملىشىشى، مۇقىملىقى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىگە كېپىل بولالايدۇ.چۈنكى ئادالەت ھەر قانداق بىر ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئاساسىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەتنىڭ ھەممىسى ئادالەتتۇر.

 

   شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ ئاساسىي ئادالەت

ئاللاھ ئىنسانلارنى ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئۆزى، ئەقلى، نەسلى، ئابرويى ۋە مال-مۈلكىنى قوغدىمىسا ئىبادەت قىلىش ئىشقا ئاشمايدۇ. مانا بۇ ئاللاھ تەرەپتىن بولغان ئادالەت. ئادالەت ئاساسلىق ئۆلچەم، چۈنكى ئۇ چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى سۇسلۇق قىلىشتىن قوغدايدىغان ئۆلچەم. ئاللاھنىڭ ئادالىتى مۇتلەق بولۇپ، جەمئىيەتنى بىر پۈتۈن سايىسى ئاستىغا كىرگۈزەلەيدۇ ۋە جەمئىيەت ھەرىكىتىنى ئىنچىكە قانۇن ئىچىدە قائىدىگە سالىدۇ، شەرىئەت مانا مۇشۇنداق ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

ئادالەت زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي، زېمىننى گۈللەندۈرۈش شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي مەقسىتى، بۇ مەقسەت ئىنسانلارنى ھىمايە قىلىش ئاساسىدا ئىشقا ئاشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىلگەن، كىتابلار چۈشۈرۈلگەن: «كىشىلەرنىڭ ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى پاكىتلار بىلەن ئەۋەتتۇق، ئۇلار بىلەن كىتاب ۋە ئادالەت مىزانىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق»(ھەدىد سۈرىسى، 25-ئايەت).

شەرىئەت ئادالەتكە بۇيرۇپ ۋە زۇلۇمدىن توسۇپ، ئادالەت مەسىلىسىگە بەك كۆڭۈل بۆلگەن:«ئاللاھ ئادالەت ۋە ئادىللىققا بۇيرۇيدۇ» (نەھل، 90-ئايەت). ئاللاھ ھەدىس قۇدۇسىدا:«ئى بەندىلىرىم، مەن سىلەرگە زۇلۇم قىلىشنى ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، زۇلۇم قىلىشنىمۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھارام قىلدىم، شۇڭا زۇلۇم قىلىشماڭلار»دېگەن (مۇسلىم رىۋايىتى).

نۇرغۇن قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىس شەرىپلەر ئادالەتنى مەقسەتلەر ۋە شەرئى ھۆكۈملەرنىڭ ئاساسى قىلىپ بەلگىلىگەن. ھايات مۇساپىسىنىڭ قايسى بىر ساھەسى بولسۇن ئادالەتتىن خالى ئەمەس. ئىنساننىڭ ئۆزى، ئائىلىسى، جەمئىيىتى، دوستلىرى، دۈشمەنلىرى ۋە باشقا ئىنسانلار بىلەن بولغان ئالاقىسىدا ئادىل بولىشى تەلەپ قىلىنغان:«سۆز قىلغان چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار»(ئەنئام سۈرىسى، 152-ئايەت). «كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ» (نىسا، 58-ئايەت).

شەرىئەتنىڭ ئاساسىي ۋە قۇرۇلمىسى ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئادالەت شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى تەتبىقلاشنىڭ ئاساسى، ئادالەت بولمىسا مەنپەئەتلەر قولدىن كېتىپ قالىدۇ ياكى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئادالەتنىڭ ئاساسى باراۋەر تەتبىقلىنىشتۇر، چۈنكى شەرىئەت ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كەلگەن مەنپەئەتلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ مەنپەئەتلەرنىڭ ئاساسىي ئادالەتتۇر.

باشقىلارغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ زۇلۇم ئۇلارنىڭ دىنى، جېنى، ئەقلى، نەسلى، مال-مۈلكى ياكى ئابرۇيىغا زىيان سېلىشتۇر. بۇ زۆرۈر ئىشلارغا تاجاۋۇز قىلىش باشقىلار ھەققىدە جىنايەت سادىر قىلغانلىقتۇر. رەسۇلۇللاھ: «قانلىرىڭلار، مال-مۈلۈكىڭلار ۋە ئابرويىڭلارغا چېقىلىش سىلەرگە ھارام»دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى).

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي