2024-يىل 29-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

مەنپەئەتلەرنى چۈشىنىش يوللىرى

مەنپەئەتلەرنى چۈشىنىش يوللىرى

 

مەنپەئەتلەر ۋە زىيانلىق ئىشلار شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ مەزمۇنىدۇر. شەرىئەت مەنپەئەت بولسا قولغا كەلتۈرۈشنى ياكى ساقلاپ قېلىشنى، زىيان بولسا يوقىتىشنى ياكى ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. زىياندىن خالى ساپ-سۈزۈپ مەنپەئەتلەر ئاز بولىدۇ.

شۇڭا شەرىئەت بەندىلەرگە كۆيۈنۈپ، ئۇلارنى ئۆز خاراكتېرى بىلەن مەنپەئەت ۋە زىياننى ئايرىيالايدىغان قىلىپ ياراتقان. ئەگەر ئۇلارنىڭ خاراكتېرى تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بۇلغانغان بولسا، ئەقىل تۈزەش ۋە يول كۆرسىتىش رولىنى ئالىدۇ. ئەقىل ئاجىز كەلگەندە شەرىئەت ئەقىلنى توغرا ھالىتىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

  1. تەبىئىي خاراكتېر:

 يەنى مەنپەئەتنى بىلىش ۋە كۈچلەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى يولى تەبىئىي خاراكتېر.

ھەر قانداق نەرسىدە ئاللاھ ياراتقان تەبىئىي خاراكتېر تۈزۈمى بولىدۇ، تەبىئىي خاراكتېر ئۆزىگە مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننى يوقىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان بولىدۇ. دىندار بولۇشمۇ ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە ئۇيغۇن ئىش. ئىنساننىڭ ئەقلى ۋە خاراكتېرىمۇ گۈزەل شەكىلدە يارىتىلغان.

تەبىئىي خاراكتېر دېگەن ئىنسان ئىنسان بولغاندىن تارتىپ يەنى ئىنسان مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋە ئەركىنلىكنى ھېس قىلغاندىن تارتىپ ئاللاھ ئىنساندا ئورۇنلاشتۇرغان ئادىمىگەرچىلىك سۈپەت. ئىنساننىڭ خاراكتېرى ئىنسانىي ۋە ئادىمىيلىك سۈپتىدۇر، بەلكى ئىنسانلىقىنىڭ ئاساسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئۆز تەبىئىيىتى بىلەن ئەقىدىسىنى، ھاياتىنى نەسىلىنى، ئابرويىنى، ئەقلىنى ۋە مال- مۈلۈكتىن ئىبارەت قىممەت-قاراشلىرىنى قوغداشتا ۋە ھىمايە قىلىشتا تەبىئىي خاراكتېرگە ئىگە.

 

2.ئەقىل:

ئەقىل بىلىم-مەرىپەتنىڭ بۇلىقى ۋە ئاساسىي، ئىنسان ئەقىل ئارقىلىق ياخشى بىلەن ياماننى، مەنپەئەت بىلەن زىياننى ئايرىيالايدۇ، ئىككى مەنپەئەتنىڭ كۈچلۈكىنى كۈچلەندۈرەلەيدۇ، ئىككى زىيانلىق ئىشنىڭ بەك زىيانلىقىنى توسالايدۇ. دېمەك، ئەقىل ھەقنى ئىزدەپ قالسا ئىگىسىنى توغرا يولغا باشلىيالايدۇ، ناچار ئىشلاردىن توسالايدۇ، مانا بۇ مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ دەل ئۆزى، شۇ سەۋەبتىن مەسئۇلىيەت ئەقىلگە يۈكلەنگەن.

شەرىئەت ئۆلىمالىرى مۇنداق دېگەن:«دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە زىيانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەقىل ئارقىلىق تونۇلىدۇ، ئاللاھ ئادەم ئەقلىنى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىدىغان قىلىپ ياراتقان. ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە رېئايە قىلىش، ئۇلاردىن زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش، پايدا بىلەن زىياننى ئايرىش ھەقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەقىل شۇنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ ۋە شۇنداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ»(ئىززىدىن ئابدۇسالام: ئەھكام قائىدىلىرىغا قاراڭ)

 

3.شەرىئەت:

شەرىئەت خىتابلىرى ۋە مەزمۇنلىرىنىڭ ھەممىسى مەقسەتلەرنى ھىمايە قىلىشقا يۈزلەنگەن، مەقسەتلەرنى قوغداش مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق بولىدۇ.

مەسىلەن، ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىش ۋە ئاسانچىلىقنى ئىرادە قىلىش ئىنسانلاردىن زىياننى يوقىتىش ۋە مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىپادىلەيدۇ. شەرىئەت بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەنپەئەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شەرىئەت توسقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى زىياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرى ساغلام ئەقىل ۋە ئىنسان خاراكتېرىگە ئۇيغۇن. شەرىئەت ئۆلىمالىرى: «شەرىئەتنىڭ ئاساسى ۋە قۇرۇلمىسى بەندىلەرنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان، شەرىئەتنىڭ ھەممىسى ئادالەتتۇر، ھەممىسى رەھمەتتتۇر، ھەممىسى مەنپەئەتتۇر ۋە ھەممىسى ھېكمەتتۇر. شۇڭا قايسى بىر مەسىلە ئادالەتتىن زۇلۇمغا، رەھمىدىللىكتىن رەھىمسىزلىككە، مەنپەئەتتىن زىيانغا، ھېكمەتتىن ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا چىقىپ كەتسە، شەرىئەتنىڭ قاتارىدىن ئەمەس» دېگەن.(ئىبنى قەييۇم: ئىئلام مۇۋەققىئىن).

دېمەك، ئىنسان تەبىئىي خاراكتېرى ئارقىلىق مەنپەئەتنى تونۇپ قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، زىياننى بىلىپ مۇداپىئە قىلالايدۇ، بىراق مۇستەقىل قىلالمايدۇ. شۇڭا ئەقىل تەبئىي خاراكتېرنى توغرا يولغا سېلىشتا ھەمكارلىشىدۇ، ئەگەر ئەقىل ھېرىپ قالسا ياكى ئاجىز كېلىپ قالسا، ھىدايەتنى شەرىئەتتىن ئىزدەيدۇ. چۈنكى شەرىئەت ئىنساننىڭ خاراكتېرىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ھەر قانداق زامان ۋە ھەر قانداق ماكاندا ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىقتىدارىغا يارىشا ئىنساننىڭ مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەيدىغان ئىلاھىي يول باشچىدۇر.

شەرىئەت قانچە ئەقلى بولغانچە ئىنساننىڭ خاراكتېرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، چۈنكى ئىسلامدا ئەقىلدىن يۇقىرى دىنى ئاساس يوق، شۇنداقلا دىندىن يۇقىرى ئەقىل يوق. بەلكى ئەقىلگە ئۇيغۇن دىن ۋە دىنغا ياردەمچى ئەقىل بار. ئاللاھ ئەقىلنى پايدا بىلەن زىياننى ئايرىسۇن دەپ ئىنسانغا نېمەت ئاتا قىلغان ۋە تەبىئي زۆرۈرىيەت بولغان دىن ئارقىلىق ھىدايەت ئاتا قىلغان.  دېمەك، تەبىئىي خاراكتېر، ئەقىل ۋە شەرىئەت ئىنساننى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن بىرلەشكەن.

 

 ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى